Home >  > HTML5: جىسىملار ھەرىكەتلىرىگە تەقلىدى ئۈنۈملەر(تەجرىبە5)

HTML5: جىسىملار ھەرىكەتلىرىگە تەقلىدى ئۈنۈملەر(تەجرىبە5)

2

HTML5 تە ئويۇن ياسايمىز دەپ نېمە ئۈچۈن فىزىكا ئۆگىنىمىز؟ بۇ سۇئالنى چوقۇم سورايدىغانلار چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى ئىش – ھادىسىلەرگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان ھەرقانداق بىر تېخنىكىلىق نەرسە، دەل تۇرمۇشتىن يەكۈنلەپ چىقىلغان قانۇنىيەتلىك فورمۇلىلارنىڭ رولى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. يەنى، ئەنە شۇ قانۇنىيەت ۋە پىرىنسىپلارنىڭ ياردىمىدە "مەۋھۇم رىئاللىق" دەپ ئاتىلىدىغان، بىر خىل كىشىگە ئازراق بولسىمۇ چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز. HTML5 تە ئويۇن ئېچىش جەريانىدىمۇ ئاساسىي ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى كۆپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئويۇندىكى مەلۇم ئېلمىنىتنى سەكرەتسەك، چوقۇم يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىگە ماس ھالدا رىئاللىقتىكى سەكرىگەن ئۈنۈمگە ئوخشاش بولىشى كېرەك، لېكىن كومپىيۇتېر بىزنىڭ رېئاللىقنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا دەل ئاشۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ ياردىمىدە ھىسابلاش ئېلىپ بارغۇزۇش ئارقىلىق ئورۇندىتىمىز.
ئۇنداقتا فىزىكىدىكى ئەڭ ئاددى ھەرىكەت: تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەتتىن باشلايلى!  فىزىكىدا:جىسىم بىر تال تۈز سىزىقنى بويلاپ، ئوخشاش ۋاقىت ئارلىقىدا باراۋەر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈدىغان ھەرىكەت تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت دېيىلىدۇ، مۇساپە ۋاقىت بىلەن سۈرئەتنىڭ يىغىلمىسىغا تەڭ بولىدۇ. يەنى فورمۇلا بويىچە يازغاندا:s= F v dt
دىمەك بىز يۇقىرىقى فورمۇلا بويىچەك، ۋاقىتنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كىچىك پارچىلاپ (1s/60) ئاندىن بەلگىلىگەن سۈرئەت بويىچە شۇ ۋاقىت بىرلىكدە يىغىلما قىلىش(积累) ئارقىلىق ئومۇمىي مۇساپىگە ئىرىشەلەيمىز. كودى تۆۋەندىكىدەك:


يەنى تۇنجى يازمىمىزدا بىليارد سىزغاندەك بىر شارچە سىزىۋىلىپ، x يۆنىلىش بويىچە سۈرئىتىنى 190 بەلگىلەپ، ئاندىن Jscex قۇرۇلمىسى ئىچىگە قويۇپ مۇۋاپىق تىزلىكتە ھەرىكەتلەندۈىمىز. ئاندىن x كوردىناتىنىڭ يېڭى قىممىتىنى ئەسلى قىممەتكە قوشۇپ بەرسەكلا، شارچە x كوردىناتنى بويلاپ مۇساپە بويىچە يۆتكىلىدۇ. ئۈنۈمىنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە يۇقىرىقى دەۋرى قۇرۇلمىسى ئىچىگە يەنە ئازراق ھۆكۈم شەرتلىرىنى قوشۇپ،"باردى دەيدۇ، ئا ياندى دەيدۇ..." دەپ شارچىنى قوش يۆنىلىشتە ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.يەنى، تاكى x كوردىنات قىممىتى 550 تىن ئېشىپ كەتكۈچە x كوردىنات قىممىتىگە مۇساپىنى قوشۇپ بەرسەك، ئۇنىڭدىن ئىشىپ كەتسە ئېلىۋەتسەك بولىدۇ؛ x كوردىناتى 50 تىن چوڭ بولسا x كوردىناتىدىن نۆۋەتتىكى مۇساپىنى داۋاملىق ئېلىۋىتىپ، 50 تىن كىچىك بولسا مۇساپىنى قوشۇپ بەرسەكلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شارچە بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە تەكرار ھەرىكەتلىنىدۇ. ئۈنۈمىنى كۆرۈش

كودى تۆۋەندىكىدەك:


ئەمدى يۇقىرىقى ئىككى مىسالنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن قانداق ئۈنۈم چىقشى كېرەك؟! مۇنداق بولسۇن! شارچىنى بىر ۋاكۇملۇق قەپەزگە سولاپ قويايلى، ئۇ ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىپ، تامغا ئۈسسۈسە قايتىش بۇلۇڭىنىڭ بىر تەرىپىنى بويلاپ، قارشى يۆنىلىشكە ھەرىكەت قىلسۇن. قايتىش قانۇنىيىتى خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك:

bulung
رەسىمدىكىدەك، كىرىش بۇلۇڭى i بىلەن قايتىش بۇلۇڭى r تەڭ بولىدۇ. Canvas رايۇنىدىكى شارچىنى بۇ قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن: شارچە ئوڭ سول ئىككى تەرەپكە سوقۇلغاندا x كوردىناتتىكى سۈرئەتنىڭ يۆنىلىشىنى قارشىسىغا ئۆزگەرتىپ،ئۇنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە y كوردىناتتىكى سۈرئەت ئۆزگەرمىسىلا بولىدۇ؛ ئاستى ئۈستى تەرەپكە سوقۇلغاندا y كوردىناتتىكى سۈرئەتنىڭ يۆنىلىشى قارشىسىغا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە x كوردىناتتىكى سۈرئەت ئۆزگەرمىسىلا بولىدۇ. ئۈنۈمىنى كۆرۈش

تەپسىلىي كودى تۆۋەندىكىدەك: