بېكەت ئۇسلۇبى پۈتمىگەنلىكتىن مەنزىل تور تېخنىكا تورىنى ۋاقتىنچە تاقاپ قويدۇم. ئەمدىكى گەپ wordpress نىڭ ئارقا بېتىدە بېكەتنى ۋاقتىنچە تاقايدىغان ئىقتىدارىنى تاپالماي ئىزدىسەم مۇنداق بىر ئۇسۇل ئۇچرىدى.
function wp_maintenance_mode(){ if(!current_user_can('edit_themes') || !is_user_logged_in()){ wp_die('بېكەت رەتلىنىۋاتىدۇ……', 'ئەتە سائەت 15:00 تىن كېيىن نۇرمال زىيارەت قىلالايسىز!', array('response' => '503')); } } add_action('get_header', 'wp_maintenance_mode');
بۇ بىر نەچچە قۇر كودنى ئارقا بەت كۆرۈنۈش-تەھرىرلىگۈچ دېگەن يەردىن كىرىپ، ئۇسلۇب فۇنكىسىيسى دېگەن ھۆججەتنى ئېچىپ ئەڭ ئاخىردىكى ?> نىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئۈنۈمىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.
ئەسكەرتىش: باشقۇرغۇچىغا نۇرمال كۆرۈنىدۇ. ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاۋال چېكىنپ تۇرۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
نەق مەن ئىزدەۋاتقان مەسىلىكەن، بۇ كودنى function.php غا چاپلامتىمىز؟
سۈرئەت دېگەن باكەن ماخما :ھو ھو: ، ئەمدى بىر يىلغىچە «رەتلىنىۋاتىدۇ» دەپ چىقىرىپ قويماڭلا يەنە
ھىمم. يارۇقنىڭ ھەجەپ تېگى ئىسسىمىدىغۇ؟
كۆركەم رەسىمدىن بىرنى ئىشلەپ ، ئاۋۇ خەتنىڭ ئورنىغا ئالمشتۇرۇپ قويسىمۇ بولامدۇ نىمە؟ يەنە ئىككى قۇر قېتىپ ، زىيارەت قىلىدىغان بەت ئۇلانمىسى قوشۇپ قويسا ، خاتالىق بېتى دېگەن تىزلا پۈتتى ، دېگەن گەپ . (100نۇمۇر :لول لول: )
ھە راس ئاۋۇ 503 نى 404 غا ئۆزگەرتىپ قويساق سىز دېگەندەك 404 خاتالىق بېتىگە ئۇلىنىدۇ. ياكى ئۆزىمىز بىر بەت ياساپ قويساقمۇ بولغۇدەك….
«بېر» دىن ئىككىنى ئۇرۇپ ، ئۇلىنىش ئۇلانمىسى ۋە رەسىم قويايلى تەشناجان ! قىلغاندىن كېيىن باشقىلار «ۋاھ» دەپ قالغۇدەك بىر قىلمامدۇق ؟ مۇئەللىمىدە كۆرسىتىپ قوياي بولمىسا ……
مالىم ئاكا، بۇ ھۆنەرنىڭ ئاخىرىنى بىزنىڭ ھاجىم چىقىرىدۇ، بۇ تېمىنىڭ ئاپتورى مەن ئەمەس. :ھا ھا:
بېكەت تاقايدىغان تېمىنىڭ مۇنچە قىززىپ كەتكىنىنى دەيمەن. كۆپچىلىك قانداق ئۆزگەرىتسەڭلا ئىختىيار. مۇئەللىمنى بىر ھەپتە، تەشنانى ئىككى ھەپتە، مەنزىلنى بىرەر ئايچە، يارۇقنى بىر يىل….تاقاپ قويامدۇق يا؟… :ھو ھو:
ھې ھې. مېنىڭ بىلوگىم تاقىلىپ قالغىلىمۇ خېلى زامانلەر بوپ كەتتى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى،كەچۈرۈڭ…سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى ئىدىم…ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز…ياكى مېنى قوشقان بولسىڭىز.كىيۇ كىيۇ:859444609