Home >  > قۇربان ھېيىتقا بىر كىچە قالغاندا…

قۇربان ھېيىتقا بىر كىچە قالغاندا…

22

ئۇنىڭ كۆزلىرىدە نەم، يۈرىكىدە سوغۇق شەبنەم؛ ئالەم كەبىي كەڭرى كۆكسىدە لىقمۇلىق ئەلەم. ئۇ يالغۇزلۇقنىڭ قارا قوللىرىدا سىقىلىۋاتقان يۈرىكى بىلەن مۇڭدىشىۋاتىدۇ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن خىلۋەتكىنە بىر جايدا ئولتۇرۇپ،ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى تاتلىق ئەسلىمىلىرىگە يالۋۇرىۋاتىدۇ. غىرىپلىقنىڭ گال پىچىقى ئۇل بىچارىنىڭ يۈرىكىنى قان چىقارماي تىلىۋاتىدۇ... ئۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر چىتىنى سىغىنىۋاتىدۇ....

ئۇ ھېچكىمدىن ئەتە قۇربان ھېيىتنىڭ يىتىپ كىلىدىغىنىنى ئاڭلىمىدى، كالىندارنى ۋاراقلاپ تەشنالىق بىلەن ئىزدەپمۇ يۈرمىدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئاسىي يۈرىكى تۇيۇقسىزلا ھەممىنى بىلىپ قالدى. يەنە بىر كىچىدىن كىيىن تاڭ ئاتىدۇ، تاڭ ئاتسىلا ئاپئاق سەللىلىك ئاتىلىرىغا ئەگەشكەن بالىلار، ئايەملىك كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئانىسىنىڭ يۈزىگە تاتلىققىنە سۆيۈپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ ۋېسالىغا تەلمۈرۈپ، مەسچىتلەرگە يول ئالىدۇ. يوللاردا مۇھەببەت ئاقىدۇ، چىرايلارغا بارچە گۈزەللىك تەپچىپ چىقىدۇ. ئەمما، ئۇ غىرىپ خانىسىدە مىسكىن يۈرىكىنى قۇچاقلاپ قالىدۇ.

قۇربان ھېيىتقا بىر كىچە قالغاندا، ئۇ ئەڭ ئىگىز بىنانىڭ ئۈستىگە چىقماقچى بولدى. پەلەمپەيلەردىن چىقىۋاتقان ئاۋاز خۇددى ئۇنىڭ مەھەللىسىدە چىلىنىۋاتقان ناغرا ئاۋازىغا ئوخشايىتتى. ئۇ چىكى ئاسمانغا تۇتاشقان پەلەيمەيگە جان - جەھلى بىلەن يامىشىۋاتىدۇ. ئەنە، ئۇ ئانىسىنى كۆرۈپ قالدى. "كەل ئوغلۇم، سېنى كىلىدۇ دەپ كۆزلىرىم يولدا قالدى... كەل جىنىم بالام، باغرىمغا قىنىپ - قىنىپ بېسىۋالاي..."

- ئانا..........

ئۇ پەلەمپەيگە تېخىمۇ تىزلىكتە ياماشماقتا. ئۇنىڭ دادىسى ئىشىك ئالدىدا مۆكچىيىپ، پىشانىسىنى يۆلىگەنچە ئولتۇرىدۇ. "دادا ....مېنى كۆردۈڭمۇ دادا! بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىغىنە!" . ئاھ... بىچارە ئاتىنىڭ كۆزلىرى خۇشاللىقتىن شۇنداق نۇرلاندىكى، بىر دەستە ئۆتكۈر نۇر پۈتكۈل كائىناتنى كۈندۈزدەك يورىتىۋەتتى. ئۇ جان جەھلى بىلەن پەلەمپەيگە ياماشماقتا، پىشانىسىدىن قۇيىلىۋاتقان تەرلەر بىلەن ئىسسىق ياشلىرى پەلەمپەيلەردە قالدى. ئۇ ئۆزىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتماقچى ئىدى...

يەنە بىر كىچىدىن كىيىن قۇربان ھېيىت كىلىدۇ. ئۇ تۇيغۇلىرىغا ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، سالپايغىنىچە پەلەمپەيلەردىن چۈشۈپ كەلدى. ياتاقمۇ ئۇنىڭ يۈرىكىدەك قۇپقۇرۇق ئىدى. ئۈستەللەردە ھېيىتلىق نىمەتلەر تىزىلمىغان، ئەتە كىيىدىغان ئايەملىك كىيىملەر تەييارلانمىغان، قىسقىسى، ئەتە ئۇنىڭغىمۇ ھېيىت بولىدىغانلىقىغا كىشىنى ئىشەندۈرەلىگۈدەك ھېچنىمە يوق ئىدى. يۈرەكنى يىغا باسقاندا، دۇنيا قەبرىستانلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ نەچچە يىلدىن بىرى بوينىغا ئېسىپ قويۇلغان "سەرگەردانلىق" تاختىسىنى يۇلۇپ ئېلىپ، پارە - پارە قىلىۋېتىشنى ئويلاۋاتاتتى، ئەكىسچە، ئۆزىنىڭ يۈرۈكى پارە - پارە بوپ كەتتى.

يەنە بىر كىچىدىن كىيىن ھېيىت كىلىدۇ. ئۇ ۋۇجۇددىدىكى بارلىق جاسارەتنى يىغىپ، ئەھلى قېرىنداشلىرىغا ئايەملىك سالام يوللىماقچى بولىۋاتىدۇ:

ھەممىلارنىڭ ئۇلۇغ ئايمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ھېيىت خاسىيىتى بىلەن قەلبىڭلار يىڭىچە تۇيغۇلارغا چۈمۈلسۇن. ئۇلۇغ ئىگەم ئائىلەڭلەرگە بەخىت، تېنىڭلارغا ساقلىق ئاتا قىلسۇن!!

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (22)
نەقىللەر (0)
  1. دوغاپ [ قىرىق بىرىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2012/10/25 23:00

    ئەسسالام ئەلەيكۇم، يازمىدىكى ‹‹ئۇ›› سىز ئۆزىڭىز ئەمەسسىز؟

  2. قەقنۇس [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2012/10/26 15:01

    قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  3. تورسودا [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2012/10/27 01:09

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشنايى بۇرادەر باشلىق بارلىق ئەزىزدوستلار ئالدى بىلەن بارلىق دوستلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئىمان تىلەيمەن، ئايىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ھەر بىر كۈنۈڭلەرگە شادلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن! كۈنلۈرۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۈن، ئائىلەڭلار تىنىچ ئامان بولسۇن، شادلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! مول- ھوسۇللۇق كۈندە يېتىپ كەلگەن قۇربان ھېيتىمىزدا بارچە دىللار شادلىققا تولسۇن! قۇتلۇق ئايەمنىڭ خاسىيىتىدىن ئۆي- ئۆيلەردە بەخت كۈلكىسى ياڭرىسۇن، ئۇلۇغ ئايەم كۈنىمىزدە قەلىبلەردىن قەلىبلەرگە مېھىر ئوتلىرى تۇتاشسۇن.، ئۇلۇغ ئايەم كۈنلىرىمىزدە بارلىق مىسكىن دىللار شادلىققا تولسۇن! ئۇلۇغ ئايەم كۈنىمىزدە چېھىرلەردىن يامرىغان شادلىق ئۈچقۇنى پۈتكۇل دۇنيانى شاد-خوراملىققا تولدۇرسۇن، بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئائىلىسىدە شادلىق كۈلكىسى ياڭرىسۇن!! ئاللاھ ھەممىمىزنى ساق – سالامەت قىلسۇن، كىلەر يىلى مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەرگە ساق-سالامەت يەتكۈزۈشكە نىسىپ قىلسۇن ، ئۇلۇغ ئايىمىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن…….

    • تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ تورسودا 2012/10/27 22:33

      رەھمەت سىلىگە تور سودا بۇرادەر! يۇقارقى سەمىمىي تىلەكلەردىن دىلىم چەكسىز سۆيۈنۈپ كەتتى. ئۇلۇغ ئىگەم ھەممىمىزگە ئاسايىشلىق كۈنلەرنى بەخش ئەتكەي. پاك دىللىرىمىزدىكى سەمىمىي تىلەكلىرىمىز ئىجابەت بولغاي. ئۆزلىرى ۋە شۇ قاتاردىكى بارلىق دوسلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبىرىكلەيمەن!

  4. مۇئەللىم [ قىرىق ئىككىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2012/10/27 02:05

    يەنە بىر كىچىدىن كىيىن قۇربان ھېيىت كەلدى . گەرچە ئۇنىڭ يۈرىكى پارە-پارە ، ئانىنىڭ ئاچقان قۇچاقلىرى قۇرۇق ، ئاتنىڭ مىھرىلىك قوللىرى ئوغىلىغا سۇنۇلغان ھالدا باغرىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىدە ئاللاھقا ئېيىتلغان ئىلتىجالاردا ، ئۇ ھىچكىم ئىرىشەلمىگەن ئۇلۇغ تىلەكلەرگە مۇيەسسەر ھالدا ، مىھرىبان ئانىسى ۋە قەدىردان ئاتىسىنىڭ مۇھەببەتلىك سوۋغىسىغا نائىل بولدى . :razz: ؛ ئۇنىڭ غىرىپ ياتىقى تاملاردىن سوغۇق نۇر تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ، تۇرسۇنجان ، قەقنۇس ، دوغاپ ، ئالىمجان مۇئەللىم قاتارلىق دوستلىرى ئايەملىك تىلەكلىرى بىلەن ئۇنى قۇتلاپ كەلدى . ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! ئەتتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا ئىلختىڭىزدىن ئايەملىك سوۋغىڭىزنى تاپشۇرۋىلىشنى ئۇنتۇماڭ ……ماڭا تىلىگەن تىلەكلىرىڭىزنى ئۇللۇغ ئىگمىز سىزگە ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بەرسۇن !

    • تەشنايى [ كۇلۇب ئاۋانگارتى ] unknowunknow @ مۇئەللىم 2012/10/27 22:30

      بۇ قۇرلارنى كۆرىۋاتقىنىمدا پۈتكۈل تېنمغا بىرخىل ئىللىق سېزىم تاراپ كەتتى. مۇئەللىم بارلىق ئىمان – ئىتقادلىق دوسلىرىمغا چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە رەھمەت ئىيتىمەن. شۇ تاپ ئۆزۈمنىڭ ھەرگىزمۇ غىرىپ ئەمەسلىكىمنى ھەقىقىي ھېس قىلىۋاتىمەن….

  5. sehrayim [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2012/10/27 07:59

    قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولغاي

  6. ئۇيغۇربەگ [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2012/10/28 17:48

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداش، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ۋەكالەتەن ھېيتلاپ كەپ قالدۇق :grin: ، مۈكۈۋالماي چاي قۇيمامسىلەر دەيمەن ! :mrgreen:
    ئامىن!(…..)، ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، كىچىكىپ كەلگەن بولساممۇ ئاز بولسىمۇ بىر ئىنكاس ھېيتلىق بەرگەچ تۇراي.
    ئاخىرىدا تىنىڭىزغا سالامەتلىك، ئىشىڭىزغا ئوڭۇشلۇق، ئائىلىڭىزگە ئەمىنلىك تىلەيمەن…

  7. قۇتبەگ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 7 -قەۋەت 2012/10/28 19:49

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن………

  8. تەڭرى قامچىسى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 8 -قەۋەت 2012/11/10 19:54

    :razz:

  9. تەڭرى قامچىسى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 9 -قەۋەت 2012/11/10 19:57

    شۇ بىر كېچە قالغاندا مەن سىلىنى ئۆيدە ساقلاپ ئولتاغانيا ئاينا

  10. دوغاپ [ قىرىق بىرىنچى دەرىجە ] unknowunknow 10 -قەۋەت 2013/10/13 13:33

    ما يازمىنى يېڭىلايلى ئەمدى!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش