ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تەشنا تېخنىكا كۇلۇبىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى!
ئالدىنقى يازمىدا «Seo ئويناپ باقامدۇ (1)» Seo توغرۇلۇق بىر قانچە ئەمەلىي مىسال ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدى بۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. گەرچە بۇلارنى ئادەتتە كۆپىنچىمىز بىلىدىغاندەك قىلغان بىلەن تۈرلەپ كەلگەندە يەنە نۇرغۇنلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىمىز ئاشكارە بولىدۇ.
تور بېكەت زىيارەتچىلىرى قەيەردىن كېلىدۇ؟
1.) ئەڭ ئاۋۋال تور ئادرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىش. مىسال: (http://www.menzil.cn).
2.) ساقلىۋالغان ئادرىستىن كىرىش، يەنى ئادرىسنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ كىرىش. مىسال: ئۈستەل يۈزىگە ساقلاش
3.) باشقا بېكەتلەردىكى ئۇلانمىدىن كىرىش، بۇنى يەنى بىرقانچە كىچىك نۇقتىغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
(1) ئۇلىنىش بېكەتلىرىدىكى ياكى دوستانە ئۇلنىشلاردىن كىرىش (يەنى كىرىدىغان مەنبە ئاساسەن مۇقىم بولىدۇ) .
(2) ھەرخىل بېكەتلەردىكى يازما مەنبەسنى ئەسكەرتىش، يازما ياكى مەنبەنى نەقىل قىلىش، يازما ئىچىدە تەشۋىق قىلىش ۋە ھەمبەھىر ئۇلانمىسى قاتارلىقلار. بۇلار بېكەت مەزمۇنى ۋە تەشۋىقاتقا چېتىلىدىغان بولۇپ ھەركەتچان مەنبە ھېسابلىنىدۇ.
(3) يانغۇن تېرمىنالى ياكى كومپىيۇتېر دىتالى ئارقىلىق زىيارەت قىلىش. كومپىيۇتېر دىتال مىسالى: مەنزىل كىتابچىسى
(4) ئېلان تەشۋىقاتى. بۇ دېگىنىمىز (2) تۈردىكى بىلەن پەرىقلىنىدىغان بولۇپ ھەرخىل بېكەتلەرگە ئېلان بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
(5) ماتىرىيال چۈشۈرۈش تىپىدىكى بېكەتلەرنىڭ ماتىرىيالغا بېكەت ئادرىسىنى قالدۇرۇشى. يەنى بىرقىسىم كىتاب، دىتال، بەتلەرنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەريدىغان بېكەتلەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ ئادرىسىنى ماتىرىيال ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويىدۇ.
(6) ئىزدەش بېكەتلىرىدىن كىرىش. يەنى بۇ قىسىمى بىز سۆزلىمەكچى بولغان Seo بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېيىنچە داۋاملىق تەپسىلى توختىلىمىز.
كىچىك بىر مەزمۇن توغرىسىدا يېزىشنى پىلانلىساممۇ مەزمۇنلار يەنىلا كەڭ دائىرگە چېتىلىپ قالىدۇ. گەرچە مەزمۇنلار سەل رەتسىز بولۇپ قالغان بولسىمۇ بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر بولۇپ كېيىنچە ۋاقىت چىقىرىپ رەتلىسەك ياكى باشقا قېرىنداشلىرىمىز رەتلەپ قويسا بولدۇ. بولمىسا قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيلا نۇرغۇن ۋاقىت زايە بولۇپ كېتىدىكەن. ئەسلى بۇنىڭدىن بۇرۇن تور بېكەتلەرنىڭ تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقساق بولاتتى. چۈنكى ئوخشىمىغان بېكەتلەرنىڭ زىيارەتچىلىرىنىڭ كىرىش مەنبەلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. يۇقرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرى پەقەتلا ئادەتتە كۆپ ئۇچىرايدىغان بىر قىسىمى خالاس. مەقسەت شۇكى پەقەت يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ ھەقتە باشلىنىش بولۇپ قالسا كېيىن ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلسا بولىدۇ.
ئاخىردا تولۇقلايدىغان مەزمۇن، تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا ئايىماستىن ئىنكاس رامكىسىغا قالدۇرۇپ قويغايسىلەر.
ياخشى چۈشەندۈرۈپسىلە… ئەمدى باشلىغاندىكىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، ماۋۇ SEO دېگەننى ئىزىپ، شەربەت قىلىۋىتەرسىلە. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەخسۇس موشۇ SEO بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارمۇ كۆپ پۇل تاپىدىكەن. بولۇپمۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، SEO ئارقىلىق تور بېتىنى تەشۋىق قىلىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. خوش، ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!