ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز كۈنىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن. يېڭى يىلغا يېڭىچە ئىددىيە، يېڭىچە ئارزرۇ - ئارمانلار بىلەن كىرىپ كەلگەن ھەربىر قېرىندىشىمغا ئۇتۇقلار يار بولۇشىنى تىلەيمەن. ئويلاپ باقسام مونۇ بىلوگىممۇ 4 قېتىملىق نەۋرۇز كۈنىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بوپتۇ. ۋاقىتنىڭ تىز ئۆتىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن. ئەمما كۆرەشچان ھاياتنىڭ ھەربىر تىنىقلىرى مېنۇت - سېكۇنتلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئۆزىگە بىر سىلكىنىش تەرىقىسىدە قوبۇل ئىتەلەيدىكەن. ۋاقىت ئۆتۈۋاتىدۇ، سۇلار توختىماي ئېقىۋاتىدۇ، ماشىنىلار ئۆتۈۋاتىدۇ، ئەجدادلار كېتىپ، ئەۋلادلار كېلىۋاتىدۇ، ھەممىمىز تىنىچ ئوكياندىكى بىلىقلاردەك ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە سىلجىۋاتىمىز... كۆز ئالدىمىزغا تاشلىنىپ تۇرغان بوشلۇقتا ئەمەلىيەتتە ئاجايىب ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ.
ئەسلى بۇ كۈننىڭ قۇتلۇق شەرىپىگە بىلوگىمىز نامىدىن بىرەر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش خىيالى بار ئىدى. لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھەلەكچىلىكى ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئىمكان بولمىدى. شۇنداقتىمۇ ئاددىي سوۋغا سۈپىتىدە تۆۋەندىكى مىسرالار ئارقىلىق كۆڭلۈمنى ئىزھار ئەتتىم
نەۋرۇزدا
بايان قىلسام قۇشلار تىلىداﺍ،
تاڭ كەبىي ئاق تىلەكلىرىمنى.
تېپچەكلىتىپ تۇغۇمچى كۈننىڭ،
سوقۇپ ھامارس يۈرەكلىرىنى.
بايان قىلسام غەمكىن دىھقاننىڭ،
ئىتىزلاردا قالغان چۈشىنى،
دان بەرگەندەك
قۇشقاچلارغا بەرگەن سۆزىنى.
نەۋرۇزدا
بايان قىسلسام قۇشلار تىلىداﺍ،
قەلبلەرنىڭ رېۋايىتىنى.
ئاشكار قىلسام ھەسرەتلىرىنىڭ ،
زۇلمەت باسقان قىياپىتىنى.
نەۋرۇزدا
سۆزلىسەم گەر قۇشلار تىلىدا،
گۈل تۇتقانچە كېلەر بىر ئارمان.
ئاۋازىمدىن زوغۇيلار ئۈركۈپ،
ھاياتىدىن بولار دەر گۇمان.
نەۋرۇزدا
سۆزلىگۈم بار قۇشلار تىلىدا،
تىلى باريۇ سۆزلىيەلمىگەن،
دىلى بار ھەم كۈيلىيەلمىگەن،
سايىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى.
كىچىككەن بولساممۇ نۇرۇز بايرىمىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.
نورۇز دېگەن نېمۇ؟