logo
ئورنىڭىز: باش بەت > ئالىي مەكتەپ > يازما مەزمۇنى

ھەش – پەش دېگۈچە ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ بىلىم يۇرتىدا ئىككى يىللىق ئۆمرۈم تارىخقا ئايلىناي دەپتۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلىۋاتقان ئەشۇ ۋاقىتلىرىمدا.بۇ ماكان ھەققىدە قانداق تاتلىق خىياللارنى سۈرگېنىم ھىلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئەمما ئاز كەم ئىككى يىللىق سەرگۈزەشتىلىرىم ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن خولاسېلىرىم بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى تاتلىق خىياللىرىم ئارىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن.
ئالىي مەكتەپتە ئۆز قىززىقىشىم بويىچە تەرەققىي قىلىشقا مۇھىت ھازىرلىنىدۇ دەپ ئويلايىتتىم. ئەمما بىر – بىرىدىن كۆپ ۋە قىيىن دەرىسلەر ئالدىدا، ھەرقانچە كۈچلۈك قىززىقىشمۇ بويۇن قىسىپ، بىچارە ھالغا قالىدىكەن. كەسپىمىزنىڭ نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىرىنچى يىللىقتا، سانائەت تۈرىدىكى كەسىپلەر چوقۇم ئۈگېىنىشكە تېگىشلىك بىر دۆۋە دەرىسلىك بولىدۇ. مەكتەپنىڭ ئىناۋېتى ئۈچۈن دەرىسلىكلەرنىڭ ئەڭ قىيىنىنى تاللاپ ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مۇئەللىملەرمۇ 120 مېنۇتلۇق دەرىس ۋاقتىدا مۇنبەردىن بىر قەدەم نېرى بولماي، ئۆزىگە – ئۆزى كىتابنى سۆزلەپ چىقىپ كېتىۋىرىدۇ. قالدۇرغان تاپشۇرۇقلېرىنى تاماملاش ئۈچۈن نەچچە سائەتلەپ كىتاب كۆرۈشكە، پەقەت بولمىغاندا كۆچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ تەپەككۇرۇىمىز قاشاڭلىشىپ، روھىمىز چۈشكۈنلېشىشكە باشلايدۇ.

مانا موشۇنداق زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرىسلەرنى بىر – بىرلەپ ئۈگېنىپ بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. ئەڭ ئاددىيسى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى نەزېرىيسىنى چالا – بۇلا ئۈگېنىپلا كومپىيوتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى(CPU) نىڭ تۈزۈلېشىنى سۆزلەشكە باشلايدۇ. ئاددىيلا بىر توك يولىنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ نەرسىلەرگە ئېسىلىۋالىمىز. ئەڭ كۈلكىلىك بولغېنى، مەلۇم بىر دەرىسنى بۇ مەۋسۇم يىرىمىنى ئۈگېنىپ تاشلاپ قويىمىز، ئاندىن قالغان يىرىمنى بىرەر مەۋسۇمدىن كىيىن داۋاملاشتۇرۇپ ئۈگېنىمىز…
بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە مەن ئانچە ماسلېشىپ كىتەلمىدىم، خەنسو ساۋاقداشلېرىمدەك، ئىمتىھان ئۈچۈن نېمىنى ئۈگەن دېسە غىڭ قىلغماي ئۈگېنىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئادەمنىڭ زېھنى تولىمۇ چەكلىك، ۋاقتى ئۇنىڭدىنمۇ قىس، شۇنداق بولغان ئىكەن نېمىلەرنى ئۈگېنىشنى ئۆز كەلگۈسى پىلانىغا قاراپ بېكىتىشى كىرەك. پىروگىراممىر بولۇش ئۈچۈن كومپىيوتېرنىڭ ئىچكى قۇرۇلېشىنى يىپتىن -يىڭنىسىغىچە ئۈگېنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ ئېلىكتېر ئىنجىنىرى بولۇش ئۈچۈن ئالەم فېزىكىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
بىر دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمېسى پەقەت ئومۇمى خەلىق گەۋدېسىگە قارېتىلغان بولىدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭكىدەك ئادەم قۇرتتىنمۇ كۆپ بولغان سوتسىيالىستىك دۆلەتتە تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تالانتى، قىززىقىشى، ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، مائارىپ بولسا ھەر بىر شەخىسنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قىزىپ چىقىش ۋەزېپىسىنى ئورۇندىيلامايدۇ! ئالتۇندەك ياشلىق مەزگىلىنى ئاتالمىش بىر تالاي ئۇنۋانلار ئۈچۈن، «ئىمتىھان مائارىپى» نىڭ قۇربانى قىلىۋېتىش پەقەت بىچارىلەرنىڭلا ئىشى.
ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپتە زادى نېمىلەرنى ئۈگېنىش كىرەك؟ بۇ سۇئالنى مەن ئۆزۈمدىن ئىزچىل سوراپ كەلدىم. ئۆزۈمنى ئالسام، ئاللاھ نىسىپ قىلسا، كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان كونكېرىتنى پىلانلىرىم بار. شۇ پىلانلار بويىچە، ئۆز قىززىقىشىمنى بويلاپ، مەن ئۈچۈن پايدېسى ئەڭ كۆپ بولغان بىلىملەرنى ئۈگېنىشنى قارار قىلدىم. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي مائارىپنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىمىز؟! نېمە ئۈچۈن ئۆز كاللىمىزغا پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ ئىددېيىلىرى توشۇپ كەتكەن بولىدۇ؟! نېمە ئۈچۈن كەلگۈسىمىزنى باشقىلارغا ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىمىز؟!…
مېنىڭچە بىزنىڭ كاللىمىز مۇستەھكەم بىر قۇرغان بولىشى كىرەك. ئۇنىڭ سىرىتقى ئالەمنى تەپسىلىي كۈزەتكىلى بولىدىغان دېرىزىلىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە. مەن دېمەكچى، ئىددىيىلىەرنى، ھەرخىل دۇنيا قاراشلىرىنى چوقۇم تاللاپ ئۆزلەشتۈرۈش كىرەك. مائارىپ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان بىر ۋاستە، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇكەممەللىككە يېتىشىمىزنىڭ كاپالېتى ئەمەستۇر. غەرىپلىكلەرنىڭ تېخنىكىلىرىنى ئۈگېنىشىمىز ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئۇلاردىن قالاق ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىلىي بولماسلىقى كىرەك. ئەكىسچە، بىز ئۇلاردىن پايدىلانماقچى، خۇددى يەر ئاغدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېراكتوردىن قورال سۈپىتىدە پايدىلانغاندەكلا. خولاسە: بىزنىڭ كاللىمىز باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ نىسىپ قىلغان ئەركىن تەپەككۇر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى مۇقەددەس بىر جاي.
ئاز كەم 6 يىللىق ئىچكىرىدىكى ئوقۇش ھاياتىمدا كۆرگەنلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. مەكتەپتە ئاز بولمىغان دەرىسلەرنى ئۈگەتتى، ئىمتىھانلارغا بىر – بىرلەپ قاتنىشىپ نۇرغۇن دەرىسلەرنى ئوڭۇشلۇق تامالىدىم. ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە، كاللامدا پەقەت ئازراقلا نەرسە بار! ئەينى چاغدا ئۈگەنگەن جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت…يەنە تېخى خەنسولارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى قاتارلىق دەرسىلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن(بەلكىم بۇ مېنىڭ دۆتلىكىمدۇر). ئادەم نەچچە ئون يىل ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ئۈگەنگەن نەرسېلىرىدىن قانائەتلەنگۈدەك نەپ ئالالمىسا ئىچىنماي تۇرالامايدىكەن. جوڭگو مائارىپىنىڭ «تاماق» يېيىشنى ئۈگۈتۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى ئۈگېتىشتىن باشلايدىغان لوگىكىسىنى بۇرۇن چۈشەنمىگېنىمدىن ئىچىنىپ قالىمەن.
ئاخىرى شۇ خولاسىگە كەلدىمكى: ئالىي مەكتەپتىكى شارائىتتىن تولۇق پايدىلانغان ئاساستا، ئۆزلۈگىدىن ئۈگېنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كىرەك ئىكەن. گۈزەل ئارزۇلارنىڭ تۈرتىكىسىدە، چەكسىز قىزغىنلىق بىلەن مەلۇم ساھەگە تۇتۇش قىلغاندىلا ئاندىن كەلگۈسى ئۇلۇغۋار ھاياتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. چوقۇم ئۆزىمىزگە خاس بولغان يىڭى ئىددىيىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كىرەك. ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ خوجايىنىدۇر. سىياسەتنىڭ قورالىغا ئايلانغان مائارىپ، مۇقەددەس كاللىمىزغا خالىغىنىچە تامغا بېسىۋەتمەسلىكى كىرەك….

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. دىۋان
    دوغاپ

    بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا ئۆز-ئۆزۈم توغرىلىق ئويلىنىپ كەتتىم. بايام تېخى بىر ئاغىنەم بىلەن شۇ توغرىلىق پاراڭلىشىپ:«ئەگەر مۇشۇ مەكتەپتە تۆت يىللا تۇرالىسام دېپلۇمسىز كەتسەممۇ مەيلى…»دېگەن ئىدىم، سەۋەبى مۇشۇ تۆت يىلدا كېرەكلىك بولغاننىلا ئۆگىنىپ دېپلۇمسىز چىقىپ كەتسەممۇ ئىش تېپىپ جان باقالايمەن دېگەن ئىشەنچتە بولغانلىقىمدا بولدى…لېكىن ئوقۇشنىڭ ۋەھىمىسى يېنىلا ئەگىپ تۇرىدۇ، خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلىشمۇ سەل تەسراق، شۇنداق بولسىمۇ مەن مۇشۇ پىلانىمدىن ئىزچىل ۋاز كەچمەيمەن…

    2013-03-14 3:27 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • مېنىڭچە بولغاندا مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈش بىلەن، ئۆزىمىز قىززىققاننى ئۈگىنىش توقۇنۇشمايدۇ. يەنى بىر قىزغىنلىق يىتىلسە، ۋاقتىمىزنى كونكىرېت ئورۇنلاشتۇرىۋالساق، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىت نەچچە خىل نەرسىنى تەڭ ئۈگېنىشكە يىتىپ ئاشىدۇ. دېمەكچىمەن، بىراقلا ئىنكار قىلىش تۇيغۇسى بىلەن دەرىسلەرنى تاشلاپ قويساق، ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز…

      2013-04-05 11:13 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    چۈنەي

    نېمە ئۈچۈن ئۆز كاللىمىزغا پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ ئىددېيىلىرى توشۇپ كەتكەن بولىدۇ؟!بۇ سوئال ئادەمنى ئويلاندىرىدۇ جۇمۇ ،،،،،،،

    2013-04-05 8:51 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • شۇنداق! كۈن – تۈنلەپ ئويلىنىش كىرەك:«مەن كىم ئىدىم؟ كىم بولىشىم كىرەك ئىدى؟ ھازىر كىمگە ئوخشاپ قىلىۋاتىمەن…؟» :razz:

      2013-04-05 11:09 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. كىگىز
    سەھرالىق

    مەيلى نېمىلا ئۈگەنمەڭ،ئاخىرىغا چىقىرىڭ.خەق نېمە قىلسا سىزنىڭ كارىڭىز بولمىسۇن!كېيىن پۈتتۈرگەندە ئاپلا دېسىڭىز مەندەك بولىسىز.

    2013-05-09 10:39 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  4. 4 - قەۋەت
    خاككىرجان

    ئاۋال تىرىشىپ كۇرمەيمىزمۇ

    2014-05-17 10:09 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات يازمىلار
  • ئەڭ يىڭى ئۈنچېلەر
  • رەڭدار خەتكۈشلەر
  • سىز كۆرمىگەن يازمىلار
footer logo
تەشنا ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىغا مەرھەمەت!
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!