Home >  > 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى java تىلى 19 ياشقا كىردى

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى java تىلى 19 ياشقا كىردى

8

بىر قانچە يىل بۇرۇن "java ئۆلۈم گىردابىغا قاراپ ماڭدى" دېگەن خەۋەر ۋە بەس-مۇنازىرلەر تور دۇنياسىنى بىر ئالدى. بولۇپمۇ Oracle شىركىتى SUN شىركىتىنى سېتىۋالغان چاغدا تەقرىبەن پۈتۈن دۇنيادىكى java پىروگىراممىرلىرىنىڭ قاپىقى ساڭگىلاپ قالدى. بىراق Google Android سۇپىسىنىڭ قەد كۆتۈرىشى ۋە چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات دەۋرنىڭ  يېتىپ كېلىشى  java غا قايتىدىن "ھاياتىلىق" ئاتا قىلدى.

2014-يىلى يانىۋاردا CSDN تۈزۈپ تارقىتىدىغان <<پىروگىراممىر >> دېگەن ژۇرنالدا "2013-يىلدىكى جوڭگو يۇمشاق دىتال ئاچقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەقسىماتى" نى توردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق java پىروگىراممىرلىرىنىڭ 45.39% بولۇپ بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ھەمدە C# ۋە C++ پروگىرامما ئاچقۇچىلىرىنىڭ ئايرىم ھالدا 17.63 ۋە 13.37% ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

   Java تىلىنىڭ ئېچىلىشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە كىڭەيمىچانلىقى ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇڭلاشقا Java يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. مەيلى ئۈستەل يۈزىلىك ياكى يۆتكىلىشچان ئۈسكىنە دىتاللىرىدا بولسۇن Java نىڭ ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن روشەن.

2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى Java ئۆزىنىڭ 19 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى. 

[t]Java نىڭ تارىخى[/t]

Java بىر خىل سۇپا ئاتلىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللارنى تۈزىدىغان ئوبىيكتىپلىق پىروگىرامما تىلى. 1990 يىلىنىڭ باشلىرىدا SUN شىركىتىنىڭ مىكرو سىستېما تۈرى مەسئۇلى James Gosling قاتارلىق كىشلەر تەرپىدىن  ئېچىلغان. دەسلەپكى ئىسمى Oak بولۇپ ئىنتىرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ SUN شىركىتى Oak نىڭ كومپىيۇتېر تور ساھەسىدىكى كەلگۈسىنىڭ پارلاقلىقىنى بايقىغان ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. 1995- يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى Java نامىدا رەسمى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ Java ئاستا-ئاستا مۇھىم بولغان تور قۇرۇلۇشى پروگىراممىسىغا ئايلانغان.

SUN شىركىتىنىڭ ORACLE تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشى

Sun شىركېتى 2009-يىلى 20- ئاپرىلدا ORACLE تەرىپىدىن يەتتە مىلىيارد تۆت يۈز مىلىيۇن ئامرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىنغان. يەنى ئۈستىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك "ئۆلۈم گىرابى" غا بېرىپ قالغىلى تاسلا قالغان. ئۇچۇر ساھەسى بۇنى JAVA پىروگىراممىرلىغا بىر شۇم خەۋەر دەپ ئېلان قىلغان. بىراق ORACLE شىركىتى بەزى ئالدىن كۆرەرلەرنىڭ دېگىنىدەك JAVA نىڭ ئەسلىدىكى ساھە ۋە ئويۇن قائىدىسىنى بۇزىۋەتمىكەن. ئەكسىچە قانۇن جەھەتتىن بەزى بىلىم پاتنىت ھوقۇقلىرىغا قوغداش ئېلىپ بارغان. شۇنداق قىلىپ JAVA پىروگىراممىلىرىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن. چۈنكى JAVA ناملىق بۇ تۇلپار يېڭى ھۆكۈمىران تەرىپىدىن چۆرىلىۋەتمەستىن ئۆز ئوقۇرىنى تاپقان. شۇنداق قىلىپ JAVAنىڭ يولى تېخىمۇ راۋان بولغان.

ORACLE شىركىتى SUN شىركىتىنى سېتىۋالغاندا باشقۇرۇش جەھەتتىن بەزى گۇمانلارنى قوزغىغان، شۇڭىلاشقا ORACLE شىركىتى JAVA نىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى تەرەققىيات خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. ORACLE شىركىتىدىكى Mike Duigou ئۇنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇكەممەللىككە قاراپ يۈكسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مودىللاشتۇرۇلغان Java غا نىسبەتەن ORACLE شىركىتى 2016-يىلى ئەتراپىدا ئېلان قىلىدىغانلىقى ئاشكارلىغان.

Java ئاتىسى  James Gosling

Java ئاتىسى James Gosling كانادادا تۇغۇلغان تالانىتلىق كومپىيۇتېر پىروگىراممىرى. Carnegie Mellon University  دا كومپىيۇتېر دوكتۇرلىقنى ئوقۇغان چاغدا ئۇ كۆپ بىر تەرەپ قىلغۇچلۇق Unix مەشغۇلات سىستىمىسىنى يازغان.

1991-يىلى SUN شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغدا James Goslin بىر قىسىم تېخنىكا ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە Oak دېگەن بىر تۈرنى ئىشلىگەن. ھەم شۇ ۋاقىتتا مەۋھۇم مۇھىتتا ئىجرا بولىدىغان پىروگىرامما تىلىنى ئىجاد قىلغان. بۇ پىروگىرامما بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان تېلۋۇزۇر ياكى باشقا سۇپىلاردا ئىجرا بولغان. كېيىنچە بۇ تۈر Java غا ئۆزگەرگەن.  ئىنتىرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ، بولۇپمۇ تور پىروگىرامما ئېچىشىدىكى ئەۋزەللىكى بىلەن Java دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشلانغان تىلغا ئايلانغان.

2010-يىلى SUN شىركىتى ORACLE تەرىپىدىن سېتىۋالىنغاندا Java ئاتسى ئىستىپا بەرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي 2011-يىلى google غا قوشۇلغان. لېكىن بىرنەچچە ئايدىن كېيىن بىلوگىدا يەنە ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن Liquid Robotics دېگەن تۇنجى شىركىتىنى قۇرغان. ھەمدە TypeSafe شىركىتىنىڭ Scala ئېچىش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

تۆۋەندە Java تارىخىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: 

1995-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى بارلىققا كەلدى.

1996-يىلى 1-ئايدا تۇنجى JDK-JDK1.0 نى ئېلان قىلدى.

1994-يىلى 4-ئايدا ئون نەچچە مەشغۇلات سىستىمىسى تەمىنلايدىغانلار Java تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلدى.

1996-يىلى 9-ئايدا 83000 تور قوللانما دېتالى Java تېخنىكىسى ئاساسىدا تۈزۈلدى.

1997-يىلى2-ئاينىڭ 18-كۈنى JDK1.1 ئالان قىلىندى.

1997-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى JavaOne يىغىنى ئېچىلدى. قاتناشقۇچىلار ئون مىڭدىن ئاشىپ خەلقئارادىكى ئوخشاش ساھەدىكى يىغىن قاتناشقۇچى رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

1997-يىلى9-ئايدا JavaDeveloperConnection مۇنبەر ئەزاسى يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1998-يىلى 2-ئايدا JDK1.1 نىڭ چۈشۈرۈلۈشى 2,000,000 دىن ئاشتى.

1998-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كنى Java 2 كارخانا سۇپىسى J2EE ئېلان قىلىندى.

1999-يىلى 6-ئايدا SUN شىركىتى Java نىڭ ئۈچ خىل نۇسقىسىنى ئېلان قىلدى. ئۆلچەملىك نەشىرى (J2SE)، كارخانا نەشىرى(J2EE)، مىكرو نەشرى (J2ME).

2000-يىلى 5-ئاينىڭ 8- كۈنى JDK1.3 ئېلان قىلىندى.

2000-يىلى 5-ئاينىڭ 29- كۈنى JDK1.4 ئېلان قىلىندى.

2001-يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى Nokia يۈزمىڭ تېلغۇنغا Java قوللاتقۇزۇپ 2003-يىلى ئېلان قىلىدىغانلىقىن بىلدۈردى.

2001-يىلى 9-ئاينىڭ 24- كۈنى J2EE1.3 ئېلان قىلىندى.

2002-يىلى 2-ئاينىڭ 26- كۈنى J2EE1.4 ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ Java نىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تىزلەشتى.

2004-يىلى 9-ئاينىڭ 30- كۈنى J2EE1.5 ئېلان قىلىندى. تارىخ خاراكتىرلىك بۇ نەتىجىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن J2SE1.5 غاJava SE 5.0 دەپ نام بەردى.

2005-يىلى 6-ئايدا JavaOne يىغىنى ئېچىلدى. SUN شىركىتى Java SE 6 نى ئاشكارە ئېلان قىلدى.بىرلا ۋاقىتتا ھەر خىل نەشىرلىرى ئىسىم ئۆزگەرتىپ J2EE نى Java EE غا، J2SE نى Java SE غا، J2ME نى Java ME غا ئالماشتۇردى. يەنى سان 2 نى چىقىرىپ تاشلىدى.

2006-يىلى 12 ئايدا  JRE6.0 ئېلان قىلىندى.

2009-يىلى 12 ئايدا  Java EE 6 ئېلان قىلىندى.

2010-يىلى 11 ئايدا  ORACLE نىڭ Java مۇنبىرىگە تەسىرى ياخشى بولمىغانلىقتىن Apache ئۆزىنىڭ JCP چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

2011-يىلى 7- ئاينىڭ 28-كۈنى ORACLE شىركىتى Java SE 7 نى ئېلان قىلدى.

2014-يىلى 3- ئاينىڭ 18-كۈنى ORACLE شىركىتى Java SE 7 نى ئېلان قىلدى.

 

* ھە راس، بۇ Java ئاتىسى دەپ ئاتلىدىغان كىشى يېقىندا جوڭگۇغا كەپتىكەن.  

مەنبە: csdn

مەزكۇر يازمىنى كۆچۈرمەڭلار دەپتىكەن. شۇنداق بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقىت سوزۇلۇپ كەتتى. ھەم ئالدىراشچانلىقتا  توغرا بولمىغان يەرلەر بولسا چۈشۈنىشىڭلارنى سورايمەن.

 

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

بىر ئىشنى باشقا ئېچىقىمەن دەيدىكەنسەن چوقۇم ئاۋۋال پىلاننى ئوبدان تۈزۈۋال، چۈنكى قايتىدىن باشلاش ئاسان ئەمەس.


ئۈنچىلەر (8)
نەقىللەر (0)
  1. تەشنايى [ بىلوگ ھۆكۈمدارى ] unknowunknow دىۋان 2014/05/31 15:29

    ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
    Java سۆزى ئەسلى قەھۋە سۆزىدىن كەپتىكەنغۇ؟! نۇرغۇن كىشىلەر Sun شىركېتى Oracle نى سېتىۋالىدۇ دەپ تۇرسا ئىشلار ئەكىسچە بوپ قالغانمىش. ئىشقىلىپ بۇ تىل ھازىر ئەڭ ئالقىغقا ئىرىشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يىقىندا مەكتىۋېمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن پاراكتىكانت قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. Java پىروگراممىرلىرىغا ئىھتىياج ئەڭ يۇقىرى بولۇپلا قالماي، پاراكىتاكنتلارنىمۇ 4000-8000 يۈەنگىچە تەمىنات بىلەن ئىشلىتىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ تىلنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ خىلىلا يۇقىرى دەيدۇ.

  2. تاشۋاي [ جۇغلانما: 43 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2014/06/01 14:22

    بۇ شۇم مەندىن كىچىك تۇرۇپ ھەجەپ چوڭ داغۇ-دۇغا قوزغىۋىتىپتۇيا ! :ھەيي: :نېمە:

  3. يارۇق [ جۇغلانما: 3 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2014/06/01 19:36

    بۇ Java دېگەننى قايسى بىر دۆلەتتىكى ئارالنىڭ نامىدىن كەلگەن دەۋاتاتتىغۇ.
    مۇشۇ بىلوگدىمۇ بارمۇ نېمە، نۇر تورىنىڭ خەنچە پۇراپ تۇرىدىغان تەرجىمە ئۇسلۇبى. «تەرىپىدىن» دېگەننى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمە قىلمىساقمۇ بولىدىغۇ. «Sun شىركىتى Oracle تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى» دەپ خەنچە پۇراپ تۇرىدىغان تەرجىمە قىلماي، «Sun شىركىتىنى Oracle سېتىۋالدى» ياكى «Oracle شىركىتىنىڭ Sun شىركىتىنى سېتىۋېلىشى»…دېگەندەك ساپ ئۇيغۇرچە ئىپادىلىمەمدۇق-دەيمەن باللا.

    • ھاجى [ جۇغلانما: 43 نومۇر ] unknowunknow @ يارۇق 2014/06/01 21:59

      بۇ يەردە خەنچە پۇراپ تۇرۇش يوق. چۈنكى Sun شىركىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. خەنزۇ تىلىدىمۇ بىۋاستە سېتىۋالدى دەپ ئالسا ئەلۋەتتە بولاتتى، نېمىشقا شۇنداق ئالمايدۇ؟ بۇ خۇددى ‹‹قولۇمنى پىچاق كېسىۋەتتى ›› دېگەندەك گەپ. ئەملىيەتتە پىچاق قولۇمنى كېسىۋەتتى دېسىمۇ بولىدۇ. لېكىنمۇ بىكار تۇرغان پىچاق كېلىپ بىرسىنىڭ قولىنى كېسىۋەتكەننى ئاڭلاپ باقمىدىم، ھەممىسى ئۆزى كېسىۋېلىپ…. :لول لول:

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش