ئۇيغۇرمەن – كىلاسسىك شىئىرلاردىن قانچىلىك بىلۇرمەن؟!
2013/06/01 شىئىرلار, كىتابخۇمار ⁄ جەمئى: 2868 ھەرپ 10 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 418 مېھمان+

بىر چاغلاردا ئىمتىھان ئۈچۈن، خەنزۇچە كىلاسسىك شىئىرلارنى تولا يادىلاپ، بەيجۈيى، سۇ دوڭپۇ، دۇفۇ... يەنە ئاللىقانداق مەيپۇرۇش شائىرلارنىڭ كىلاسسىك شىئىرلىرىغا داستانچىدەك پىششىق بوپ كەتكەنتۇق. مانا ئەمدىلىكتە ھىلىقى «كارۋېتىم بېشىدا تولۇن ئاي نۇرى، زىمننى قاپلىدى قىروۋ نەم ھورى. كۆتۈرۈپ بېشىمنى ئايغا قارايمەن، سالپىيىپ يەنىلا يۇرتۇم ئەسلەيمەن» (ھا ھا... ئۇدۇل تەرجىمىسى جۇماڭلا!) دېگەن بىر كۇپلىت بالىلار قوشىقىدىن باشقا ھېچنىمە ئېسىمدە قالماپتۇ. ئۆكۈنىمەن، ئۆرتىنىمەن ئەمما ئامال يوق، نېمىشقىمۇ شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرچە كىلاسسىك نەمۇنىلەردىن يادىلىۋالمىغاندىمەن.
بەلكىم تېخى بەزىلەر ئويلايدۇكى: «تاغار - تاغارلاپ كىلاسسىك شىئىرلىرى بار بولغان مىللەت پەقەت خەنزۇلار، بىز دېگەن نەچچە مىڭ يىللادىن باشلاپ بۈگۈنكىگە ئوخشاش تىل - يېزىق بىلەن ياشاپ كەلگەن خەق، دېمەك بىزدە ئۇلارنىڭكىدەك نەچچە كۈن يادىلاپ، لۇغەت ئاختۇرۇپ ئاران مەزمۇنىنى چۈشىنىدىغان كىلاسسىك شىئىرلار كۆپ ئەمەس» دەپ. ئەمما مەن شۇنداق دەيمەنكى: « بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي كىلاسسىك نەمۇنىلىرىمىز ھەرگىزمۇ ھېچقانداق مىللەتتىن قىلىشمايدۇ، پەقەت زامانىمىزغا كەلگەندە تارىخىمىزغا توپا چاچىدىغانلار بىزگە شۇنداق تۇيغۇ بېرىپ قويدى. بىزدىمۇ نەچچە يىللاپ، مەكتەپلەردە دەرىسلىك قىلىپ ئۆتكىدەك كىللاسىك ئەسەرلەر بار...» دەپ.
ئۇنداقتا قايسىڭلار راۋرۇس بىرەر كۇبلىت ئۇيغۇرچە كىلاسسىك شىئىرنى يادقا ئوقۇپ بىرەلەيسىلەر؟! ھى ھى ... ئۆزىمىزنى «يارىماسلار »دېمەي ئامال يوق. تۆۋەندە ئەدىب ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھاقايىق» يەنى «ھەقىقەت ئىشىگى» ناملىق كىتابىدىن، ئۆزۈم ياقتۇرغان ۋە يادىلىۋالغان بىرنەچچە كۇبلىت كىلاسسىك شىئىرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي. پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇپ يادىلىۋالارسىلەر...


بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى كۇبلىتلار

41 .بىلىگدىن ئۇرۇرمەن سۆزۈمگە ئۇلا

بىلىگلىگكە يا دوست ئۆزۈڭنى ئۇلا

بىلىگ بىرلە بۇلنۇر سائادەت يولى

بىلىگ بىل سائادەت يولىنى بۇلا

يېشىمى:

سۆزلىرىمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن،

ئەي دوستۇم، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغلا.

سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ،

بىلىم ئال، سائادەت يولىنى ئاچ.

.

42 . بەھالىغ دىنار ئول بىلىگلىك كىشى

بۇ جاھىل بىلىگسىز باھاسىز بىشى

بىلىگلىگ بىلىگسىز قاچان تەڭ بولۇر

بىلىگلىگ تىشى ئەر جاھىل ئەر تىشى

يېشىمى:

بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر،

بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر.

بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھېچقاچان تەڭ بولالمايدۇ،

بىلىملىك ئايال گويا ئەر، نادان ئەر گويا ئايالدۇر.

.

43. سۆڭەككە يىلىگ تەگ ئەرەنگە بىلىگ

ئەرەن كۆركى ئەقىل ئول سۆڭەكنىڭ يىلىگ

بىلىگسىز يىلىگسىز سۆڭەك تەگ ھالى

يىلىكسىز سۆڭەككە سۇنۇلماز ئەلىگ

يېشىمى:

ئادەمدە بىلىم بولىشى سۆڭەكتە يىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ،

ئادەمنىڭ زىننىتى بىلىم بولسا، سۆڭەكنىڭ يىلىكتۇر.

بىلىمسىز كىشى يىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ،

ھالبۇكى يىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزاتمايدۇ.

.

44. بىلىگ بىلدى ئەرەن بەلگۈلۈگ

بىلىگسىز تىرىگلە يىتۇك كۆرگۈلۈگ

بىلىگلىگ ئەر  ئولدى ئاتى ئۆلمەدى

بىلىگسىز تىرىگ ئەركەن ئاتى ئۇلۇگ

يېشىمى:

ئادەم بىلىمى بىلەن تونىلىدۇ،

بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى يادلىنىپ تۇرىدۇ،

بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.

.

45.بىلىگلىگ بىرىڭە بىلىگسىز مىڭىن

تەڭەگلى تەڭەدى بىلىگنىڭ تەڭىن

باقا كۆرگىل ئەمدى ئۇقا سىنايۇ

نە نەڭ بار بىلىگ تەگ ئاسىغلىغ ئوڭىن

يېشىمى:

بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمىسزگە تەڭ كىلەلەيدۇ،

بۇلارنى تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ.

ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن،

بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار.

.

46. بىلىگ بىرلە ئالىم يوقار يوقلادى

بىلىگسىزلىك ئەرنى چۆكەردى قودى

يېشىمى:

ئالىملار بىلىم بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى،

بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى.

جەمئىي 10 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 6 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:4 دانە

  1. ئۇيغۇربەگ : 2013-يىل06-ئاي01-كۈن12:29:25  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    مەن ھېچنىمىنى بىلمەيدۇلەركەنمەن


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل06-ئاي01-كۈن17:11:48  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      توققۇز پالاق دەررىگە بېسىپ، بېشىنى مورىغا تېقىش جازاسى بەرسەك بوغۇدەك :lol: .

      • ۋەھىمە : 2013-يىل06-ئاي01-كۈن17:22:41  2-رەت جاۋاب @جاۋاب

        ئۇمۇ ئازلىق قىلىدۇ جۇمۇ ئۇيغۇربەگكە ، قايسى كۈنىدىكى ئىنكاسى ئىسڭلىدە باردۇ ؟ :mrgreen: :mrgreen:

  2. ۋەھىمە : 2013-يىل06-ئاي01-كۈن15:19:54  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    پىقىر ئازراقنى بىلۇرمەن :mrgreen:


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل06-ئاي01-كۈن17:12:08  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      قېنىلەركىن؟؟؟

      • ۋەھىمە : 2013-يىل06-ئاي01-كۈن17:16:40  2-رەت جاۋاب @جاۋاب

        بىلىمسىزگە ئاشنى بەرمە قاچا چاقار
        ئەقىلسىزگە يولداش بولما باشنى يارار

        قالغىنىنى كىتاپقا قاراپ ئىيتىپ بىرەي ھە ، ھى ھى ھى ھى
        ئەڭ ئۈستىدىكىسىنى بىلىدىكەنمەن ،
        سىز قۇچۇ ئۇيغۇر خالنلىقى دەۋىرىدىكى كىلاستىك شىئىرلارنى تولۇق ئوتتۇرا ئەدەبىياتنىڭ شىئىر قىسمىدىن ئالغاندەكلا قىلىسىزغۇ ،


        • ئاپتور
          تەشنايى : 2013-يىل06-ئاي01-كۈن17:37:02  3-رەت

          سىز ھەقىقەتەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىكەنسىز، نومۇرىڭىزنى يۈز قوياي! مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەدەبىيات دەرىسىنى ئوقۇمىغان، ئەمما ماۋۇ شىئىرلارنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ، كىچىك ۋاقتىمدا يادىلىۋاپتىكەنمەن. :grin: :oops:

  3. سەھرالىق : 2013-يىل06-ئاي02-كۈن00:50:14  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    تېتىملىق شىئېرلارنى يادقا ئالالىغان ھەم مۇۋاپىق سورۇندا پاراڭغا ياماق قىلالىغان ئادەمگە قايىل بولىمەن، ئەمما سورۇن شائىرلىرىغا ئىچمەي تۇرۇپ قۇسىمەن.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل06-ئاي02-كۈن08:45:50  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      راس دەيسىز جۇمۇ، سورۇن شائىرلىرى ھەقىقەتەن نۇمۇسسىز كىلىدىكەن…

  4. ئۇيغۇر ئوغلان : 2013-يىل06-ئاي03-كۈن13:00:39  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    مەنمۇ ئاز تولا بىلىدىغان بۇرۇن ، ئۇتنۇپ كېتىپتىمەن . بولۇپمۇ كىلاسسىك شېئىرلارنى. بىر چاغلاردا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ ھېدايەتنامە دېگەن شېئىرىنى بەك ياقتۇرۇپ يادلاپ يۈرگەن ئىدىم.

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟