logo
ئورنىڭىز: باش بەت > Wordpress > يازما مەزمۇنى

تور ۋاستىسىنىڭ ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ كىشىلەر سودا – سېتىقتا بارغانسىرى توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنياغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى قويۇپ، ئەتىراپىمىزغا قارىساق بىزدىمۇ بۇ خىل سودا ئۇسۇلى خىلى كۆلەملىشىشكە باشلىدى. جۈملىدىن ئانا تىل يىزىقىمىزدا نۇرغۇن قولايلىق تور سودا سۇپىلىرى بارلىققا كەلدى ۋە ئۈزلىكسىز مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندى.
گەپنىڭ مىغىزىنى باشلىساق، نۆۋەتتە توردا كىچىك تىپتىكى دۇكانلارنى ئاچماقچى بولغانلار ئۈچۈن، تور بەت سېستىمىسى تاللاش مۇھىم بىر مەسىلە! زىيادە چوڭ سېستىمىلارنى ئاسىراش، ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىرئاز مۇرەككەپ بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر wordpress تىن ئىبارەت بلوگ سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپمۇ سودا – سېتىق خارەكتىرىدىكى توربەتلەرنى قۇرۇپ چىقالىشىغا ئىشەنمەيدۇ. شۇ سەۋەب ئىھتىياجى بارلار ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى سەرىپ قىلىپ، باشقۇرۇش ئىنتايىن قولايلىق بولغان wordpress سۇپىسىدا تۆۋەندىكى تور دۇكان ئۇسلۇبىنى تەييار قىلدۇق.

ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى

1. ئۇسلۇپ ھۆججىتى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، بوشلۇققا زىيادە بىسىم چۈشۈرمەيدۇ.
2. مەھسۇلات باھاسى، سىتىلىش مىقدارى ۋە رەسىملىرىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت سودا تورلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ھازىرلىغان.
3. كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە زىيارەت قىلىش قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ھەربىر تىمىغا ئاپتوماتىك ھالدا ئىككىلىك كود سەپلەنگەن.
4. ئاددىي ھالدا مال ھارۋىسى ئىقتىدارى ھازىرلانغان، زۆرۈر بولسا مال زاكاس قىلىش HTML بېتىدىن بىرنى سەپلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
5. ئۇسلۇب ئارقا بەت تەڭشىكى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بەزى تەڭشەكلىرىنى بىۋاستە تەڭشەشكە بولىدۇ.
6. تىزىملىك ۋە كۆپ مىقداردىكى ئۇلانمىلارنى كود قىسمىدىن خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ھىسابات ئۇسۇلى ئۈچۈن بىۋاستە پايپال ياكى باشقا ھىسابات سۇپىلىرىغا ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
7. تەپسىلىي ھالىتىنى تۆۋەندىكى رەسىملەردىن كۆرۈڭ!

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. ئادەتتىكى ئۇسلۇبلاردەك ۋوردپرەس سېستىمىسىغا قاچىلاپ، قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇسلۇب ھۆججىتى ئىىچىدە wp-favorite-posts ناملىق بىر قىستۇرما قوشىۋېتىلدى، ئۇسلۇپ قاچىلاشتىن بۇرۇن ئۇنى قىستۇرما قاتارىغا قاچىلاڭ، ياكى بىۋاستە قىستۇرما رايۇنىدىن ئىزدەپ قاچىلاپ، قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
2. مەھسۇلات باھاسىنى ھەرقېتىم تىما يوللىغاندا ئارقا بەتتىن «ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى» دىگەن جايدىن esli_baha (ئەسلى باھاسى)، itiwar_baha (ئىتىۋار باھاسى)، stish_miqtdari (سىتېلىش مىقدارى) نامىدا ئايرىم قوشۇپ، بەلگىلەنگەن باھاسىنى كەينىدىكى كاتەككە تولدۇرسىڭىزلا بولدى. باشقا مەسىلىلەر بايقالسا بلوگىمىزدا قالدۇرسىڭىز ھەل قىلىپ بىرىشكە تىرىشىمىز!

ئۇسلۇب تەمىنلىنىشى

ئۇسلۇب خارەكتېرى: دۇكان ئۇسلۇبى
باھاسى: 150 يۈەن
سىنالغان تور كۆرگۈ: chrome, firefox, IE10, IE8
مۇلازىمەت دائىرىسى: ئۇسلۇپنى سىتېۋالغاندىن كىيىن ئۇلىنىش ۋە تېزىملىكلىرىنى شۇ توربەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزگەرتىپ بىرىمىز. بىنورمال ئەھۋال بايقالسا تۈزۈتۈپ بىرىمىز. چوڭ دائىرلىك گۈزەللەشتۈرۈش، ئۈنۈم قوشۇش، ئىقتىدار قوشۇش ئىشلىرىدا ئايرىم مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ.


ئۇسلۇبقا ئىھتىياجىڭىز بولسا موشۇ تىمىغا سۆز قالدۇرۇڭ، ياكى  496878328(تەشنايى) ۋە 1044198916(ھاجى) نومۇرلىېىنى قىتىپ سۆزلىشىڭ!

ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈزى

دۇكان ئۇسلۇبى باش بەت كەسمە رەسىمى.

دۇكان ئۇسلۇبى مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى بېتى

ئاددىي مال ھارۋىسى بېتى

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. ماۋۇ بولىدىغىنىكەن ، چىرايلىق چىقىپتۇ ! :lol:

    2013-08-23 1:15 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    مۇئەللىم

    http://mengmao.org/demo/fanke/
    پەقەت بىر سائەتلا ۋاقتى قالغان بۇنىڭ ، سىز چاققان چىقمىغان بولسىڭىز ، مەن بىكارغا تارقتىپ قويىدىكەنمەن ئەسلى …..
    باشقىسىنى تارقىتاي ئەمدى ….. :lol:

    2013-08-23 9:18 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ಠ_ಠ
      ھاجى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇنىڭ بەت يۈزىگە ئاز-تولا ئىش قوشماقچىتىم. ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ. :mrgreen:

      2013-08-24 2:45 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. كىگىز
    ئالپبەگ

    مەن تېخى ئۈلۈشكۈن بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلاي دەپ قولۇمغا ئالغانتىم. بالىلار ۋەھشەت چاققان جۇمۇ.

    2013-08-30 12:22 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  4. 4 - قەۋەت
    ئۇيغۇرجان

    ھارمىغايسىلە يىگىتلەر

    2013-08-30 7:37 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  5. 5 - قەۋەت
    huxhuy

    بولىدىغان ئۇسلۇپكەن. باھاسى ئازراق تۆۋەنلىدىمۇ-قانداق؟ :grin:

    2013-09-03 12:03 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
    • ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! ئىھتىياج بولسا ئىشلىتىپ، ئاتىغىنىڭىزنى بەرسىڭىز بولىدۇ. ھامان سودىغان ئىشلىتىدىغان ئۇسلۇب بولغاندىكىن باھا چىقىرىپ قويغانتۇق شۇ :oops:

      2013-09-03 12:11 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  6. 6 - قەۋەت
    ئۇيغۇرجان

    ھەر كىرشىمدە بىر قېتىم ئادرىس سىتونىغا قاراپ باقىمەن (خاتا كىرىپ قالدىممىكى دەپ)
    ئۇسلۇب كۈندىن كۈنگە تەدرىجى تەرەققى قىلۋاتقان چىراي…
    ئەمما باش بەت بەتتىكى يان سىتوننىڭ رەڭگى يا مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدا شۇنداق كۆرۈندىمۇ ئىشقىلىپ ئىشىكتىن كىرە كىرمەيلا يالىي يۇلىت قىلىپ رىئاكسىيە قىلغىلى تۇردى

    2013-09-09 10:04 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • قانداق دەيسىز، يېشىل رەڭگە ئۆچمىتىڭىز؟ ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان، تېخى تولۇق تەڭشەپ بولالمىدىم :lol: .

      2013-09-09 10:38 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ಠ_ಠ
      ئابدۇللا

      ئېسىل

      2014-04-29 1:30 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  7. 7 - قەۋەت
    فۇرقان

    ياخشى ئاداش ،دۇكانمۇ ئاچساڭلار ئۇزۇنغا بارماي ، يانچۇق پۇلغا تولغاندا ئۇنتۇپ قالماڭلار بىزنى ھە! ھاھاھھااھ داۋاملىق تىرىڭىشلار ،ئۇتۇق تىلەيمەن

    2013-09-13 7:46 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  8. 8 - قەۋەت
    تورسودا

    ئىسىل چىقىپتۇ، كۆركەم ئۇسلۇبكەن، مەن بولسام كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن سودا ئۇسلۇبىنى بىر پاتمان يىغىۋىلىپ چالا-پۇلا تەرجىمە قىلىپ تاشلاپ قويىۋاتىمەن، قورساقتا تۈزۈك ئۇماچ بولمىغاندىكىن نىمە ئامال :smile:

    2013-09-20 3:10 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ಠ_ಠ
      ھاجى

      كاتتا ئۇسلۇبلار بار بولسا ھەمكارلاشساقمۇ بولىدۇ جۇما… :roll:

      2013-09-21 11:21 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  9. 9 - قەۋەت
    سۇرەيىش

    بۇ ئۇسلۇپ بولىدىكەن ،پۇللۇق مۇيا….!!!! :mrgreen:

    2013-09-24 1:14 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  10. 10 - قەۋەت
    كىتابپۇرۇش

    بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىۋاتقان بلوگ بولسا كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن .

    2013-09-30 1:03 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
    • ئىشلىتۋاتقانلار ھازىرچە يوق، سىزگە لازىم بولسا بوشلىقىمىزغا يۈكلەپ كۆرسەتسەك بولىدۇ!

      2013-09-30 9:00 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
      • تەشنا ئاداش ماڭا لازىم ئىدى ، زادى ھىچ تاپالمىدىم سىزنى(بۇرۇنقى بلوگگېرلار توپىنىڭ قەدىرى ھەجەپ ئۆتۈلدى)

        2014-01-16 2:06 چۈشتىن كېيىن
  11. 11 - قەۋەت
    قارا _ئىز

    مۇشۇ ۋوردپەرىسنىڭ ئۇسلۇپلىرى ھەجەپ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ ، كاشكى قاچىلاشنى تەڭشەشنى بىلگەن بولسام قاچىلىۋېلىپ ئۆزەم يالغۇز چىقىپ ئولتاساممۇ مەيلىتى

    2014-02-28 2:15 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
    • ئەمەلىيەتتە ۋوردپرەسنى قاچىلاش چىش چوتكىلىغاندەكلا ئاسان بىر ئىش :ھو ھو:

      2014-02-28 7:39 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  12. 12 - قەۋەت
    پادىشاھ

    بۇئۇسلۇبقا بەك ئىھتىياجىم بارئىدى . ھەقسىز تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇھە. ئالاقە : 1461750984

    2014-05-19 3:10 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  13. 13 - قەۋەت
    كۆك ئارال

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ماۋۇ ئوسلۇبنى مەن ئىشلىتەي بوشلۇق بىلەن ئىسىممۇ ئەنمۇ بىكار تورۇپ تۇپا بىسىپ كەتتى . باھاسىنى دىيىشىپ بىر رەتلەپ چىرايلىق قىلىپ بىرەرسىزمۇ ؟

    2014-05-19 10:11 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۇسلۇبنى باشقىلارغا 100 سومدىن تەمىنلىگەن. ئىشلىتىش ئويىڭىز بولسا ئالاقىلىشىڭ: 496878328

      2014-05-20 8:52 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
      • ಠ_ಠ
        پادىچى

        مەندىكىلا مەسىلىمۇ بىلمدىم ، ئالدى بەتتىن قەتئىي ئىنكاس يازغىلى بولمايۋاتىدۇ ، مانا ھازىرمۇ ئامالسىز ئارقا ھورلىغا ئۆتۈپ تام كەينىدىن توۋلاۋاتىمەن ! ئىچىم سىقىلدى! ئەگەر مەندىكى مەسىلە بولسا مەيلى مەن ھەل قىلاي ، ئەگەر بىلوگدىكى مەسىلە بولسا بۇ پەقەت بولمىغىنى!

        2014-05-21 7:21 چۈشتىن كېيىن
      • ئەستاغپۇرۇللا.. بۇ ئالدىراش كۈنلەرنى دەيمەن! ئەمدى بىر قاراپ باقاي قېنى. ئادەتتە ئارقا بەتكە كىرىپ قويۇپ، ئاندىن ئالدى بەتكە يۆتكىلىپ ئېنكاس يازسىڭىز بولىۋىرەتتى دەيىتمەن. بىر قايلاپ باقايا مەن…

        2014-05-21 7:58 چۈشتىن كېيىن
  14. 14 - قەۋەت
    دولان

    ماڭا بىرنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
    1141023099 كوت-كوت

    2014-07-24 2:05 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات يازمىلار
  • ئەڭ يىڭى ئۈنچېلەر
  • رەڭدار خەتكۈشلەر
  • سىز كۆرمىگەن يازمىلار
footer logo
تەشنا ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىغا مەرھەمەت!
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!