Home >  > باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى قانداق ئوغىرىلايدۇ؟

باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى قانداق ئوغىرىلايدۇ؟

2

كۆچمە ئۈسكۈنىلەر تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، نۇرغۇن مەشغۇلاتلىرىمىز كومپىيۇتېردىن كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ كۆچىۋاتىدۇ. ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش ھەتتا تىجارەت ئىشلىرىمىزدا  ئۇنىڭغا بولغان ئىھتىياجىمىز شىددەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. بۇخىل ھالەتتە ئازراقلا بىخەستەلىك قىلساق، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدىكى مۇھىم پاراڭ خاتىرلىرىمىز، رەسىم ۋە قىسقا ئۇچۇرلىرىمىز، تېلىفۇن ئارقىلىق پۇل تولىگەن بانكا كارتا ئۇچۇرلىرىمىز ۋە باشقا مۇھىم مەخپىي ئۇچۇرلىرىمىز بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئۇسسۇللار ئارقىلىق خاككىرلارنىڭ(ياكى يامان كىشىلەرنىڭ) قولىغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن يۈتتۈرۈپ قويغان بىر كۆپ ۋاستە كارتىمىز: ئۇنىڭدا بەلكىم نۇرغۇن شەخسىي ئۇچۇرلىرىمىز، مەشغۇلات خاتىرىلىمىز ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئۆچۈرىۋەتكەن بولساقمۇ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈشى پەقەت بىردەملىكلا ئىش. يەنە مەسىلەن: تېلىفۇنىمىزنى بىرەرسىنىڭ كومپىيۇتېرىدىن ماتېرىيال كۆچۈرۈش ئۈچۈن چاتتۇق دەيلى، ئەگەر غەيرىي نىيىتى بولسا، ماتېرىيال كۆچۈرۈش جەريانىدا يانفۇنىمىزدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلارنى تۇيدۇرماستىن زاپاسلاپ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن؛ تېخىمۇ قىزىقى نۆۋەتتە مودا بولغان باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ(充电宝): ئۆتكەندە بەزى يالغان زەرەتلىگۈچلەرنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا پارتىلاپ كېتىپ ئادەم زەخمىلەندۈرگەنلىكىدەك خەۋەرلەر پەيدا بولغان ئىدى. مانا ئەمدى يېڭى بىخەتەرلىك كىرزىسى تۇغدۇرۇپ، بۇ ئۈسكۈنە شەخسىي ئۇچۇر ئوغۇرلاش قورالىغا ئايلانغانلىق خەۋىرى تارقالدى.
شۇنداق، بۇ يازمىمىزدا باتاررېيەلىك زەرەتلىگۈچ ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغىرىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ خىزمەت پرېنسپى، ياساش ئۇسسۇلى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز. ئاۋۋال شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغىرلاپ ئالالايدىغان ئۈسكۈنىنى (مەسىلەن: يالغان باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ) تۆۋەن چىقىم بىلەن قوراشتۇرۇش ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى(يازمېمىزدا بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان  IOS سېستىمىسىنى مىسال قىلىمىز، Android قا كەلسەك پرېنسىپى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇيەردە نوقۇل ھالدا  باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچلا كۆزدە تۇتۇلمايدۇ، موشۇ پرېنسىپ بويىچە ھەرخىل ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىش مۇمكىن).

  ئۇچۇر ئوغىرىلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ خىزمەت پرېنسىپى

مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئانچە چۈشىنىپ كەتيمەيدىغانلارنىڭ نۆل ئاساستىن باشلاپ بۇ تېخنىكىنى قوللىنىش ئۈچۈن،ئىشنى قەيەردىن باشلىشى كېرەكلىكىنى ئويلاپ باقايلى! مېنىڭچە IOS قا نىسبەتەن نۇرغۇن ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا تۇنجى بولۇپ iTuns كەلدىغۇ دەيمەن؟! يەنى ئالما يانفۇنلىرىدىكى ئەپلەرنى باشقۇرىدىغان دېتال. ئۇنىڭ مۇھىم روللىرىدىن بىرى يانفۇنىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش. ھەتتا ئالما تېلىفۇنىڭزنى چوتكىلىۋەتكەن (刷机)بولسىڭىزمۇ iTuns نىڭ ياردىمىدە قىسقا ئۇچۇر، ئالاقە خاتىرىسى، رەسىم ، تور زىيارەت خاتىرىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئالالايسىز. ئىككىلىك سىستېما(二进制) نى ئوبدان چۈشىنىدىغان بىرەرسىىگە نىسبەتەن بۇ ئالاھىدە ئىش ئەمەس، پەقەت iTuns دېتال كودىنى تەتۈر يېشىپ، ئىككىلىك سېستىما بويىچە ئالاقە كېلىشىمى(通讯协议) سىنى تەھلىل قىلسىلا، شۇ تەھلىل بويىچە تەقلىدىي ئالاقە كېلىشىمى تۈزۈپ چىقالىشى تامامەن مۇمكىن.
خوش، ھاياجانلىق ئىشلار موشۇ يەردىن باشلانسۇن.  يۇقىرىقى تەھلىل بويىچە iTuns نىڭ ئالاقە كېلىشىم شەكلىنى تەھلىل قىلىپ چىققاندىن كېيىن(ياكى باشقىلارنىڭ تەھلىل نەتىجىسىگە ئاساسەن)، شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ بىر تەقلىدىي ئالاقە كېلىشىمى تۈزۈۋالايلى(ئەمەلىيەتتە قالتىس ئادەملەر بۇنىمۇ ئاللىببۇرۇن ھەل قىلىپ بولغان)، ئاندىن ئوماق iPhone چاققا شۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئۇچۇرلىرىنى زاپاسلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، iTuns قا ئوخشاشلا يانفۇندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۈسكۈنىمىزنىڭ ساقلىغۇچىسىغا كۆچۈرۈپ ئالىمىز! ئاندىن كۆچۈرۈپ ئالغان ئۇچۇرلار قايسى خىل ئۇسسۇلدا بولاقلانغان بولسا،  شۇ خىل ئۇسسۇل ئارقىلىق بولاقنى يېشىپلا ئالساق ئىش پۈتمىدىمۇ؟!
تامام! يۇقىرىدا يانفۇدىن شەخسىي ئۇچۇرنى قانداق ئوغىرلاپ ئېلىشنىڭ ئاساسىي  پرېنسىپىنى چۈشىنىپ ئۆتتۇق. لېكىن بۇنىڭ باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ دېققەت قىلساق، ئادەتتە يانفۇنىمىزنى توك قاچىلىغۇچ ئارقىلىق توك مەنبەسىگە چاتساق ھېچقانداق ئەسكەرتىش رامكىسى چىقمايدۇ. لېكىن USB ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا چاتساق «بۇ كومپىيۇتېرغا ئۇلاشنى جەزىملەشتۈرەمسىز؟» دېگەندەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ. ئوخشاش بىر USB سىم، نېمە ئۈچۈن ئىككى خىل ئەھۋالدا رولى ئوخشىمايدۇ، قانداق ئەھۋالدا ئەسكەرتىدۇ؟بۇنىمۇ ئاددىي چۈشۈنۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ!

14174441499169
يۇقىرىقى رەسىمگە قارايلى! ئادەتتە USB نىڭ چوڭ ئىغىزىدا تۆت دانە ئىرقچە بولىدۇ(ئۇچرىشىش نوقتىسى) رەسىمدىكى 1 ۋە 4 بولسا مۇسپەت-مەنپى ئېلىكتىر قۇتۇپلىرى 2 ۋە 3 دىكى D+ ۋە D- بولسا ئۇچۇر (Data) ئىغىزىدىن ئىبارەت. ئەمدى نېمە ئۈچۈن ناتۇنۇش كومپىيۇتېرغا ئۇلىغاندا ۋە توك قاچىلىغۇچقا ئۇلىغاندا ئەھۋالنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشەندىققۇ دەيمەن؟! چۈنكى كومپىيۇتېرغا ئۇلانغاندا data+ ۋە data- ئىزىغىزلىرىدا سېگىنال پەيدا بولىدۇ،  پەقەت توكلا قاچىلغاندا بولسا  بۇ ئىغىزدا سېگىنال بولمايدۇ. شۇڭا بىنورمال باتاررىيەلىك زەرەتلىگۈچكە ئۇلانغاندا iPhone ئىكىرانىمىزدا يۇقىرىقىدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ.

ئۇچۇر ئوغىرىلاش ئۈسكۈنىسىنى قوراشتۇرۇش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش

كېتەرلىك ماتېرىياللار:
1. raspberry pi بىر تەرەپ قىلغۇچىسى (بۇنى بىلمەيدىغانلار ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭلار)
2. چوڭ تىپتىكى لىتىي باتارېيىسى (تەپسىلى چوڭلۇقى ياسىماقچى بولغان باتارىيەلىك زەرەتلىگۈچىڭىزنىڭ چوڭ - كېچىكلىكىگە باغلىق)
3. توك قاچىلىغۇچ (بۇنى نېمە قىلىمىز؟ لىتىي باتارىيەسىگە توك قاچىلايمىز - دە!)
4. كېچىك led لامپا (3 دانە)
ئەمدى يۇقىرىقى نەرسىلەرنى قانداق قوراشتۇرىمىز؟ مانا مۇنداق: raspberry pi نىڭ USB ئىغىزىنى بىز ياسىماقچى بولغان باتارىيەلىك زەرەتلىگۈچنىڭ سىرتقى ئىغىزى قىلىمىز؛ لىتىي باتارېيىسى ئارقىلىق raspberry pi قا توك تەمىنلەيمىز؛ توك قاچىلىغۇنى چۇۋۇپ، ئارتۇق نەرسىسىنى ئېلىۋىتىپ، بىسىم تەڭشىگۈچىسىنى لىتىي باتارېيەسىگە ئۇلايمىز(توك قاچىلايدۇ - دە). 3 دانە Led لامپىنى raspberry pi نىڭ GPIO ئىغىزىغا ئۇلايمىز ۋە قوزغىتىش كودىنى تېپىپ مۇۋاپىق ۋاقىتتا لامپىلارنى يورۇيدىغانغا تەڭشەپ، ئىجرا كودىنى ARMغا چۈشۈرىمىز (ARM نى چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن ئاسان ئىش، چۈشەنمەيدىغانلارمۇ توردىن ئىزدەپ باقسا ماتېرىيال ساماندەك). ئاندىن يۇقىرىقىلارنى باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچنىڭ شەكلىگە كىرگۈزۈپ ئورايمىز. شۇنداق قىلىپ بىز ياسىماقچى بولغان ئوغىرى «باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ» پۈتتى.

ئەمەلىيەتتە  raspberry pi بولسا Linux پىروگراممىسىنى ئىجرا قىلالايدىغان ARM ئۆزىكىدىن ئىبارەت(دېمەك Android يانفۇنلارنى بۇ تېخنىكىدا بويسۇندۇرۇش تېخىمۇ ئاسان)، ئەمدى بېشىمىزنى ئەڭ قاتۇرىدىغىنى: بۇ ARM ئۈستىدە Linux پروگراممىسىنى يۈرگۈزۈپ قايسى ئۇسسۇلدا iTuns نىڭ ئالاقە كېلىشىمىگە تەقلىد قىلىش ئارقىلىق iPhone ئۇچۇرلىرىنى raspberry pi ساقلىغۇچىسىغا كۆچۈرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن؟! ئەجىبا بۇ يەرگە كەلگەندە iTuns نى يېشىپ، بىر - بىرلەپ تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلەمدۇ؟ ھەي، ھەي... ئويلاپ باقايلى! ھازىر قالتىس ئادەملەر نېمىدىگەن كۆپ! چوقۇم باشقىلار بۇ يولنى مېڭىپ باققان بولىشى كېرەك. شۇنداق، تەييار ئوچۇق مەنبەلەرگە تايىنىمىز ئەلۋەتتە.
libimobiledevice بولسا دەل بىز ئۈچۈن تەييارلانغان ئوچۇق مەنبەلىك تۈر. ئورگان تەرەپتە مۇنداق تونۇشتۇرۇلغان:

libimobiledevice is a cross-platform software library that talks the protocols to support iPhone®, iPod Touch®, iPad® and Apple TV® devices. Unlike other projects, it does not depend on using any existing proprietary libraries and does not require jailbreaking. It allows other software to easily access the device's filesystem, retrieve information about the device and it's internals, backup/restore the device, manage SpringBoard® icons, manage installed applications, retrieve addressbook/calendars/notes and bookmarks and (using libgpod) synchronize music and video to the device. The library is in development since August 2007 with the goal to bring support for these devices to the Linux Desktop.

يەنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەندە: ئۈچىنچى تەرەپ ئامبىرىغا تايانماي، سۇپا ئاتلاپ، iPhone,iPod Touch, Ipad قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەقلىدىي  ئالاقە كېلىشىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مەخسۇس تۈر. لېكىن raspberry pi ئۈستىدە بۇنى قانداق يۈرگىزىمىز؟ ئەمەلىيەتتە ئورگان تەرەپ چۈشەندۈرىشى بويىچە مەشغۇلات قىلساقلا بولىدۇ( مەنبە: https://github.com/libimobiledevice/libimobiledevice).
ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەرىكەتچان ئامبىرى ھۆججەتلەرنىڭ تېپىغا ئاساسەن زۆرۈر ئىقتىدارلارنى ئاپتوماتىك قوزغىتىدۇ. بىراق پەقەت «شەخسىي ئۇچۇر ئوغىرىلاپ ئېلىش» مەقسىتىدىلا بولسا، سۈكۈت ھالىتىدە قوزغىتىلغان tools مۇندەرىجىسىدىكى قوراللار يېتىپ ئاشىدۇ. ئىجرا قىلغاندىن كېيىن قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!

14174461658689


idevice_id      // Ulanghan uskune ID sigha irishish, idevice_id -l
idevicebackup      //Towen neshirdiki IOS uskuniliridin uchur zapaslash
idevicebackup2      // Yengi neshirdiki IOS uskuniliridin uchur zapaslash
idevicesscreenshot                     // Uskunidin ikiran resii tutush
idevicesyslog      //log uchurini korsitish,adb ning logcat bilen oxshash
ideviceinfo Uskune uchurliri
.... Bashqa qorallarningmu ismigha qarap bilgili bolidu  ///

ئەمدى ئىشنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچىغا ئۆتەيلى! نۆۋەتتىكى مەشغۇلات مۇندەرىجىسىگە bak نامىدا بىر قىسقۇچ قۇرۇپ(ئەلۋەتتە نەگە قۇرسىڭىز بولىۋىرىدۇ، زاپاسلىۋالغان ئۇچۇرلارنى قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ, مەشغۇلاتنى ئالما كومپىيۇتېرىنىڭ Terminal لىدا قىلىۋاتىمىز) يۇقىرىدا قوراشتۇرغان "باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ" نى  USB ئارقىلىق ئۇچۇر ئوغىرىلىماقچى بولغان ئۈسكۈنىگە ئۇلايمىز(مىسال ئۈچۈن كومپىيۇتېرغىلا ئۇلىدۇق). ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز:
idevicebackup2 backup ./bak
ئىجرا بولغاندىن كېيىنكى ھالىتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

14174469148292

ئاندىن bak مۇندەرىجىسىگە قارىساق بىرتالاي ھەرپ زەنجىرىلىرىدىن نام بېرىلگەن ، ئېچىپ مەزمۇنى كۆرگىلى ياكى چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھۆججەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار تەقلىدىي ئالاقە كېلىشىمى ئارقىلىق زاپاسلانغان ماتېرىياللاردۇر. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

14174471007346

ئەمدى بۇ ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن چۈشەنگىلى بولمىسا نېمە پايدىسى؟! ئالدىرىماڭ، ئالغانكەنمىز ئۇنى يېشىپ ئەسلىگە قايتۇرالايمىز. تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساقلا تامام:
ideivcesbackup2 unpack ./bak
ئىجرا قىلغاندىن كېيىن مۇندەرىجىدە unpack نامىدا بىر قىسقۇچ پەيدا بولىدۇ. ئىچىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى(بەك كۆپ بولغاچقا پەقەت 3 - دەرىجە قىسمىغىچىلا كۆرسىتىلدى):

14174475772582

مەسىلەن بىز ئالبۇمدىكى بارلىق رەسىملەرنى كۆرمەكچى بولساق var/mobile/Media/DCIM ئادرىىسى بويىچە ئېچىپ قارىساقلا بولىدۇ. خۇددى تۆۋەندىكىدەك:

14174478553446

پەقەت رەسىملەرنىلا قولغا چۈشۈرگىلى بولامدۇ؟ ياق! Keychains كە دىققەت قىلغان ئەستايىدىل دوسىتلار ئاللىبۇرۇن نېمە قىلىشنى بىلىپ بولدى. مەسىلەن بىز يەنە safari ياكى باشقا APP لەرنىڭ قالدۇق ئۇچۇرلىرىنى قانداق كۆرىمىز؟ مەسىلەن: پاراڭ خاتىرىسى، cookie قاتارلىقلارنى؟ var/mobile/library ئادرىس بويىچە ئېچىپ، sms ۋە cookie ئۇچۇرلىرىنى كۆرسەكلا بولىدۇ. خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

14174483091364

موشۇ خىل ئۇسسۇلدا var/mobile/Applications ئادرىسى بويىچە بارلىق APP لەردە ئىشلەتكەن ئاكونت ئۇچۇرلىرى، مەخپىي نومۇر ۋەھاكازالارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

يۇقرىقىدا سۆزلەپ ئۆتكەن USB نىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەنگەن دوسىتلار، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى: باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچنى چاتقاندا كۆرۈنىدىغان ئەسكەرتىش ئۇچۇرىغا NO نى بېسىپ رەت قىلىش ئېكەنلىكىنى بىلىپ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئەسلى مەنبە يازما ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلدى، مەنبەسى: http://www.freebuf.com/   تورى؛  ماقالىدە شەخسىي ئۇچۇر ئوغىرىلاشنى مەقسەت قىلغان يالغان "باتارېيەلىك زەرەتلىگۈچ" ياساش ۋە ئوغىرىلاش جەريانىلىرى پەقەت ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى. بۇلاردىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ئىش قىلغۇچىلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل!

  مەزكۇر يازمىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز كۇلۇبىمىز ئەسلى مەنبە ئادرىسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، ھەم تولۇق كۆچۈرۈپ كېتىشكە دېققەت قىلىڭ، رەھمەت!

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (2)
نەقىللەر (0)
  1. دوغاپ [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 39.0.2171.71Windows 8 دىۋان 2014/12/06 15:03

    يا ئاللاھ، ما ئىشتىن ھەزەر ئەيلىسەك بولغۇدەك جۇمۇ!!

  2. تەشنا [ قىرىق تۆتىنچى دەرىجە ] Google Chrome 39.0.2171.95Windows 8 گىلەم 2014/12/27 02:36

    بۇ بىر سىناق باھا!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش