Home >  > Ios 8 ۋە iPhone 6 ھەققىدە يىڭى پاراڭلار

Ios 8 ۋە iPhone 6 ھەققىدە يىڭى پاراڭلار

2

يىقىندىن بىرى توردا موشۇ iPhone6 بىلەن Ios8 نىڭ خەۋەرلىرى ئاۋۇپ قالدى. دېمىسىمۇ ئالما شىركېتىنىڭ 2014 يىللىق مەھسۇلات ئىلان قىلىش يىغىنىغىمۇ ئاز قالدى. ئۇنداقتا بۇ قىېتىم ios8 دە قانداق يىڭىلىقلار بولىدۇ؟

[t] ئاۋۋال قىسقا فىلىملەردىن كۆرۈپ باقايلى[/t]
Ios 8 دىكى يىڭىلىقلار


iPhone 6 ۋە iPhone 5 تەقلىدىي نۇسخىسىنىڭ سىلىشتۇرمىسى


ئورگان تەرەپ Iphone 6 تەشۋىقات فىلىمى


5.7 سۇڭلۇق Iphone 6 نىڭ تەسۋىر فىلىمى(يورۇقلۇق ئىلمى ئاساسىدىكى ئاپتوماتىك تەڭشەلمە ئاپپاراتى يارقىن نوقتا قىلىنغان)


كىشىلەر ئىيتۇدىلەركى: "ios7 پەقەت ئالما شىركېتىنىڭ ئۆتكۈنچى مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ، بىز كۈتكەن ھەقىقىي سېستىما دەل Ios8 بولىدۇ" دەپ، ئويلاپ باقساق بۇ گەپلەرنىڭمۇ خىلى ئاساسىي بار. ھازىرغىچە ئورگان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى ۋە ئانالىزچىلارنىڭ تەھلىللىرىدىن قارىغاندا بۇ قىتىمقى سېستىما يىڭىلاشتا يىڭىلىقلار خىلىلا كۆپ. ئاساسىي يىڭىلىقلار تۆۋەندىكىدەك:

[t]ئاندىن تەپسىلىي يىڭىلىقلارنى كۆرۈپ باقايلى[/t]

1. Healthbook : بۇ قىتىم ئەڭ غۇلغۇلا قوزغاۋاتقىنى دەل موشۇ Healthbook ئاتالغان ساغلاملىق، تەن گۈزەللەشتۈرۈش قوللانما ئىقتىدارىدىن ئىبارەت. 

ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان سۈرەتلەردىن كۆرە، مەزكۇر قوللانمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى يەنىلا ياپىلاق يۈزلۈك لايىھەنى ئاساس قىلغان، Iphone نۆۋەتتىكى Passbook ئەپ دېتالىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. Healthbook نىڭ سىناق نۇسخىسى نۆۋەتتە بىرلا ۋاقىتتا كۆپلىگەن، ساغلاملىق، تەن گۈزەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلالايدۇ. بارلىق مەشغۇلاتلىرى Healthbook كارتىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەر ئوخشىماس رەڭ ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچى خاھىشى بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. سۈرەتتىن قارىغاندا، Healthbook نىڭ ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىدىغان مەلۇماتلىرى: يۈرەك رىتىمى، بەدەندىكى سۇ تەركىبى، قان بىسىم، بەدەن ھەرىكىتى، ئۇزۇقلۇق ئەھۋالى، قاندىكى ماي ، ئۇيقۇ ئەھۋالى، نەپەسلىنىش رىتىمى، قانغا ئوكسىگېن تولۇقلاش ئىقتىدار ۋە بەدەن ئىغىرلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

بىراق Healthbook يۇقىرىقىدەك مەلۇماتلارنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلالىسىمۇ،  ئۇچۇرلارنى ئادەم بەدىنىدىن ئېلىش ئۇسسۇلى تېخى نامەلۇم. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئومۇمى جەھەتتىن 4 خىل ئىھتىماللىققا ئىگە: Iphone ئۆزى تەمىنلەش، ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دېتالى ئارقىلىق تەمىنلەش، ئۈچىنچى تەرەپ ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تەمىنلەش ياكى كەلگۈسىدىكى ئالما تاقالما  ئۈسكۈنىسى iWatch  ئارقىلىق تەمىنلەش. Iphone 5s نىڭ M7 ماس ھەرىكەتچان بىرتەرەپ قىلغۇچىسى ئارقىلىق Healthbook ئىشلەتكۈچىنىڭ قەدەم تىزلىكى، ھەرىكەت ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلىش تامامەن مومكىن.

2. خەرىتە ۋە قاتناش

مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە Ios8 خەرىتە مۇلازىمىتى ئىقتىدار جەھەتتىن يەنە بىر دەرىجە ئەلالاشتۇرۇلۇپ،  ئىشلەتكۈچىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلاشتۇرۇلغان. خەرىتىنىڭ توغىرىلىق نىسبىتى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئايرۇدۇرۇم، پويىز ئىستانسىسى، باغچا، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممۋىي ئورۇنلارنى ئىزدەپ تېپىش تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرىت، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەزكۇر خەرىتگە يىڭىدىن ئاممىۋىي ئابتۇبۇس لىنيە ئۇچۇرلىرى سەپلىنىدىكەن. دېمەك قولىمىزدا بىر Iphone بولسا، چوڭ شەھەرلەردە خاتىرجەم پىرقىراۋىرىدىكەنمىز.

3. CarPlay :

گەرچە ios7 دە بۇ ئىقتىدارنى قوشقان بولسىمۇ، ماشىنا بىلەن Iphone نى ئۇلاشتا ئۇلىغۇچ كىتەتتى. بۇ قىتىم پۈتۈنلەي سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى شەرتى ماشنىڭىز چوقۇم سىمسىز تور قوبۇللاشنى قوللايدىغان بولىشى كېرەك. ھازىرچە بىر قىسىم ئاۋدى ماشنىلىرىغا بۇ ئىقتىدار سەپلەنگەن، بەلكىم يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بۇلارمۇ ئومۇملىشىپ كېتەر.

4. ئۇقتۇرۇش مەركىزى:

Ios 8  دە ئۇقتۇرۇش مەركىزى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ، ئىلگىرىكى "بۈگۈن"، "ھەممىسى"، "ئوقۇلمىغان" دىن ئىبارەت ئۈچ كونۇپكىنى "بۈگۈن" ۋە "ئۇقتۇرۇش" دىن ئىبارەت ئىككىگە كىمەيتىدۇ.

5. مۇستەقىل iTunes Radio :

نۆۋەتتە iTunes Radio  ئالما يانفۇنلىرىنىڭ مۇزىكا ئەپ دىتالى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەزى يىڭى ئىشلەتكۈچىلەر دائىم تاپالماي قالدىۇ. ios 8  گە iTunes Radio  ئايرىم ئەپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. دېمەك باشقا ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپلىرى بىلەن سىلىشتۇرغاندا، مەزكۇر مۇزىكا ئاڭلاش قورالى ios سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئالدىن قاچىلانغان بولىدۇ.

6. Siri :

بۇ قورال بۇرۇنقى سېستىمدا بار بولسىمۇ ئىقتىدار جەھەتتىن خىلىلا يىتەرسىزلىككە ئىگە. ئاشكارىلىنىشىچە Ios 8  دە siri نىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفۇندىكى ئەپلەرنى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بەزى بۇيرۇقلارنى ئاپتوماتىك ئىجرا قىلىدىكەن. مەسىلەن: كۈندە مەلۇم ۋاقىتتا يۈگىرىسىڭىز، سېستىما ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەرىكەت كۈزىتىش قۇرۇلمىسىنى  مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئاپتوماتىك ئىجرا قىلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن سىرىت نۇرغۇن يىڭىلىقلار قوشۇلىشى مومكىن، بىز پەقەت توردا ئىقىپ يۈرگەن تۈرلۈك يىڭىلىقلار ئىچىدىن بىر قەدەر ئېنىق جەزىملەشتۈرۈلگەن ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇردۇق خالاس. قېنى Ios 8 ھەققىدە نېمىلەرنى ئيلاۋاتىسزكىن، بىلوگىمىزنىڭ مىكروفونى سىزگە توغۇرلاندى!!
مەزكۇر يازما تەشنا بىلوگىغا خاس، كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (2)
نەقىللەر (0)
  1. سارايۋەن [ جۇغلانما: 7 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2014/05/14 16:50

    دىمەك ئالدىمىزدا چىقىدىغان ئالما يانفونىدا يىڭى ئۆزگىرىشلەر خىلى كۆپكەن ئەرزانراق بولسا ئويلشىپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ،تەشناجان بىلوگلىرىنىڭ ئۇسلۇبلىرى چىرايلىق چىقىپتۇ مۇبارەك بولسۇن

  2. تۇخۇم [ جۇغلانما: 43 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2014/05/14 16:51

    ئەسسالام ئەلەيكۇم، تەشناجان. ئالما 6 گە كۆز قىزىرىۋاتامدۇ نىمە ؟ :ھو ھو:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش