ئەسسالام ئەلەيكۇم،
شۇنداق قىلىپ، بىكار ۋاقىتلىرىمدا كىتابنى ئوقۇۋەردىم...
ئارقا كۆرۈنۈش: ئوغدۇرمىش ئوردىدا ئىشلەشكە ماقۇل بولغاندىن كېيىن، ئۆگدۈلمىش ئوغدۇرمىشقا ئوردىغا بارغاندىن كېيىن ھەرخىل كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكىنى ئايرىم-ئايرىم سۆزلەپ بېرىدۇ.
قۇتادغۇبىلىك (نەسىرى يەشمىسى)
- يۈسۈپ خاس ھاجىپ
غازلار ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن قاراغوجىلارنى كۆردۈم،
جۈپتىغا قارىسام، ھەر ئىككىلىسى قاپقارا ئىكەن.(D4198)
...
ئۇچار قۇشلارمۇ ئۆز ھەمراھىنى بىلىدۇ، توپىنى تاپىدۇ،
سەن-ئادەم، ئارلىشىدىغان كىشىڭنى تاللا.
...
نادانغا يېقىنلاشما، ئەي ئاق كۆڭۈل،
دىققەت قىلغىنكى، ئاق نەرسىگە قارا تېز يۇقىدۇ.
...
دوست تۇتۇش ئاسان، قوغداش قىيىن،
دوست بولماق ئاسان، ياراشماق قىيىن.
...
دۆلەت بىلەن ئۆچەكەشمە، يارىشىپ ئۆت،
ياراشمىساڭ دۆلەت، ئېشىڭنى ئوغا قىلىدۇ.
...
ئاۋامنىڭ قورسىقى تويسا، تىلى ئۇزىرايدۇ،
بېسىپ، قاتتىق باشقۇرمىسا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىدۇ.
...
ئۇ تېۋىپ دەيدۇ: دورىنى يېسە، كىسەل شىپا تاپىدۇ،
بۇ ئەپسۇنچى دەيدۇ: تۇمار ئاسسا جىنلار قاچىدۇ.
...
كىشىنىڭ چۈشى ياخشى بولسا، خۇشال بولۇش،
يامان بولسا، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاللاغا سېغىنىش كېرەك.
...
ھەممە قىمىرلىغۇچىلار يەر يۈزىدىن رىزقىنى تاپىدۇ،
يۈرگۈچىلەرنىڭ ئاش-بوغۇز، ئۇچارقاناتلار دان.
...
سېنىڭ ئايدەك ئوغول-قىزىڭ تۇغۇلسا،
ئۆيۈڭدە تەربىيلىگىن، باشقىلارغا تاشلاپ قويما.
...
كۆز كۆرمىسە كۆڭۈل ئارزۇ قىلمايدۇ،
ئەي ئوغلان، كۆزۈڭ كۆرگەندە كۆڭلۈڭ خالايدۇ.(D4515)
ئىمتىھان ھەپتىسى يېقىنلاپ قالدى. يەنە بىئارام بولغىنى تۇردۇم...
خەپ مەلىم...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باشتىكى تۆت مىسرانى جۈپتىنى تاپالمايۋاتقانلارغا بىر ئوقۇپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ. ھا…ھا… :ۋىيەي:
دۆلەت بىلەن ئۆچەكەشمە، يارىشىپ ئۆت،
ياراشمىساڭ دۆلەت، ئېشىڭنى ئوغا قىلىدۇ….
…
ئابدۇقەييۇم ئېمىننىڭ دېكلاماتسىيىسى قىستۇرۇلغان بولسا تېخىمۇ پەيزى بولاركەن
دىكلاماتسىيە ھۆججەتلىرىغۇ تولۇق بار ئىدى. لېكىن توردا تارقىتىۋېتىشنى تازا لايىق كۆرمەي قويدۇم. سېتىۋالسۇن ئىككى قىتىملىق راڭپىزىنىڭ پۇلىغا چىداپ :ھا ھا: