Home >  > «سېرىق چاچلىق پالۋان – ئاتا تۈركنىڭ ئاخىرقى 300 كۈنى» دىن تەسىرات

«سېرىق چاچلىق پالۋان – ئاتا تۈركنىڭ ئاخىرقى 300 كۈنى» دىن تەسىرات

6

مۇستاپا كامال(ئاتا تۈرك) ھەققىدە تۇنجى بولۇپ تولۇقسىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئېغىزىدىن ئاجايىپ تەرىپلەشلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىم قوزغالغانىدى.
-- تۈركىيەنىڭ ئۇلۇغ داھىيىسى - مۇستاپا كامال، دۆلەتنى تۇنجى ئازاد قىلغان ۋاقىتتا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى بەكلا ئاجىز بولۇپ، مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ زور تەھدىتىگە ئۇچىراپ تۇراتتى.مۇستەملىكىچىلەر دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن ئالدىراش بولمىغىنىدا، ئاللىبۇرۇن تۈركىيەنى بېسىۋالغان بولاتتى. دەل موشۇنداق چاغدا مۇستاپا كامال يىراق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆي - مۆلۈكلىرىنى رەنىگە قويۇپ، شەخسىي نامدا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن پۇل قەرىز ئالىدۇ ۋە ھەممىسىنى تۈركىيەنىڭ ھەربىي سانائەتكە ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا تۈركىيەنىڭ ھەربىي كۈچى ئېشىپ، باشقىلارنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرغۇدەك قۇۋۋەتكە ئىگە بولىدۇ. كىيىن قەرىز بەرگەن دۆلەتلەر قەرىز سۈيلەپ تۈركىيە ھۆكېمىتىگە تەھدىد سالىدۇ، ئۇ چاغدا قەرىزنىڭ دۆلەت نامىدىن ئەمەس شەخسىي نامدا ئېلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ، زۆرۈر بولسا مۇستاپا كامالنىڭ رەنىگە قويغان ماللىرىنى ئېلىپ كېتىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە زەمبىرەك - تانكىلىرىنى تىكلەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. نەتىجىدە باشقا دۆلەتلەر چىشىنى چىشلەپ بولدى قىلىدۇ...
ئوقۇتقۇچىمىز يۇقارقىدەك قىزىقارلىق بۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەيلى ئۇ ئىشلار راس بولسۇن ياكى يالغان، ئىشقىلىپ بالىلىق قەلبىمدە مۇستاپا كامالغا بولغان ھۆرمەت شۇ چاغدىن باشلاپ شەكىللەنگەن ئىكەن.
يېقىندا ئاتا تۈركنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ئاخبارات توپلىمى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى ۋە ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم. تۆۋەندە مەزكۇر كىتاب بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

[t]كىتاب چۈشەندۈرىشى[/t]
كىتاب ئىسمى: سېرىق چاچلىق پالۋان - ئاتا تۈركنىڭ ئاخىرقى 300 كۈنى
ئاپتورى: جان دۈندار
نەشرىيات: مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشر قىلنغان ۋاقتى: 2004 - يىلى 7 - ئاي.
كىتاب باھاسى:9.50 يۈەن
كىتاب ھەجىمى:32 كەسلەم 168 بەت.
كىتاب مۇندەرىجىسى:
ۋاقىت - ماكان تەرتىپى بويىچە تېزىلغان ۋە ئاپتورنىڭ كۆز قاراشلىرى، تەھلىلى قوشۇلغان 26 پارچە ماقالىدىن تەركىب تاپقان.

[t]ئاپتور ھەققىدە ئىككى كەلىمە[/t]
جان دۈندار - 1961 - يىلى ئەنقەرەدە تۇغۇلغان. 1982 - يىلى ئەنقەرە ئۇنۋېرىستىتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات مەكتېپىنى پۈتتۈرگەن.
1979 - يىلىدىن باشلاپ، «ئەكىس سادا»، «ھۈرىيەت»، «نۇقتا»، «ھەپتىگە نەزەر»، «سۆز ۋە ئۇسۇل» قاتارلىق گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ئىشلىگەن. 1986 - يىلى ئەنگلىيە لوندۇن ئاخبارات ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986 - يىلى ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئېجتىمائىي پەنلەر فاۆۇلتىتىدا سىياسىي بىلملەر بويىچە ئاسپرانتلىق ئۇنۋانىنى، 1996 - يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.
ئەسەرلىرىدىن: «دىمكورات ۋە 12 مارت»، «سېرىق چاچلىق پالۋان»، «كۆلەڭگۈدىكىلەر»، «ھاياتقا ۋە سىياسەتكە دائىر»، «يامغۇردىن كىيىن»، «ئەرگېنەقۇن»، «يىرىم 6 - ئاي» قاتارلىقلار بار.

[t]كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى[/t]
پۈتكۈل كىتاب، مۇستاپا كامالنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى مەلۇم بولۇشقا باشلىغان 1923 - يىلى 11- ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ، 1938 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 -كۈنى ئاتا تۈرك كۆز يۇمغۇچە بولغان ئارلىقتىكى ئەھۋاللار ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ خاتىرىلىدىن پاكىت ئېلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق رەسمىي ئاخبارات شەكلىدە يېزىلغان.
ئاتا - تۈركنىڭ ھاراق ۋە تاماكنى زىيارە كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقىدىن ۋە كۆپ چارچاشتىن «جىگەر ياللۇغى» كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى. كېسەلنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا دوختۇرلار توغرا دىئاگۇنۇز قويالماي سەل قارالغانلىقى، ھەتتا خىلى ئېغىرلاشقاندىمۇ «زۇكام»، «قىچىشقاق»، «چۈمۈلە چىقىۋېلىش» دېگەندەك دىئاگۇنۇزلار قويۇلغانلىقى. ئاتا تۈركنىڭمۇ سالامەتلىك ئەھۋالىغا سەل قاراپ، دوختۇرلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھاراق - تاماكىنى چەكلىيەلمىگەنلىكى. كېسەللىك ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ، ئاتا تۈرك يېقىلغاندا ئاندىن فرانسىيەدىن دوختۇر تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە «جىگەر قېتىشىش» دەپ دېئاگۇنۇز قويۇلغانلىقى. بىر مەزگىل سېستىملىق داۋالانغان بولسىمۇ، فرانسىيەلىك دوختۇر قايتىپ كەتكەندىن كىيىن ئاتا تۈرك جاھىللىق بىلەن يەنە جاپالىق خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەنلىكى. ھەتتا ئۆرە تۇرغۇدەك مادارى قالمىغاندىمۇ، خەلقاراغا ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى تارىلىپ كىتىپ، تۈركىيگە چىش بىلەپ تۇرغان مۇستەملىكىچىلەرنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىزمەت تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتلەردە بولغانلىقى. ئەڭ ئاخىرىدا كېسەللىك ئەھۋالى قاتتىق ناچارلىشىپ، ئۆرە تۇرالماس بولۇپ قالغانلىقىدەك تەپسىلاتلار، ئاتا تۈركنىڭ شەخسىي دوختۇرى ۋە باشقا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بايانلىرىغا تايىنىپ تەپسىلىي ۋە لوگىكىلىق ھالدا يېزىلغان.

[t]كىتاب ھەققىدە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم[/t]
1. كىتابتىكى ھەربىر ماقالىدە ئاتا - تۈركنىڭ بۈيۈك سىياسىيون بولۇپلا قالماستىن، تۇرمۇشتا ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر شەخىس ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئاتا تۈركنىڭ خۇشچاقچاق، تۈركلەرگە خاس باتۇر(قارام) لىقى مەندە ئۆزگىچە تەسىر قالدۇردى.
2. خەلقارالىق تەسىرگە ئىگە بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ سالامەتلىكىگە شۇنچىلىك دەرىجىدە سەل قارالغانلىقى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيەنىڭ تېببى ساھەدىكى تېخنىكىسىنىڭ شۇ قەدەر قالاقلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى.
3. «ئاتا تۈركنىڭ ئۆلىمىدە مەلۇم سۈيقەسىتلەرمۇ بولىشى مومكىن» دېگەن سۇئالىمغا مەزكۇر كىتابتىنمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىدىم. بەلكىم تەقدىر شۇنداقتۇر....
4. ئاتا - تۈركنىڭ ھاراق، تاماكا، تانسا... دېگەندەك ئەينى ۋاقىتتىكى غەرب مەدەنىيەت ئامىللىرىغا مەپتۇن بولىشىدىن ئۇنىمۇ "ياۋرۇپا مەدەنىيەت تەسىرىگە خىلى ئۇچىرىغان" دەپ ئويلىدىم ۋە باشقا تۈرك رەھبەرلىرىگە قارىغاندا خەلقارا تەسىرىنىڭ زور ئىكەنلىكىنىمۇ شۇلارغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلدىم.
5. ئاتا تۈركنىڭ مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى كۆزلرىمگە نەچچە رەت ئىسسىق ياش تولدۇردى.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (6)
نەقىللەر (0)
  1. مەلەك [ جۇغلانما: 12 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2013/11/13 14:17

    مۇنداق بىر كىتابنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم يوقكەنتۇق.
    ئاتا تۈرك ھەققىدە بولۇنغان بۇندىن بىر ئىككى يىل بۇرۇنقى ئەلكۈيىدە ئېلىپ بېرلغان زىيالىيلار تارتىشىشى ئېسىمگە كەپ قالدى.
    ئاتا تۈرككە باھا بېرىشتە يەنىلا بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىشى نۇقتىنەزىرىدە تۇرۇپ باھا بەرگەن ياخشى. بەزىلەر دەيدۇ دىنى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمىۋەتكەن، ئەزاننىمۇ تۈركچە توۋلاشقا بۇيرىغان، ئىسلامى كىتابلارنى كۆيدۈرىۋەتكەن دەيۈز دېيىشىدۇ، يەنە بەزىلەر دەيدۇ ئاتا تۈرك بولمىسا بۈگۈنكى تۈركىيەبولمايتى ….
    مەنچىمۇ ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى جەزىملەشتۈرگەن ئاساستا ئاندىن خاتالىقىغا باھا بەرگەن ياخشى.
    مۇنۇ كىتابنى ئىزدەپ باقسام بولغۇدەك

    • app mahiri [ جۇغلانما: 4 نومۇر ] unknowunknow @ مەلەك 2013/11/16 18:57

      ئۇ مۇستاپا كامال دىگەن ئوسمان تۈرۈك ئىسلام خەلىپىلكىنىڭ يىقىىلىشىغا زور كۈچ چىقارغان ئادەم بىز ئاللاھنىڭ بەندىسى بولغان ئىكەنمىز ئۇ مۇستاپا كامال دىننىڭ دۈشمىنى بولىدۇ ئەلۋەتتە http://www.azhariler.com غا كىرىپ شۇ يەردىن كۆرۈپ بىقىڭ بولمىسا …..

      • ۋەھىمە [ جۇغلانما: 19 نومۇر ] unknowunknow @ app mahiri 2013/11/23 06:16

        ئەرەبلەر ئىنگىلىزلاربىلەن بىرىلىشىپ تۈرۈكلەرگە ياندىن پىچاق سالمىغان بولسا مۇستاپا كامال مۇ ھەرگىز خەلپىلىكنى يىقىتىدىغان ئىشنى قىلمايتى ، ھەممىسى ئەرەبلەردىكى يۇزسىزلىك ، ئەگەر كامال شۇنداق قىلمىغان بولسا ھازىرقى ئىرانىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتقان تۇركىيەنى كۆرەتتىڭىز،

  2. ئالپبەگ [ جۇغلانما: 9 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2013/11/20 13:25

    مۇستاپانىڭ تۆھپىسىدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
    بىر پۈتۈن ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنى غەربكە قوشقوللاپ تۇتۇقۇزۇپ قويىدۇ. پارچىلانغان تۈركىيەنى قۇتقازغىنى يالغان! ئۇنىڭ كېلىپ – چىقىشىمۇ ئېنىق ئەمەس.
    نۇرغۇنلىغان دىنىي ئۆلىمالارنى قەتلى قىلغان. ئاتالمىش «ئىلمانىزىم» دېگەن سەپسەتىنى توقۇپ، كىشىلەرنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرغان. بۇ يىلدىن بويانقى تۈركىيەدىكى نامايىشلاردا ئاشۇ كامالچىلار، ئىلمانىيلار، يەھۇدىلار…. قاتارلىقلار بىرلىكتە ئىسلامغا قارىشى چىقتى.
    كامالنىڭ كەينىدە نۇرغۇنلىغان سىرلار يوشۇرۇنغان…. ئۇ ئادەمنى داھىي دېيىشكە بولمايدۇ. «ئۇلۇغ» سۆزىنى بىر ئاللاھقا ئىشلەتسەك توغرا بولار ئەمدى
    تەشناباي، كۆزلىرىگە ئالدىراپ ياش ئالمىسىلا بۇ كىشى ئۈچۈن. توردىن ماتېرىيال كۆرۈپ باققايلا

  3. تەشنايى [ بىلوگ ھۆكۈمدارى ] unknowunknow كىگىز 2013/11/20 18:00

    ماقا بېگىم، سۈرتىۋەتتىم كۆزۈمنى :razz: . دېمىسىمۇ مۇرەككەپ شەخىس بۇ، ھەر ئادەمنىڭ باھاسى ھەر خىل!

    • پادىچى [ جۇغلانما: 53 نومۇر ] unknowunknow @ تەشنايى 2014/03/25 21:38

      مەيلى ئۇ مەلئۇن بولسۇن ياكى بولمىسۇن … ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى … قان – زەرداپقا ھامىلدار بولغان تارىخنىڭ ئەلەملىك تولغاقلىرى تېخىچە ئاخىرلاشقىنى يوق … … ئەمدى بولسىمۇ بۇ ئاخىرى چىقماس تىما ھەققىدە تالاشمىساق قانداق !

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش