ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا كىم ئالدىراش بولمىسۇن؟! ھەممىمىز ھەر تۈرلۈك ئالدىراش. ئالدىراشچىلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئۆزگە خاس. ئەلۋەتتە، مەنمۇ شۇنداق، يېزىپ تۈگەتكۈسىز ئالدىراش. ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكىلەرگە قاراڭلا:
1. خىزمەت بىلەن ئالدىراش
ئالىي مەكتەپ 4 - يىللىقىغا چىققاندىن بىرى ئاساسەن پاراكتىكا ۋە خىزمەت بىلەن ئۆتۈپتىمەن. يازلىق تەتىلدە جېنجىياڭ شەھرىدىكى پاراكتىكىدىن قايتىپ كېلىپلا، بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىگە پاراكتىكىغا چۈشتۈم. بېشىدا ئاندرويىد ئەپ ئاچقان بولدۇم، كېيىن IOS ئەپ ئېچىشقا بەلگىلەندىم ۋە تىرىشىپ - تىرمىشىپ بىر تۈرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ئۆزۈمگە چۇشلۇق ھەسسە قوشتۇم. ئاز كەم 3 ئاي پاراكتىكىدىن كېيىن خىزمەت ئىزدەش دولقۇنى سەۋەبلىك ئۇ شىركەتتىن قايتىپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن كۈلپەتلىك خىزمەت ئىزدەش مۇساپىسى باشلاندى: مانا ۋە مانا
بىر ئايلىق كۆرەش بەدىلىگە ئاخىرى يامان ئەمەس بىر تېخنىكا شىركېتىدە ئىشقا چۈشتۈم. شۇندىن بىرى يىرىم ئوقۇغۇچى يىرىم خىزمەتچىمەن! ھەپتىدە 5 كۈن ئىشقا بارىمەن، ئەتتىگەن - كەچ ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىمنى ئشلەيمەن. سەھەر سائەت 9:00 دا ئىشقا چۈشۈپ، چۈشتە 1.5 سائەت دەم ئېلىپ، كەچتە 5:00 تە ئىشتىن چۈشۈپ خىزمەتچى بولۇش بېشىدا كۆڭۈللۈك تۇيۇلغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جاپالىق بىلىنىشكە باشلىدى. ئىشقىلىپ قانداقلا بولمىسۇن، ياتاقتا چۈشكىچە ئۇخلاپ، كۈنلىرىنى لاغايلاپ ئۆتكۈزىدىغان ساۋاقداشلىرىمدىن كۆپ تەلەيلىكمەن. لېكىن شۇ قوغلاپ يەتكىلى بولمىغۇدەك ئالدىراش.
2. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىمنى تاماملاش بىلەن ئالدىراش
كەسپىم تېخنىكا پەنلىرى بولغانلىقتىن ئادەتتە دېسسىرتاتسىيە ماقالىسى بىلەن بىرگە يەنە ئەمەلىي تۈر ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.مەكتەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىنىڭ تېمىسى ۋە يىتەكچىلىرىنى تەقسىملىگەندە تەلىيىمنىڭ كاجلىقىدىن مەن نەخ فاكۇلتىت مۇدىرىغا، ئەقلىي ئائىلە جابدۇقلىرى باشقۇرۇش سېستىمىسى لايىھەلەيدىغان بولۇپ تۇتۇلدۇم. ئۇ ئادەم بىكار قالسىلا مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ كومپىيۇتېر ئالدىغا "باغلاپ" قويىدۇ. ئامال يوق، يالۋۇرۇپ - يالغان سۆزلەپ يۈرۈپ ھەرھالدا خىزمىتىمنىمۇ قىلىۋاتىمەن. لېكىن باشقا ساۋاقداشلىرىمدەك شەرھەرمۇ - شەھەر، تاغۇ - دەريا ئاتلاپ سەيلە - تاماشا قىلىدىغانغا قەتئىيلا ۋاقتىم يار بەرمىدى. تېخىمۇ ئىچىمنى پۇشۇرىدىغان بىر ئىش: شۇتاپ ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرىنىلا ئەمەس، خەنسو ساۋاقداشلىرىمدىن يەنە بىر نەچچىسىنىڭ ئەسىرىنىمۇ قوشۇپ ئىشلەۋەتىمەن. ھىرىپ - ئېچىپ ئىشتىن كەلسەم كۈندە دېگۈدەك ياتىقىمدا بىرەرسى ساقلاپ ئولتۇرغان بولىدۇ. ھەي، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆگىنىش ماھىرلىرى، مانا موشۇنچىلىك ئەمەلىي ئىش ئالدىدا راستىنلا بىچارە. ئويلاپ قالىمەن، ئەگەر مائارىپىمىز ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلغان بولسا بۇنچىلىك جانباقتىلار ئىمتىھان نەتىجىسىگە تايىنىپلا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان بولاتتى.
3. ئىگىلىك تىكلەش، كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق تەرەققىيات پىلانىمنى تۇرغۇزۇش بىلەن ئالدىراش
25 - ياشتىن 30- ياشقىچە بولغان بەش يىل ۋاقىت بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ھەل قىلغۇچ پەيت دەپ ئويلايمەن، ئۆزەمچە! دېمەك، بۇنداق ئالتۇن ۋاقىتنى مەلۇم ئىمتىياز، مەلۇم خىزمەتكە قانائەت قىلىپلا، سۈكۈت بىلەن ئۆتكۈزىۋىتىش بەكمۇ ئىچىنىشلىق. شۇڭا، بىر پۇتۇم مەكتەپتە، بىر پۇتۇم خىزمەت ئورنۇمدا تىتىرەپ تۇرغان موشۇ كۈنلەردىن باشلاپ، ئىككى پۇتۇمنى مەزمۇت قويىدىغان بىر جاي ھازىرلاشقا تىرشمىسام بولمايدۇ. ياشلىق ئوتى قىزلار ئۈچۈنلا كۆيۈپ تۈگىسە مېنىڭ چۆلدىن تىرىپ كەلگەن ئوتۇن بىلەن نېمە پەرقىم؟(ھا ھا...). ئىگىلىك تىكلەش، تىكلىگەندىمۇ توختىماي ئىزدىنىپ، يېڭىچە ئىددىيە، يىراقنى بويلاپ نەزەر بىلەن بىرەر ئىشقا پۇختا ئاساس سېلىش تاقەتسىزدۇر. شۇڭا 5 مېنۇت ۋاقىت بولسا تەپەككۈر قىلىشىم، 10 مېنۇت ۋاقىت بولسا ماتېرىيال كۆرۈشۈم، 1 سائەت ۋاقتىم بولسا تېخنىكا ئۆگىنىشىم شەرتسىزدۇر. دېمەك، مەن كەلگۈسۈم ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ئالدىراش.
4. پايتەخت شەھرىدە تۇرالغۇ ئىزدەش بىلەن ئالدىراش
مەكتەپتىن ئايرىلىدىغانغا يەنە بىرئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. دېمەك، بۇ شەھەردە باش تىققۇدەك بىرەر جاي تېپىۋىلىش بىر مۇساپىر ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىش. ھەپتە ئاخىرلىرىدا ۋە كەچلەردە پىرقىراپ يۈرۈپ ئۆي كۆرۈش بىر ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا بىر تالاي ھىكايەتلەرمۇ ھاسىل بولۇپ كەتتى. پىشانەمدىكى ****لىق دېگەن نام، ئاندىن ھەددىدىن زىيادە قىممەت ئۆي باھاسى بىر بولۇپ، ئەسلى ئاددى بىر سودا بولغان ئۆي ئىجارە ئېلىش ئىشىنى مەن ئۈچۈن ئەشەددىي ئاۋارىچىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئالدىراشچىلىق ئۈستىگە ئالدىراشچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك ئۈستىگە يەنە كۆڭۈل غەشلىكى. ئىشقىلىپ، قايسى بىر ئۆي خوجايىنىنىڭ مېنىڭ ***لىق ئاندىن خوتەنلىك ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، ھاياجان بىلەن"ۋاي مەن خوتەنگە نەچچە قېتىم بارغان، ئۇ يەرنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن"دېگەن سۆزلىرى، ئاندىن مېنىڭ ئۇلاپلا سورىغان "خوتەن قەيەرگە جايلاشقان؟" دېگەن سۇئالىمغا "لاسادىغۇ دەيمەن" دەپ بەرگەن جاۋابىنى ئويلىسام كۆلۈپ تىلىقىپ كېتىمەن.
5. پۇتبول مەشىق قىلىپ بولالماي ئالدىراش
مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردا بۇ نوقتىغا سەل قاراپتىمەن. شىركەتتە بىردىنبىر شىنجاڭلىق بولغاچقا شىركەت پۇتبۇل كوماندىسىغا مەجبۇرىي كىرگۈزۈلدۈم. "ئوينىيالمايمەن" دېسەم، "شىنجاڭلىق بالىلار پۇتبول ئوينىيالمايمەن دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ تولا كەمتەرلىك قىلما..." دەپ ئەسلا پۇرسەت بەرمىدى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق! مەجبۇرىي مەشىق قىلماي نەچارە. كىم مېنى پۇتپۇلخۇمارلارنىڭ نەسەبىدىن بولۇپ قالسۇن دەپتۇ. بۇ ئالدىراش كۈنلەردە پۇتبۇلنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، مەيدانلاردىمۇ ئانچە - مۇنچە كۆرۈنۈپ قالىدىغان بولدۇم.
خولاسە - كالام
ياشلىقتا ئالدىراشچىلىقنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل . بەزىلەر ھەۋەسلىرى ئۈچۈن، بەزىلەر گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن ئالدىراش. مەيلى نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز قانچىلىك بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىش كۈچىلا بولىدىكەن، چۈشكۈنلۈكنىڭ سايىسى قەلبىمىزگە چۈشەلمەيدۇ. كۆرەش قىلغۇچى تاكى ئاخىرقى نەپىسىغىچە ھەرگىزمۇ كىچىكمەيدۇ. ياشلىغىمنىڭ ھاياجانلىق خاتىرىلىرى تەرىقىسىدە بۇ قۇرلار بىر يالداما بولۇپ قالغۇسى.
سىز نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش؟
بۇ يېشىمىزدا ھەممىمىزنىڭ غېمى ئوخشاشمۇ نېمە؟ ئالدىراش ئەمەس پىروگراممىرلارمۇ بار ئېكەن. مەسىلەن مېنىڭ ئۇستام: نېمە سورىساق بىلىدۇ، ئاندىن ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئورنىدا قەھۋە ئىچىپ، كارتون كۆرۈپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. 5 ئايدىن بىرى ئۇنىڭ بىر قۇر كود يازغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. لېكىن ئايلىقى تۈمەندىن ئاشىدۇ. مەھسۇلات دىرىكتورى دەپ قويىمىز..
تەشنا بلوگنى ئادرىسىنى بېسىپ كىرىپ يوقلاپ كەلدىم. مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئىجارە ئۆي ئىزدەش بىلەن ئالدىراش. تەشناجان مىنىڭ بىر يىل بۇرۇنقى ھالىتىمنى باشتىن كەچۈرۋېتىپسىز…

كىلەر يىلى موشۇ چاغدا مەنمۇ سىلىنىڭ بىلوگقا ئادرىسىنى بېسىپ كىرىپ باقىمەن.
شۇنى دەيمەن، ئۇينىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغا كەلمەسمۇ؟! ئامال يوقكەن بۇ يوللارنى باسماي.
ئاللا، ئاللا، مەن ئەمدى كىردىم ئۇقۇشقا. ئاللاھ خالىسا بۇ كۈنلەرنى مەنمۇ كۈتىۋېلىشقا ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلاي. ھەۋەسلىرىم ياق ئارزۇ ئارمانلىرىم ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەي.
1. كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۆت يىل ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
2. ئالىي مەكتەپنىڭ سىزگە ھەممىنى ئۈگەتمەستىن پەقەت ئۆگىنىش ئۇسسۇلى ۋە شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭ.
3. ئېنىق بىر نىشان، پىلانىڭىز بولسۇن.
4……… ئىشقىلىپ ۋاقتىڭىزنى چوقۇم قەدىرلەڭ!
..ھەي..‹!›بۇگۈنكى زامان بۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇ بىر ئۈندەش بەلگىسلا ھەممە سوئالغا جاۋاپ بولدىكەن..ھېس قىلغان تەپەككۇر ھېسلىرمىز دېڭىزدىن تامچە مىسالى بولدىكەن..دۇنيانىڭ رېئاللىقلىرى بولسا بىزنىڭمۇ خىياللىرمىز بار ئەمدى—بۇ سۆزلەرنى دەۋىتىپ مۇنۇ مىسرالارنى كۆرگەندەك بولۋاتمەن–
-يادىڭدىدۇربەلكى سەن تۇغۇلغان شۇ ئان،
ھەممە كۈلگەندى سەنلا يىغلىغان..
شۇنداق ياشىغىنكى كىتەر چېغىڭدا،
ھەممە يىغلىسۇن سەن ماڭغىن خەندان..
شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ تەشناغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلەلىگىنىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن
تەشناجان ئۇيغۇر پەن تېخنىكا شىركەتلىرىدە ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ ؟
ئۇيغۇر شىركەتلىرىدىمۇ ئىشلەيمىز. ھازىر مۇھىم بولغىنى بىر مەزگىل تەرجىربە ۋە تېخنىكا ئىگەللەش. شۇڭا موشۇنداق تاللاش بولۇپ قالدى…
مېنىڭ كەسپىم بايلىق قىدېرىپ تەكشۈرۈش كەسپى ، ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا كۆچۈش ئالدىدا. كېيىن ئۆزۈمنىڭ نىمە ئىش قىلدىغىنىمنى بىلمەيمەن. ئادەم ئۈچۈن ھاياتتىكى ئۆمۈرلۈك نىشانى ئىنتايىن مۇھىمكەن ، كىچىككىمىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە گۈزەل ئارزۇ ئارمانلارنى قۇچاقلاپ ياشايدىكەنمىز ، خەپ ئالى مەكتەپكە چىققاندا قىلمىسام دەپ. ھەي! ئىشقىلىپ نىشان بەك مۇھىمكەن.
ئاۋۇ…
ئالدىراشلىقىڭىز مەنىلىك ۋە مەزمۇنلۇق ئالدىراشچىلىق بوپتۇ. پۈتتۈرگەن iOS تۈرىڭىزنى بىر كۆرسەم بوپتىكەن.
ئەلۋەتتە مەن پەقەت مەلۇم بۆلىكىنى ئېچىشقا قاتناشقان خالاس. پۈتكەن ئۇ تۈر مانا: https://itunes.apple.com/cn/app/hume/id897492966?mt=8