كومپىيوتېر نۇسخىسىدىكى توربەتلەرگە نىسبەتەن مائۇس ھادىسىسى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا بۇ Web لايىھە ئىشلىرىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان نوقتىلارنىڭ بىرىدۇر. لېكىن ئوخشىمىغان تور كۆرگۈ ھەتتا ئوخشاش تور كۆرگۈلەرنىڭ ئوخشىمىغان نەشرلىرىدە مائۇس ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا نۇرغۇن پەرقلەر مەۋجۇت. تۆۋەندە ئۆگېنىش جەريانىدىكى ئاددىي يەكۈنلەر بىلەن بۇ ھەقتىكىبىر قانچە پەرقلەرنى خولاسىلەپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
mouseover ۋە mouseout ئېلمىنىتلىرىدىكى پەرق
mouseover
ۋە mouseout
ھادىسىلىرى بولسا DOM3 ھادىسىلىرى ئىچىدىكى ئىككى مۇھىم ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.
mouseover
بولسا مائۇس مەلۇم ئېلمىنت خەتكۈچىنىڭ (元素标签)سىرتىدىن، بۇ خەتكۈچ دائىرىسىگە كىرگەندە قوزغىلىدىغان مائۇس ھادىسىسى.
mouseout
بولسا مائۇس نۆۋەتتىكى ئېلمىنىت خەتكۈچ دائىرىسى ئىچىدىكى ھالەتتىن، باشقا خەتكۈچ دائىرىسىگە يۆتكەلگەندا قوزغىلىدىغان ھادىسىدۇر. باشقا خەتكۈچ دېگەندە نۆۋەتتىكى ئېلىمىنىت خەتكۈچنىڭ سىرتىدىكى خەتكۈچ بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭ بالا ئېلمىنىت خەتكۈچى (子元素标签)بولسىمۇ بولىدۇ.
كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى: بۇ ئىككى ھادىسە ئاساسلىقى مائۇسنىڭ بىر ئېلمىنىتتىن يەنە بىر ئىلمىنىتقا يۆتكەلگەندىكى ئەھۋالىنى تەسۋېرلەيدۇ. شۇڭلاشقا، پۈتكۈل ھادىسە جەريانىغا قاتنىشىدىغىنى ئىككى ئېلمىنىت (نۆۋەتتىكى ۋە نىشان ئېىلمىنىت)بولىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېلمىنىتتىن باشقا، ماۋئۇس ھادىسىسىگە قاتنىشىدىغان يەنە بىر ئېلمىنىتنى ئويلىشىشمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ئۆلچەملىك ھادىسە ئوبىكتى event
نىڭ relatedTarget
دېگەن خاسلىقى بولۇپ، بۇ خاسلىق ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئېلمىنىت ئۇچۇرلىرىنى (يەنى نۆۋەتتىكى ۋە نىشان ئېلمىنىت)ئېلىشقا بولىدۇ. لېكىن، پەقەت ۋە پەقەت mouseover
ۋە mouseou
ھادىسىسىدىلا مەزكۇر خاسلىقتا مۇناسىۋەتلىك ئېلمىنىت ئۇچۇرلىرى بار بولىدۇ. باشقا ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ قىممىتى ھەر زامان Null .
مىسالەن، تۆۋەندىكى HTMl كودقا قاراپ باقايلى:
demo