Home >  > نېمە ئۈچۈن تور بېكەت قۇرىمەن؟

نېمە ئۈچۈن تور بېكەت قۇرىمەن؟

11

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېخنىكا كۇلۇبىمىزنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى. بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم شۇ ئىشنى قىلىشقا تۈرىتكە بولىدىغان، ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدىغان سەۋەب بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە بىر قانچە تورداشلار تور بېكەت قۇرۇش ھەققىدە سوراپ قالدى. ئۆزۈمنىڭ بىلىشىمچە جاۋاب بەردىم. لېكىن بۇ مەسلىنى بىر يىغىنچاقلاش ئويۇم بار ئىدى. ئۆزۈمنىڭ سۇئالىغا ئۆزۈم جاۋاب تاپقان بولساممۇ تورداشلارغا يىغىنچاقلاپ قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىلدىم.

ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بۇ سۇئالغا مىسال ئارقىلىق جاۋاب بېرىشنى لايىق تاپتىم. يەنى بېكىتىمىز ئاپتۇرى تەشنايىنى ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە تەجىربە ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدىم.

 


تەكلىپ بويىچە قىسقىغىنە بۇ ئىككى يىلدا ھېس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتەي.

كۇلۇبىمىزنىڭ تارىختىكى ناملىرى:تەشنايى تورخاتىرىسى -› تەشنايى بىلوگى -› تەشنا بىلوگى -› تەشنا تېخنىكا كۇلۇبى
قۇرۇلغان ۋاقتى: 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى
قۇرۇلۇشقا بولمىش سەۋەبلەر: ئەينى يىللاردا بەكمۇ قىززىيدىغان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى، تورخۇمارلار كۇلۇبى، قىسمەت بىلوگى، ئېلىقۇت بىلوگى... قاتارلىق بىر قاتار بىلوگلار قىزىقىشىمنى قوزغىغان بولدى. ئەڭ مۇھىمى مەكتەپتە چورتلا مىللىي مۇھتتىن ئايرىلىپ، بىر خىل يالغۇزلۇق ئىلكىدە ئۆتۈشكە باشلىغان كۈنلەر تولىمۇ ئىغىر تۇيۇلدى. ئۆزۈم كۆپ خىيالچان، پىكىرلىشىشكە ئامراق بالا بولغاچقا، ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىدىغان دوسىتلىرىم يېنىمدا يوق. ھەر كۈنى ياتاققا قايىتسام يەنە شۇ گۆردەك سوغۇق، ياكى بىر پىكىردىشىم يوق... شۇنىڭ بىلەن بىلوگ قۇرۇش ئىستىكى قوزغالدى. ئەينى چاغدا «بىلوگقا نېمە يازارمەن ئەمەس، قانداق قۇرارمەن» دېگەن خىيال بار ئىدى.
شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇربەگ بىلەن پرېستانلار تازا دەۋران سۈرىۋاتاتتى. بىلوگ قۇرۇش توسەنلىرىنى چىقىرىپ، كەسپىي مۇلازىمەت قىلىۋاتاتتى. مەنمۇ 300 سومنىڭ مەرىدىن كېچىپ تۇنجى بىلوگنى ئۇيغۇربەگكە ئاچقۇزدۇم(پۇل تاپشۇرۇپ 15 مېنۇتتا«بىلوگ مانا» دەپ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇب بىلەن تاشلاپ بەرگەن ئىدى، ئەسلىي موشۇنچىلىك ئىشكەن دەپ ئوبدان قورساق ئاغرىغان پۇلغا...) كېيىن بىلمىگەننى ئۇيغۇربەگدىن، قىلالمىغاننى مۇئەللىم بىلوگىنىڭ ئاپتورى مۇئەللىم ئاغامدىن سوراپ يۈرۈپ تىزلا ئۆگىنىپ كەتتىم. يەنىمۇ كېيىن، كەسپىم موشۇ كودخۇمارلىق بولغاندىكن، تېخىمۇ تىزدىن ئۆگىنىۋالدىم ۋە باشقا پىروگراما تىللىرىنىمۇ ئاز - تولا ئۆگەندىم.
بىلوگ خارەكتېرىدە ئۇنىۋېرسالللىقنى ئاساس قىلىپ(چۈنكى كەسپىيلىككە سەۋىيە يىتىشمەيىتتى)، يازمىلارنىڭ ئىجادىي بولۇشىغا كۈچەپ كەلگەن ئىدىم. كېيىن كەسپىمنىڭ يۆنىلىشىگە ۋە ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ موللىشىشىغا ئەگىشىپ پىروگرامما ۋە تېخنىكا بىلىملىرى ساھەسىگە ئىغىپ كېتىپ بارىدۇ. لېكىن ئۇنۋېرساللىقنى يەنىلا ساقلاشقا تىرىشىمىز. كۇلۇبىمىزدىن پىنھان قەلىبلەرنىڭ شىۋېرلاشلىرى، ھەرخىل تەسىرات - يەكۈنلەر، ھەتتا ناخشا - مۇزىكا ئەڭ مۇھىمى تۈرلۈك تېخنىكا بىلىملىرى ئىسسىق ھورى بىلەن قومۇرۇلۇپ تۇرىدۇ.
بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىم: قاراپ باقساق ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرچە توربەتلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئىچىدە ئازراق بىر قىسىملىرى سېستىملىق پىلان بىلەن مەلۇم ئىقسادىي ياكى مەنىۋېي نوقتىنى چىقىش قىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقاندىن سىرىت، كۆپىنچىسى شەخسىلەرنىڭ قىزىقىشى بىلەن ۋەياكى بىرەر ساھەگە خاس ئۇچۇرلارنى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
سېستىمىلىق چوڭ توربەتلەرنىڭ دەۋىرگە ماسلىشىشى بەك ئاجىز. 10 يىل ئۆتسىمۇ ئۆز ئورنىغا سەكرىگىنى سەكرىگەن. مەيلى ئىقتىدار، مەيلى كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىن بولسۇن كۆپ يېڭىلىق يوق. شەخىس ئىلكىدىكى كىچىك تور بەتلەرگە قارىساق بۈگۈنى ئېچىلسا ئەتىسى يوق... ئىشقىلىپ موشۇنداق. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم توربەت قۇرۇش ۋە ھەرجەھەتتىن ماس ھالدا يېڭىلاپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىلى چىدام - غەيرەت، ئېنىقى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان ئىش.
گەرچە تەشنا بىلوگى زىيارەت جەھەتتە بەزى بىلگلارغا يەتمىسىمۇ، ئېنكاسلارغا تولۇپ كەتمىسىمۇ، مەن ئويلايمەن: بىر ئادەم بولسىمۇ يوللىغان مەزمۇنلاردىن ھەقىقىي نەپ ئېلىپ، ئانا تىلىنىڭ خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە بولۇپ قالمىغىنىغا ئۆكۈنمەيدىغان بولسىلا بولدى. يەنى، بىلوگدىن زىيارەت مىقدارى ۋە سەۋدالارچە ئىنكاس كۈتۈش بىھاجەت. چۈنكى بىلوگ خارەكتېر جەھەتتە بىلىم ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغان شەخسىي توربەتتىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىن قانداقتۇر ئىلان كىرىمى ۋە ياكى باشقا مەنپەئەتلەرنى كۆزلەش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىلوگ (ياكى توربەت) مەزمۇنى سەرخىل بولسا تەبئىيلا ئوقۇرمەنلەرنى جەلىب قىلالايدۇ. يەنە كېلىپ زىيارەتچىلەرنىڭ سانىغا ئەمەس، بىلىم سەۋىيسىگە قاراش كېرەك. بىلوگىڭىزنى ناخشا-مۇزىكا ياكى كۈندىلىك مودا تىمىلارنى چاپلاپ تولدۇرۇڭ، كۈندىلىك IP نەچچە مىڭغا يەتكەنمۇ بولسۇن، بىراق زىيارەتچىلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسى ئىنكاسنىمۇ ئوڭشاپ يازالمايدىغان، ناخشا - مۇزىكا ۋە ئەر - خوتۇن ھىكايىلىرىدىن باشقىغا قىزىقمايدىغان بىكارتەلەپلەر ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي ئامالىڭىز يوق.
ئۇيغۇر توردۇنياسى سەۋىيەلىك، ئەخلاقلىق، بىلىمگە ئىنتىلىشچان بىر تۈركۈم زىيارەتچىلەرگە مۇھتاج. ئاندىن ياخشى يېزىلىپ كېلىۋاتقان بىر بىلوگمۇ موشۇنداق كىشىلەرنى تور دۇنياسىغا جەلىپ قىلىش، ياكى تەربىيلەش جەھەتتە ئۈن - تىنسىز كۈچ قوشىۋاتقان بولىدۇ. مەسىلەن: سىز بىر پىروگراممىر، ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى بىلوگىڭىزدا ئورتاقلىشىپ ماڭدىڭىز، مەزمۇنلار يىغىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، شۇ ساھەدە مۇكەممەل بىر دەرىسلىك ياكى ئۆگېنىش مەنبەسى ھازىرلانغان بولىدۇ. نېمە ئىش قىلىشىنى بىلمەي، تور ئارىلاپ يۈرگەنلەر شۇلارنى كۆرۈپ قىزىقىش قوزغىلىدۇ ۋە شۇنىڭ تۈرتىكىسىدە ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. مانا بۇ بىر بىلوگ ۋە بىلوگگىرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى.

بۇ قىسقىغىنا ئىككى يىللىق بىلوگ ھاياتىمدا نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىمدىن كەچۈردۈم. ھەر يىلى بوشلۇق، تورنام دېگەنلەرگە بىرمۇنچە چىقىم بولۇۋاتىدۇ، ئۆزۈم ئوقۇغۇچى، ئۆگېنىش بەكلا ئالدىراش. تېخىمۇ يامان بولغىنى ئارىلىقتا بىر چىرايلىق تور نامىم ئوغۇرلاندى... شۇ چاغلاردا "بولدىلا، بىلوگ يازمايلا قويايچۇ!" دەپمۇ ئويلىدىم، بىراق يەنە بولمىدى. بىلوگنى قۇرۇپ قويغان بىلەن ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرمىسا تېخى بولمىغان، ئامال قىلىپ يېڭىلاشقا تىرىشىۋاتسىمۇ زىيارەتچىنىڭ تايىنى يوق بولۇۋاتقان.... بەزىدە ئويلىماي قالمايمەن: بىزنىڭ كىشىلەردە تېخنىكا ئۆگېنىشكە ھىرىسمەنلىق بەكلا سۇس، بىر ئۆمۈر ناخشا - مۇزىكا، مەشرەپ - ئۇسسۇل بولسىلا كۇپايە.... لېكىن نېمىلا دېمەي مەنمۇ موشۇ قەۋمنىڭ بىر ئەزاسى - دە! دېمەك بىلوگنى توختىتىپ قويۇشقا ئەڭ چوڭ رىغبەت زىيارەتچىلەرنىڭ ئاز بولۇشى؛ توختىماي يېڭىلاپ داۋاملاشتۇرۇشقا ئەڭ زور سەۋەب ئەزىز زىيارەتچىلەرنىڭ قەلىب ئۈنچىلىرى ۋە بىلوگگىر دوسىتلارنىڭ مىھرى - مۇھەببىتى.

مانا ھازىر ھاجى، پادىچى، تاشۋاي قاتارلىق دوستىلىرىمنىڭ قېتىلىشى ۋە باشقا دوستىلارنىڭمۇ ئاز - تولا يازما يوللاپ تۇرۇشى بىلەن بىلوگىمىز كۇلۇب نامىدا، كۆپ كىشىلىك بىر سۇپىغا ئايلاندى. كەلگۈسىگە نىسبەتەن ھەرخىل پىلانلار تۇرۇپتۇ، ھازىر مۇھىم بولۇۋاتقىنى ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى. ئاللاھ خالىسا، بىر نەچچىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە نەپ بېرەلىگىدەك، مەزمۇنى تېخىمۇ سەرخىل بولغان بىر توربەت ھازىرلانغۇسى.
خوش تەسىراتلار شۇنچىلىك بولسۇن. قالغىنىنى ئالدىرىماي يەنە ئورتاقلىشارمىز!

2014- يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

بىر ئىشنى باشقا ئېچىقىمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم ئاۋۋال پىلاننى ئوبدان تۈزۈۋال، چۈنكى قايتىدىن باشلاش ئاسان ئەمەس.


ئۈنچىلەر (11)
نەقىللەر (0)
  1. پادىچى [ قىرىقىنچى دەرىجە ] unknowunknow دىۋان 2014/10/02 10:26

    خۇددى ئۇيغۇربەگدەك ، ۋە كىيىنكى ھاجى ۋە تەشنايىلاردەك مەنمۇ مىغىلداپ تۇرغان ئىشلار قاينىمىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ، تېخىمۇ ئېنىقراقى ئىلگىركى ئىچىم پۇشسىلا كەسپىمدىن ئەسەرلەر يىزىپ سۇنۇپ تۇرىدىغان ئادىتىمنى – ئارمانلار كەينىدىن چېپىشىپ كەلگەن ئالدىراشچىلىق پېتىقدىۋەتتى ، ئەمدىلىكتە بولسا گەرچە كۈچۈمنىڭ يىتىشچە خاتىرە يىزىشنى يەنىلا داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ ، ئەمما بىلوگلارغا ، مۇنبەرلەرگە يوللاپ ئورتاقلاشقۇدەك ۋاقىت ، (ئەلىۋەتتە باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەرمۇ بار) يوق بولۇپ قالدى. ياكى بولسىمۇ ئورتاقلىشىشقا بەك قىزىقىپ كەتمىدىم. – چۈنكى نەزەرلەردە بۇنداق قىلغانلىق قۇرۇق نەزىريە سۆزلىگەنلىك بولۇپ سانىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ھىچبىر پايدىسى يوقمىش.

    مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، تەشنا بىلوگى ، گۈدۈك ۋە باشقا بىرقانچە ئىسىل مەنزىلگاھلاردىكى يارەنلەر ، ئاكىلار ۋە سەبداشلارنىڭ رىغبەت ۋە ھىممىتىدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا قىزغىنلىقىمىز قايناپ تۇرۇپتۇ . ھالبۇكى بىز چىرايىمىزنى كۆرۈشمەي ، بىر – بىرمىزنى چۈشەنمەي تۇرۇپ يېقىن ھەقەمسايىلەردىن بولۇشقان ، ئەلىۋەتتە ئىگىسى خالىسىلا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەم يۆلەكلەردىن بولىمىز. – گەرچە ئالدىراشچىلىق قاينىمىدا ھوزۇر بىلەن شۇڭغۇپ يۈرۈپ ئىلگىركىدەك كۆپ ئەسەرلەرنى يازالىشىمدا ئۈمۈد بولمىسمۇ ، بۇ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشنىڭ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى چوڭقۇر ھىس قىلغانمەن. -

  2. ئالپبەگ [ قىرىق ئۈچىنچى دەرىجە ] unknowunknow گىلەم 2014/10/02 23:18

    بۇ يىل بىلوگچىلارنىڭ ئەڭ تالاپەتكە ئۇچرىغان يىلى بولدى. شەخسەن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تور نامىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ ھازىرغىچە قايتۇرۇۋالالمايۋاتىمەن. مەن بىلوگنى بەزىدە ئايدا بىر، بەزىدە ئايدا خېلى كۆپ تېمىالارنى يوللاۋاتىمەن. ھەممىدىن مۇھىمى ساپالىق بىلوگ زىيارەتچىلىرىنى جەلب قىلىش ئىكەن. ھازىر قەدرى تازا بولمىغىنى بىلەن كۈندىن – كۈنگە تەسلىشىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش بېسىمى نۇرغۇنلىغان ياخشلارنى يېڭى تېخنىكا ئىگىلەشكە مەجبۇر قىلىدىغىنى مانا مەنلا دەپ تۇرىدۇ. شۇڭا چىشىمىزنى چىشلاپ، قورساقتىكى بىلىملىرىمىزنى تۆككەچ تۇرايلى، ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشمۇ بەك مۇھىم.

  3. ۋولقان [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow كىگىز 2014/10/08 17:10

    رەھمەت ئۇستازلار، سىلەرنىڭ بۇ تۆككەن تەرىڭلار بىزلەرگە قالدۇرغان ئىز، سىلەرنىڭ بۇ جاپا – مۇشەققىتىڭلار بىزلەردەك تىنەپ – تەمتىرەپ يۈرگەنلەر ئۈچۈن مەشئەل.

    ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھارماي – تالماي ئىزدىنىۋاتقان ئۇستازلارغا قايتا – قايتا تەشەككۈر.

  4. نەجمى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2014/10/10 20:01

    يېقىدىن بۇيان مەنمۇ شۇنى ھېس قىپ قالدىم ، بىزنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدا توربەتلەر ، بىلوگلەر ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس ئىكەن ، توغرا ،سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزدەك كەم بولۇۋاتقىنى كۆرۈرمەنلەر سەۋىيەلىك كۆرۈرمەنلەر. مەن ئۆزۈمنى ئېپ ئېيتسام مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر قەدەر يۇقرى تېخنىكىلىق كومپىيوتېر بىلىملىرىنى بىلمىسەممۇ ھەم سىلەردەك نەتىجىلەرنى يارىتالمىغان بولساممۇ ،لىكىن مەن كومپىيوتېرغا ئىنتايىن قىزىقىمەن ، بولۇپمۇ توربەت لاھىيەلەشكە ، دىتال كودلىرىنى يېزىشقا ئىنتايىن قىزىقىمەن . مېنىڭ بۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىشىمدىكى ئاسالىق سەۋەب شۇ بولدىكى دۇنيادا كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ،ھەتتا دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى بىز بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نومۇسىغا يەتمەيدىكەن ، بىراق ئۇلارنىڭ «تورلىشىشى» ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقىنىمدا ئۇچۇرلۇشىشى ئىنتايىن يۇقرى ئىكەن ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ يېزىقى ۋە تىلىنى ئىشلىتىپ يېزىلغان دىتاللارنى ، توربەتلەرنى مەيلە كۆچمە ئۈسكىنىدە بولسۇن ياكى مەيلە كومپىيوتېردا بولسۇن بىمالال كۆرەلەيدىكەن . بىراق بىز نوپۇسىمىز 10 مىليوندىن ئاشىدىغان ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى ، تارىخى ، مەدەنىيىتى بار بىر چوڭ مىللەت تۇرۇقلۇق ، ھېلىغۇ توردا پاراڭلاشقاندا ئىكەن ھەتتا ئادەتتە ئىككى ئۇيغۇر ئۆز ئارا پاراڭلاشقاندا يات تىللار بىلەن پاراڭلىشىدىغان ، ئۆزۈمىزنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلساقمۇ دەمالىققا دېمەكچى بولغان سۆزىمىزنى ئانا تىلىمىزدا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ھالەتكە دۇچار بولدۇق . مېنىڭچە بۇنداق بولۇشتىكى بىر چوڭ سەۋەپ بولسا بىزنىڭ تورچىلىقىمىز ، بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ، رەقەملىشىشى زامانغا يېتىشەلمەي قالدى . ئەڭ ئاددىيسى بىز ئادەتتە زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭىدىن بەرپا بولغان سۆزلەرنى ئانا تىلىمىزنىڭ رەقەملىشىشى زامانغا يىتىشەلمىگەنلىكى سەۋەپلىك باشقا تىللار بىلەن كۆرۈپ باشقا تىللار بىلەن قوبۇل قىلىۋاتىمىز . چۈنكى ھازىرقىدەك كىشىلەر قولىدا بىردىن تىلفۇن بولغان ، باشقا تىللارنىڭ رەقەملىشىشى ئۇچقاندەك تىز بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار ‹‹ ئادەم ›› دەپ ئاتالماي ‹‹ تورداش ›› دەپ ئاتىلىدىغان بولدى ھەمدە بۇ ‹‹تورداشلار ›› قولايلىق ئۈچۈن قەغەز كىتابنى تاشلاپ رەقەملىك كىتاپنى قولغا ئالدى . شۇڭا بايا مەن ئېيتقاندەك يېڭىدىن بەرپا بولغان سۆزلەر بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ رەقەملىشىشى زامانغا يېتىشەلمىگەنلىكى تۈپەيلى قەغەز كىتاپ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ سىماسىغا كىرىشتىن ئاللابۇرۇن ، باشقا تىل ئارقىلىق كىرىپ ، يەنە يېڭىدىن چىققان نۇرغۇن سۆزلەرنى باشقا تىل ئارقىلىق قوبۇل قىلىنپ بولۇنغان بولدى . ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ، بۇنداق باشقا تىل ئارقىلىق قوبۇل قىلغان سۆزلەر يىغىلىشىپ ئاللابۇرۇن سۆز بېرىكمىسى بولدى ، ھەتتا بەزى ‹‹زاماننىڭ ئالدىدا ماڭغان››لارنىڭ ئالدىدا بۇنداق سۆزلەر ئاللابۇرۇن ‹‹جۈملە›› ، ‹‹ئابزاس›› ،‹‹ تېكىست››، ھەتتا ‹‹داستان ››مۇ بولدى ؛ مۇنۇ قېرىنداشلىرىمىز سۆزلەشسە ئانا تىل بىلەن ئەمەس ، پۈتۈنلەي باشقا تىللارنى ئىشلىتىپ سۆزلىشىدىغان ھالەت ئاللابۇرۇن شەكىللىنىپ قالدى . ئەڭ قورقۇنۇشلىقى بولسا بىزنىڭ كۆپلىگەن قېرىداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىمىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئانا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇنداق خەتەرلىك قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى بولدى . مەن شۇنداق كۆپ يېزىپ كەتتىم ، بىراق مېنىڭ ھەقىقىي كۈتىدىغىنىم بولسا بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ زامانغا ئەگىشىپ رەقەملىشىشى ،زامانىۋىيلىشىشى . مېنىڭچە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغان ھەم كەم بولسا بولمايدىغان بىر كۈچ بولسا چوڭ بولغان ، سىستىمىلاشقان ، مۇكەممەللەشكەن ئانا تىلنى رەقەملەشتۈرىدىغان بىر‹‹ ئىمپىريە›› ، ھەرگىزمۇ كىچىك ‹‹بەگلىك›› ياكى كىچىك ‹‹دۆلەت›› ئەمەس . مېنىڭچە ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇر تورچىىقىمىزدا بۇنداق كىچىك بەگلەك دۆلەتلەر بەك كۆپ ئىكەن ، ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇشۇ بەگلىكلەرنىڭ ‹‹بەگلىرى ›› ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ بىرلەشسەڭلەر ، ئىتپاقلىشىپ بايا مەن دېگەندەك ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر ‹‹ ئىمپىريە ›› نى قۇرۇپ چىققان بولساڭلار . بۇنداق قىلغان بوساڭلار بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولۇپلا قالماي يەنە ئۆزۈڭلارغا ئىقتىزادىي بايلىق يارىتالىشىڭلار مۇمكىن ئىدى .(سىز بۇ تېمىدا يازغابلىرىڭىزنى كۆرۈپ ، سىزنىڭ ئويۇڭىزنى ئۇقۇپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم ، ئىگەم يولۇڭىزنىڭ ئوچۇق قىلسۇن )

    • تەشنايى [ توققۇزىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ نەجمى 2014/10/10 20:52

      ئويلىغانلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغىنڭىزدىن كۆپ سۆيۈندۈم! توغرا دەيسىز، نۆۋەتتە جەمئىيەتنىڭ رەقەملىشىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچۈتكىدەك تىز بولۇۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ خىل رەقەملىشىشكە ماسلىشىپ بولالمىغان مىللەت تەبئىيكى باشقىلارنىڭ تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىغا مۇھتاج بولىدىغان گەپ. بۇخىل مۇھتاجلىق ئېنىقكى شۇ تىلدىكى بىرتالاي ئاتالغۇ ۋە ئىددىيەلەرنى بىزگە تۇيدۇرماستىن سىڭدۈرىدىغان گەپ.
      ئۇيغۇر تورچىلىقىدا سىز دېگەندەك «ئىمپىرىيە» لەرنىڭ بارلىققا كېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن. پەقەت ئۈن – تىنسىز تىرىشىدىغانلار توختاپلا قالمايدىكەن، كەلگۈسىدىن ھەرقانداق ئۈمۈدلەرنى كۈتۈشكە ھەقلىق بىز.
      ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي…

      • نەجمى [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow @ تەشنايى 2014/10/10 22:56

        سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار ، بۇ بىر جەھەتتىن راستىنلا ۋاقىت مەسلىسى . بىراق مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ۋاقتى كەلگەندە ئمپىريە تەيياربولغاندا بۇ ئىمپىريەنىڭ قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن . ھازىر سىزمۇ تۇيۇپ تۇرغانسىز ، باشلانغۇچتىن باشلاپ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، ھەمدە بارغانسېر كۈچەۋاتىدۇ . ھازىر بولۇۋاتقانلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ چىرايلىقچە قىلىپ ئېيتقاندا قوش تىللىق مائارىپ ، بىراق بۇنىڭ ھەقىقىي ماھايىتى ‹‹بىرلەشتۈرۈش ›› مائارىپى بولۇپ قالغىلى تۇردى . مېنىڭچە بۇ بىر ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق ۋەقە . مائارىپنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ . ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىر مىسال ، سوۋىت ئىتپاقى مەزگىلىدە بىر ئەۋلاد روسچە مائارىپ يولغا قويۇلغانلىقى تۈپەيلى ، ھازىر مۇستەققىل بولغىنىغا 20 يىلدىن كۆپ بولۇپ ،ھۆكۈمەت شۇنداق كۈچىگەن شارائىتتىمۇ يەنىلا پۈتۈن دۆلەت روس تىلىنىڭ سايىسىدىن چىقىپ كېتىپ بولالمايۋاتىدۇ . مېنىڭ ئارزۇ قىلىدىغانىم بۇ مەسلە ئۈستىدە بىلىمى بارلار بىلىم چىقارسا ، پۇلى بارلار پۇل اچىقارسا ، قالغانلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ ئاددىي ئىشنى قىلىپ ئانا تىلىمىزنى سۆيسەك ، قەدىرلىسەك بولاتتى . شۇڭا سىزلەردەك بىلىمى بارلارنىڭ جاپالىق بولسىمۇ تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .

  5. Gheyur [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 31.0.1650.63Windows 7 5 -قەۋەت 2014/12/05 12:46

    گەرچە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى نۇرغۇن قىزىقىشلارنى سۆرەپ كىتىپ بارغان بولسىمۇ، ماڭا يەنىلا مۇشۇ بىلوگ ، تور بىكەتلەرنىڭ مېھرى ئىسسىق بىلىنىدۇ، مەنمۇ بۇرۇن بىلوگ قۇرۇپ باققان ، ئۆزۈم ئىجادىي قىلىپ، باشقىلارنىڭكىنى ئۇلانما قىلىپ ۋە ياكى باشقا تىلدىن تەرجىمە قىلىپ دىگەندەك، لىكىن سىز دىگەندەك بىلوگ تور بەت قۇرۇش ۋە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەستايىدىللىق ، مەسئۇلىيەتچانلىق، تىرىشچانلىق، ئىزچىللىق، ئىرادە غەيرەت ، چىدامچانلىق دىگەندەك نۇرغۇن پىسخىكىلىق ئامىللار يوشۇرۇنغان. بىلوگىڭىزنى قوللايمىز، تېخىمۇ تىرىشىڭ.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش