بۈگۈن سىلەرگە قىممىتى بولغان ئىككى نەرسىنى سۇنماقچىمەن : بۇلاردىن بىرىنجىسى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان يېڭى ئىدىيە ! يېڭى تېخنىكا! تېخى پۈتمىگەن ئەمما پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان بىر قالتىس مەھسۇلاتنىڭ ئۇچۇرى. ئىككىنجىسى يېقىندىن بۇيان ماڭا كەلگەن ئېلخەتلەردىن مەلۇم بولدىكى پىروگىراممىرلىققا قىزىقىدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ ساھەگە نىسبەتەن بەكلا يېڭى بولۇشى سەۋەبلىك ، ئىشنى نەدىن باشلاشنى ، قانداق باشلاشنى بىلەلمەي بەكلا قىينىلىپتۇ. ئەلىۋەتتە ماڭا ئېلخەت يازمىغان ئەمما مۇشۇنداق مەسىلىگە دۇچ كەلگەن نۇرغۇن ئاداشلارنىڭ بولۇشى چۇقۇم. شۇ سەۋەبتىن مەن ئالدىنقى بىرقانچە كۈندە ئېلخەتتە ياردەم سورىغان بۇرادەرلەرگە يازغان جاۋاب خەتلىرىمنىڭ ئىچىدىن بۇ مەسىلىگە بىر قەدەر ئۆلچەملىك جاۋاب بولالايدۇ دەپ قارىغان بىرىنى سىلەرگە تەمىنلەيمەن.
ئاۋال گەپنى باشتىن باشلايلى!
Phone block دەپ ئاتالغان بۇ يېڭى ئىدىيەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2~3 يىل بۇرۇن مەلۇم بىر كوللىكتىپ تەرپىدىن دەسلەپكى ئىدىيە ، ئۇقۇم لاھىيەلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
بۇ يانفوننىڭ بىر قىسىم ئۇقۇم لاھىيەلىرى :
ئەمما بۇ خىلدىكى كىشىنى ياجانلاندۇرىدىغان مەھسۇلاتنى ھىچقانداق بىر ئورگان ياكى شەخىس رەسمى ئىشلەپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان،ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا گوگىل باش بۇلۇپ ئەڭ دەسلەپ ProjectAra
نامىدا بىر تۈر قوزغاتقانلىقى ھەققىدە مىش-مىش پاراڭلار ، كىيىن رەسمىي باياناتلارئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن يانفون ، لاھىيە ھەۋەسكارلىرى بۇنڭغا دىققەت قىلىپ كەلدى،تېخى يېقىندىلا بۇ ھەققىدە بىرقانچە ۋىدىئولار ئېلان قىلىنغا بولۇپ تۈرنىڭ پۈتىشىگە كۆپ ۋاقىت قالمىغانلىقىنى سىناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدەك بىر قاتار ئىشەنجىلىك ۋە ئىشەنجىسىز پاراڭلار ئوتتۇغا چىقتى.
ئېنىقلىما : Project Ara ئارا تۈرى ! ئارا سۆزىنىڭ مەنىسى «ئارا يۇلتۇز تۈركۈمى» دەپ چىقىدىكەن.(مىنڭ شەخسى ئىزدىنىش چۈشەنچەم) بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شەكلى ۋە ئىسخىما رەسىملىرى:
بۇلارنى قىستۇرۇشۇمدىكى مەقسەد ، بۇ نامنىڭ قويۇلۇش مەقسىدىنى ۋە بۇ تۈرنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنسۇن ئۈچۈن.، مەنىسىنى بىلىش ، ماھىيىتىنى بىلىش بۇ تونۇشقا ئەڭ چوڭقۇر چۆككەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر! مانا بۇ بىلىم ئىسىڭىزدىن چىقمايدۇ.
تۆۋەندىكى بۇ توغرىسىدىكى بىر قىسىم ۋىدئولار:
1. ئەڭ دىسلەپكى ئۇقۇم لاھىيەسى:
****************************************************
ئىككىنجى مەزمۇن :
تۆۋەندىكى مەزمۇن ئەمەلىيەتتە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ياردەم خىتىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب خەت بولۇپ ، ئوخشاش مەسىلىگە ئۇچۇرىغان باشقا قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام!
سىزنىڭ بۇ ساھەگە بۇنچە قىزىققانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا سىزنىڭ مەزكۇر كەسىپتە ىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى ۋە ھەسىتىنى قوزغىغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشارەتتۇر! ئەلىۋەتتە باشقا نۇرغۇن قىزىققۇچىلارغا ئوخشاش ئاسان يېرىدىن ئۆتۈپ تەس يېرىگە كەلگەندە باشقا باھانە تېپىۋالمىسىڭىزلا!
ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ، دەسلەپتە بىرەر ئىككى ئاي بولسىمۇ بىرەر تەجىربىلىك ئۇستازدىن تەلىم ئېلىپ چۈشەنچە ھاسىز قىلىۋالسىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى ئىدى، ئەلىۋەتتە تىرىشچانلىقىڭىز ۋە ئىرادىڭىز بولسىلا ئۇستازسىزمۇ ئۆگۈنۈپ كىتەلىشىڭىز مۇقەررەر!
دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ساھە ھەققىدىكى چۈشەنچەڭىزنى داۋاملىق چڭقۇرلاشتۇىسىز! قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كىيىن! ئىككىنجى قەدەمدە ! تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ ، http://w3school.com.cn/ – باشتا توربەت خارەكتىرى بىلەن پىششىق تونۇشقاندىن كىيىن زىرىكمەي-تىرىكمەي داۋاملاشتۇرىسىز بۇنىڭدىن ئۆگىندىغىنىڭىز ! HTML , CSS مۇشۇ ئىككىسى ! يەنە تۆۋەندىكى ئادرىستىكى كىتابنى قوشۇمچە قىلىسىز!
http://detail.tmall.com/item.htm ... k&id=3544593767 5&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
---------------------------------------------------------------------
2-باسقۇچ :
http://detail.tmall.com/item.htm ... 07340148&is_b=1
مۇشۇ ئادرىستىكى كىتابنى ئاساس ، يۇقارقى ھېلقى تور يۈزىدە ئۆگىنىدىغان تور بەتتىكى
JavaScript بۆلىكىنى قوشۇمچە قىلىپ داۋاملىق تىرىشىسىز! قايتا ئىشەنگەن ۋاق –ئاۋال يۇقارقى ئىككى باسقۇچنىڭ پاكپاكىز تۈگىگەنلىكىگە قايتا بەك كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلۋەتمەڭ! – تىڭىزدا ، ئاندىن كەينىنى ئويلاڭ ! ھەم يۇقارقى ئىككى باسقۇچقا بەك قايتا ئەسكەرتەي : يۇقارقى ئىككى باسقۇچ تۈگىمەي تۇرۇپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈشمۇنبەرلەردە ئۇستاز دەپ نام –نى خىيال قىلماڭ! يۇقارقى باسقۇچلا تۈگىگەندىن كىيىن ، بەلكى تۈگىمەستىلا تورلاردا ئۇستاز ئاتىلىشىڭىزغا 100 پىرسەنىت ئىشىنىمەن . شۇنداقتىمۇ كىيىنكى باسقۇچلارغا تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن!
يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتەي ، يۇقارقى باسقۇچ ئاۋال تۈگىسۇن ! بەك ئالدىراپ كەتمەڭ!
-@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@@
ھازىرقى ئەڭ داڭلىق پىروگىرامما تىللىرىنىڭ بىرى ، جاۋانىڭ تور تېخنىكا قىسىمى! JSP ، بۇ توغۇرلۇق مۇشۇ بىر كىتاب ئادىرسىنى قالدۇرۇپ تۇراي ! ئەمما بۇ پەقەت باشلىنىشى ، بۇ ھەرگىز يەتمەيدۇ! ... پەقەت ئاساسى بىلىم قىسىمىنى يىتىلدۇرۋالىسىز!ئەمما بۇ بەك ياخشى كىتاب.
http://detail.tmall.com/item.htm ... &id=35448084657 &ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
------------------------
ئاخىرقى باسقۇچ
بۇ باسقۇچ بولسا جاۋا تىلىدىن ئىبارەت ... بۇ كىتابمۇ ھەم جاۋا تىلىدىن مۇستەھكەم
ئاساس يىتىلدۈرۈشكىلا بولىدۇ! ئەمما جاۋا تىلى بۇنىڭ بىلەن ھەرگىز تۈگەپ قالمايدۇ!
ئالدىنقى باسقۇچ بىلەن بۇ باسقۇچنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يۇقرى تۆۋەن تىزىس
ىڭىز بولىدۇ! بەك چوڭ مەسىلە يوق!
http://detail.tmall.com/item.htm ... j&id=1714171092 0&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=
ئاخىردا ئەسكەرتىدىغىنىم : كۆپىنچە ئىشنىڭ ئاسان ۋە قىيىن ، سۈيۈملۈك ۋە بەتبەشىرە تەرپى بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭمۇ ھەم! يەنى ئەنسىرەيدىغىنىم ئاسان يىرىدا مەيدە كىرىپ ، ھۆركىرەپ ،
تەس يېرىگە كەلگەندە كىشىلەر توپى ئارسىغا شۇڭغۇپ غايىپ بولۇشدۇر! ئىشىنىدىغىنىم : شۇنچە كۆپ داۋراڭ سالغان ئەركەك چۇقۇم ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇر پىروگىراممىچىلىقىدا داڭقى بار يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرىغا ئايلىنىدۇ! ئاخىردا ئارمانلار كۆپۈككە ئايلانمىسۇن! بىر ئاشىق ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزغىمۇ بۇنچىلىك خەت يازماس!
----------------------------------------
يۇقارقى ئىككى مەزمۇننىڭ ئېلىكىتابلىرىنى چۈشۈرىۋېلىڭ :
1. ئېلىكىتابنى چۈشۈرۈش (ئېلىش كودى: 78cf)
2. ئېلىكىتابنى چۈشۈرۈش (ئېلىش كودى: 5f9b)
ئەڭ ئاخىردا ھەممىڭلارغا تەكرار - تەكرار سالام يوللاپ - پادىچى
2014.يىلى 24-ماي
- ئۈرۈمچى
-رەھمەت
ئەسسالام ئەلەيكۇم، بۇ «قىز»غا راستىنلا ئاشىق بولۇپ قالمىغانسىز ھە :ھا ھا: :ھا ھا:
ھەي — ھەي بۇ قىز ئەمەس . :ھا ھا: … ئوغۇل ..! مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئۇ ئەمەس ياخشى تەھلىل قىلىپ ئوقۇڭ دەيمەن . نىكاھسىز ئاقماس ، ئاتالىمىش ئاشىقلىق ، مىھەببەت ، ئەمەلدە شەكلى ئۆزگەرگەن زىنادىن پاناھلىق بەرسۇن ،…
– قايتا ئەسكەرتەي ماڭا قىز بالا ئېلخەت يوللاپ باقمىدى :ئاپلا:
(بۇ مەزمۇندا ئۇقۇشماسلىق بوپتۇدە – ئاپلا!)
مەنمۇ باشتىلا مۇنداق چۈشەنگەن، تەھرىرلەپ قويدۇم. :نېمە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، راستىنلا ئوبدان لايھەكەن بۇ. تېلفۇننى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتىدىكەن. خۇددى كومپىيۇتېرنى قۇراشتۇرغاندەكلا.
بولسا ئاۋۇ ئۇلىنىشلارنى ‹‹ كىتاب›› دەپ ئاندىن ئۇلىنىشنى ئۇلاپ قويسىڭىز، بىۋاستە چاپلانسا نۇرمال ئېچىلمايدىغان چىراي…
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
ئۈف بۇ ئالدىراشچىلىقنى نېمىسىنى دەي… ماۋۇ يازمىغا ئەمدى بىر ئېنكاس يېزىشقا ئۈلگۈردۈم. ماۋۇ بولىدىغان تەسەۋۋۇركەن. ھەممە ئادەم ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ يانفۇن سەپلەپ ئىشلەتسە… ئويۇنخۇمارلار ماتورى كۈچلۈكراقىنى، قىزلار ئاپپاراتى ياخشىراقىنى دېگەندەك…
قاتتىق دىتال سەپلەپ ئىشلىتىش ئائىلە كومپىيوتېرغا ماسلاشقان بىلەن يانفونغا تازا ماس كەلمەسمىكىن .