Home >  > 5 مېنۇتتا Github ئىشلىتىشنى ئۆگىنىسىز

5 مېنۇتتا Github ئىشلىتىشنى ئۆگىنىسىز

25

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوچۇق مەنبەلىك كود ئامبىرى ۋە نەشر باشقۇرۇش سېستىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Github پىروگراممىر دوستلارغا ئەلۋەتتە ناتۇنۇش ئەمەس. تۆۋەندە پىروگرامما تۈزۈش جەريانىدا Git ئىشلىتىشنى باشلىغان يېڭىياچىلار 5 مېنۇت ئىچىدە ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالىمىز!
ئاۋۋال Github تور بېتىدە تىزىملىتىپ ھېساۋات ئاچقۇزىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك يېڭىدىن ئامبار(repository) قۇرۇۋالىمىز(TestProject نامىدا سىناق ئامبار قۇرۇۋالدۇق).

github1 github2

"ئامبار" دېگەندە مەلۇم دېتال ياكى تۈرنىڭ ئېچىش مۇندەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بىز ئاچماقچى بولغان دېتال موشۇ ئامباردا كونترول قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئامبار نامى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، Create respository نى باسقاندىن كېيىن يېڭى ئامبار قۇرۇش تاماملىنىدۇ.

يېڭى قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇق ئامبارنىڭ ھالىتى تۆۋەندىكى رەسىمدەك بولىدۇ. ئامبارنىڭ مۇقىم ئادرىسى SSH ۋە HTTPS ئىككى خىل ھالەتتە ھاسىللىنىدۇ. بىز دەل موشۇ ئادرىس ئارقىلىق ئامبار بىلەن يەرلىكتىكى دېتال(تۈر) ھۆججەتلىرىنى ئۇلايمىز، يەنى موشۇ ئادرىسنى يەرلىككە كېلونلاپ (Clone ) ، ئاچماقچى بولغان تۈر ياكى دېتالنى موشۇ مۇندەرىجىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىشلەر تاماملانغاندىن كېيىن Git مۇلازىمىتىرىغا ماسقەدەمدە تاپشۇرۇپ، باشقۇرىمىز.

github3
1 - مېنۇت:
ئەمدى ئەمەلىي مەشغۇلاتقا ئۆتەيلى: Mac كومپىيۇتېرىنىڭ Terminal ياكى Windows كومپىيۇتېرنىڭ Git Shell نى قوزغىتىپ، تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن دېتال ھۆججەت قىسقۇچىسىغا ئامبارنى كېلونلايمىز.

E:\> cd workspace
E:\workspace> git clone git@github.com:teshna01/TestProject.git

نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك، يەنى ئامبار يەرلىككە مۇندەرىجە ھالىتىدە كېلونلىنىدۇ:

Cloning into 'TestProject'...
Warning: Permanently added 'github.com,192.30.252.128' (RSA) to the list of known hosts.
warning: You appear to have cloned an empty repository.
Checking connectivity... done.

ئەگەر كېلونلىغان ئامبار قۇرۇق بولسا تۆۋەندىكىدىكى بۇيرۇق ئارقىلىق سۈكۈتلەشكە بولىدۇ:

E:\workspace> git init
Initialized empty Git repository in E:/workspace/.git/

ياكى تۆۋەندىكىدەك تۈر نامىنى قوشۇپ، مەلۇم تۈرنى خاس سۈكۈتلىسەكمۇ بولىدۇ:

git init TestProject

2 - مېنۇت:
ئاندىن كېلونلانغان تۈر مۇندەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك دېتال ھۆججەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن ئۆزگەرتىشلەرگە ئىزاھات قوشىمىز(مەن كېلونلىغان مۇندەرىجىگە index.html نامىدا بىر ھۆججەت قوشتۇم).

git commit -m'index.html ni qoshtum'

ئىجرا نەتىجىسى تۆۋەندىكدەك:

[master (root-commit) 6a3cbf1] index.html ni qoshtum
 1 file changed, 9 insertions(+)
 create mode 100644 index.html

ئەگەر Git مۇندەرىجىسىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، commit ئارقىلىق پەقەت ئۆزگەرتىلگەنلىرىنى ئاپتوماتىك تاپشۇرماقچى بولساق -a بەلگىسىنى قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ، يەنى:

 git commit -a -m "Changed some files"

git commit بۇيرۇقىنىڭ -a تاللىشى پەقەت ئۆزگەرتىلگەن ياكى ئۆچۈرۈلگەن، شۇنداقلا Git مۇندەرىجىسىگە قويۇلغان ھۆججەتلەرنى Github مۇلازىمىتىرىغا يېڭىلايدۇ.
3- مېنۇت:
ئىزاھات قوشۇپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق Git تاپشۇرىمىز:

git push origin master

يەنى، push بولسا ئىتتۈرۈش، تاپشۇرۇش مەنىسىدە؛ master بولسا نۆۋەتتىكى تۈر شاخچىسى (Brnach) نى كۆرسىتىدۇ.
مۇۋەپپىقىيەتلىك تاپشۇرۇلغاندا ئىجرا نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:

Counting objects: 3, done.
Delta compression using up to 4 threads.
Compressing objects: 100% (2/2), done.
Writing objects: 100% (3/3), 291 bytes | 0 bytes/s, done.
Total 3 (delta 0), reused 0 (delta 0)
To git@github.com:teshna01/TestProject.git
 * [new branch]      master -> master

باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان تۈرنىڭ ئۆزگەرتىشلىرىنى يەرلىككە كېلونلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز:

git pull

4- مېنۇت:
يېڭى شاخچە قۇرۇش بۇيرۇقى:

git branch test

يەنى test نامىدا يېڭى شاخچە قوشۇلىدۇ
بارلىق شاخچىلەرنى كۆرۈش بۇيرۇقى ۋە ئىجرا نەتىجىسى:

E:\workspace\TestProject [master]> git branch
  all
* master
  test

خالىغان شاخچىگە ئالمىشىش بۇيرۇقى ۋە ئىجرا نەتىجىسى:

E:\workspace\TestProject [master]> git checkout test
Switched to branch 'test'
E:\workspace\TestProject [test]> git branch
  all
  master
* test

يەنى checkout بۇيرۇقى ئارقىلىق test ناملىق شاخچىگە ئالمىشىش. نەتىجىدە test نىڭ ئالدىدا يۇلتۇز بەلگىسى پەيدا بولىدۇ.
مەلۇم شاخچىنى غول شاخچە master غا تۈجۈپلەش (بىرېكتۈرۈش) بۇيرۇقى:

git merge test

مەلۇم شاخچىنى ئۆچۈرۈش بۇيرۇقى ۋە ئىجرا نەتىجىسى:

E:\workspace\TestProject [master]> git branch -d test
Deleted branch test (was 6a3cbf1).

5 - مېنۇت:
خۇلاسە: ئەلۋەتتە Gitk باشقۇرىدىغان قولاي دېتاللار بار، ئەمما شەخسەن مەن تېرمىنال بۇيرۇق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرۈمەن، تولىمۇ قولايىق تۇيۇلىدۇ. Githubk نىڭ Windowsk ۋە Mac نۇسخىدىكى باشقۇرۇش دېتالىمۇ بار، شۇن ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز


ئۈنچىلەر (25)
نەقىللەر (0)
  1. سايىۋەن [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 41.0.2272.118Mac OSX 10_9_4 11 -قەۋەت كۆپلۈك: 4 ھەپتىلەر بۇرۇن

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇشۇ ۋاقىتىچە كىلونلاشتىن باشقىنى ئىشلىتىپ باقمىغان . ئەمدى ئۈگۈنىۋالدىم . ئۇسلۇب يارىشىپتۇ ! :cool:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش