يېڭى بىلوگ قۇرغان بەزى دوستلار يازما كۆرۈلۈش قىتىم سانىنى قىستۇرمىسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسدا سۇئال سوراپ قالدى. يەنە موشۇنداق مەسىلىگە يولۇققانلارنىڭ ھەل قىلىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر يازما تەييارلاندى.
ئەمەلىيەتتە يازما كۆرۈلۈش قىتىم سانىنى سىتاستىكىلاش يازما بېتىنىڭ ئېچىلىش قىتىم سانىنى ھېسابلاشتۇن ئىبارەت. مەلۇم يازما ئايرىم بەتتە ئېچىلغاندىن كېيىن سانىغۇچ ئارقىلىق ھېسابلاپ ساندانغا ساقلىۋالىمىز. ئاندىن كۆرۈلۈش قىتىم سانىنى كۆرسەتمەكچى بولغان جايغا ساقىلىۋالغان شۇ سىتاستىكىنى كۆرسىتىپ بەرسەكلا بولىدۇ.
بۇ خىل ئۇسسۇلدا ھەل قىلىشنىڭ بەزى بىر ئاز يىتەرسىزلىكىمۇ بار. مەسىلەن: مەيلى باشقۇرغۇچى ياكى باشقىلار بولسۇن، پەقەت مەلۇم يازما ئايرىم بەتتە ئېچىلسىلا زىيارەت سىتاستىكىسى ھىسابلاپ ماڭىدۇ. دېمەك، بىلوگىڭىزنى يازمېلارنى ئۆزىڭىز ئېچىپ كۆرگەن قىتىم سانىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلاپ بېرىشى مۇمكىن. بۇنى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەپسىلىي جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
1. قەدەم
تۆۋەندىكى سىتاستىكا ھىسابلاش ۋە ھىسابلىغان سىتاستىكىنى ئوقۇپ ئېلىش فۇنكىسىيەسىنى ئۇسلۇپ function.php
ھۆججىتىنىڭ ئاخىردىكى ?>
بەلگىسىنىڭ ئالدىغا چاپلاڭ. فۇنكىسىيە كودى:
//yazma korulush sitastikisini oqup elish function getPostViews($postID){ $count_key = 'post_views_count'; $count = get_post_meta($postID, $count_key, true); if($count==''){ delete_post_meta($postID, $count_key); add_post_meta($postID, $count_key, '0'); return "0 قىتىم "; } return $count.' قىتىم '; } // yazma korulush sitastikisini hisablash function setPostViews($postID) { $count_key = 'post_views_count'; $count = get_post_meta($postID, $count_key, true); if($count==''){ $count = 0; delete_post_meta($postID, $count_key); add_post_meta($postID, $count_key, '0'); }else{ $count++; update_post_meta($postID, $count_key, $count); } }
2 - قەدەم
ئەمدى ئۇسلۇبىمىزنىڭ يازما بېتى يەنى single.php
نى ئېچىپ، if (have_posts())
دېگەن قۇرۇلما بار بولغان قۇرنى تېپىپ، ئاخىرىغا ئۇلاپ سىتاستىكا ھىسابلاش فۇنكىسىيەسىنى قويۇپ قويساقلا بولىدۇ. تەپسىلاتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
3- قەدەم
سىتاستىكا ھىسابلاش فۇنكىسىيەسىنى يازما بەت بوسۇغىسىغا ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىكى ئىش سىتاستىكا ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىشتە قالدى. بۇمۇ ناھايىتى ئاددىيلا. پەقەت ئۇسلۇبنىڭ باش بەت، كاتىگورىيە بېتى ۋە باشقا بەتلەردىكى يازما ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىدىغان جايلىرىنى تېپىپ، كەينىگە قوشۇپلا getPostViews()
فۇنكىسىيەسىنى قىستۇرۇپ قويساقلا تامام. تەپسىلاتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەمەلگە ئاشۇرغاندا بىزگە كۆرسىتىپ بىرىدىغىنى زىيارەت سانى بولامدۇ ياكى ھەر قىتىم بەت يىڭىلىغاننى قوشۇپ ھىسابلاپ چىقىرىپ بىرەمدۇ؟
يازما بېتىنى ھەربىر يېڭىلىسىڭىز بىر قىتىم زىيارەت ھىسابلاپ بېرىدۇ (Ps: قىستۇرمىمۇ ئوخشاشلا)، ئەمما باش بەت ياكى كاتىگورىيە، ئىشقىلىپ ئايرىم يازما بېتى بولمىغان يەرلەرنى يېڭىلىسىڭىز سىتاستىكا ھىسابلىمايدۇ.
ئادەتتە مۇشۇنداق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئېنىق زىيارەت ئىستاستىكىسى لازىم بولسا http://www.cnzz.com/ ياكى http://tongji.baidu.com/ غا ئوخشاش مەخسۇس زىيارەت ئىستاستىكا كودى قويسىڭىز بولىدۇ.
رەھمەت تەشنا بۇرادەر، دىگىنىڭىزدەك قىلىپ ھەل قىلالىدىم. ئۇسلۇبلارنىڭ ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدىكەن، (مەسىلەن Prestan Simple نىڭ يازما ئۇچۇرلىرىنى – سەھىپە، ۋاقىتلارنى كۆرسىتىش كودلىرى سىز يۇقىرىدا كۆرسەتكەن كودلارغا ئوخشىمايدىكەن، لىكىن پەرق چوڭ ئەمەسكەن) ئازراق ھەپىلىشىپلا ھەل قىلدىم.
ئەرزىمەيدۇ. ئۇسلۇبلارنىڭ ئوخشىمالىقىغا قاراپ ئاز – تولا پەرقى بولۇشى ئېنىق. لېكىن يۇقىرىقىدەك قۇرۇلمىلار ھەرقانداق ئۇسلۇبتا بار، پەقەت ئورنى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
ئاۋۇ تەخەللۇسىمىزنىڭ يىنىدىكى قىرىق تۆتىنجى دەرىجە دىگىنى نىمە گەپ ئۇ؟ بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز
بۇ ئېنكاس سانىغا قاراپ ھىسابلانغان دەرىجە تۈزۈمى. قانچە كېچىك بولسا، بىلوگىمىزدا قالدۇرغان ئىنكاسلىرىڭىز شۇنچە كۆپ، بىلوگىمىزنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى بولغان بولىسىز..
مەن مۇشۇ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ھېسابلاشنى پەقەت ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىمەن ھەم ھازىمۇ شۇنداق. لېكىن ۋوردپرېسنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ھېسابلايدىغان ئىقتىدارى(باشقىچە ئاتاشنى بىلمىدىم) مەن يازغىنىمدىن سەل مۇرەككەپكەن قانداق دىگەندە ئۇ قالايمىقان ھېسابلىمايدىكەن بىر ئادەم بىرلا قېتىم ھېسابلايدىكەن(بەلكىم ip غا قاراپ ھېسابلايدىغا ئوخشايدۇ ) ئىشقىلىپ مەن قىلغىنىدا بەت يىڭىلانغان ھامان ساندانغا بىرنى قۇشۇشلا ئىدى.
تىمىنىڭ ماۋزۇسىغا ئاساسەن ئىنكاس يازدىم تىمىنى تەپسىلى ئۇچۇشقا ۋاقتىم يار بەرمىدى.