موشۇنداق ئاھاڭدا بىر ناخشا بولىدىغاندەك قىلىدىغان، شۇڭا بۇ ئاھاڭدا مەنمۇ غىڭشىغاچ ماۋزۇ قويىۋەتتىم. «ئوقۇغۇچى» ناملىق بارلىق جانلىقلار ئورتاق دۇچ كىلىدىغان تۈگىمەس ئىمتىھان قايناملىرى ھەممىمىزگە ئايان. 15 يىلدىن بىرى تالاي رەت ئىمتىھان بېرىپ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ھېچ خەۋپ يەتمەي موشۇ ھالغا ئۇلاشقان بولساممۇ، تا ھازىرغىچە «ئىمتىھان» ئاتلىق بۇ سۆزنى ئاڭلىسام نىرۋام بىر قايناپ توختايدۇ. قانداق قىلغۇلۇق؟! ئوقۇتقۇچىلار جېنىدا «ئۈگېنىۋاتقىنىڭلار پۈتۈنلەي ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن» دەۋاتسا، ئاسپرانت - دوكتورلار جېنىدا «ۋاي ھەممىسى شەكلى نەرسە...» دەۋاتسا، چىشنى مەھكەم چىشلەپ، «خەپ ئىمتىھان» دېگەنچە ئۈگەنمەي نە ئامال.
بۇ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلىرىمدىن ئۈچىنى ئوبدانلا بېرىۋالدىم، يەنە تۆتىنىڭ جامالىنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر ئاي كۇتۇپخانىدا قېتىپ ئولتۇرىدىغان گەپ. ئەڭ كۈلكەمنى قىستايدىغنى، ئۈچ يىل ئۈگىنىپمۇ ھېچبىر تۈگىمەيۋاتقان «ماۋزۇدۇڭ نەزىرىيىسى» ناملىق قىلىن دەرىسنىڭ ئىمتىھانىنى 1 - ئاينىڭ 19 - غا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ، ئاشۇ قوتۇر ئىمتىھان ئۈچۈن بىكار بىرھەپتە مەكتەپتە يۈرىدىكەنمەن(:ھۆ ھۆ: :ھۆ ھۆ:). بۇمۇ بوپتۇ دەپ، مىڭ بالادا پويىز بىلەتلىرىمنى قولۇمغا ئېلىۋېىلىپ، شۈكىرى ئاللاھ دېگنچە ئىمتىھانلار تەييارلىقىغا كىرىشىپ كېتىدىغان بولدۇم.
كەسپىم ئىلېكتىر - ئۇچۇر بولغان بىلەن، «كەلگۈسىدە'سەيپۇڭ' بولۇپ قالسا ئەس قاتار» دەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكىسى»(检测技术) دېگەن دەرىسنى ئۈگىنىۋاتىمەن، ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق تاپشۇرۇق ئۈچۈن «ئۇچراشماي تۇرۇپ ئەتراپتىكى جىسىملارنىڭ تىمپراتورىسىنى ئۆلچەش» ھەققىدە ئىلمىي ماقالە يازىمەن(ۋاي توۋا 5000 خەت دەيمەن)؛ «كەلگۈسىدە سامسۇڭ شىركېتىنى سىتېۋىلىپ، دۇنياغا داڭلىق ئەقلىيفون شىركېتى قۇرۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس» دېگەن تامادا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كىرىشسىمان سېستىما ئېچىش» (嵌入式系统-Embedded system) ناملىق دەرىستە ARM شىركېتىنىڭ Cortex-M3 تىپلىق مىكرو سېستىمىسىغا پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگېنىۋاتىمەن. ئۇنىڭ 7 قىتىملىق تەجىربىسىنى بۈگۈن تاماملاپ، رەسمىي دوكىلاتىنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدىم. تەس بولسىمۇ ياقتۇرۇپ قالغان « يۇقىرى چاستوتىلىق ئالاقە توك يولى» (高频通信电子电路) ناملىق دەرىسىنىڭ 5 قىتىملىق تەجىربىسىدىن ئىككىنى ئىشلەپ بولدۇم، قالغىنى كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرىشىدۇ.
ئوڭغا ئۆرگىلەي، سولغا چۆرگىلەي ئىشقىلىپ ئىمتىھانلارنىڭ دەردىدە كىچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار، كۈندۈزى تاماقتىن بىزار، ياتاققا كەلسەم كومپىيوتېردىن قېچىپ، سىنىپقا چىقسام تلىفۇننى تىقىپ، كۇتۇپخانىنى پاناھ تارتىپ ئۆتىۋاتىمەن. ئويلاپ باقسام ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرى بىلەن ئىچىمدىكىنى ئازراق بوشىتىۋالالايدىغاندەك قىلىمەن.
مەنزىلى مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
تاش قوراملىقتا مېىڭپ، ئاسقاپ يامان بولدى ياداپ.
ئازغىنە بىر ئىستىراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.
گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.
بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.
ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.
جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى،كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.
ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
ئاجرىسۇن مىستىن ئالتۇن تازا ئوتتا كۆيۈپ چىداپ.
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەرجانغا بولسۇن شۇ خىتاب!
-- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
قېنى ، قېنى يەنە كىملەر مەندەك ئىمتىھان ھەكەلكچىلىكدە؟! تۆكۈڭلار دەرتلىرىڭلارنى، كۆمۈلۈپ كەتسۇن تەشنا بلوگى!!
قارىغاندا نوقتۇلۇق ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيدىكەنسىزدە ،مەندەك ئادەتتىكى مەكتەپتە ئۇۇيدىغانلار بۇغەمدىن خالى ئوخشايدۇ ،س تىل بىلەن كومپىيۇتېر تېىخنىكا ئاساسىدىن ئۆتەلىشىمدە مەسىلە يوق ،ئېنگىلىزتىلى ،ماتىماتىكىنى ئەسلا ئۇقمايمەن ،خەنزۇلار ھەممىسى نىمە لىيەنمو دىگەن ئۇيۇننى ئويناش بىلەن ئالدىراش .
نوقتىلىق ئالىي مەكتەپ دېگەن قانداق بولىدىكىن تاڭ، ئەمما دەرىسلەر خىلىلا تەس…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تىمىڭىزنى كۆرۇپ كۈلكەم قىستاپ كەتتى ئوبدان يېزىۋېتىپسىز ، ئەسلى يازغۇچى بولسىڭىز بولاتتىكەن ، مەن بىردىغان ئىمتاھانغىمۇ ئاز قالدى . لېكىن ئانچە بەكمۇ كىرشىپ كەتمىدىم . سالامەتىلىك مۇھىم جۇمۇ ! سالامەتلىكنى ئاسىراڭ .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يۇمۇرىستىك يېزىۋەتتىم تازا، ئۇنچە ھىرىپ كەتكىچىمۇ ئەمەس، پەقەت ۋاقتىمنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرساملا بولغىنى شۇ.. رەھمەت ھە! :ئوماق:
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئالىمجان ئىمتىھاندىن ئۆتكۈلۈك.
ئىمتىھاننى ياخشى بېرىڭ. :توۋا :
قايپىيسى كەلمەپتۇ لېكىن :لول لول: رەھمەت، ئىنشائاللاھ ياخشى بېرىمەن!
ئەجەپ قىزىق چىقىپتۇ بۇ يازما .تەشەكۇر ! ئىمتىھاننى ياخشى بىرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن . :لول لول:
رەھمەت، بۇرادەر!
ۋاي ئالىمكا بۇدەتنى تۆكۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ جىمۇ ، گەرچە ئەمدىلا باشلىغان بولساممۇ دەرىسلەر خېلىلا ئېغىر كىلىۋاتىدۇ! ۋاقىتنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرالماي باش قېىپ كەتتى… :ھۆ ھۆ: :ھۆ ھۆ:
بۇ يازمىنى شۇنداق ياخشى يېزىپسىز ، شۇنداق ، ئىمتىھان مەكتەپتىلا ئەمەس جەمئىيەتتىمۇ بار . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، جەمئىيەتكە قەدەم باسىسىڭىز يەنە ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن ئىمتىھانلارغا دۈچ كېلىسىز .
بىلوگ يازمىلىرىدا ئاپتۇماتىك قۇر ئاتلاش توغرا كونتىرول قىلىنمىغان ، بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى مۇئەللىم بىلوگىغا يوللاپ قويدۇم ، شۇ بويىچە ھەل قىلىۋالغايسىز….. :ھو ھو:
رەھمەت، ئاغا! كۆرسەتمىڭىز بويىچە تۈزىتىۋالدىم.
ئىنكاسلىرىڭىزدىمۇ بۇ ئەھۋال مەۋجۇت ، ئاشۇ كودنى ئىنكاسقىمۇ قويۇڭ ئەمدى ……. :ھو ھو:
1355-قۇرغىمۇ مۇشۇ ئىككى قۇر كودنى قىستۇرۇپ قويۇڭ ……
ئۇ يەرگە قويسام ئوڭشالمىدى ئاينا، مالىم ئاغام ئارقا بەتكە كىرىپ ئوڭشاپلا بېرەمدىلا يا!؟ :ئاماق: ھەي ئىمىھانلار…. :يارىماس:
بەزىدە ياتىقىمدىكى خەنسولارنىڭ ئىمتاھانغا بولغان ھەييارلىقى، ساختىپەزلىكىنى كۆرۈپ مۇشۇلار ئەسلى مۇشۇنداق ساختىپەزلىك، چىرىكلىك بىلەن يەر دەسسەپ تۇرىدىكەن؛ ئەگەر ھەقىقىي ھەقىقەت(بۇ يەردىكى ھەقىقەتنى دېمىسەممۇ چۈشەندىڭىز دەپ ئويلايمەن) بۇ ھۆكۈم سۈرىدىغان بولسا بۇلار خۇددى چوشقا ئۆز پوقىنى ئۆزى يېگەندەكلارغا ئوخشاش نىجاسەتخانا ئۇلارنىڭ جايىكەن، دېگەن ئويغا كېلىپ قالىمەن. بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بۇنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.
ۋاي ئۇنى بىردېمەڭ! ھىيلىگەرلىك موشۇ خەقتىن ئايلانسۇن، قارىتىپ قويۇپ شەيتاننىمۇ ئالدايدۇ بۇلار… ھەقنى چۈشەنمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ ھالى نېمە بولسۇن!؟….
سىناق باھا
ئىمتىھاننىغۇ ئالسۇن لېكىن تۇلىكلىما ئىمتىھاننى 3 قېتىم ئالغان نەدە با؟؟؟ئ