Home >  > ئوقۇش پۈتتۈرسەك پادا باقامدۇق، پايپاق ساتامدۇق؟

ئوقۇش پۈتتۈرسەك پادا باقامدۇق، پايپاق ساتامدۇق؟

17


كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىككىنچى يىللىقنىمۇ پۈتتۈرەي دەپ قالدىم. شىرېن خىياللارنى باغاشلاپ، ئۇنۋېرىستىت دەرۋازىسىدىن تەمكىن قەدەملەر بىلەن كىرگەن شۇ مىنۇتلار كۆز ئالدىمدا ئېنىق تۇرۇپتۇ.گەرچە بۇ ئىككى يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەشۇ دەبدەبىيلىك خىياللىرىمدەك مۇكەممەل ئۆتكۈزەلمىگەن بولساممۇ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى شىرېن ئارزۇلىرىمنىڭ كۈچلۈك تەلپۈندۈرىشى بىلەن، ھېچ بوشاشماستىن تىرىشىپ كەلدىم. مانا بۇگۈنگە كەلگەندە ئاز تولا نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈرۈپتىمەن. ئەمما يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرىدېغىنىمنى، رەھىمسىز رىئاللىق قوينىغا مەجبۇرى كىرىپ كىلىدىغىنىمنى ئويلىسام تەنلىرىم تېكەنلىشىپ كېتىدۇ.
شۇنچە يىل ئاتا – ئانامنىڭ تاپقان – تەرگىنىنى خەجلەپ، "بىلىم ئالىمەن" دەپ، يىراق شەھەرلەردە مۇساپىر بولدۇم. كۆزلىرىمدە سېغىنىشنىڭ ئاچچىق ياشلىرى ئۇيۇپ قالدى. بەزىدە ئاتا- ئانامنىڭ نەقەدەر سەۋېرچان، تاقەتچان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىگە مىڭلاپ تەسەننا ئىيتىمەن. ئاتا- ئانىدىن باشقا كىممۇ بۇنداق نەچچە ئون يىل ھېچ ئۈمۈدسىزلەنمەستىن، قىلچىمۇ تاقەتسىزلەنمەستىن يۇمران كۆچېتىنىڭ ھوسۇلى ئۈچۈن كۈتۈشلەرگە بەرداشلىق بىرەلىسىۇن؟!
مەكتىۋېمىزنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى ئاكا- ھەدىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە، بۇ ھەقتىكى بەزى بىر پاراڭلار قۇلاقنى ئىتىۋالسىمۇ كىرىپ قالىدىكەن. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى، غەم – ئەندىشىلىرى تەبئىي ھالدا بىزنىمۇ يىراق بولمىغان كەلگۈسىمىز ھەققىدە قايتا- قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوڭۇشلۇق خىزمەت تېپىۋالغانلىقىنى، ئامېتىنىڭ تولىمۇ ئوڭدىن كەلگىنىنى ماختىنىپ سۆزلەپ بەرسە، بەزىلىرى چوڭقۇر ئۇھسىنىش بىلەن دەرد تۆكۈپ بىرىىشدىكەن. بەزىلەر ئۆزىمۇ سەزمەستىن بىزلەرگە ئۈگىنىش، قابىلىيەت يىتىلدۈرۈش ھەققىدە نەسىھەت قىلىشسا. يەنە بەزىلىرى ئاسپىرانتىلىققا ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولىۋاتقانلىقىنى دىيىشىپ، ھەممىمىزنى ھەۋەسكە سېلىپ قويىدىكەن. ھەر كاللىدا ھەر خىيال، ئەمما بارچە قەلىبتە ئوخشاش بىر ئازاپ.
ئوقۇشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن سەۋېرچانلىق بىلەن كەلگۈسى ئۈچۈن مەبلەخ سېلىشتۇر. دېمەك ھەركىم ئۇنىڭدىن رازى بولغۇدەك نەپ ئېلىشنى كۆزلەيدۇ. ئەمما شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ، شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلەپمۇ ئاخىرىدا مەلۇم سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشلەتكۈدەك يەر تاپالمىسا، ھەتتا ھالال بىلىمى بىلەن ياشىغۇدەك ئامال تاپالمىسا، ئېنىقكى نارازىلىق پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل نارازىلىق ۋاقتىنچە ھېچ ئىپادە كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە شۇ جەمىئىيەت ئۈچۈن تۈزەپ بولغۇسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ.
بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يىللىق "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 2013 – يىللىق مەمۇرىي ئورۇنلارغا تەقسىملەش جەدىۋېلى" نى كۆرگەن بولىشى مومكىن. مەنمۇ توردىكى نارازىلىقلارنى كۆرۈپ، ئۇ جەدىۋەلگە نەزەر تاشلىدىم ۋە قاتتىق ھەيران قالدىم. ياخشى دىگۈدەك ئىش ئورۇنلىرىغا پۈتۈنلەي خەنزۇ مىللىتىدىن ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن. مەن ئىچكىردە ئاز بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاۋارىچىلىك كۆرۈپ، خەنزۇ ئىشچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز... قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى" دا نېمە سەۋەبتىن خىزمەت ئورۇنلىرىغا مىللەت ئايرىپ ئادەم ئالىدىغىنىنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم! تىل قىيىنچىلىقى؟ بۇ ئاقماس گەپ! ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدا خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك خەنزۇتىلى سەۋىيە يوق دېسە مەن ئىشەنمەيمەن. تۇرمۇش مەسىلىسى؟ ئۆز يۇرتىمىزدا بىز ئۈچۈن تۇرمۇش مۇھىتى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟! ئۇنداقتا ھۆكېمىتىمىزنىڭ بىزنى قارىتىپ قويۇپ، بۇنداق مىللەت ئايرىشى زادى نېمە سەۋەبتىن؟!
بەلكىم ئۇلار مائارىپ تەربىيەلىنىش ئەھۋالى، ئىقتىدار مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىشى مومكىن. ئەمما تەكشۈرۈپ، سىتاستىكىلاپ باقسا بولىدۇكى، ئىچكىردە خەنزۇ ساۋاقداشلار بىلەن ئوخشاش دەرىسلەرنى ئوقۇپ، نۇرغۇن سانائەت پەنلىرى بويىچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى بار. مەكتەپتە بىزمۇ ئوخشاش ئوقىدۇق، دەرىسلەرنى ئۇلاردىن قىلىشماي ئۈگەندۇق، لازىملىق ئۇنۋانلارنى تولۇق ئالدۇق، ئۇنداقتا يەنە نېمە سەۋەبتىن پەقەت خەنزۇ مىللىتى بولمىغاچقىلا نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرىغا كىرەلمەيمىز؟! ئەجىبا مىللەت بىلەن ئىقتىدار ئوتتۇرىسىدا شۇنچىلىك مۇھىم سەۋەب – نەتجە مۇناسىۋېتى بارمۇ؟!
شەخسەن مەن پارتىيىمىزنىڭ نۇرغۇن خەيرىخاھلىقىغا ئىرىشتىم. ئەلۋەتتە بۇلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق! پارتىيە - خەلق،دۆلەت، مىللەتنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلايمەن دەپ، توختىماي تىرىشتىم. ئەمدىلىككە كەلگەندە پەقەت ۋە پەقەت خەنزۇ مىللىتى بولمىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ھوقۇقۇمنىڭ بولماسلىقى مېنى تەپەككۇر جىلغىلىرىنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىغا تاشلايدۇ؟! نېمە ئۈچۈن دۆلەت شىتاتىدىكى ئورۇنلار خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا بىلىم-ئىقتىدارىغا ئەمەس مىللەتكە قاراپ ئادەم ئالىدۇ؟! بۇ خىل مەنتىقە مەن ئالىي مەكتەپتە ئۈگىنىۋاتقان "ماركېسىزىم پەلسەپىسى" گە ئۇيغۇن ئەمەس؛ بۇ خىل مەنتىقە مەن فىزىكىدا ئۈگەنگەن "سەۋەب نەتىجە قانۇنىيىتى" گە ئۇيغۇن ئەمەس؛ بۇ خىل مەنتىقە بەش ياشلىق بالىنىڭ كاللىسىغىمۇ سىغمايدۇ؟!
ھەرقانچە قاقشىغىنىمىز بىلەن، "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" دەپ شۇئار توۋلايدىغانلارنىڭ ھالىمىزغا بىرەر قېتىم يىتىپ باققىنى يوقنىڭ ئورنىدىكى ئىش. ئەمما بىز ياشىشىمىز كىرەك، بىز ئۆزىمىزنىڭ "مەن" ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگۈدەك پۇرسەت ۋە شارائىتقا ئىرشىشىمىز كىرەك. چىقىش يوللىرى تارىيىپ، داغدام كوچىلار زىمىستان قاراڭغۇلىقىدا قالغاندا بىز ياشلاردا "ساراڭ" بولماقتىن باشقا ئامال يوق. بىز كەلگۈسىدە كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ ئەمەس، نەچچە ئون يىل جەريانىدا جاپالىق ئۈگەنگەن بىلىملىرىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى ئىستەيمىز! بىز ھۆكېمىتىمىزنىڭ ئاللاقانداق ئىتىبار سىياسەتلىرىگە ئەمەس، ئادىل ۋە ئاقىلانە قانۇن تۈزۈملىرىنىڭ روھى بىلەن ئۇزۇقلىنىپ كۆكلەشنى خالايمىز!
بۇ تېمىغا نېمە ئۈچۈن "پادا باقامدۇق، پايپاق ساتامدۇق؟" دەپ ماۋزۇ قويغىنىم ھەرگىزمۇ قىززىقچىلىق ئەمەس. سەگەك ئويلانساق بىز راستىنلا موشۇ خىل ھالەتتە تۇرىۋاتىمىز. ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە "ئاز سانلىق مىللەت" دەپ ئىشقا ئالمىسا، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا "خەنزۇ ئەمەس" دەپ ئىش ئورۇنلىرىغا چەكلىمە قويسا، بىز زادى جاڭگالدا پادا باقامدۇق ياكى كەچلىك بازاردا پايپاق ساتامدۇق؟! بىزگە قايىل قىلارلىق بىر جاۋاب كىرەك، بىزگە قانۇنىي ئاساسىي بولغان تۈزۈلمىلەر كىرەك.
شۇ تاپ قانچىلىغان سىتۇدېنتلار ماڭا ئوخشاش تەشۋېشلىك خياللار بىلەن كىچىلەرنى كۈندۈگە ئۇلاۋاتقاندۇ؟! قانچىلىغان ئاتا – ئانا "مىللەتكە قاراپ ئىش تەقسىملەش" نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەستىن، پەرزەنىتلىرىدىن ساددىلارچە زور ئۈمۈد كۈتىۋاتقاندۇ؟! ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىرى بولغان ھۆكىمەت مەمۇرىي ئورۇنلىرى باشلامچى بولۇپ، مىللەت چەكلىمىسى قويۇپ بەرسە، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەت كارخانىلار چەكلىمە قويماي قالامدۇ! ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى كۈنسىرى ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئالقىنىغا ئۆتىۋاتقان موشۇنداق كۈندە، مىللىي كارخانىلىرىمىز قانچىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپسىنى ئورۇندىيالايدۇ؟! دېمەك بىز پادا باقامدۇق ياكى پايپاق ساتامدۇق؟!
تۆۋەندە تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىغانلىرىنى ھىسسي تۇيغۇدىن خالىي ھالدا، ئىلمىي ئاساسلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (17)
نەقىللەر (0)
  1. bilikal [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2013/05/27 21:57

    مۇشۇ چەكلىمە ئىلىپ تاشلانسا ياخشى بولاتتى .يا بىزنىمۇ ئىچكىرگە كىرىپ ئىمتاھان بەرگلى قويسا بۇ يەردە بىرەلمىگەندىكىن مەركەزدە خىزمەت قىلىپ كەتسەك :razz: :razz: :razz:

    • ئۇيغۇربەگ [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ bilikal 2013/05/28 10:11

      ئەمما مىللەت چەكلىمىسىنى ئېلىۋەتسە….بىرمۇ ئۇيغۇر كىرەلمەيدۇ دېسەك يالغان بوپ قالا، 99% خەنسو بوپ قالىدۇ.

      • بىلىكئال [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ ئۇيغۇربەگ 2013/05/28 10:18

        شۇنداق ئۇلار بىزدەك ئەقىللىق چىقمايدۇ .شۇ بىسىپ ئولتۇردىغان شىجائەتلىك قوڭلا بار ئۇلاردا .بىزنىڭ مۇئەللىم ئاشۇنداق دەيدىغاندى خەنلەردە ئەقىل يوق ئەمما ئۇلاردا بىىسىپ ئولتۇردىغان قوڭلا بار شۇڭا ئۇلار نىڭ كۆپىنچىسى تۆت كۆز .سىلەردە ئەقىل بار ئەمما بىسىپ ئولتۇردىغان قوڭ يوق دىسە .بىز چاقچاق قىلىپ مۇئەللىم بىز كۇندە سەككىز سائەت بىسىپ ئولتۇرىمىزغۇ ئۇ قوڭىنى دەپ جىلە قىلىپ قوياتتۇق . ئويلاپ باقسام ھەر قانچە ئەقللىق بولساقمۇ چەكلىمە بولسا پۇرسەت بولمىسا بىكاردە :roll: :roll:

  2. تەۋپىق [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2013/05/27 23:17

    شۇ سۆزلەپ كەلسەك زادى گەپ تولا …بۇ يەردە بىكىتىڭىزگە‹‹ ئەكسى››تەسىر بىرىپ قويماي بىز ئەكسى سۆزلەرنىمۇ دىيىشىپ يۈرمەيلى………

    ئاپتونۇم قانۇنىمىز شۇنداق ياخشى سىياسەت ۋەھشى ياخشى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىمىز تېخىمۇ ياخشى…

  3. ئۇيغۇربەگ [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2013/05/28 10:11

    ھەر يىلى مۇشۇنداق قاقشاپلا قالىمىز، تىللاپمۇ باقىمىز، ئەمما بۇنداق پاجىئە ھەر يىلى تەكرارلىنىدۇ. مەنغۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كاۋاپچىلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن….

  4. ئىز [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/05/28 15:24

    شۇنداق توغرا گەپ قىپسىز ،ھۈكۈمىتىمىز بىز ياشلانى تېخىمۇ رىغبەتلەندۇرىشى كىرەكتى،بۇنداق ئوقۇغانغا تويغۇزماي.نەچچىلىك ھاياتىمىز مۇشۇ ئوقۇش بىلەن ئۇتمىدى.مەجبۇرىي مائارىپنڭ تۇرۇتكىسىدە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.نۇرغۇن كەسىپ ئۈگۇنۇش ئارزۇسى بار باللامۇ ئۇقۇشقا كىرىشىپ كەتتى…بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ھەممە يەرلەگە خەنزۇ قېرىنداشلانى قۇبۇل قىلسا ئۇلار تىزىملاتماي ئۇرۇن بوش قالسا ،بىزدىن كىيىنكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇقۇش ئارزۇسى سۇسلاپ مىللىتىمىزگە زور بېسىم بوپ قالمامدۇ.ھۈكۈمىتىمىزنىڭ قايتا-قايتا سەمىمىي ئويلىنىپ بېقىشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.!!!!!!!!! :cry:

  5. تۈگۈن [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2013/05/28 22:42

    بىزدەك خىزمەتتىكىلەرنىمۇ تويدۇرغىلى تۇردى خەنزۇچە ياشاشقا . ئادەمنىڭ بەك ئىچى سىقىلىدۇ . ئىچىمىزگە تىنىپ يۈرىۋاتىمىز .ھەي …..

  6. ئىلتەبىر [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2013/05/31 00:05

    بۇ ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان تېما بولغاچقا ئۆچۈرۈلگەن بۇلىشى مۇمكىن.

  7. مەلەك [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow 7 -قەۋەت 2013/06/28 16:09

    مەن ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگىنىمگە 20 كۈن بوپتۇ ، نېمە ئىش قىلىشىم تېخى قاراڭغۇ ، نىشانسىز…پايپاق ساتالمايمەن، دەسمايە يوق ، پادا باقالمايمەن قويۇم يوق ، بالا باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ

  8. كىتابپۇرۇش [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 8 -قەۋەت 2013/09/30 01:02

    بۇرۇن تىجارەتچى بىرسىنىڭ (ئۇيغۇر) ئۆز بالىسىنى خەنزۇ نوپوسىغا ئالدۇرۇشقا يول ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەجەپلەنگەنتىم …
    ئاشۇ ئادەممۇ بىر ئىشلارنى ئويلىغان بولغىيتتى …

  9. ئەممار [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 31.0.1650.63Windows 8 9 -قەۋەت 2015/01/05 14:09

    نۇرغۇن ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ئۈزىمىزنى داتلاپ ….چۈشەندرۈپ ئىشنى ھەل قىلالمايمىز….چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ئادالەت ھەققانىيەت دىگەنلەر مال-دۇنياغا ئۈممەت بولغانلار ئۈچۈن نەچچە سىنتىغا ئەرزىمەيدۇ…..سەبىر قىلايلى ، تىرىشايلى ئاللاھ خالىسا ئەمەللىرىمىز ئاللاھقا يارىغان كۈنى…..بىزلەرنىڭ ئاۋازىمىزنى ‹ئاڭلىيالماستىن ›بىزگە ئاتىدارچىلق قىلىۋاتقانلار بىزنىڭ دەردىمىزنى بىز سۆزلىمەي تۇرساق چۈشۈنۈپ ھالىمىز غا يېتىدىغان بولىدۇ ئىنشا ئاللاھ !!! بىزنىڭ ھاياتتىكى نىشانىمىز مۇ پەقەت ئاللاھقىلا بەندە بولۇشقۇ بەرىبىر….

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش