ئۆتكەندە ئۈندىداردا بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 خىل تىل ئارا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلالايدىغان ماشىنا تەرجىمە سېستىمىسى پەيدا بولدى، ھەمدە ماشىنا تەرجىمىچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىنى ماھىيەت جەھەتتىن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ ئۈلگۈردى. ئەمەلىيەتتە مەخسۇس ماشىنا تەرجىمىچىلىك ساھەسىدە گوگلې قاتارلىق چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىزدىنىۋاتقىنىغىمۇ نەچچە ئون يىل بولدى. لېكىن ئىنسانلار تىل - ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ كۆپخىللىقى، ھەرقايسى تىللارنىڭ ئىشلىتىلىش جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكى، ھېسسىي تۇيغۇ ئىپادىلەش جەھەتتىكى كۆپخىللىقى بىلەن، يۈز پىرسەنتلىك توغرا تەرجىمە قىلالايدىغان ئۈسكۈنىلەر تېخىچە بارلىققا كەلمىدى، ھەم كېلىشى مۇمكىنمۇ ئەمەس.
بىراق، كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، يېزىقنى ئاساس قىلغان ماشىنا تەرجىمىچىلىكى تۇرمۇشىمىزغا خىلى چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. مەسىلەن: ئۇيغۇر سوفىت، ئوكيان، ئىزدە ... تور لۇغەتلىرى، گوگلې، بەيدۇ قاتارلىقلارنىڭ تېكىسىتلەرنى مەلۇم نىسبەتتە توغرا تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدىغان تور تەرجىمانلىرى قاتارلىقلار.
رېئال ئاۋازلىق تەرجىمە دېگىنىمىزدە: كىشىلەرنىڭ مەلۇم تىلدا سۆزلىگەن ئاۋازىنى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقا تىللارغا ئاۋازلىق، ياكى يېزىق ھالەتتە تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرغىچە تېخنىكا ساھەسىدە ئاۋازنى پەرق ئېتىپ، يەنە شۇ ئاۋاز ھالەتتە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بولماي كەلدى. لېكىن نۆۋەتتە كۈنسايىن تىزلىشىۋاتقان تور سۈرئىتى، تارقاقسىمان ھېسابلاش تېخنىكىسى، ۋە بۇلۇت تېخنىكىلىرىنىڭ ياردىمىدە كىشىلەرنىڭ مەلۇم تىلدا سۆزلىگەن ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈپ، يېزىققا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، نىشان تىلغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ. ھەمدە پۈتكۈل جەريانغا قىسقىلا ۋاقىت كېتىدۇ. دېمەك موشۇ تەپەككۇر بويىچە: نۆۋەتتىكى تىلدا ئاۋاز - نۆۋەتتىكى تىلدا يېزىق - نىشان تىلدا يېزىق - نىشان تىلدا ئاۋاز باسقۇچلىرىنى تاماملاپ، ئاۋازلىق تەرجىمە ئۈسكۈنىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن.
Google Translate رېئال ئاۋازلىق تەرجىمە سېستىمىسى دەل يۇقىرىقى بايانلىرىمىزدا دېيىلگەندەك ئىشلەتكۈچىنىڭ مەلۇم تىلدا سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، شۇ تىلدىكى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. ئاندىن تاللىغان تىل يۆنىلىشىدە يېزىق ھالەتتە تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ. بۇ سېستىمىنىڭ ئاندرويىد نۇسخىسى 2013 - يىلى 7 - ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا IOS نۇسخىسى بىلەن بىرلىكتە يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى. بۇنەشرىدە 90 دىن ئارتۇق ئاساسىي تىلنى قوللىغاندىن سىرىت، تەرجىمە سۈرئىتى تېخىمۇ تىزلەشتۈرۈلگەن. مەسىلەن تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈپ باقايلى:
رېئال ئاۋازلىق تەرجىمە ئىقتىداردىن باشقا Google Translate قا يەنە يانفۇن ئارقىلىق رەسىمگە تارتىۋالغان بەلگە، ماركا قاتارلىقلارنىڭ يېزىقىنى ئاپتوماتىك تونۇپ، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن. بۇ ئىقتىدارنىڭ سەپلىنىشى، گوگلې يېقىندا سېتىۋالغان Word lens شىركېتىنىڭ تۆھپىسى دەپ قارىلىدۇ. دېمەك موشۇ ھالەت بويىچە ماڭسا، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن بۇ سېستىمىلارنىڭ ياردىمىدە دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىغاندەك تۇرىمىز. ئەلۋەتتە ماشىنا تەرجىمىچىلىكى مەڭگۈ يۈز پىرسەنت توغىرلىققا ئىگە بولالمايدۇ، ئەمما نۆۋەتتىكىدەك تىز رېتىمىلىق ئۇچۇر دەۋرىدە، ئاساسىي مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئىش.
Google Translate نىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: IOS Android
ماشىنا تەرجىمىچىلىكىمۇ كۆپ ھالداللاردا ئەس قاتىدۇ، لىكىنزە Google Translate غا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىخى قىتىلمىغىنى كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ
بىر كۈنلەردە ئۇيغۇر تىلىمۇ قېتىلىپ قالار. لېكىن بۇ يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق…
قالتىس! – ئاۋاز سېزىش ۋە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش تېخىنىكىسى بىر قەدەر زىل تخنىكا ھىسابلىندۇ ، چۇنكى ئاۋازدا يىزىقتا بولمىغان ، ئىنتوناسسىيە يەنى ھىسيات ئىپادىلمىسى ، شىۋە ، ۋە كۈچلۈك ھىسيات بىرىككەن بولىدۇ ، يەنە تېخى مەلۇم مەزمۇننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئىشلىتىشى ئوخشىماسىلىقتەك تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەھۋاللارمۇ دائىم ئۇچرايدۇ … گوگىلنىڭ ئىشىغا كەلسەك ، كۈچلۈك ئىقتىساد زاپىسى بىلەن گوگىلنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات سېلىنمىسىغا بەرداشلىق بېرەلىشى نورمال ئەھۋال ، ئەمما مەن بۇ جەھەتتتە ئۇلارغا ھەقىقەتەن قايىل! — يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
گوگۇلنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى ئېچىشقا سېلىۋاتقان مەبلىخى ھەقىقەتەن كۆپ. بۇ جەھەتتە باشقا شىركەتلەر گوگۇلغا يەتمەيدۇ زادى.. شوپۇرسىز ماشىنىنىمۇ موشۇلارنىڭ زور تىرىشچانلىقى رېئاللىققا ئايلاندۇردى – دە…