Home >  > «P,NP ۋە مۇمكىنسىزلىك ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق كىتابتىن تەسىرات

«P,NP ۋە مۇمكىنسىزلىك ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق كىتابتىن تەسىرات

10

ئۈستىلىمىزدىكى كومپىيۇتېرىمىزنىڭ ئىقتىدار ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن ئۈزۈلكسىز تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كىلەلىشىدە نەچچە مىڭلىغان ماھىر پىروگىراممىرلار ۋە ئىلىكتېر ئىنجېنىرلىنىڭ تۆھپىسى بولغاندىن سىرىت، بۇ ماشىنىنى لوگىكىلىق ئىقتىدار جەھەتتىن كۈچەيتىشتە كومپىيۇتېر نەزەرىيچىلىرى ۋە ماتىماتىكا ئالىملىرىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. ئەنە شۇ نەزەرىيچىلەر تۇرمۇشتىكى ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىلەرنى، ماتىماتىكا، فىزىكا، پەلسەپە... قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنىڭ ياردىمىدە،مۇۋاپىق ھىسابلاش ئۇسسۇلى(ئالگورىفما - algorithm) بىلەن ھەل قىلىپ، كومپىيۇتېردىن ئىبارەت بۇ قالتىس ھىسابلاش ماشىنىسىنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ(ئالگورىفمانىڭ رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ھەممىمىز قول قويىدىغان ئىزدەش ماتورى google نىڭ ئىنتايىن كىلاسسىك بولغان كىچىككنە بىر ئالگورىفما پروگراممىسىنى يادرو قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى چۈشەنسەكلا كۇپايە). بۇ نوقتىدىن قارىغاندا كومپىيۇتېر نەزەرىيلىرى بىلەن ئۇچىرىششىمۇ ھەقىقەتەن مۇھىم. تۆۋەندە مەن ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ۋە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان بىر كىتابنى دوستىلارغا تونۇشتۇراي:

[t]كىتاب چۈشەندۈرۈلۈشى[/t]

كىتاب ئىسمى(ئەسلى تىلى - ئىنگىلىزچە): The Golden Ticket:P,NP and the Search for the Impossible

كىتاب ئىسمى(تەرجىمە تىلى-خەنزۇچە): 可能与不可能的边界-P,NP问题趣史

كىتاب تىلى: خەنزۇچە(تەرجىمە نۇسخىسى)

كىتاب ئىسمى(ئۇيغۇرچە): ئالتۇن بىلەت: P,NP ۋە مۇمكىنسىزلىك ھەققىدە ئىزدىنىشلەر

ئاپتورى: Lance Fortnow    خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ياڭ فەن  杨帆

نەشرىيات: خەلق پوچتا - تېلىگىراف نەشرىياتى

نەشر قىلىنغان ۋاقتى(خەنزۇچە نەشرى):2014 - يىلى 1- ئاي

كىتاب باھاسى: 39.00

كىتاب ھەجىمى: 32 كەسلەم 146 بەت

كىتاب مۇندەرىجىسى:جەمئىي 10 باب

1- باب: ئالتۇن بىلەت

2- باب: خىيالى دۇنيا

3- باب: P ۋە NP

4- باب: ئەڭ قىيىن بولغان NP مەسىلىسى

5- باب: P ۋە NP نىڭ بارلىققا كىلىشىدىن بۇرۇنقى تارىخ

6- باب: قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش

7- باب: P≠NP نى ئىسپاتلاش

8- باب: مەخپىيەتلىك

9- باب: كۋانت

10- باب: كەلگۈسى

[t] ئاپتور ھەققىدە ئىككى كەلىمە[/t]

Lance Fortnon داڭلىق كومپىيۇتېر ئالىمى. گېئورگىيە سانائەت پەنلىرى ئىنىستوتى، كومپىيۇتېر ئىلمى فاكۇلتىتىنىڭ پروفېسسورى، فاكۇلتىت مۇدىرى. ھىسابلاش مۇرەككەپلىكى ۋە دىئالۇگلىق ئېنىقلاش ساھەلىرىدىكى مول نەتىجىلىرى بىلەن كومپىيۇتېر ساھەسىدە داڭقى بار. Fortnow ئىلگىرى داڭلىق كومپىيۇتېر ئالىمى Michael Sipser نى ئۇستاز تۇتۇپ، ماسساچۇستىن سانائەت ئىنىستوتىنىڭ قوللىنىشچان ماتىماتىكا پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېلگىرى كېيىن بولۇپ، غەربىي شىمال ئۇنۋېرستىتى، چىكاكو ئۇنۋېرىستىتا پروفېسسۇر بولغان.

[t] كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى[/t]

نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلاشقا جەمىئىيەتتە غايەت زور كۆلەمدىكى ئۇچۇرلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ماتىماتىكلىك لوگىكا ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ ياردەمچى قوراللىرىدىن كومپىيۇتېر ۋە باشقا ماشىنىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئەقلىي، ھېچبولمىغاندا يىرىم ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈۋاتىدۇ.

مەزكۇر كىتابتا مۇرەككەپ ھىسابلاشلاردىن خالىي ھالدا، ئاۋۋال ئىنتايىن قىزىقارلىق ۋە ئاددى بولغان مىساللارنى ئېلىپ P/NP ھەققىدە دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگە قىلىدۇ.يەنى ئاددى چۈشەنگەندە: NP دېگىنىمىز كائىناتتىكى يىشىمى(جاۋابى) بار بولغان مەسىلىلەر توپلىمى؛  P دېگىنىمىز يىشىمىنى(جاۋابىنى) ناھايىتى تىزلىكتە تاپقىلى بولىدىغان مەسىلىلەردىن ئىبارەت. يىغىنچاقلىغاندا: زادى ھەرقانداق ئىشنىڭ(مەسىلىنىڭ) ئەڭ ئاددى(ئاسان) ئۇسسۇلىنى تىپىپ چىقىشقا بولامدۇ يوق؟ زادى قانداق مەسىلىلەرنىڭ يىشىمى يوق؟ بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىقىمىز، شۇ مەسىلىنىڭ بارلىق يېشىمى ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىسىنى تاپالمىغانلىقىمىزدىنمۇ ياكى ئۇ مەسىلىنىڭ قەتئىي يىشىمى بولمىغانلىقىدىنمۇ؟

بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا مۇنداق تەسەۋۋۇر ئاساسىدىكى مىساللار ئېلىنغان: ئېبانا ئالگورىفماسى - 2016 - يىلىغا بارغاندا چېخىيلىك بىر ماتىماتىكا ئالىمى مۇرەككەپ NP مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان بىر ئالگورىفما ئىپادىسى تۈزۈپ چىقىدىكەن، بىر قانچە ماتىماتىكا ئالىمى بەس - بەستە مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، روسىيلىك بىر پروگراممىر يۇقىرىقى ئالگورفمانى يەنە بىر قەدەم ئەلالاشتۇرۇپ، كومپىيۇتېر سېستىما كودىنى تۈزۈپ چىقدىكەن، بىر يىلدىن كېيىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ كودلىرىغا تولۇقلاش ئېلىپ بېرىپ، ئىجرا ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىكەن، لېكىن بۇ پىروگراممىنى دەرىجىدىن تاشقىرىي كومپىيۇتېرلاردا ئىقرا قىلغاندىمۇ يەنىلا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىگەن.  كېيىن ئامىرىكىدىكى بىر مەكتەپتىن چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىغا بىلىم ئالماشتۇرۇشقا كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى يۇقىرىقى كودلاردىن ئىلھام ئېلىپ، سېستىما ئىقتىدارىنى نەچچە قېتىم ئەلالاشتۇرىدىكەن. ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قاتتىق تەلىپى ئاستىدا، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالگورىفمانى نۆۋەتتىكى بار بولغان ئالگورىفماغا  ھۆكۈم قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالگورىفمانى تېپىپ چىقىپ، كومپىيۇتېردا ئىجرا بولىدىغان پىروگراممىسىنى يېزىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىكەن. يەنى: نۆۋەتتىكى NP مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدىغان ئالگورىفماغا تايىنىپ ئۇنىڭدىن ئىلغارراقىنى ئىزدىتىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا 420 مىليۇن قۇر ماشىنا كودىدىن تەركىب تاپقان(ئەلۋەتتە بۇ كودلارنى سېستىما ئۆزى يازغان بولىدۇ)، ھەممىگە قادىر ئالگورىفما پىروگراممىسى بارلىققا كېلىدىكەن...

شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر پىروگرامما ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ DNA سىنى ئېنىقلاپ چىقىش نەچچە سىكۇنتلىق ئىشقا ئايلىنىدىكەن، داۋاسىز راك كېسەل بىمارلىرى دوختۇرغا كۆرۈنسە دىئاگۇنۇز نەتىجىسىنى بارماق دېسكىغا قاچىلاپ بېرىدىكەن، دورا بېرىدىغان دوختۇر بارماق دېسكىدىكى دىئاگۇنۇزنى ھىلىقى پىروگرامما ئارقىلىق ئىجرا قىلىپ، بىردەمدىلا كىسەللىك DNA سىنى قايتىدىن قوراشتۇرۇپ، بىمارغا دورا شەكىلدە ياساب بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ راك كېسىلى زۇكامدىنمۇ يىنىك بىر كېسەلگە ئايلىنىپ قالدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلىۋۇزۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ نەخمەيداندىكىگە ئوخشاش ھالەتتە مۇھسابىقە پىروگراممىلىرىنى كۆرۈش، مۇرەككەپ گۇررۇپپىلارغا بۆلۈش قاتارلىق بىر قانچە قىزىقارلىق مىساللارنى ئالغان.

دېمەك پۈتكۈل كىتابتا N/NP مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر بايان قىلغان. كىلاسسىك ئەقلىي ئويۇنلار، مەسىلەن: سان تولدۇرۇش، مىنا تازىلاش، سىھىرلىك كۇب(魔方) ۋە ماتىماتىكا دۇنياسىدىكى ھازىرغىچە جاۋابى تىپىلماي كەلگەن بىر قانچە كىلاسسىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيۇتېردىكى ئۇچۇر ئىزدەش، مەخپى نومۇر ۋە يېشىش، كۋانت نەزەرىيسى قاتارلىق نورغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە كىشىنى پايانسىز تەپەككۇرغا باشلايدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

ئەلۋەتتە مەزكۇر كىتابنى چۈشىنىش ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە كەسپىي ئاساس بولۇشى كېرەك. ئۆزۈمنىڭمۇ بىلىمىم كەمچىل بولغاچقا تولۇق چۈشىنىپ كىتەلىدىم دىيەلمەيمەن. ئەمما بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەقەت تەپەككۇرىمىزنى ئازراقلا ئۆزگەرتىپ، باشقا نۇقتىدىن ئويلىساق ھەل قىلالىشىمىزنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. مەسىلەن: كومپىيۇتېر تېخنىكىسى ھازىر تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى باسقۇچقا يەتتى، بىراق بىز بۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەيمىز. دېمەك، تېخىمۇ يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈش، كومپىيۇتېرنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇش تامامەن مۇمكىن. پەقەت بۇ بىر ۋاقىت مەسىلىسى، ئەمما ئىزچىل تەرەققىي قىلغانچە چەكسىز تەرەققىياتقا ئىرىشىپ كېتىشى يەنە مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ھەر قانداق مەسىلىنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسسۇلى پەقەت بىرلا بولدۇ(بۇنى ئېنىقلانغان دەپ قارىساق). دېمەك ئون يىل ئاۋۋالقى كومپىيۇتېر بىلەن ھازىرقىنى سىلىشتۇرساق غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بايقايمىز، بەلكىم يەنە ئون يىلدىن كېيىن ھازىرقى ھالىتى ئىپدائىييلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر N=NP نىڭ توغرا ئېكەنلىكى ئېنىقلانسا، كائىناتتا ھەل قىلىشقا بولمايدىغان مەسىلە يوق، پەقەت ھەل قىلىش چارىلىرى ئىچىدىكى مۇۋاپىقى تېخىچە تاپالمايۋاتقانلا بولىمىز. لېكىن ھازىرغىچە بۇ ئىپادىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغىنى يوق، ئەكسىچە، ئالىملار نەچچە ئون يېىللىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق 21 خىل ئېنىق بېكىتىلگەن يېشىمسىز مەسىلە(يەنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان) نى تىزىپ چىققان. دېمەك كەلگۈسى تېخنىكا تەرەققىياتىغا باھا بېرىشتە يەنىلا ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باقماي ئامال يوق.

 

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (10)
نەقىللەر (0)
  1. چاشقان [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/07/09 22:11

    ئالگورىزىم، ئالگورىفما ئەمەس. تۈزىتىپ قويسىڭىز. PNP دېسىڭىز تەقلىدىي توك يولى تېخنىكىسدىكى ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا ئوخشايدۇ،دەپتىمەن.

  2. تىموچىن [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/07/11 21:01

    بىلىمىڭىز كۆپكەن . ئەپسۇس مەندەكلەر بۇ گەپلەرنىڭ بىرىنىمۇ چۈشەنمىدىم . :ئاھ:

  3. Ahmatjan Mahmut [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/07/15 07:09

    bu kitab uighur tilida baxargha seliniptimu ? kitabhanilardin tapkili bolamdikan ?

  4. مىسرانى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2014/08/06 17:33

    دېمەك، N=NP ياش ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىگە قالدى دەڭ؟ : ئانىمەي:

    • padichi [ قىرىقىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ مىسرانى 2014/08/06 21:11

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام بۇرادەر!

      پاراڭلاشساق ، پىكىرلەشسەك ، ھەمكارلاشساق ، ئورتاقلاشساق ،…. ئەلىۋەتتە بولىدۇ.

      ئالاقىلىشش ئۇسۇلىنى تاشۋاي ئاغىنە قالدۇرۇپتۇ ، يېقىنقى ۋاقىتلاردا ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش بولۇپ كىتىۋاتىمەن شۇڭا بولسا ئېلىخەتكە خەت قالدۇرۇڭ ھەم باشقا قېرىنداشلارمۇ شۇ! چۈنكى كىيۇ كىيۇ خىزمەتكىلا ئىشلىتىلىش پىلانى بولغاچقا خىزمەتكە ئازراقلا دەخلىسى بولسا يۇيىۋىتىشىم مۇمكىن. شۇڭا ئېلخەتتە كەڭ كۇشادە پاراڭلىشايلى! — خەت قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن 24 سائەت ئىچىدە جاۋاب بېرىمەن. esedulla@sina.com كۆپ رەھمەت! تاشۋاي سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت ئاداش

  5. تورماھىرى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2014/11/07 13:01

    مانىڭ ھەقسىز نۇسخسىنى بولسا قايسڭلار ئەۋەتىپ بىرەلەيسىلەر

  6. ماركو [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 21.0.1180.89Windows 7 6 -قەۋەت 2014/12/30 05:22

    بۇ كىتاپنىڭ .ئۇيغۇرچىسى يوقما

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش