2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى PCWorld نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفىت بىلەن ئامرىكا كومپىيۇتېر تارىخ مۇزىيسى تارىختا كۆرۈلمىگە بىر تەدبىرنى ئوتتۇرغا قويۇپ MS DOS 1.1/2.0 ۋە Word for Windows 1.1a NHI نىڭ ئەسلى كودىنى ئاشكارلىدى.
مىكروسوفىتنىڭ داڭلىق ئېنژىنىرى ۋە باش دىرىكتورى Roy Levin بۇ قېتىملىق تۈرگە مۇشۇ قىممەتلىك كودلارنى ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە تېخنىكا مۇنبەرلىرىدە تەمىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈردى.
بۇ ئەسلى كودلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى: MS DOS 1.1/2.0 ۋە Word for Windows 1.1a. بۇ كودلارنى چۈشۈرمەكچى بولغانلار چوقۇم سودا ساھەسىگە ئىشلەتمەسلىككە، ۋە ئىنتېرنىت تورىدىكى باشقا ھەرقانداق جايدا ئېلان قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (لېكىنغۇ خەنزۇچە تورلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك باركەن.)
1981-يىلى 7-ئايدا مىكروسوفىت Seattle Computer Products دىن 50000ئامىركا دوللىرىغا QDOS نىڭ بارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. تولۇق ئىسمى: Quick and Dirty Operating System. بۇ سىستېما كېيىن نام ئۆزگەرتىپ MS DOS دەپ ئاتالدى ۋە IBM كومپىيۇتېرلىرىغا قاچىلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ مىكروسوفىت كومپىيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنى مونوپول قىلدى.
مىكروسوفىت تەتقىقات مەسئۇلى Roy Levin :<<ئەينى چاغدا مىكروسوفىتنىڭ خىزمەتچىسى 100 ئادەمگە يەتمەيدىغانلىقى ۋە مەھسۇلات ئەسلى كودى 300KB غا يەتمەيدىغاننلىقىنى ئويلىسا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. 30،40 يىللىق تەرەققىي قىلىش ئارقىلق مىكروسوفىت ھازىرقى ھالەتكە يەتتى. Windows 8 نىڭ سېتىلىشى 200مىليۇندىن،Office نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى بىر مىلىياردتىن ئېشىپ كەتتى.ئەلا مەھسۇلاتنىڭ ئۆتمۈشى مۇشۇنداق ئاددىيلىقتىن باشلانغان. ھازىرقى مىكروسوفىتنىڭ ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە ئەلا مۇلازىمەتلىرىمۇ دەسلەپتە مۇشۇنداق ئاددىي ئىدى، خۇددى MS-DOS بىلەن Word for Windows دەك... >>دېدى.
گەرچە مىكروسوفىت IBM PC ئۈچۈن BASIC پىروگىرامما تىلىنى ئاچقان بولسىمۇ، بىراق Seattle Computer Products دىن سېتىۋالغان مەشغۇلات سىستېمىسى مىكروسوفىتنىڭ مەشغۇلات سىستېما مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي.IBM شىركىتى 1981-يىلى 8 ئايدا تۇنجى كومپىيۇتېرغا PC DOS 1.0 نى قاچلىدى، 1983-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلغان PC-XT دا PC DOS 2.0 قاچىلانغان. مىكروسوفىت MS-DOS نامىدا بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى باشقا PC سودىگەرلىرىگە تەمىنلىگەن.
1989 يىلى مىكروسوفىت Word for Windows نى ئېلان قىلدى.
ئىلاۋە: مەزكۇر تەرجىمە CentOS-6.5-x86_64-bin-DVD تىن ئىككى بۆلەك ھۆججەتنى DOS بۇيرۇقى ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈشتىن باشلاندى. ئىلگىرىمۇ بۇنىڭغا قىزىقىدىغان بولغاچقا بۇيرۇق ئىجرا بولغۇچە ئارلىقتا ئىزدەپ باقسام مۇشۇ خەۋەر ئۇچرىدى.
ئەسسالام ئەلەيكۇم، ھاجىم، بۇ كاپىراتسىيە ۋاقتىدىكى سېستىمىلارنى يىغىۋېلىپ قانداق قىلىمىز؟ يېڭى سېستىما يازاي دەمسىلە يا؟ :توۋا :
ئاداش «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق » دەپ بۇ كوپراتسىيەنىڭ يالدامىسى يىغىپ قويۇپ تىجارەت قىلىمىز… :ھو ھو:
ما بالىنى، ئا ئۈستىدىمۇ دەپتىغۇ سودا – تىجارەتكە ئىشلەتمىسىلە دەپ. قاراڭغۇ بازارچى :ھا ھا:
@ئالىپبەگ. ئاپلا چاقچاقنىمۇ قاملاشتۇرالماپتىمە-دە. ئۆزۈر. :ئاپلا: