ئۆلۈم مەندىن قانچىلىك يىراقتا…
2013/04/06 پىچىر-پىچىر ⁄ جەمئى: 3906 ھەرپ 4 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 250 مېھمان+

ئەمدىلا ياشلىق پەسلىمنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرى غۇنچە تۇتقان مەزگىللەردە تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى تىلغا ئىلىشىم كۆپ كىشىلەرگە بىمەنىلىك تۇيۇلىشى مومكىن. ئەگەر ئانام بىلىپ قالسا، تېخى كىچىك ۋاقتىمدا "پالانى ئۆلۈپ قاپتۇ..." دەپ سالسام ئېغىزىمغا كۆسەي تىققاندەك خاپا بولۇپ كېتىش مومكىن! ئەمما ئەتىراپىمدا مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ياشاۋاتقان تالاي كىشىلەرگە قاراپ، ئۆلۈمنى ھەردائىم ئەسكە ئېلىپ تۇرۇشنىڭ ھەرگىزمۇ خاتا بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن.

ئېنسان - بىر بۈيۈك ئامانەتنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋاقىتلىق قارىغۇچىسى خالاس. دېمەك، ئۇ خۇددى چەكسىز ئارزۇ - ئىستەكلەر ئۈستىگە تۇغۇلغىنىدەك، ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدۇ. مېنىڭ چۈشەنچەم بويىچە بولغاندا: مۇقەددەس ئۆلۈمنىڭ ئۆزى كاتتا بىر سوۋغات. مەن پەقەت ياراتقۇچىنىڭ نازارېتى ئاستىدا، بۇ دۇنيادا سىنىلىۋاتقان بىر بەندىمەن. قاچان، نېمە سەۋەبتىن تۇغۇلغۇنۇم مەڭگۈ بىر سىر بولغىنىدەك، قاچان، قانداق ئۆلۈپ كىتىشىممۇ ئىلاھىي تەقدىردىندۇر. بەلكىم ھازىرلا، ئەتىلا ۋە ياكى خىيالىمغا كىرمىگەن بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىم مومكىن. شۇڭا ھەربىر كۈنۈمدە ئۆلۈمگە بولغان تولۇق تەييارلىق بىلەن ياشاشنى ئۈگىنىۋاتىمەن. مۇقەددەس ئۆلۈمگە بولغان ئېنتىلىش ماڭا ئاجايىپ قۇدرەتلىك بىرخىل ئىچكىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

كۆررىۋاتىمەن، كۆز ئالدىمدا ئۇلار بىر - بىرىگە قان چېچىپ ئۇرىشىۋاتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزى مەڭگۈ دۇچار بولمايدىغان قىسمەت كەبى، بەللىرى مۆكچەيگەن ئاۋۇ مومايغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قاراپ قويۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۈستەلگە رومكىلارنى تىزىپ قويۇپ، ئەسەبىيلىك بىلەن بىر سۇيۇقلۇقنىڭ قۇلىغا ئايلاندى؛ ئۇلار كىيم - كىچەكلەرنى تاللاپ، گىرمچەكلەرنى بولىشىغا قىلىپ، قاغجىراپ كەتكەن روھىيتىنىڭ چىرايىغا تەپچىپ چىقىشىدىن ساقلانماقچى بولىۋاتىدۇ؛ ئۇلار "نۇمۇس" نى لەززەت ئورنىدا ئىستىمال قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چىرىگەن روھىي يول - يوللاردا جەسەت كەبىي دۆۋلىنىپ ياتىدۇ... ئەمما ئۇلار ئۆلۈمنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئۆلۈمنىڭ قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ...

خاتىرېلىرىمنى ۋاراقلىسام، تۆت يىل بۇرۇن ئۈزۈندە قىلىپ ساقلىۋالغان ھېكىمەتلەر تۇرۇپتۇ. بۇلارنىمۇ بىرلىكتە تەپەككۇر خانىمىزگە تاشلايلى:

    • ئۆلۈم - ھاياتلىقتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سېناق. ئۇ بەندە سۈپىتىدىكى ھەربىر ئىنساننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق خالاسكارى، يەنە كىلىپ ئۇ ھاياتتىكى بارلىق سېناقلاردىن ئۈستۈن كىلىدىغان، قايتا تەكرارلانمايدىغان سىرلىق سېناق. ئۇ ئۆزىدىن ئاۋۋالقى بارلىق سېنقالارنى بىر يولىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئېنساننىڭ "ئىڭە" يىغىسىدىن باشلاپ ئېچىلغان ھاياتلىق خاتىرىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
    • ئۆلۈم - ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت. ئەمما ئۇ چېكىتنىڭ كەينىگە سۇئال بەلگېسى يۇشۇرۇنغان. سەنئەت ئۆلۈمنى ئۆزىگە ئەبەدىيلىك تېما قىلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ ئېنساندىكى ئەڭ ئىستىتىك پائالىيەت ئۇسۇلىغا ۋە مىسىلسىز تىراگىدىيە گۈزەللىكىگە ئايلانغان.
    • ئۆلۈم - ھالاكەت ئېڭىنىڭ مەنبەسى. ئۇ بىرخىل ئالاھىدە ھالقىش. ئېنسان ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلاددە ھالقىشنى ھەقىقىي ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن بىرىنچى قېتىم ھاياتلىقتىكى ھەقىقىي نەرسە گەۋدىلىنەلەيدۇ.سەنئەت ۋە پەلسەپە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، باشتىن - ئاخىرى، ھايات ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش،ئىپادە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك تېمىنىمۇ ئۆزىگە قوبۇل قىلغان.
    • ئۆلۈم - بىر خىل تىراگىدىيە يۈكسەكلىكى. تېخىمۇ توغىرىراقى، ئۇ كەسكىن ۋەھىمە ئىچىدىكى ھېسياتنىڭ تازلىنىشى ۋە روھنىڭ ئەبەدىيلىك پارلاقلىققا ئىرىشىشىدۇر! تراگېدىيدە ساقلانغىلى بولمايدىغان ئۆلۈمنىڭ يىتىپ كېلىش جەريانى، ئېنساننىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىستىتىك زوقىغا ئايلانغان. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆلۈمدىن قورقۇش، ئۇنىڭدىن قېچىش ئىنساننىڭ تەبئىيتىگە تەئەللۇق تەبئىي گېن ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئادەمگە بېرىدىغان ھېسسىي تەسىراتى ۋە بېسىمى ھەرقانداق شەكىلدىكى ۋەھىمىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بىر قېتىملىق ئۆلۈمنى كۆرۈش ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىنى، ھاياتىدا ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بوشلۇقلارغا قايتا نەزەر سېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۆلۈم يەنە ئۆز نۆۋېتىدە ئادەمنىڭ قىممىتىنى، ھاياتنىڭ چەكسىز قەدىرلىكلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئادەم مانا موشۇنداق زور سىناقنىڭ تەسىرىدە روھىي جەھەتتىن چۈچۈپ ئويغىنىدۇ، ۋە ئۆزىدىكى چەكسىز ھاياتىي كۈچنىڭ پارلاق نۇرىنى قىزىپ چىقىرىدۇ.
    • ئۆلۈم - تۇنجى بولۇپ ئېنساننى ئۈزۈل - كىسىل تەپەككۇرغا مەجبۇر قىلغان ۋەھىيمىلىك سىر. فىرىئوتنىڭ سۆزى بىلەن ئىيىتقاندا:"ئۆلۈم - جىمىي تەپەككۇرنىڭ چىقىش نوقتىسى".
    • بىز ئېنسان، بىز ئادەم، بىز ئەركىن ياشاشقا مۇناسىپ، پەقەت ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيا مەۋجۇتلىقىنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ.بىز ئۆلۈمنى غەپلەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئويغاق سەزگۈ ئىچىدە قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك. شۇنداقلا ئۆلۈمنى روھنىڭ ھالقىشى ۋە پارلىشى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھېس قىلىشىمىز لازىم."

يۇقارقى قۇرلارنى قاچان، قانداق مەقسەتتە كۆچۈرىۋالغىنىم ئىسىمدە يوق. مەيلى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمگە بولغان تەبىرى قانداق بولسۇن، ئىشقىلىپ مەن ئۆزگىچە بىر ئىددىيە بىلەن ئۆلۈمگە ئىنتىلىۋاتىمەن. قەھرىمانلىق بىلەن جەڭگاھدا ئۆلۈشنى خالايمەن؛ غۇرۇ - ئېتقاد ئۈچۈن ئەجەلسىز ئۆلۈشتىن ھەرگىز قورقمايمەن.

 

 

جەمئىي 4 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 2 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:2 دانە

  1. دىلبىر : 2013-يىل04-ئاي09-كۈن18:03:25  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ما يازمىنى ئۇقۇپ ھەجەپ بىر خىل بۇلۇپ قالدىمما!.ياخشى ئادىتىڭىز باركەن جۇمۇ خاتىرە يازدىغان،مەنمۇ كىچىك ۋاقتىلىرىمدا يازىتىم،ھازىر بولسا بىر ھۈرۈن بۇلۇپ قالدىم.


  2. ئاپتور
    تەشنايى : 2013-يىل04-ئاي09-كۈن20:49:22  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئادەم چوڭ بولغانسىرى ئۇنداق ئىنچىكە ئىشلارغا ئىرەنشىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ھازىرغىچە يېزىپ پۈتتۈرگەن خاتېرىلىرىمنى ئالدىمغا تىزسام بىر دۆۋە كىتابچە بولىدۇ ئوقۇيدىغانغا… ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ھوزۇرلىنىشىمۇ ئېسىل بىر ئىش – تە…

  3. پاراسەت : 2013-يىل05-ئاي02-كۈن15:01:43  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    يېقىندا بىر ئەسەرنى ئوقۇۋاتسام،ئۇنىڭدىكى بىر پېرسۇناژ ئۆلۈپ كەتتى.نەچچە كۈن بولدى،ئۆلۈمنى ئويلاپ،شۇ تېراگىدىيىلەرنى ئويلاپ،ئەسەر ئاخىرىغا قىستۇرۇلغان«جاننىڭ ئاخىرقى تارىسى ئۈزۈلدى،قارا گۈل بەتلىرى ياشلىق يېپىلدى….»دېگەن مىسرالارنى يادلاپلا كۈنۈم ئۆتىۋاتىدۇ.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي02-كۈن17:52:52  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      قارىغاندا سىزمۇ بىر كىتابخۇمار ئوخشايسىز… ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار، پەقەت ۋاقتى – سائىتى نائېنىق خالاس!

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟