Home >  > ”مىكرو سودا“ ھەققىدە ئويلىغانىرىم

”مىكرو سودا“ ھەققىدە ئويلىغانىرىم

10

"مىكرو سودا" دېيىش توغرىمۇ يوق بىلمىدىم ، يەنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېىلىرىدىغان بىرخىل يېڭىچە تىجارەت ئۇسسۇلىنى ئۇدۇللۇق "مىكرو سودا" دەپ ئالدىم. بۇخىل يېڭىچە سودا مىتودىنىڭ قاچاندىن باشلاپ بارلىققا كەلگىنىگىمۇ ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەيمەن. ئەمما بۇ ساھەگە دىققىتىم ئاغدۇرۇلغىنىدا بولسا ئاللىبۇرۇن خىلى كۆلەملىشىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۈندىدار دوسىتلار چەمبىرىكىدە باشقىلارنىڭ مىكرو دۇكان ياكى تىجارەت سالۇنلىرىنى تەشۋېقات قىلىشلىرى، مىكرو بىلوگ ۋە باشقا ۋاستىلەردىمۇ ھەرخىل دوستانە ئۇسسۇلدا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئالاقىداش دوستلىرىغا تەشۋىق قىلىشلىرى مەندە بۇ ساھەگە قىزىقىش قوزغاتماي تۇرالمىدى.

ئەلۋەتتە سىزمۇ بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرگەنسىز: "بۇ مېنىڭ قىز دوستۇمنىڭ مىكرو دۇكىنى، ھەرخىل سۈپەتلىك گىرىم بويۇملىرى ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ، دوستلار تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار..."، "بۇ مېنىڭ مىكرو دۇكىنىم، ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ ئەگىشىۋىلىڭ، ھەرخىل ئەرزان باھالىق كاستيۇم بۇرۇلكىلار سېتىلىدۇ..." دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى تولا ئۇچىراتقانسىز. بېشىدا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز، بارغانسىرى ئەدەپ كېتىپ بارغان تەشۋىقاتلارغا ئىچىڭىز پۇشۇپ، ئۇ دوستىڭىزنى ئاستاغىنا چىقىرىپمۇ تاشلىغانسىز. خوش، ئۇنداقتا بۇخىل تىجارەت ئۇسسۇلى زادى قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ كەلگۈسىدە قانچىلىك تەرەققىياتلارغا ئىرشەلەيدۇ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتە پىقىرنىڭ كالتە بولسىمۇ ئويلىغانلىرىمدۇر.
"مىكرو سودا" دېگەن زادى نېمە؟مىكرو سودا دېگەندە ئاساسلىقى" ئۈندىدار، دوستلار چەمبىرىكى، QQ بوشلۇقى، بىلوگ ۋە مىكرو بىلوگ قاتارلىق بىرەسمىي سودا مۇھىتى بولغان، كۆپ كىشىلەر يىغىلغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان سودا – سېتىق" دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ئوبىكتى ساتقۇچى تەرەپنىڭ دوستلىرى ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىداشلىرى بولىدۇ. دېمەك، "مىكرو سودا" ئەمەلىيەتتە تور سودىسى تەققىي قىلىش جەريانىدا، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان بىر شاخچە، ياكى تېخىمۇ بىۋاستە ئالغاندا تور سودىسى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالغان بىر خىل تىجارەت ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا مىكرو سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى: "ئەلۋەتتە بولىدۇ". پۇل تاپقىلى بولمىغىنىدا شۇنچە كۆپ قىزلار ئۈندىداردا گىرىم بويۇملىرى، ئىچ كېيىم سېتىپ يۈرسۇنمۇ؟! بىراق، زىيادە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىشىمۇ ناتايىن. چۈنكى ئۇ خىل بىرەسمىي سودا مۇھىتىدا چوڭ تىپتىكى، قىممەت باھالىق بويۇملارنى سېتىپ چىقىرىش تازا مۇمكىن ئەمەس، يەنىلا بىر قىسىم ئۇششاق تۇرمۇش بويۇملىرى ئاساسلىق سېتلىش ئوبىكتى بولىدۇ. دېمەك، مىكرو سودىدىن پۇل تېپىش پەقەت پۇل تاپىمغاندىن ئازراقلا پەرقلىنىدۇ خالاس.

ئەگەر بىز مىكرو سودىنىڭ ئومۇمى جەريانىنى ئىھرام مۇنارىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئىھرامنىڭ چوققىسىغا قانچە يىقىنلاشقانسىرى تاپقىلى بولىدىغان پايدا شۇنچە كۆپ بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇششاق تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىكرو سودىگەرلەر قانداق قىلىپ كۆپ پۇل تاپالايدۇ؟ شۈبىھسىزكى ئۇلار ئامال قىلىپ ئىھرامنىڭ چوققا قىسمىغا يېقىنلىششى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپ ۋاكالەتچى يېغىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇششاق ماللار قاتلاممۇ – قاتلام ۋاكالەتچىلەردىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۈندىدار ياكى باشقا سۇپىلاردا بىۋاستە سېتىپ چىقارغۇچى مىكرو سودىگەرلەرنىڭ قولىغا كېلىدۇ. دېمەك، بۇ جەرياندا تاپقىلى بولىدىغان ئاساسلىق پۇل يۇقىرى قاتلامدىكى ۋاكالەتچى ياكى توپ تارقاتقۇچى تەرىپىدىن شىلىۋىلىنغان بولىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا سېتىپ چىقارغۇچىلارنىڭ تاپالايدىغان پۇلى يوقنىڭ ئورنىدا بولىدۇ.

لېكىن، مىكرو سودا نېىمىشقا بۇنچە ئاۋاتلىشىپ كېتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەملەر مىكرو سودا بىلەن شۇغىللىنىپ قالىدۇ؟ تۆۋەندە بۇلارنى تەھلىل قىلىپ باقايلى!
كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، تور سودىسى چوڭ بىر ساھەدىن ئىبارەت. تور سودىسىنى تازا چۈشەنمەيدىغانلار ھېچ بولمىسا تاۋاباۋ تورىنى ئوبدان بىلىدۇ. تاۋباۋ ئاساسلىقى 3 تۈرگە بۆلىنىدۇ: بىرىنچىسى ئالى بابا گورۇھىنىڭ B2B خارەكتېرىدىكى كەسپىي تور بېتى. يەنى، تىجارەتچى بىلەن تىجارەتچى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش سۇپىسى. بۇخىل تور بەتنىڭ خىرىدارلىرى ئاساسلىق چوڭ زاۋۇت – كارخانىلار بولىدۇ، تەمىنلەيدىغان ماللىرى پۈتكۈل سودا ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىككىنچىسى بولسا، تىيەنماۋ دۇكىنى (ياكى ئىلگىركى تاۋاباۋ دۇكىنى) B2C خارەكتېردىكى تور بەت. يەنى، سودىگەر بىلەن شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۇپىسىدىن ئىبارەت. بۇ سۇپىدا تىجارەتچى بىلەن ئىستىمالچى ئوتتۇرىسىدا نازارەت ئاستىدىكى سودا – سېتىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈچىنچىسى بولسا، تاۋباۋ نېمكەش بازىرى C2C خارەكتېرىدىكى تور بەت.يەنى شەخىس بىلەن شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قول ماللارنى ئالماشتۇرۇش، سېتىش سۇپىسىدىن ئىبارەت.
دېمەك، يۇقىرىقلاردىن بىر قانۇنىيەتنى بايقايمىزكى: تاۋاباۋ تورىدىكى ھەرقانداق سودا – سېتىق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەلۇم بەلگىلىمە - پىرېنسىپ ياكى تۈزۈملەر ھەرقايسى تەرەپنىڭ سودا – سېتىق مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، چەكلەپ تۇرىدۇ. لېكىن مىكرو سودىدىچۇ؟! خالىغانچە بىر ئۈندىدار ياكى QQ ھىساۋاتى تۇرغۇزۇپ،ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئادەم توپلاپ، ئاندىن چەكسىز ئېلان ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا، باشقىلارغا ۋاكالەتچى بولۇپ، مەھسۇلاتلارنى دوستلۇق، تونۇشلۇق سالاھىتىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ سېتىشقا بولىدۇ. پۈتكۈل جەرياندىكى بىردىنبىر پېرىنسىپ پەقەت ۋە پەقەت شۇ دوستلۇق، ساۋاقداشلىق، تونۇشلۇق ھەتتا ئالاقىداشلىق مۇناسىۋىتىلا بولىدۇ خالاس. ھېچقانداق رەسمىي تۈزۈلمە ياكى نازارەتچىسى بولمىغان تىجارەتنىڭ سۈپىتىگە قانداقمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى، ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟ بەلكىم، "دوستۇمدىن، تونۇشۇمدىن، ساۋاقدىشىمدىن سېتىۋالدىم" دەپ ئىشەنچ قىلىشىمىز مۇمكىن. بىراق ئادەم دېگەن ھامان ئۆز كۆمىچىگە چوز تارتىدۇ، ھەم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار سېتىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر باشقىلارغا ۋاكالەتچىلىكتىن كەلگەن، بەلكىم ساتقۇچى ئۆزىمۇ ئۇ ماللارنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېنىق باھا بېرەلمەيدۇ. پەقەت شۇ دوستلۇق، تونۇشلۇقنى دەستەك قىلىپ سېتىپ چىقىرىپ، ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى ئاخىرقى مۇددىئا قىلىدۇ.

دېمەك، يۇقىرقى بايانلاردا ئىيتىلغاندەك، مىكرو سودىغا كۆپ مەبلەخ، باج ۋە زىيادە تەشۋىقات چىقىمى كەتمەيدۇ. پەقەت يىتەرلىك ئالاقە چەمبىركىمىز بولسىلا، خالىغان بىرەرسىگە ۋاكالەتچى بولۇپ دۇكان ئاچالايمىز. ھېچقانداق چىقىم قىلماي تۇرۇپ ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلالايمىز. ھەمدە بۇخىل تىجارەت بىزدىن زىيادە مۇلازىمەتمۇ تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت ئىجتىمائىي ئالاقە ئورنىدا ماللىرىمىزنى سېتىپ چىقرالايمىز. سېتىش ئوبىكتى ئاساسلىقى ئۆز تونۇشلىرىمىز ياكى ئالاقىداشلىرىمىز بولغاندىن كېيىن، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت جەھەتتە كۆپ تەلەپمۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇرغۇن كىشىلەر مىكرو سودا بىلەن شۇغىللىنىپ قالىدۇ.
بەزى مۇناەزىرىلەردە "مىكرو سودا يېڭى بىر تەرەققىيات پۇرسىتى، بۇ پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتكۈچىلەر نەچچە يىلدىن كېيىنكى مايۈن..." دېگەندەك گەپ سۆزلەرنىمۇ، قانداقتۇر مىكرو سودىغا قىزىقماسلىقنىڭ تولىمۇ نادانلىق ئىكەنلىكىدەك قاراشلارنىمۇ كۆردۈم. لېكىن، مەن مىكرو سودىنىڭ ئۇنداق غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشەلىشىگە ئىشەنمەيمەن. سەۋەبلرىىم تۆۋەندىكدەك:
1. "مىكرو سودا يېقىندا پەيدا بولدى، تۈزۈلمە، پىرېنسىپلىرى ئاستا – ئاستا مۇكەممەللىشىدۇ" دېيىش خاتا. چۈنكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئۆزى ئىنتايىن چوڭ ۋە مۇرەككەپ بىر ساھە، ئاندىن ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇلغان بۇخىل سودا ئۇسسۇلىنى مەلۇم تۈزۈلمە بويىچە قىلىپلاشتۇرۇش، قىسقىسى نازارەت قىلىش بەسىي مۆشكۈل بىر ئىش.
2. مىكرو سودا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرگە زىيادە تاينىۋىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تاۋارلاشتۇرۇپ قويىدۇ. دېمەك، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئۆز خارەكتېرىنى ساقلاش ئۈچۈن، مەلۇم تەرەققىيات پەللىسىگە يەتكەندە، مىكرو سودىنى سىقىپ چىقرىشقا مەجبۇرىي بولىدۇ.
3. تىز تارقىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى مىكرو سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى ھەققدىكى مەسىلىلەرنى ناھايىتى تىز تور دۇنياسىدا تارقىتىۋىتەلەيدۇ. دېمەك، ئالىمادىس كۆرۈلگەن مەلۇم مەھسۇلاتلاردىكى مەسىلىلەر شۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مىكرو سودا شەكلىدە سېتىلىشىغا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. دېمەك، بۇخىل ئۇسسۇلدا مىكرو سودا ئاخىرى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىدۇ.
4. تور سودىسىنىڭ تېخىمۇ قولايلىشىش، پۇل تۆلەش ۋە مال زاكاز قىلىش باسقۇچلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلىشى بىلەن، مىكرو سودا تور سودىسىدىن بارا – بارا تۈپكى ئالاھىدىلىك بىلەن پەرقلىنەلمەي قالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا رەسمىي سودا – سېتىق مۇھىتى بولغان، سېتىش، مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن سودا تورلىرىدىن تاۋار سېتىلىشىنى خالايدۇ.
يۇقىرىقىلار مېنىڭ مىكرو سودا ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنىڭ بىر قىسمى. بىتەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن، باشقا قاراشتىكىلەرنىڭ سەرخىل پىكىرلىرىنى قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (10)
نەقىللەر (0)
  1. modaphone [ جۇغلانما: 3 نومۇر ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇWindows 7 دىۋان 2015/05/13 13:20

    كۆزقارىشىڭىزغا پۈتۈنلەي قوشىلىمەن ، مەنمۇ ئىزچىل ئۈندىداردا مال سېتىۋېلىش ئىشەنچلىك ئەمەس ، يا مالغا ، يا ئۈندىدار سۇپىسىغا ئىشاچ قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىلىۋاتقان ، ھەم مال ئالمايتىم ، ئالدىنقى كۈنى دوسلار چەمبىرىكىنى كۆرىۋېتىپ، شۇنداق چىرايلىق ياغلىق كۆرۈپ قالدىم ، ئانىلار بايرىمىلىق ئاپامغا سوۋغا قىلاي دەپ ئويلاپ ، سېتىۋالدىم ۋە پۇلنى بىۋاستە ئۈندىدار ئارقىلىق تۆلىدىم ،ئىككىلى تەرەپ (成功付款,成功收钱) دەپ خەتنىمۇ تاپشۇرۋالدۇق ،ئەمما ئۇ قىزچاق پۇلنى تاپشۇرۋالالماپتۇ ، مەن تور بانكىسىدىن پۇل چىقىم بولغانلىقىنى تەكشۇردۇم ، قىزچاقمۇ بانكىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق پۇل كىرمىگەنلىكىنى ئىيتتى ، ئۈندىدار مۇلازىمىغا تېفۇن قىلىپ ئالاقىلىشالمىدىم ، مەن ئىلاجىسىز ئۇ قىزچاقنىڭ بانكا كارتىسىغا پۇلنى بىۋاستە ئۇرۇپ بېردىم . شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۈندىدار سۇپىسى سودا قىلىشقا قەتئىي ماس كەلمەيدىكەن :!: . بۇنىڭ تەرەققىياتى يوقكەن . بۇ بىر ۋاقىتلىق مودا ئېقىمكەن.

  2. ئۇيغۇربەگ [ جۇغلانما: 29 نومۇر ] Google Chrome 42.0.2311.135Windows 7 گىلەم 2015/05/13 14:25

    مەن ھېچنېمە دېمەسلىكنى توغرا كۆردۈم. چۈنكى مەن ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن.

  3. مېغىز [ جۇغلانما: 9 نومۇر ] Google Chrome 40.0.2214.111Windows 7 كىگىز 2015/05/13 19:29

    مېنىڭچە بۇنداق مىكرو سودا دىگىنىمىز يېقىن كەلگۈسىدە ھېچ بولمىغاندا بەش يىللاردىن كىينكى مەزگىللەردە يوقۇلۇش دەۋرىگە قاراپ مېڭىشى مۇمكىن ھەتتا ئۇ يەرلەرگىمۇ بارالماسلىقى مۇمكىن. بىر كۈنى بىر لىكسىيەگە قاتناشسام لىكسىيەدە مۇنداق دەيدۇ « يېقىن كەلگۈسىدىن باشلاپ سېتىق پەقەتلا ئىككىلا تۈرگە ئايرىلىپ باشقا ئۇسۇللار ئاساسەن يوقىلىدۇ، بىرى توردا سېتىش يەنە بىرى بىۋاستە سېتىش » مېنىڭچە بۇ گەپنىڭ ئورنى بار يېقىندىن بۇياق بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار توردىن مال سېتىۋېلىشقا قىزىقىدۇ ھەمدە تېخىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ. مىنىڭچىمۇ كىشىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى تېخنىكا بىلىم سەۋىيەسى ئاشقانسىرى ھەممە ئادەم توردا سودا قىلىشقا ئاتلىنامدىكىن دەيمەن.

  4. چاشقان [ جۇغلانما: 28 نومۇر ] IE  نىڭ ئىپدىايىسىغۇ بۇWindows 8 4 -قەۋەت 2015/05/17 02:21

    مۇشۇ تورسودا، مىكرو سودا دېگەنلەرگە قەتئىيلا قىزىقمايدىكەنمەن،. بىر ئىشلارنى دەپ بەرسەم ھەيران قىلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ھازىرغىچە تاۋباۋدا ھېساباتىم يوق، ئەلى چىقىمدانى تېخىمۇ يوق، تېڭشۇن ئۈندىدارىدا بىرقانچە ئادەملەرلا بار، ئۇنىڭدا سودىنى تېخىمۇ قىلىپ باقمىدىم، توربانكىسى ئوچۇق كارتامدىن بىرسىلا بارغۇ دەيمەن، ھازىرغىچە شۇ كارتا بىلەن توردا سودا قىلىپمۇ باقمىدىم. بەزىدە تېخى بالىلاردىن تاۋباۋدا قانداق مال سېتىۋالىمىز، پۇلنى قانداق تۆلەيمىز، دەپ سوراپمۇ قويىمەن. ئۇلار چاقچاققا يۆلەپ، چاشقان ، بىزنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز؟ دەپمۇ قويىدۇ. ئىشقىلىپ مۇشۇ تورسودا ئىشلىرىدا بەكلا مۇتىئەسسىپمەنمىكىن، دەيمەن. بىرەر نەرسە ئالارمەن بولۇپ قالسام بازارغا چىقىمەن ياكى باشقىلارغا ئالغۇزىمەن.

  5. د.ئا.ئوغلان [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] Google Chrome 41.0.2272.89Windows 7 5 -قەۋەت 2015/05/27 10:05

    مىكرو سودىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر شاخلىتىپ سىتىشقا ئايلىنىپ قالدى ، مال سېتىپ پۇل تېپىۋاتقانلاردىن كۆرە ”ۋاكالەتچى“ يىغىپ پۇل تېپىۋاتقانلار كۆپرەكمىكىن دەيمەن.

  6. تۇنجەر [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] Google Chrome 30.0.1599.101Windows 7 6 -قەۋەت كۆپلۈك: 2 ھەپتىلەر بۇرۇن

    ياخشى تور بەتتىن بىرنى قىزۋالغاندەك قىلىمەن، ما تېمىنى سالونۇمغا ئەپ كەتتىم ..

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش