logo
ئورنىڭىز: باش بەت > كىتابخۇمار > يازما مەزمۇنى

نەچچە يىللار ئىلگىرى بۇ روماننى ئىنتايىن قىززىقىش ئىلكىدە ئوقۇپ چىققان ئىدىم، بۇ قېتىم يەنە بىر رەت كۆرۈش جەريانىدا روماننىڭ ئۆزۈمگە ئوخشاش ياشلىق پەيتىنىڭ ئاساۋ ئاتلىرىغا مىنگەن ياشلارغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا ئىلگىرى بۇ كىتابتىن قىسقىچە قالدۇرغان ئاددىي خاتىرەمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، ئەزىزلەرنى بۇ رومانغا قىززىقتۇرۇش مەقسىتىدە يوللاپ قويدۇم. قېنى ئەمىسە بايانىغا قۇلاق سالغايمىز!

كىتاب ئۇچۇرلىرى:

كىتاب ئىسمى: مەھمۇد كاشغەرىي

كىتاب ھەجىمى: 690 بەت

نەشىرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى

ئاپتورى: پەرھات جىلان

  پەرھات جىلان 1945 – يىلى غولجا شەھرىدە تۇغۇلغان. ئاپتورنىڭ نۇرغۇن ھىكايە پوۋىسىتلىرى، “مەھمۇد كاشغەرىي”، “ئورخۇن شەجەرىسى”، “ئىدىقۇت يۇلتۇزى” قاتارلىق تارىخي رومانلىرى نەشىر قىلىنغان.  ئاپتور يەنە  ن.ئا. باسكاكوۋنىڭ “تۈركى تىللار”، “گراف مونتې – كىرىستو” ناملىق مەشھۇر رومانلىرىنى تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلغان. 

روماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:

پۈتكۈل رومان ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر قىسىم ئايرىم – ئايرىم ھالدا يىگىرمە بىر، ئون سەككىز بابتىن تەركىب تاپقان.

بۇ روماندا 11 – ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى، ئىجتېمائىي تۇرمۇش مۇھىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ھاياتلىق پائالىيەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار خان جەمەتىدىن بولۇپ، قەشقەردىكى ساچىيە مەدرىسەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ، كىيىن ئۇ بارلىق تۈركىي خەلىقلەرنىڭ يۇرتلىرىنى كىزىپ چىقىدۇ. شۇ سەپەر جەريانىدا ئۇ ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، ئېغىز ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە باشقا جەھەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتېرىيال توپلايدۇ.ئۇ ئون نەچچە يىللىق دالا تەكشۈرىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئوردىدا تەخىت ماجراسى يۈز بىرىپ، مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ۋە بوۋىسى ئۆلتۈرىلىدۇ. مەھمۇد قەشقەردىن قىچىپ چىقىپ، سەمەرقەنت، بۇخارا،نىشاپور قاتارلىق جايلاردا مۇساپىر بولىدۇ. ئاخىرى باغداد شەھرىدە ماكانلىشىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بىرى توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى” ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ، باغداد خەلپىسى مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلىدۇ. ئۇ كىيىن ئوپالغا قايتىپ كىلىپ، بىر مەدرىسە سالدۇرىدۇ ۋە شۇ يەردە مۇددەرىسلىك قىلىپ، 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

روماندىكى بىر قىسىم پىرسوناژلار ھەققىدە چۈشەنچە:

ھۈسەيىن بۇغرا تېگىن -  مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ ئوغلى، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى.

بۈۋى رابىيە ئالتۇن تارىم - مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانىسى.

ھۈسەيىن ئىبنى خەلەب - ساچىيە مەدىسەسىنىڭ مۇددەرىسى، مەھمۇد كاشغەرىينڭ ئۇستازى.

ئالىپ ئەرتۇڭا – قاراخانىيلار سۇلالىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۈيۈك خانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىران شاھىنىڭ كىڭەيمىچىلىكىگە قارشى كۆپ يىللاپ ئۇرۇش قىلىپ، شۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە قۇربان بولغان.

يۈسۈپ قادىر ئارىسلان بۇغرا قاراخان - قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، خانلىقنى ئاسايىشلىققا يىتەكلىگەن، بۈيۈك خان. ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى مۇھەممەت ياغان تېگىن (كىيىن مۇھەممەت بۇغرا تېگىن) مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋىسى بولىدۇ.

شەيخۇئىسلام ھېسامىدىن ئىبنى مۇسا – سۇلتان ئارىسلانخاننىڭ تەشەببۇسى، مۇھەممەت بۇغراخاننىڭ قارشى تۇرىشى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنڭ ئەڭ يۇقىرى دىننىي مەنسىپىگە ئىرىشكەن كىشى.(ئۇ ھىيلىگەر، پەس ئادەم بولۇپ، ئاخىرىدا مۇھەمەت بۇغراخان بىلەن سۇلتان ئارسىلانخان ئارىسىدا ئىچكىي ئۇرۇش يۈز بېرىشكە سەۋەب بولغان ۋە شۇ ئۇرۇشتا قازا قىلغان)

تۇرۇمتاي - كىچىككىنە بىر قۇشنىڭ نامى بولۇپ، بىر قۇلغا شۇنداق نام بېرىلگەن. ئۇ مەھمۇد كاشغەرىيگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان. كىيىن مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىپ، ئۆيلەپ قويغان. تۇرۇمتاي مۇھەممەت بۇغراخان ۋە ھۈسەين بۇغرا تېگىن قەسىتلەپ ئۆلتۈرلۈپ، ئوردىدا قالايمىقانچىلىق بولغاندا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان.

چولپانئاي - مەھمۇد كاشغەرىينڭ ياشلىقىدىكى سۆيگۈنى، كىينكى ئايالى. ئۇلار ياشلىق ۋاقتىدا تولىمۇ قىزغىن مۇھەببەلەشكەن، قىزنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى ئاددىيلا بولغاچقا مەھمۇدنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا تەستە قوشۇلغان. ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن، ئىزچىل مۇھەببەتلىك ئىجىل تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئوردا قالايمىقانچىلىقى ۋاقتىدا چولپانئاي مەھمۇدنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە يولغا چىققان قوشۇننىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن، ئەرەنچە ياسىنىپ، ئازغىنە چىرىكلەرنىڭ ياردېمىدە ئاتلانغان ۋە مەھمۇدنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭغان قوشۇننىڭ سەركەدىسىنى(ياۋلاغ سارىغ) ئۆز قولى بىلەن چىپىپ تاشلىغان. ئەپسۇس دۈشمەن كۈچلۈك بولغاچقا ئۆزىمۇ شۇ ۋەقەدە قۇربان بولغان.

ياۋلاغ سارىغ(يامان سىرىق) - ئەينى ۋاقىتتا تاشبالىقنىڭ بېگى بولۇپ، پەس ، ئىچى قوتۇر ئادەم، مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنىڭ قولىدىن بىر قۇل دېدەكنى تارتىۋىلىپ، تۇرۇمتايغا ياتلىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن، مەھمۇد كاشغەرىيگە بىر ئۆمۈر يامانلىق قىلغان. ئوردا قالايمىقانچىلىقىدىن كىيىن، مەھمۇدنى ئۆلتۈرگۈچى قوشۇننى باشلاپ ماڭغان ۋە چولپانئاي تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.

مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان جۈملىلەر:

يۈسۈپ قادىرخاننىڭ پۈتكۈل قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى پۇقرالارغا چۈشۈرگەن پەرمانى - 

ھازىردىن باشلاپ ھەربىر باشقا ئىلم – ھۈنەر ئۈگەنمەكنى ۋاجىپ دەپ جاكارلايمەن. ھاياتلىقتىن – ماماتلىققىچە ھەرقانداق ئايال بىلىم ئۈگىنىپ،ئۆزنى قەدىرلىسۇن. كىمىكى ئىلم – ھۈنەر ئەھلىي بولۇشقا تىرىشمايدىكەن، سېلىقنىڭ كۆپ قىسمى شۇلاردىن ئېلىنسۇن، چۈنكى مۇنداق كىشىلەر ئۆزنى – ئۆزى خار قىلغۇچىلاردۇ! (118 – بەت)

شەيىخ ئىمام ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپنىڭ سۆزى - 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىلنى بىكار بەرمىگەن. كىمىكى ئاللاھ بەرگەن شۇ ئەقىلگە تايىنىپ، ئوقۇش، ئۈگىنىش ئارقىلىق نۇسرەت تېپىش يولىنى تۇتمىسا، ئۇنىڭ غەپلەت ئىچىدە قىلغان دۇئالىرى ئىجابەت بولمايدۇ. ئۆز بىلىمى ۋە كۈچىنى ئىشقا سالماي ھەممىنى ئاللاھتىن تىلەش دېنىمىزنىڭ ئەقىدىلىرىگە خىلاپ، ئاللاھ بۇنداق بەندىلىرىنى ئەزىز قىلمايدۇ. (169 – بەت)

يۇقاردا پەقەت كىتاب ھەققىدە ناھايىتى ئاددىيغىنە چۈشەنچە بېرىلدى، نۇرغۇن ۋەقەلەرنى تەپسىلىي چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن ئۇ روماننى ئەستايدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن.

 

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. دىۋان
    ئىزتىل

    مەن تېخى بۇ روماننى ئوقۇپ باقمىدىم دېسە ؟!! ئەمدى ۋاقىت چىقارسام بولغۇدەك .

    2012-12-31 2:59 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات
  • يىڭى ئۈنچە
  • خەتكۈشلەر
  • ئىختىيارى
ad
footer logo
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!Theme by QQOQ