Home >  > «شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» تىن تەرمىلەر

«شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» تىن تەرمىلەر

2

يىقىندا ئەدەبىي تەتقىقات ۋە دىننىي جۈملىدىن مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ گۈزەل ئەدەپ- ئەخلاقىغا ئائىت ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتكە تونۇلىۋاتقان نەزىرە مۇھەممەتسالىھنىڭ «شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. پۈتكۈل كىتاب بىرنەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە ئىسلام تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئايال زاتلارنىڭ تەرجىمىھالىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ بولۇپمۇ ھۆرمەتكە سازەۋەر سۆيۈملۈك قىزلىرىمىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدىكەن. تۆۋەندە شۇ كىتابتىن ئۈزۈندە ئىلىۋالغان بىر نەچچە قۇرنى ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنماقچىمەن.

1. ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ ئالدى بىلەن ئاللاھ تائاللا ئىنساننى ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان ئۇلۇغ ئانىدۇر.

2.ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ خۇددى كىيىم بەدەنگە يىپىشقاندەك ئەرگە يىپىشىپ ياشايدىغان، ئاللاھ قەدىرلەشكە، قوغداشقا، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا بۇيرۇغان خوتۇندۇر.

3. ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ «قۇرئان كەرىم» ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەندەك بېقىش، ياخشى ئوقۇپ تەربىيلەش ئەجرى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان قىزدۇر.

4. ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان ئاياللىق تەبىئىتىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بىلەن ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقۇچى، جەمئىيەتنى تۈزىگۈچى ۋە ئىسلاھ قىلغۇچى جەمئىيەت ئەزاسىدۇر.

5.ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال _ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىنسان، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئەۋلادلارنىڭ تۇنجى باغۋېنى.

6.ئىسلام دىنى ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان ئشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش، بىر ئادەمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن يەنە بىر ئادەم جازالانماسلىق مىزانىنى ئاساس قىلغان. شۇڭا، ئادەم ئاتىنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشىغا ھەۋۋانى سەۋەبچى دەپ ئاياللارنى مەڭگۈلۈك يۇيۇلماس گۇناھقا ھۆكۈم قىلغان تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئەكىسچە «قۇرئان كەرىم» شەيتاننىڭ ئادەم بىلەن ھەۋۋانى ئوخشاش ئازدۇرغانلىقى، جەننەتتىن قوغلىنىشىغا ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق خاتالىقى سەۋەپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئەمەللەرنى ئۆلچەيدىغان مىزاننىڭ بىر ئىكەنلىكى، ساۋاپ ۋە جازادا تەڭ ئىكەنلىكىنىڭ كەينىگە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە بولغان تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى يۇشۇرۇنغان ئىدى.

7. ئىسلام شەرىئىتىدە ئەرلەرنىڭ ھاياتى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە مال -مۈلىكى قانداق قوغدالسا ۋە دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىلارغا قانداق جازا بېرىلسە، ئاياللارنىڭمۇ شۇنداق قوغدىلىدۇ ۋە ئوخشاش جازا بېرىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەرلەرنىڭ ئەخلاقى بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا قارشى ھالدا، ئەرلەرگىمۇ ئوخشاشلا ئىپپەتلىك بولۇش تەلىپىنى قويۇپ، بويسۇنمىغانلارغا ئوخشاش جازا بېرىدۇ.
8. گاھىدا رېئاللىقنىڭ بۈيۈك ۋە مۇكەممەل نەزىرىيەلەرگە ئەينەك بولالماسلىقى نەزەرىينىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنى تولۇق ۋە ئەسلىي مەنىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەن ئىنسانلارنىڭ خاتالىقى.

9. ئايالنىڭ ئاياللىق تەبىئىتى ۋە ئىنسانى خارەكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بەلگىلەش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى توغرا ۋە تەڭپۇڭ باشلاش ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللار مەسىلىسىدكى پرىنسىپى، ئىنسانىيەتنىڭ غايىۋېي بۈيۈك پەللىسى ئىدى. بۇ بۈيۈك پەللىنىڭ مەنزىللىرىدە ئايال ئۆز ئۆيىگە ئىپار چارىدىغان ئەتىرگۈل، ئىرى قولىدا يامان مەقسەد، يامان كۆزلەردىن ساقلانغان گۆھەر، بالىلارنى ئىتقاد ۋە ساغلام تەربىيە بىلەن سۇغارغۇچى مىھىر - مۇھەببەت بۇلىقى ئىدى.

10. زامانىۋېي جەمئىيەت مەكتەپ تەربىيىسىنى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتەك زور بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى.ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىيگە، مەكتەپكە تاشلاپ بېرىپ، ئۆز ۋاقتىنى خىزمەت ئىجتېمائىي مۇناسىۋەت، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا سۆرەلمىلىك بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ھازىرقى زاماندىكى ئائىلە بىرلىكى ۋە مىھېر - مۇھەببەتنىڭ يوقىلىشىدا ئۇلارنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار. بالا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز مۇھىتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىدۇ. بالىنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە خارەكتېر پىسخىكىسى ئائىلىدە تەدرىجى شەكىللىنىدۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ھالبۇكى بالىلارنىڭ ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن ئۈگىنىدىغانلىرى تولىمۇ ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ساپاسى ئاياللارنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم زۆرۈرىيەت. ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن زور.

11. ئايالنىڭ ۋاقتى تۈگىسە مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ. ئاياللاردىكى ئالامەتلەردىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ بىشارەتلىرىنى كۆرىدۇ.

12. ئەركىنلىك شۇئارى ئاستىدا بەس - بەستە كوچىغا چىقىۋالغان ئاياللارنىڭ ئەمدى يۈرەك پارىلىرىنى مىھرى بىلەن سۇغىرىشقا، ئەرلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ مىھىر بېرىشكە ۋاقتى چىقمايدىغان بولدى، بالا قۇپقۇرۇق چوڭ بولدى، ئۇنىڭ قەلىب چوڭقۇرلىرىغا ئانا مۇھەببىتىنىڭ ھارارەتلىرى، ئىنسانىي ھېس - تۇيغۇ ۋە روھىنىڭ نۇرلىرى يىتىپ بارالمىدى.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (2)
نەقىللەر (0)
  1. دوغاپ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2013/01/07 21:08

    بۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىغىم ئەجەپ تەسكە چۈشتى دىسە….
    بۇ كىتابنىڭ نامىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولساممۇ، ئوقۇش ماڭا نىسىپ بولمىغان ئىدى… بۇ تېمىڭىزدىن بەكلا رازى بولدۇم، بۇ كىتابنى ئوقۇش ئىستىكىمنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلدى..ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلغان كىتابلىقىغا گۇمانىم يوق… ئەجرىڭىزگە رەھمەت..

  2. بىلىمسىز [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2013/05/05 00:07

    ھەي بۇكىتاپ ئاپتورىغا چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار … يەنە بىرسى چىقارمۇ بىزلەرنىڭ ئىچىمىزدىن مۇشۇنداق قالتىس ھەمشىرىللىرىمىز ! ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن !

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش