نۇرۇز مۇبارەك (نۇرۇزنامە)
2013/03/21 شىئىرلار ⁄ جەمئى: 2852 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 156 مىھمان+

باش باھارنىڭ ئېللىق شاماللىرى سومبۇل چاچلارنى سۆيۈپ ئۆتمەكتە، قىروۋ باغلاپ كەتكەن دېرىزىلەرگە ئۆتكۈر قۇياشنىڭ ھارارېتىنى بەخىش ئەتمەكتە!! يىڭى بىر باھار، يىڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىشىدىن دىرەك بىرىۋاتىدۇ. تال سۆگەتلەرنىڭ يۇمران ياپراقلىرىدىن گۈل يارىغا تاج ياساۋاتقان ئاۋۇ بالىمۇ شاتلىقىنى باسلالمايلا قالدى. تۆۋەندېىكىلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئىيتىۋاتقان نۇرۇز نەغمىسى... قېنى ئەزىزلەر بىرگە جۈر بولايلى!

نۇرۇزنامە: (تەشنايى)

نۇرۇزنامە

 

ئاي - يىللار سوۋغىسى نۇرانە باھار،

نە باھار؟ نەۋ باھار، نەۋقىران باھار،

يىڭىچە ھاياتلىق، يىپيڭى باھار،

بوۋاقتەك غۇبارسىز، ياشلىقتەك باھار.

ئويغاتتى جاھاننى قىززىدى نۇرۇز.

*

ئۇيقۇدىن ئويغاندى بۇلبۇل ۋە كاككۇك،

ھارارەت تەپتىدە ئىرىدى مۇزلار،

جىم ياتماس ئۆچەكتە قۇرت قوڭغۇزمۇ،

"ئويغان" غا مۇقام چېپ غۇبارسىز سۇلار.

باشلىدى سامانى مەرھابا نۇرۇز.

*

شاماللار ئوينايدۇ مەجنۇنتاللارنى،

مايسىلار ئەركىلەر مەيىن شامالغا،

چېچەكلەر گۈل تاقاپ تاقىر دەرەخكە،

كىپىنەك پىچىرلار رەڭگى سامانغا.

ئىللىتتى زېمىننى خىسلەتكار نۇرۇز.

*

شادلىنىپ ئېتىزغا ماڭغاندا دېھقان،

"نە شادلىق؟" سورىدى ھەسەتخور گۈللەر،

يۆلىنىپ دەرەخكە مۇڭلانغان يېگىت،

دېدى ئۆز - ئۆزىگە: "خوش، ئۆتكەن كۈنلەر!".

كۈچ بەردى ھەممىگە مەدەتكار نۇرۇز.

*

جاراڭلىق كۈلكىسى سەبىي بالىنىڭ،

تەبەسسۇم ئىلكىدە غىرىپ بوۋايمۇ،

ياڭرايدۇ ناخشىسى ئىشچان يېگىتنىڭ،

ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ ھەتتا جۇۋانمۇ.

كۈي بەردى شاتلىققا غەزەلخان نۇرۇز.

*

ئۆيلەردە شاد كۈيى، سەينادا مەشرەپ،

چېلىشىش، كۈلىشىش پەگادا مەشرەپ،

بەيگېدە ئات سېلىپ باھادىر يېگىت،

قىزىتتى ئاسمانۇ پەلەكتە مەشرەپ.

تويۇندى مەشرەپكە، مەشرەپچى نۇرۇز.

*

بوۋامدىن ئۇدۇم ئېپ ئەۋرە - نەۋرېلەر،

ئوت ياقتى گۈلخانغا نۇرۇز كېچىسى،

كۈيچىلەر كۈي تارتىپ باشلاندى ساما،

نامىلەر پۈتتى ھەم شائىر قوشاقچى.

ئاجايىپ بىزەندى سىھېرلىك نۇرۇز.

*

يۈرەكلەر قېتىدا چەكسىز ھاياجان،

ھاياجان ئىلكىدە تېنىدۇ جاھان،

ياڭرىسۇن، ياشنىسۇن، گۈللىسۇن نۇرۇز،

تۇغۇلسۇن باھاردا قايتىدىن جاھان.

مەڭگۈگە قۇت تاپسۇن مۇقەددەس نۇرۇز!

(2010 - يىلى نۇرۇز ئېيىنىڭ 21 - كۈنى. شەھىرى تىيەنجىن)

نۇرۇزنامە: ( ئۇيغۇرمەن)

نۇرۇزنامە

شەمسىيەنىڭ يىل بېشى ئۇ - تۇنجى قەدېمى نۇرۇز،

تۈركىي خەلقىم ئەنئەنىۋېي باھار بايرىمى نۇرۇز.

*

ئاڭا بىرلە كۆز ئاچقۇسى، خۇشاللىق ۋە ياخشىلىق،

تۈركىي ئۈچۈن قۇت ئەلچىسى كۆك قاشقىر كەبىي نۇرۇز.

*

ئۇل ھۆر - پەرى يەڭلىغ قىز، مەڭگۈ قېرىشلاردىن يىراق،

كۈللى ئالەم فەزاسىدا، تۈركىي ئىزناسى نۇرۇز.

*

جىلۋىگەردۇر تارىخلاردا ھەربىر ماڭغان ئىزلىرى،

ئەجدادىمنىڭ شان - شۆھرىتى، ئىجاد - مېھنىتى نۇرۇز.

*

ياڭرىغان ئالەمگە شۇنداق ئۇل گوياكى كۈي - مۇقام،

نەپەس بەرگەن ئۇيغۇرۇمغا يايلاق ھاۋاسى نۇرۇز.

*

مەرىپەتنىڭ ئاسمانىدا ئەللەيلەتكەن پەرزەنتىنى،

سەنئەت سۆيەر مىللىتىمنىڭ سەنئەت ساداسى نۇرۇز.

*

ماھىئەنۋەرنىڭ مىسالى، گوياكى تولۇپ تۇرغان،

زىيا چاچقان غەمناك دىلىغا خىسلەت ناۋاسى نۇرۇز.

*

گۈل - چېچەك قىسقان يىگىت - قىز قوغلېشىپ باغ ئارا،

ئىشقىنى ئەتكەنى ئىزھار ھايات بەزمېسى نۇرۇز.

*

شوخ يېگىتنىڭ چاقچىقى ئۇ گۈزەل قىزنىڭ ئەركىسى،

ئارام بەرمەس كۆڭۈللەرگە ھايات لەززېتى نۇرۇز.

*

*بەر دېسەڭ بەرگەي مەي يا قىپقىزىل ئەتىرگۈلىن،

زەپ خۇش ۋېسال ئەييامىدۇر، قەلبىڭ ناۋاسى نۇرۇز.

*

ئاھ ساپ ھاۋا دىل ئارامى، تەنگە بەرگەن شۇ ھوزۇر،

شامۇ - سەھەر ئەلچېسى - تاڭنىڭ ساباسى نۇرۇز.

*

سەن كېلىش بىرلە تەبىئەت كۆز ئاچىپ ئۇيقاسىدىن،

نازلىق كەرەشمە ئەيلىگەن، شائىر ئىلھامى نۇرۇز.

(2008- يىلى نۇرۇز ئېيىنىڭ 21 - كۈنى شەھىرى تىيەنجىن)


تەشنايى بلوگى نۇرۇز بايرېمىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. ئەزىزلەرگە يىڭى يىلدا يىڭىچە روھ، يىڭىچە تۇيغۇ تىلەيدۇ. " يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن" دېگەن ماقالنى ئۈلگە قىلىپ، ھايات كارۋانلىرىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە باشلېشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىدۇ.

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:1 دانە

  1. ھاجى : 2013-يىل04-ئاي03-كۈن13:12:18  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    «‹نە شادلىق؟› سورىدى ھەسەتخور گۈللەر، »
    تەشناجان، مېنىڭمۇ شۇنداق سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، مەنمۇ ھەسەتخور بولۇپ قالدىممۇ يا؟!


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل04-ئاي03-كۈن20:31:12  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ھەسەتخورلۇق يامان ئىشتۇر، ھاجىكا! ھەسەتخورلار ئاسانلا سەپرا بوپ قالىدۇ دەيدۇ….

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟