Home >  > WindowsPhone ئەپ ئېچىش مۇھىتى سەپلەش(سۈرەتلىك)

WindowsPhone ئەپ ئېچىش مۇھىتى سەپلەش(سۈرەتلىك)

19

بلوگىمىزدا Win8 دا ئەپ ئېچىشقا دائىر بىرنەچچە دەرىسلىك ئېلان قىلغان ئىدۇق، ئەمدى ئۇنىڭ يىقىن تۇققانلرىدىن WindowsPhone ئەپ ئېچىشقا دائىر مەزمۇنلىرىنىمۇ ماس قەدەمدە ئورتاقلىشايلى، چۈنكى ئىككىسىنىڭ ئېچىش خىزمەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش، پەقەت رامكا قۇرۇلمىسى پەرىقلىنىدۇ خالاس. تۆۋەندە WindowsPhone ئەپ ئېچىش مۇھىتى سەپلەشنى بىرىلىكتە ئۈگېنىپ چىقايلى:
WP7 گە ئەپ ئېچىشتا Win7 ياكى Visata مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ قايسى بولسا بولىدۇ، WP8 گە ئەپ ئېچىش ئۈچۈن Win8 سېستىمىسى قاچىلىشىڭىز كىرەك. تۆۋەندە بىز Win7 سېستىمىسىدا WP7 ئېچىش مۇھىتى سەپلەش ئۈستىدە توختىلىمىز.

لازىملىق قوراللار

1. Win7 مەشغۇلات سېستىمىسى.
2. Microsoft Vistual Studio 2010 دېتالى.
3. Microsoft Vistual Studio 2010 Service Pack 1 دېتالى
4. Windows Phone SDK 7.1 تەقلىدىي كۆرگۈچ.

قوراللارنى چۈشۈرۈش

1. Microsoft Vistual Studio 2010 نى چۈشۈرۈش(ئەسكەرتىش: ئورگان بەتتىن چۈشۈرۈپ، ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن):
ئوغىرى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.xiazaiba.com/html/4614.html
2. Microsoft Visual Studio 2010 Service Pack1 دېتالنى چۈشۈرۈش(ئەسكەرتىش: ئورگان بەتتىن چۈشۈرۈپ، ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن):
ئوغىرى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://down.zdnet.com.cn/detail/43/424986.shtml
3. ئەمدى Microsoft Visual Studio SDK7.1 نى چۈشۈرۈش(ئەسكەرتىش: ئورگان بەتتىن چۈشۈرۈپ، ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن):
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.microsoft.com/zh-cn/download/details.aspx?id=27570

قاچىلاش باسقۇچلىرى

بىرىنچى: ئاۋۋال كومپىيوتېر سېستىمىڭىزنىڭ ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ(ئامال بار 64خانىلىق سېستىما بولسۇن).
ئىككىنچى: Microsoft Vistual Studio 2010 دېتالىنى قاچىلاش
1. چۈشۈرۈپ پرېستىن يەشكەندىن كىيىن autorun.exe ياكى setup.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىڭ:


2. ئىجرا قىلغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، 安装Microsoft Vistual Studio 2010 نى تاللاڭ:

3. يۈكلىنىش تاماملانغاندىن كىيىن «كىيىنكى قەدەمنى بېسىڭ:

4. مەسئۇلىيەتنامىگە قوشۇلىدىغانلىقىڭىزنى جەزىملەپ »كىيىنكى قەدەمنى بېسىڭ:

5. قاچىلايدىغان مۇندەرىجىنى تاللاڭ:

6. قاچىلاشقا بىر ئاز ۋاقىت كىتىدۇ، سەۋېرچانلىق بىلەن ساقلاڭ:

7. بىر ئازدىن كىيىن تاماملانغانلىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ:

8. قاچىلاش تامالانغاندىن كىيىن كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىىتىڭ ۋە VS2010 نى قوزغىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ:

ئۈچىنچى : Microsoft Vistual Studio 2010 Service Pack 1 نىڭ قاچىلاڭ
1. چۈشۈرگەن Microsoft Vistual Studio 2010 Service Pack 1 نىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى بېسىڭ:

2. «كىينكى قەدەم» نى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ:

3. «قوشۇلىمەن» نى تاللىغاندىن كىيىن «قاچىلاش» نى بېسىڭ, قاچىلىنىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك:

5. قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك:

 

تۆتىنچى : Windows Phone SDK 7.1 نى قاچىلاڭ
1. چۈشۈرگەن Windows Phone SDK 7.1 قىسقۇچى ئىچىدىكى setup.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىڭ:

2. ئىجرا قىلغاندىن كىيىن مۇنداق كۆرۈنىدۇ:

3. بىردەمدىن كىيىن مەسئۇلىيەتنامە كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ:

4. :قوشۇلىمەن« نى تاللاڭ ۋە «قاچىلايمەن»نى بسېىپ داۋام قىلىڭ:

5 قاچىلىنىش جەريانى تۆۋەندىكى رەسىمدەك:

6 قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن:

شۇنداق قىلىپ مۇھىت سەپلەندى. كومپىيوتېرىڭىزنى قايتىدىن بىر قوزغىتىۋېتىپ، ئاندىن تۇنجى ئەپنى ئېچىشنى باشلاڭ!

تۇنجى "hello world" ئەپنى تۈزۈش

1. Microsoft Vistual Studio 2010 نى قوزغىتىپ، ھۆججەت - يىڭىدىن قۇرۇش - تۈر قۇرۇش... دېگەن ئادرىسلار بويىچە تۆۋەندىكى رەسىمدەك تۈر قۇرۇڭ:

2. ئۆزىڭىز پىششىق بولغان پروگرامما تىلىدىن بىرەرنى تاللاپ، تۈر نامىنى تولدۇرۇڭ ۋە windowsphone 应用程序 نى بېسىڭ .

 3. windows phone نەشىر سۇپىسى تاللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاڭ:

4. تۈر قۇرۇلغاندىن كىيىن قوراللار دېگەن جايدىن كونۇپكىدىن بىرنى ئەكىرىپ، تەقلىدىي لايىھە رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئارقىدىن C# تەھرېرلەش بېتىگە ئۆتۈڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى باستۇرىۋەتسڭىزلا تۇنجى "HelloWrold" ئەپ پۈتىدۇ.

using System;
using System.Collections.Generic;
using System.Linq;
using System.Net;
using System.Windows;
using System.Windows.Controls;
using System.Windows.Documents;
using System.Windows.Input;
using System.Windows.Media;
using System.Windows.Media.Animation;
using System.Windows.Shapes;
using Microsoft.Phone.Controls;

namespace helloworld
{
    public partial class MainPage : PhoneApplicationPage
    {
        // 构造函数
        public MainPage()
        {
            InitializeComponent();
        }

        private void button1_Click(object sender, RoutedEventArgs e)
        {
            MessageBox.Show("Hello Welcome to the Windows Phone 7 World","the autour is Mr.Teshna",MessageBoxButton.OK);
        }
    }
}

5. ئىش پۈتكەندىن كىيىن ئىجرا كونۇپكىسىنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئىجرا بولىدۇ:

ئاخىرقى سۆز

ۋېندوۋس سېستىمىلىق تېلىفۇنلارنىڭ ئارىمىزدا كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقىنى بىر ھەقىقەت. پات يىقىندا ۋېندوۋس تېلىفۇنلىرىغىمۇ خۇددى كۆزنەك سەككىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈز قوشىشى ھەم مۈمكىن، دېمەككى، نۆۋەتتە بىز ياشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر، شۇڭا بۇ ساھەگە قىزىدىقىدىغان دوسلارنىڭ بىرلىكتە ئۈگېنىش - تەجىرىبە ئالماشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاندىن يۇقاردىكى دېتاللارنىڭ ئوغىرى نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىگىنىم ئۈچۈن تىللاپ كەتمەسلىكىڭلارنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ھەقىقىي نۇسخسىنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (18)
نەقىللەر (1)
  1. تاھىر [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 11 -قەۋەت 2014/01/13 18:38

    SDK 8.0 نى قاچىلاپ WP8 گە سىناق قىلىپ بىرنەرسە قىلاي دىسەم تەقلىدى يانفۇن قوزغىلالمىدى.
    تەقلىدى يانفۇن قوزغاتقۇچىنى قاچىلاپ بۇلۇپ ئۇنى قوزغىتاي دىسەم قوزغالماي CMOS نى تەڭشەش توغرىسىدا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىدۇ. تەقلىدى قوزغاتقۇچنىغۇ بەيدۇدىن ئىزدەپ شۇبۇيچە تەڭشەپ نەچچە تەڭشەپ باقتىم لىكىن CMOS نى تەڭشەشنى بىلمىدىم . AwardBios CMOS ئىكەن نەدىن قانداق تەڭشەشنى بىلمىدىم. قايسى پارامىتىرىنى ئۆزگەرتىشىنى قىلالمىدىم.

  2. دىلمۇرات [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] unknowunknow 12 -قەۋەت 2014/01/28 18:32

    مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 530601496 ياردىمىڭىزغا بەكمۇ مۇختاش

ئۈنچە قالدۇرۇش