Home >  > سېغىنىشنىڭ رەڭگى قىپقىزىل

سېغىنىشنىڭ رەڭگى قىپقىزىل

10

سېغىنىش... بىر ئادەم نېمىلەرنى سېغىنشى كىرەكتۇر!؟ ئۆزى بىلمەيدىغان بىر ئازاپ ئىسكەنجىسىدە زادى نېمىلەرنى سېغىنىپ قالىدىغاندۇ؟! باشقىلارنىڭ ھاياتىدا ياشاۋىتىپ ئۆزىمىزنى سېغىنىپ قالىدىغاندىمىز، بەلكىم. بۇ تىل نەقەدەر ئاجىز بىر نەرسە- ھە! قەلىب غەليانلىرىمىز يۇپۇرۇلۇپ كەلگىنىدە گويا بىر تىلسىز مەخلۇققا ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز. جاننى كېچە - كۈندۈز قىينايدىغان ئازاپلارنى شۇ پېتى قەغەز يۈزىگە سىزىپ چىقىرىۋەتكىلى بولسا ئىدى...

كۆزلىرىمگە قىزىللىق قۇيۇلىۋاتاتتى. رەڭ، سىزىم، ئاۋاز ھەممىسى قىپقىزىللا ئىدى. دېڭىزلارنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرغىنى سۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەسلىدە ھەممىسى قىپقىزىل قان ئىكەن. قانلارنىڭ رەڭگى نېمە ئۈچۈن قىزىل بولۇپ قالغىيىتتى؟ ئادەملەرنىڭ ئىرقىدەك، ياكى چاچلىرىدەك قارا، قوڭۇر، سىرىق بولسا بولماسمىدى. سېغىنىشنى نېمە ئۈچۈن قىزىل رەڭدە چۈشەيدىغاندىمەن؟!

بىر تۈپ گۈلنىڭ ياپرىقىدا ئۇخلاپ قالغان ئاچقورساق بالا بار ئىدى. چۈشىدە بىر پارچە نان ئۈچۈن ئۆيمۇ - ئۆي تەلمۈرۈپ يۈرەتتى. قان چاچرىتىپ بوران چىقتى - دە، ھەممىنى سۈرتوقاي قىلىۋەتتى. گۈل بەرگىدىكى بالا چۈشىدە يوقاپ كەتتى، گۈلنى بولسا قىزىللىق يالمىۋەتتى. قىپقىزىل سېغىنىشنىڭ ئاراشلىرىدىن ئۇنىڭ چۈشىدە يوقاپ كېتىشىگە بىر شاھىد بولۇپ قالدىم.

بىر ۋاراق قەغەزدە قىزىل رەڭدە يېزىلغان، قىپقىزىل قانلاردىن مۆھۈر بېسىلغان مەكتۇپ تۇراتتى. "xxx نىڭ جېنىنى ئال" دېگەن قۇرلارنى كۆرمىسەم بوپتىكەن. چىرايلىق بىر پارچە سۆيگۈ مەكتۇپى ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەجەبا قاننىڭ قىزىل رەڭدە بولۇشى بىر تاساددىپىلىق ئەمەسمىدۇ؟! تومۇرۇمدىكىنى قان دەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەسلى ئۇمۇ پەقەت بىر قىزىل رەڭ سۇيۇقلۇق ئىكەن. قانغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلىقتىن روشەن پەرقى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

سېغىنىش ئازابى قوزغالغىنىدا قانسىراپ كېتىمەن. قىزىل رەڭلەر ئىچىدە ھوشۇمدىن كېتەي دەپ قالغاندا كروران خارابىلىرىدەك ئاجايىپ بىر ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالىمەن. چۈچۈش، سىلكىنىش، قانسىراش ئاندىن يەنە تىنىچلىنىش.

بىر ئادەم ئۆزىنى ئۆزى سىغىنىپ قالغىنىدا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئۇنى سېغىنىشىنىڭ تەكتىگە يېتىدىكەن. ھەقىقىي سېغىنىشنىڭ تەكتىگە يەتكىنىدە بولسا ناھايىتىمۇ كىچىككەن بولىدىكەن. بىر قەلىبتىن سېغىنىشنىڭ بارلىق ئازاپلىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنىدە، بەلكىم جاھاندىكى رەڭدارلىقنى كۆرەلىشى مۇمكىندۇر. ئەمما سېغىنىشنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇپ قويىدىكەن.

بىر ئادەم ئۆزىگە رەھىمسىلەرچە ئېنىقلىما بېرىپ باقسا، چوقۇمكى كۆپىنچە ۋاقىتتا زامانىمىز ماشىنىلىرى ياكى باشقا جانۋارلىرى بىلەن تۈپكى پەرقلىنەلمەي قالغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن. باشقىلارغا ئوخشىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، ھەقىقىي ئۆزۈمگە ئوخشىيالمايۋاتقانلىقىم ئۈچۈن، قىسقىسى باشقىلاردىن ئۆزلۈكۈم بىلەن پەرقلىنەلمەيۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بەك ئازابلىنىمەن. سېغىنىشنىڭ رەڭگى قۇياش نۇرنىڭ رەڭگىگە ئۆزگىرىدىغان شۇنداق بىر كۈننى ئىلتىجا كۈتىمەن. بەلكىم، قىزىل رەڭلىك سېغىنىشلار ئىچىدە مەنمۇ بىر كۈنى يوقاپ كېتەرمەن. ئەمما، يوقاپ كېتەيلا دەپ قالغاندا ئايان بولىدىغان شۇ ئاجايىپ ئاۋازلار سۆڭەكلىرىمنى ئىزىپ تالقان قىلىۋىتىدۇ...

ئازابنىڭ تەمى ئاچچىق، سېغىنىشنىڭ رەڭگى قىپقىزىل، تىتىماي دەپمۇ تىتىپ قالىمەن. قىزىللىق ئىچىدە مۆكچىيىپ ئولتۇرۇپ سېنى كۈتۈپ قالىمەن. ئىھ، سېغىنىشلىرىمنىڭ يىلتىزىغا قۇۋەت بېرىپ تۇرغان ....

    بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

    بۇ يازىمىدا خەتكۈش يوق

    ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...

    
    ئۈنچىلەر (10)
    نەقىللەر (0)
    1. ھەۋەسكار [ جۇغلانما: 10 نومۇر ] Google Chrome 42.0.2311.135Windows 7 دىۋان 2015/05/17 10:15

      قەلەم دىگەن بىر ئەركىن دۇنيا، سىزلا خالىسىڭىز ئۇنىڭدا ھەممە نەرسىنى سىزالايسىز، ھەممە نەرسىنى يازالايسىز، بىراق ھىسىيات بۇنىڭ سىرىتىدا قەلەمگە شۇنچە ئەركىنلىك بىرىلسىمۇ ھىسىياتنى ئىننىق ئىپادىلەشتە ئۇمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ

    2. مېغىز [ جۇغلانما: 9 نومۇر ] Google Chrome 40.0.2214.111Windows 7 گىلەم 2015/05/17 14:17

      بۇ تېمىنى ئازراقلا ئۇقۇپ ئۇقۇماسلىق قارارىغا كەلدىم. چۈنكى بۇ تىمىنى ئۇقۇپ تۇرسامۇ چۈشىنەلمىدىم. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر تېمىنىڭ يېزىلغانلىقىنىمۇ چۈشەنمىدىم. بەلكىم مەن دۆتدۇرمەن.

    3. ئارىف [ جۇغلانما: 6 نومۇر ] Google Chrome 42.0.2311.135Windows 8 كىگىز 2015/05/17 14:17

      –ئۈمۈتلىرىمدە ئىستەيمەن ئۆلۈم..
      جەسىتىمنى يىگىن ئەي قۇياش–

      -روھىمغا مېھماندۇر مۇڭلۇق خىياللار …
      باغرىمدا چېچەكلەپ كۈرمىڭ سۇئاللار …..

    4. ئارىف [ جۇغلانما: 6 نومۇر ] Google Chrome 42.0.2311.135Windows 8 4 -قەۋەت 2015/05/17 14:23

      ئوقۇش – ئەركىنلىككە ئۇچۇشتۇر.
      ئالدىڭىزدىكى قەدەملىرىڭىز بەقارار بولسۇن ..تلەكداشمەن–.قېرىندىشىم

    5. يۈكسەل [ جۇغلانما: 1 نومۇر ] Google Chrome 42.0.2311.90Windows 7 5 -قەۋەت 2015/05/21 11:14

      ماۋۇ مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇپ باققانتىم ،بەك ياخشىكەن.
      مۇمكىن بولسا مۇشۇ مۇزىكىنىڭ ئادرېسنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ! :smile:

    6. يىگانە [ جۇغلانما: 8 نومۇر ] Firefox 38.0unknow 6 -قەۋەت 2015/05/22 13:15

      پروگراممىرلار پروگرامما ئۈچۈن ياشىسىمۇ، ئۆزىنى پروگرامما ئۈچۈن ئاتىسىمۇ بىراق پروگراممىرنىڭمۇ شۇنداق بىر ئازابى بولىدۇ،
      ئەمەلىيەتتە پروگرامىرلارغا ھەممە ھەۋەس قىلسىمۇ بىراق پروگراممىرلارمۇ يالغۇزلۇق غىرىپلىق ئازابىدا تولغىنىدۇ،
      لىكىن ھەممىسى ئەمەس…

      ئىنساننىڭ تىلى ھەر قانچە ئەركىن، ئۆتكۈر بولسىمۇ تېمىدا دىيىلگەندەك كۆڭۈلنى، يالغۇزلۇق، غىرىپلىقنى ئازاپ سىغىنىشنى ئۆز ئەينى ئىپادىلەپ چىقىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ

    • كۆچۈرۈلمە يوق

    ئۈنچە قالدۇرۇش