logo
ئورنىڭىز: باش بەت > ماقالىلەر > يازما مەزمۇنى

ماڭا شۇنداق بىر كېسەل قاتتىق چاپلاشقانكى، بىر ئۇيغۇر يەنە بىر ئۇيغۇرغا يات تىل ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسە قۇلاقلىرىم بىسەرەمجان بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنداق چاغلاردا “كۆزۈمنى يۇمۇۋالسام ھېچنەرسىنى كۆرمىگەندەك، قۇلۇقۇمنىمۇ يۇمۇۋالغىلى بولسىچۇ؟” دەپ ئويلايمەن. بەلكىم ئارىلاشما تىلنى ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىش زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئاۋازنىڭ بىر يىرى يۇمشاق، بىر يىرى قاتتىق چىقسا كېرەك. قۇلاق موسكۇللىرىمنىڭ چۆچۈچىشىدىن نىرۋىلىرىم قاراسلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كونا كېسىلىم قوزغىلىشقا باشلايدۇ! كېسىلىم قوزغالدىمۇ، چوڭ چاتاقنىڭ باشلانغىنى شۇ.

– خەپ، سۆزلەۋاتقىنى ئۈنئالغۇ بولغان بولسا ئېدى، ئۇنداق بۇززۇۋان ئۈنئالغۇنى كونا تاغارغا سولاپ پۇتپۇل قىلىپ تىپەتتىم. ھەر تىپىكتە بىر سايمىنى سورۇلۇپ چۈشسە تاش بىلەن سوقۇپ تالقان قىلىپ، تالقىنىنى ئىتلارغا ئوماچ قىلىپ بېرەتتىم. لىنتىلىرىنى خۇددى ئاچچىق ئۈچەينى سىيرىغاندەك، سوزۇپ – سوزۇپ سۇغۇرۇۋالاتتىم. ئاندىن ئۆچەيمۇ – كۆيەيمۇ دەپ تۇرغان ئوتقا يىقىن قاقلاپ، يىراق قالاپ، لىنتا بولغىنىغا مىڭنى تويغۇزۇپ، كۈلىنى كۇلىيدىكى بىرەر سىسىق كۆلگە سىپىۋىتەتتىم.

كونا كېسىلىم قوزغىلىۋاتىدۇ. 10 يىلدىن ئارتۇق خەنسو تىلى ئۆگېنىپ راۋان سۆزلىيەلىگىنىم ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئانا تىلدا سۆزلەپ، بەزى سۆزنى تاپالمىغاندا ناجىنىستەك يات تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەش ياكى بىر پەخىرلەنگۈدەك ئىش ئەمەس. “نىرۋىسى جايىدا، تىلى تولۇق چىققان، بەش ئەزايى ساق بىر ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر بىلەن ئارلاشما تىلدا پاراڭلىشىشى نۇمۇس” دېگەنتى، دادام كېچىك ۋاقتىمدا. شۇنداق، ھەقىقەتەن نۇمۇس ئېكەن، تولۇق – تولۇق ھېس قىلىۋاتىمەن. ئارىلاش تىلدا سۆزلەش تۈگۈل ئاڭلىساممۇ قۇلاقلىرىم شەلپەردەك قىزىرىپ كىتىدىغان بولىۋالدى.

– خەپ، سۆزلەۋاتقىنى بىر شاتۇت بولغان بولسا ئېدى. ئۇ ئادەم ئەمەس بىر قۇش بولغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈشۈم مومكىن ئىدى، لېكىن يەنىلا كەچۈرمەيىتتىم. چۈنكى قۇش بولغانىكەن قۇشلار تىلىدا سايرىماي، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دوراپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن قەتئىي كەچۈرمەيىتتىم. ئۇنى چىرايلىق قەپەستىن تارتىپ ئېلىپ، ئاشۇ دورامچۇق تىلىنىڭ ئۇچىنى كېسىۋىتىپ، تۈكلىرىنى يۇڭداپ، ئىككى پۇتلۇق مەخلۇققا ئوخشىتىپ ھەيدىۋىتەتتىم. ھە راسىت، “دورامچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى شۇ” دەپ بوينىغا تاختا ئىسىپ قوياتتىم تېخى.

كونا كېسىلىم قوزغىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن تىل ئۆگەنگۈچىلەرنى ھۆرمەتلەيمەن. يات تىللارنى چانمىغۇدەك سۆزلەپ، ئانا تىلىدىمۇ پاس بەرمەي سۆزلەيدىغانلارنى ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەيمەن. چەتئەلدە نەچچە ئون يىل ئىلىم تەھسىل قىلغانلارنىڭ سۆزلىرىدە باشقا تىللار ئارىلاشماستىن ئانا تىلىمنىڭ شۇنچىلىك پاك ھالەتتە ئىشلىتىلگىنىدىن ئالەمچە ئىپتىخارلىنىمەن. لېكىن بەزىلەرنىڭ بىر تىلنى ئازراق ئۆگىنىپ، خۇددى ئۆمرىدە ئانا تىلىنى ئۆگېنىپ باقمىغاندەك سۆزلەشىرى قان بېسىمىمنى ئۆرلىتىپ، مىڭەمنى ئوت ئالدۇرىۋىتىدۇ. بەزىدە مەنمۇ ھەقىقەتەن ئىختىيارسىزلا ئارلاشما تىلدا سۆزلەپ قالىمەن، بىراق، نۇمۇس ئوتىدا مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىمەن. ئەشۇ كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئامالىمنىڭ بارىچە ئانا تىلىمدا ئىپادىلەشكە تىرىشىمەن، ھەممەيلەن ساپ ئانا تىلنى چۈشەنگەن بولسا ئىدى، كەسپىي ئاتالغۇلارنى باشقا تىلدا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمايىتتى.

– خەپ، سۆزلەۋاتقىنى بىر خەنسو بولغان بولسا ئېدى. قولۇمنى نەشتەردەك تەڭلەپ، ئىغىزىمنى بۇزۇپ تىللىغان بولاتتىم. “ھەي، ئەبلەخ! 5000 مىڭ يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە مىللىتىڭگە ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزلىرىڭگە نېمىشقا ئۇيغۇرچىنى ئارىلاشتۇرىۋالىسەن؟! ساپ خەنسوچە سۆزلە، ئاتا – ئاناڭ بىر مىللەتتىن ئەمەسمىدى؟ ئۇلار ساڭا ئانا تىلىڭنى ئۈگەتمىگەنما؟ ھۇ تۇزكور….”.  تىللاپ – تىللاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاغا ئەرىز قىلاتتىم. سەلتەنەتلىك ئانا تىلىمىزنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ، باشقا تىللار بىلەن مالىماتاڭ قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ساڭگىلىتىپ يۈرگىدەك تۆلەم تۆلىتەتتىم. كىم بىلىدۇ، بۇ مەسىلە تور دۇنياسىدا مۇنازىرىگە قالسا، ئۇ ئەبلەخنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلار بولغىيىتتى بەلكىم.

كونا كېسىلىم قوزغىلىۋاتىدۇ. ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزىڭىزنى ئويلىمىسىڭىزمۇ مېنىڭ سالامەتلىكىم ئۈچۈن ئەتىراپىمدا ساپ تىلدا سۆزلەڭ. ئارىلاشما تىل راستىنلا كونا كېسىلىمنى قوزغىتىپ قويىدۇ، كونا كېسەل قوزغالدىمۇ، ھەرخىل كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر يۈز بېرىپ قالىدۇ. ۋەدە بېرەيكى، بەزى سۆزلەرنى دەماللىققا ئانا تىلىڭىز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمىگىنىڭىز ئۈچۈن ھەرگىز سىزنى مازاق قىلىپ كۈلمەيمەن. بىلگىنىمچە چۈشەندۈرۈپ قويىمەن. جىنىم دوستۇم، قەدىرلىك ساۋاقدىشىم، ئوماق ئىنى – سىڭلىم، مىھرىبان قىرىندىشىم ساپلىك، پاكلىق كۈيلەشكە لايىقتۇر. ساپ ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆلىشەيلى. ئاللاھ خالىسا، كونا كېسىلىممۇ تۈپتىن ساقىيىپ كەتكۈسى!

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. دىۋان
    چاشقان

    بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچكىرىدە ئوقۇغانلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدىكەن. بەزىدە ئۇلار شۇنداق ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسە سەل جۇدۇنۇم ئۆرلەپ ئىختىلاپلىشىپمۇ قالىمەن، ئۇلار چۈشەنسىڭىزلا بولمىدىمۇ، دەيدۇ، لېكىن ئۇنداق دېسە مەن راستىنلا چۈشەنمەي قالىدىكەنمەن. بۇ ھەرگىزمۇ خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى ئەمەس، بەلكى يوق بىر تىلدا سۆزلەپ، ئادەمدىن چۈشىنىشنى تەلەپ قىلسا ئادەم راست كېسەل بولۇپ قالىدىكەن.

    2014-05-04 9:42 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. گىلەم
    OQU

    بۇنى ئوقۇپ ئاكامنىڭ بىر گېپى يادىمغا كېلىپ قالدى :ھو ھو:
    ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر، بىلىپ تۇرۇپ قەستەن يات تىلدا سۆزلىگەننىڭ زۇۋانىغا ئاشۇ خىق دىگۈم كىلۇر !!!

    2014-05-04 10:11 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. كىگىز
    OQU

    ئاۋۇ ئىنكاسنى يېزىپ بولغاندا ئاستى تەرەپتە چىقىدىغان سۆزدە ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ قالدىم
    ئۈنچېلەر دەپ يېزىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ

    2014-05-04 10:12 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  4. 4 - قەۋەت
    ھاجى

    :ئىسىت:

    2014-05-05 12:29 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  5. 5 - قەۋەت
    دوغاپ

    باللا، مەنمۇ كۇلىلىق جۇمۇ! :ھو ھو: ئالىمكامنى نىرۋا كېسەل قىلىش ئاسانكەنغۇ؟ خاڭسۇچە گەپنى قۇلىقىغا قۇيىۋەتسەك ئاسانلا پۈتكۈدەك!

    2014-05-05 8:12 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  6. 6 - قەۋەت
    Tashjan

    مەندىمۇ مۇشۇنداق ئالامەتلەر بارتى، بۇ كىسەل ماڭىمۇ يۇقتىمۇ نىمە ئەمدى… :نېمە:
    بەزىلەر «بۇ تىل، نان بىلەن چىققان… »دەيدىكەن. كىشىلەرنىڭ ئارلاش تىلدا سۆزلىشىدىكى سەۋەب ئاشۇ شور تونۇرنىڭ نانلىرىدىن بەك ئاز يەپ سالغانلىقىدىنمىكىن دەيمەن. :ھا ھا:

    2014-05-05 1:21 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • شۇ، تونۇر نان يىمەي ھامبۇرۇگ بولكىسى يەپ ئادەم بولغانلار شۇنداق بولىۋالىدىغان چىراي. بۇ كېسەلنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە يۇقتۇرىۋەتسىلە تاشجان…

      2014-05-06 8:59 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  7. 7 - قەۋەت
    سەۋدا

    ئادەمنى شۇنداقمۇ تىللىغان بارمۇ؟

    2014-05-05 1:56 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  8. 8 - قەۋەت
    پادىچى

    شۈكرى ھەرھالدا مەن خېلى بولىدىكەنمەن … … ئالىمكا سىزگە ناھايىتى ياخشى تەكلىپتىن بىرنى بېرەي (ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالىدىغان) : ئاشۇ كېسىلىڭىزنى كۆزىڭىزگە سىغمىغان بۇززۇۋاننىڭ ھەممىسىگە يۇقتۇرىۋەتسىڭىز …. ئىشلار ئوخشايتتىدە :ھو ھو: .. .

    2014-05-05 5:28 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • «ئۆردەككە سۇ يۇقمايدۇ، قازانغا قارا يۇقمايدۇ، قاشاڭغا گەپ ئۆتمەيدۇ، بۇززۇۋانغا بۇ كېسەل قەتئىي يۇقمايدۇ»، راسىت دەۋاتىمەن! :ھا ھا:

      2014-05-06 9:02 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  9. 9 - قەۋەت
    ئالتۇن بۇلاق

    مەسىلە مۇشۇ كەسپى ئاتالغۇلارنىڭ بىرلىككە كەلمەسلىكىدە. بەزى سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەشكە تىرىشساقمۇ، ئاشۇ سۆزلەر بىرلىككە كەلمىگەندىكىن دەمەللىققا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي سۆزلەپ سالىدىكەن. بۇلارمۇ ئوڭشىلىپ كىتەر. لېكىن بۇلارلا ئەمەس ئەلۋەتتە.

    2014-05-05 8:21 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • شۇنداق، لېكىن ھېچبولمىسا ئاۋۋال بىلىشىمىزچە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئاندىن باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇسىنى ئىزاھلاپ قويساق بولىدىكەن ئاينا!

      2014-05-06 9:04 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  10. 10 - قەۋەت
    مىسران

    ما كىسەل بۇتقان كىسەلكەن ماخما! مۇشۇنداغ بۇززۇۋان زاغۇنباشلىنى كۆگەندە كاللىستىن تۈتۈن چىقىرالايتقانلىنى «ئۇغاۋالا» دېيتمىز ئېينا…

    2014-05-14 3:45 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات يازمىلار
  • ئەڭ يىڭى ئۈنچېلەر
  • رەڭدار خەتكۈشلەر
  • سىز كۆرمىگەن يازمىلار
footer logo
تەشنا ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسىغا مەرھەمەت!
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!