Home >  > تور كۆرگۈلەرنىڭ (Console) كونترول سۇپىسىدىكى ماھارەتلەر

تور كۆرگۈلەرنىڭ (Console) كونترول سۇپىسىدىكى ماھارەتلەر

7

تو ربەت لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئىلغار تور كۆرگۈلەرنىڭ كونترول سۇپىسى، يەنى ماس قەدەمدە js بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان، ئىجرا نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىدىغان Console سۇپىسىنى چۈشىنىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆۋەندە Console سۇپىسىدىكى ماھارەتلەرنى بىر كۆرۈپ باقايلى!
Chrome كۆرگۈسىنىڭ Console سۇپىسى بىر قەدەر مۇكەممەل، ئەلۋەتتە FireFox قاتارلىقلارنىڭمۇ بار، لېكىن يەنىلا Chrome غا يەتمەيدۇ. ياكى FireFox تا FireBug نى قاچىلاپ ئويناشمۇ كۆڭۈللۈك ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. تۆۋەندىكى ماھارەتلەر بىردەك Chrome42 دا ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن.

log نى فورمات بويىچە كۆرسىتىش

 var myName="Mr.Teshna",
	mySite="Teshna.me", 
	greets="Essalamu eleykum",
	welcome="Xush keldingiz";
console.log("%s , mening ismim %s, tor betim %s ge ", greets,myName,mySite,welcome);

نەتىجىسى:
Console_format_s
يەنى، خالىغان ئورۇنغا پارامىتىرلارنى خاسلىقى بويىچە ئورۇن بەلگىلەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
كۆپ قوللىنىلىدىغان Console.log فورماتلىرى ۋە چۈشەندۈرشلىرى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك.

فورمات چۈشەندۈرۈلىشى
%s ھەرپ زەنجىرى
%d, %i پۈتۈن سان
%f كەسىر سان
%o ئوبىكت
%c CSS پاسونى

ئەڭ قىززىق بولغىنى بەزى پىروگراممىرلار Console قىسمىغا ھەرخىل تەشۋېقات ئېلانلىرىنىمۇ چىقىرىۋالىدىكەن، خۇددى تۆۋەندىكىدەك:

console.log('%c  ', 'font-size:124px;background-image:url(wp-content/themes/Teshna.me/img/ad.png)');

log_format_c

log نى دەرىجىلىرى بويىچە كۆرسېتىش

log ئۇچۇرلىرى كۆپ ۋە مۇرەككەپ ئەھۋالدا مۇۋاپىق ھالدا دەرىجىلەر بويىچە كۆرسىتىش ئاقىلانىلىك بولىدۇ. console.debug(),console.info(),console.warn(),console.error() مونۇ ئۇسسۇلار ئارقىلىق بەلگىلەنگەن log نەتىجىسىنى بىكىتكەن دەرىجە بويىچە چىقىرىشقا بولىدۇ.

log نى ھۆكۈمگە ئاساسەن كۆرستىش

بەزىدە پەقەت ئالاھىدە بىرەر شەرت ھازىرلانغان ئەھۋالدا ئاندىن log كۆرسىتىش كېرەك بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكدەك:

console.assert(expression[, object, ...])

يەنى، expression نىڭ نەتىجىسى true بولغىنىدا، console رايۇنىدا خاتالىق ئۇچۇر ۋە خاتالىق كۆرۈلگەن مەنبە ئادرىسى log چىقىرىلىدۇ.

log نى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ كۆرسىتىش

Console سۇپىسىدا log چىقىرىدىغان ئۇچۇرلار زىيادە كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولغىنىدا، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، قاتلاملىق ھالدا كۆرسىتىش بىزگە كۆپ قولايلىقلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

console.group("Gurpa 1");
  console.log(1);
 console.group("Gurpa 1.1");
  console.log(1.1);
 console.groupEnd();
console.groupEnd();
console.group('Gurpa 2');
  console.log(2);
console.groupEnd();

نەتىجىسى:
consoleGroup

log نى جەدىۋەل ھالەتتە چىقىرىش

Console رايۇنىدا جەدىۋەل سىزىپ نېمە قىلىمىز دېمەڭلا! ئادەتتە چىقىرىدىغىنىمىز Json فورماتىدىكى ئۇچۇرلار بولسا، ھەمدە بىر ئاز كۆپ بولسا، ئادەتتىكىدەك چىقارغاندا، كۆزىتىش بەك قىيىنغا توختايدۇ. دېمەك، console.table ئۇسسۇلى ئارقىلىق Console رايۇنىغا ئۇچۇرلارنى جەدىۋەل ھالىتىدە تىزىپ چىقىرالايمىز:

console.table({'birinchi' : {'name' : 'Mr.Teshna', 'age' : 25}, 'ikkinchi' : {'name' : 'Haji', 'age' : 24}});

Console_Table

ۋاقىت ھىسابلىغۇچ

كۆپىنچە فۇنكىسيەلەر ياكى مەلۇم بۆلەكنىڭ ئىجرا بولۇشىغا كەتكەن ۋاقىتنى بىلىش ئۈچۈن، شۇ فۇنكىسىيە باشلانغاندىن ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىت ئايرىمىسىنى ھىسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە Console قىسمىدا بۇنى ھىسابلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق:

function foo(){
    var x = 4.237;
    var y = 0;
    for (var i=0; i<100000000; i++) {
        y = y + x*x;
    }
    return y;
}

console.time("Waqit");
foo();
console.timeEnd("Waqit");

نەتىجە:
Console_time
يەنى مەلۇم فۇنكسىيە ياكى ئىجرا بۆلىكىنى پەقەت console.time ۋە console.timeEnd نىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، خالىغان بىرەر بەلگە نامىنى چوشۇپ قويساقلا، Console رايۇنىدا يۇقىرىقى رەسىمدەك، ئىجرا قىلىشقا كەتكەن ۋاقىت كۆرسىتىلىدۇ(debug رايۇنىدا كۆرسىتىلىدۇ).

پارامىتىرلارنى قولاي ئىشلىتىش

بۇنى نېمە دەپ چۈشەندۈرسەم بولار؟ ئاۋۋال تۆۋەندىكى رەسىمگە قارايلى:
Console_refuse
يەنى Console سۇپىسىدا $_ بەلگىسى ئارقىلىقلا ئالدىنقى قەدەمدىكى نەتىجىنى مىقدار ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. $0 بولسا نۆۋەتتە تاللانغان ئىلمىنىتنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك Console سۇپىسىدا خالىغان بىرەر ئېلمىنىتنى ماۋۇس بىلەن تاللاپ بوياپ قويۇپلا $0 بەلگىسى ئارقىلىق تارتىپ ئىشلىتەلەيمىز.
ئاخىرىدا console.clear() بۇيرۇقى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى Console رايۇنىنى تازىلاشقا بولىدۇ. قېنى بىر - بىرلەپ سىناپ كۆرۈڭلار!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (7)
نەقىللەر (0)
  1. ئارىف [ جۇغلانما: 6 نومۇر ] Google Chrome 42.0.2311.90Windows 8 دىۋان 2015/04/27 04:12

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ھارمىغايسىز..يازمىللىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ..ھەر قەدەملىرڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىغا تىلەكداشمەن..

  2. ھاجى [ جۇغلانما: 44 نومۇر ] Google Chrome 42.0.2311.90Windows 8 گىلەم 2015/04/27 14:16

    ياخشى يازما بوپتۇ. js تىكى خاتالىقنى ئىزدەشتە دائىم دېگۈدەك ئىشلىتىدىكەنمىز. پىروگىرامما ئاچقۇچىلار chrome ۋە firefox تور كۆرگۈچىنى ئىشلەتتىمۇ دەيلى، زىيارەتچىلەر IE نى ئىشلەتسە… لېكىن مۇشۇ دۆلىتىمىز چىقارغان بىر توقاي تور كۆرگۈچلەر بار، يا يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىشى ياخشى ئەمەس، يا كودنى تەڭشەيدىغان يېرى يوق. ئەسلىدىنلا ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر ئاز بولغان IE نى يادرو قىلىپ تېخىمۇ ئىپتىدائىي قىلىپ قويىدىكەن. كۆرۈنمە يۈزىگە بىر توقاي نەرسىلەرنى ئېسىپ بەرگەچكىمىكىن ئىشلەتكۈچىلىرى كۆپكەن….. :lol:

  3. ھەۋەسكار [ جۇغلانما: 10 نومۇر ] Safari 534.30Android 4.2.2 كىگىز 2015/04/27 15:59

    جۇڭگۈەنسۈننىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغان مىكىروسوفىتنىڭ يىڭى تور كۆرگۈسى Spartan دىن Bug تىپىپ بىرەلىگەنلەرگە 18000 ئامىرىكا دوللىرى مۇكاپات بىرىدىكەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا خىلى پوچچى ياسىۋەتكەن چىراي

  4. مېغىز [ جۇغلانما: 9 نومۇر ] Google Chrome 40.0.2214.111Windows 7 4 -قەۋەت 2015/05/08 16:38

    ئېنگىلىزچە دەرسلىكلەرنىڭ كۆپرەكلىردە مۇشۇ رايۇنغا قاراپ ج س يازىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ يەر ج س نىڭ ئەينىكى ئىكەندە. Console نى ئاز تولا چۈشەنگەندەك قىلدىم.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش