[نۇتۇق] نەجىپ مەھفۇز: ھەققانىيەت ئۆلمەيدۇ
2013/08/15 تەرجىمېلىەر ⁄ جەمئى: 19861 ھەرپ دېۋان قۇرۇق ⁄ زىيارەت: 188 مېھمان+

نەجىپ مەھفۇزنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى

نەجىپ مەھفۇزنىڭ ئاددىي تەرجىمالى

نەجىپ مەھفۇز (Naguib Mahfouz) مىسىرنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى شۇنداقلا ئەرەپ دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇ 1911 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە تۇغۇلغان.تۆت يېشىىدىن باشلاپ مەدىرىسلەردە « قۇرئان كەرىم» نى ئۈگۈنۈپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن. 1929 - يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەن بولۇپ، پۈتكۈل ئۆمرىدە 31 پارچە رومان، 17 پارچە پوۋېسىت ۋە 600 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر ۋە ئوچرىكلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسلىقى مىسىر خەلىقىنىڭ تەقدىر قىسمەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەت، جاپا - مۇشەققەت، ۋە گۈزەل ئارزۇلىرى ئوبرازلىق تىل بىلەن جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن، ھەققانىيەت تۇغى ئىگىز كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن 1988 - يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن، بۇ چاغدا ئۇ 76 ياش بولۇپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغىللانغىنىغا 60 يىل بولۇپ قالغان ئىدى. نەجىپ مەھفۇز 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يىقىلىپ چۈشۈپ يارلانغانلىقتىن ۋە كىسەللىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، ئارلىقتا ئەھۋالى بىر ئاز ياخشىلانغان بولسىمۇ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بۇ چاغدا ئۇ 94 ياشتا ئىدى. تۆۋەندىكى ئۇنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقى.

نۇتۇق تېكىسىتى: ئۇيغۇرچە

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئالدى بىلەن مەن شىۋېتسيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيسى نوبېل مۇكاپاتى كومتېتىنىڭ پېقىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەجرىگە بىلدۈرگەن ھۆرمىتىگە تەشەككۇر ئېيىتىمەن. مەن سورۇن ئەھلىنىڭ ئىلتىپات بىلەن قۇلاق سېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، چۈنكى مەن سۆزلەۋاتقان تىل كۆپلىگەن كىشىلەرگە ناتۇنۇش. لېكىن، بۇ تىل بۇ مۇكاپاتنىڭ ھەقىقىي ساھىبىدۇر. ئۇ، بۇ مەدەنىيەت بوستانىدا تۇنجى قېتىم دىلرەبا بىر تۈس بىلەن ياڭرىشى كېرەك. مەن بۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن، شۇنداقلا دۆلىتىمدىكى ئەدىپلەرنىڭ سىلەردەك دۇنياۋېىي يازغۇچىلار (غەم – ھەسرەتكە تولغان دۇنياغا شادلىق ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى چاچقۇچىلار) بىلەن شەرەپلىك ھالدا بىر سەپتە تۇرۇش لاياقېتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەلۇم بىر چەتئەل گېزىتىنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنڭ ئېيىتىشىچە، مېنىڭ ئىسمىم نوبېل مۇكاپاتى بىلەن باغلانغان شۇ دەقىقىدە پۈتۈن مەيدان جىمىپ كېتىپتۇ، كىشىلەر مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىر – بىرىدىن سوراپ بىلىشمەكچى بوپتۇ. مېنىڭ ئۆز – ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشۇمغا ئىنسانىي تەبىئەتكە سىغىدىغان پوزىتسيە بىلەن رۇخسەت قىلىشىڭىزلارنى سورايمەن. مەن بولسام ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ پەرزەنتى. تارىختا بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەت گۈزەل بىر قۇرۇلۇشنى روياپقا چىقاردى. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، 7000 يىللىق تارىخقا ئىگە پىرئەۋن مەدەنىيىتى، ئىككىنچىسى، 1400 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىسلام مەدەنىيىتى. ھەرقايسىڭىزلار ئەدەبىيات مۇنبېرىنىڭ سەرخىللىرى ۋە ئەللامىلىرى، بۇ مەدەنىيەت ھەققىدە ھەرقايسىڭىزلارغا سۆزلەپ ئولتۇرۇش ئارتۇقچە. بىراق، بۇ شەرەپلىك دىدارى مۇلاقەت پەيتىدە بىر قانچە كەلىمە قىستۇرما قىلسام ئەيىب بولماس.
پىرئەۋن مەدەنىيىتىدىن سۆز ئاچقاندا، پېقىر ئىستېلاھلار ۋە تارىخي ئىمپېرىيلەر ھەققىدە سۆزلەشنى راۋا كۆرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاراب بولغان شەرەپلىك تارىختۇر. ئاللاغا شۈكىرىكى، زامانىمىزنىڭ ۋىجدانى ئۇلار ھەققىدە گەپ ئېچىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ بەرىكاتى بىلەن ئىنسانىيەت ۋىجدانىنىڭ سۈبىھسىنى ئاچقانلىقى ھەققىدە توختالماي، ئۇ بەكمۇ ئۇزۇن تارىخ. كۆپچىلىك پادىشاھ ئېھىناتۇن (قەدىمىي مىسىرنىڭ 18- سۇلالىسىنىڭ 10 –نۆۋەتلىك پىرئەۋىنى) ھەققىدىكى قىسسىنى ئوبدان بىلىدۇ. مەن ھەتتا بۇ مەدەنىيەتنىڭ سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدىكى نەتىجىلىرى ۋە ئەلئېھرام، سىفىنكىس، كاناك ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مۆجىزىلىرى ھەققىدە سۆزلىمەكچى ئەمەس. بۇ مۆجىزىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش شەرپىگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرمۇ بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى ۋە سۈرەتلەرنى كۆرگەن.
مەن پىرئەۋن مەدەنىيىتىنى ھىكايە تەرىقىسىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. چۈنكى مېنىڭ ھېكايىچىلىق سالاھىتىمنى مېنىڭ خاس ئارقا كۆرۈنۈشۈم بەلگىلىگەن . تارىختا خاتىرىلەنگەن بۇ ۋەقەگە سەمە بولۇڭلار: قەدىمكى مىسىرنىڭ يازولىرىدا ئېيىتلىشىچە،پادىشاھ پىرئەۋن ھەرەمدىكى بىر كېنزىكىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋەزىرى بىلەن گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ. كىشىلەرنىڭ نەسلىنى قۇرۇپ كېتىدىغان بولدى ، دەپ ئويلاشقانىدى. لېكىن، پىرئەۋن ئەدىلىيە ئەمەلدارلىرنى چاقىرتىپ، ئكزى خەۋەر تاپقان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. پىرئەۋن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەدىلىيە ئەمەلدارلىرىغا پاكىتنىڭ زۆرۈرلىكىنى تاپىلايدۇ... بۇنداق قىلىش، مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇنىڭ ئىمپېرىيە قۇرۇشى ۋە ئەلئېھرام قوپۇرىشىدىنمۇ ئۇلۇغدۇر. دەل موشۇنىڭ ئۆزى شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ھەرقانداق بايلىق ۋە شان – شەرەپتىن ئەلا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېسپاتلايدۇ. ئىمپېرىيە يوقالدى، ئۆتكەن ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئەلئېھراممۇ ھامان بىر كۈنى يوقايدۇ. لېكىن، ئىنسانيىەتنىڭ ئەقلى تەلپۈنۈپ، يۈرىكى سوقۇپلا تۇرسا، ھەقىقەت بىلەن ئادالەت مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدە، مەن سىزلەر بىلەن ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئىقلىملىرىدىكى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە مەغفىرەت ئۈستىدە قۇرۇلغان ئىنسانىي بىر گەۋدە توغرىسىدىكى چاقىرىق خۇسۇسىيدا سۆزلىشىپ ئولتۇرماي، شۇنداقلا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىمۇ توختالماي، چۈنكى ئاراڭلاردىكى مۇتەپەككۇرلار مۇھەممەدنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ سان- ساناقسىز مەسچىت مۇنارلىرىنى قوپۇرۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالماي، ھىندىستان ۋە جوڭگۇ ئەتىراپلىرىدىن تارتىپ فىرانسىيە چىگىلىرىغىچە بولغان پايانسىز زېمىندا ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئېمانغا، دىيانەتكە ۋە ساخاۋەتكە چاقىرغانلىقى ھەققىدە سۆز ئاچماي؛ مەن يەنە دىن ۋە ئىرىقلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇرۇن بولۇپ باقمىغان ۋە بۇندىن كىيىنمۇ بولمايدىغان ئۆزئارا چۈشىنىش، كەچۈرۈم ئاساسىدىكى دوسلۇق، ھەمكارلىق ھەققىدىمۇ گەپ ئاچماي. بىراق، مېنىڭ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىم، بۇ مەدەنىيەتنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان دىراماتىك بىر پەردىسىدۇر. بۇ پەردە بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇ مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ۋىزانتىيىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن، ئەسىرلەرنى قويىۋېتىش بەدىلىگە قەدىمكى يۇناننىڭ پەلسەپە، تىبابېتى ۋە ماتىماتىكا نەمۇنىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. مانا بۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىلىشكە ئېنتىلىشتەك مەنىۋېىي قىممىتىنىڭ دەلىلى. گەرچە بۇ ئېنتىلگۈچىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا ئىتقاد قىلسىمۇ، يات دىندىكى مۇخلىسلارنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرىنى قەدىرلىدى. ئەنە شۇنداق ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ باغرىدا تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ شېرىن – شەربەتلىرىدىن سۈمۈرۈش، ئۇنىڭ سىھېرلىك مەدەنىيەت شارابىدىن ھوزۇرلىنىش مېنىڭ تەقدىرىمدۇر. بۇلارنىڭ جۇغلىنىشىدىن كىلىپ چىققان ئىلھام مېنىڭ تەشنالىقىم بىلەن بىرلەشكەن ھالدا بەدئىي پىكىرلىرىمنى بۇلاقتەك ئۇرغۇتتى. مېنىڭ ئەسەرلىرىم بەخىتلىك ھالدا سىلەردەك مۆھتىرەم ئەدەبىيات ئاكادېمىيسىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولدى، مېنىڭ ئەجرىم مەشھۇر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تاجىغا نائىل بولدى. مەن ئۆز نامىمدىن، شۇنداقلا ئككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن كېتىپ بولغان قۇرغۇچىلىرى نامىدىن سىلەرگە تەشەككۇر بىلدۈرىمەن.
سىلەر ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىن كەلگەن بۇ كىشى قانداقمۇ خاتىرجەم بولۇپ ئەسەر يازىدىغاندۇ دەپ ئويلىشىڭلار مۈمكىن. بۇنداق ئويللاش تامامەن يوللۇق، مەن قەرىزنىڭ قاتتىق بېسىم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان دۇنيادىن كەلدىم، ئەگەر بۇ قەرىزنى قايتۇرۇشتىن سۆز ئېچىلسا، ئاچارچىلىق ياكى شۇنىڭدەك نۇرغۇن تەھدىتكە ئۇچىرايدىغانلىقىمىز ئېنىق. 3- دۇنيا ئەللىرىدىكى بىرقىسىم كىشىلەر ئاسىيادا سۇ ئاپىتى بىلەن ئۆلىۋاتىدۇ. ئافرىقىدا ئاچارچىلىقتىن ئۆلىۋاتىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر، موشۇ كىشىلىك ھوقۇق دەۋرىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ياشىماقتا، ئۇلار ئادەمدەك ياشىيالمايۋاتىدۇ؛ ئىوردان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ۋە گازا رايۇنىدا بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتېنىدە تۇرۇپمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىدن ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد مىراس بولۇپ كەلگەن تۇپراق ئىدى. ئۇلار ئىپتىدائىي ئادەملەرمۇ ئاللىقاچان ئىرىشىپ بولغان ئىمتىيازلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، دېمەك ئۇلار ئىدراك قىلغان مۇناسىپ ئورۇنغا ئىرىشىشىنى ئويلىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ باتۇرلارچە ئالىيجاناپ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن (بۇ ھەرىكەتتە ئەر – ئاياللار، ئۆسمۈرلەرمۇ بار) ئىرىشكەن جاۋاب تاياق – توقماق، قېرغىنچىلىق، ئۆي جايلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، تۈرمە ۋە يىغىۋىلىش ئورۇنلىرىدا قىيىن قىستاققا قىلىشىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئازاپ ۋە غەزەپ بىلەن ئەھۋالنى كۈزىتىپ تۇرىۋاتقان 150 مىليۇن ئەرەب بار. ئەگەر بۇ ۋەزىيەتنى ھەققانىيەت ۋە مۇكەممەل تېنىچلىقنى ئارزۇ قىلدىغان كىشىلەر پاراسەت بىلەن ئۆزگەرتمىسە، بۇ رايۇن بالايى ئاپەتلەرنىڭ تەھدىدىگە يولۇققۇسى. شۇنداق، 3- دۇنا دۇنيا ئەللىرىدىن كەلگەن بۇ ئادەم قانداقمۇ كۆڭلى ئارام تېپىپ ئەسەر يازدىكىن؟ ياخشى يىرى شۇكى، سەنئەت مەرد بولۇش بىلەن بىرگە ھىسداشلىققا باي. سەنئەت بەخىتلىك ئادەملەرنى قوينىغا ئېلىش بىلەن بىرگە بەخىتسىز ئادەملەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ. سەنئەت جەلىپكار ۋاستىلەر ئارقىلىق يۇقاردىكى ھەر ئىككى خىل ئادەمنى قەلىب ئىزھار قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان موشۇ ھەلقىلغۇچ پەيىتتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئازابى شەك – شۈبىھسىز ئاخىرلاشتى دېگەن گەپ كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانىيەت پىشىپ يىتىلدى. دەۋرىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئەپلىشىش ئىستىقبالىدىن دىرەك بەردى. ئىنسانىيەتنىڭ ئىددىيىسى ھەرخىل بۇزغۇنچىلق ۋە ۋەيرانچىلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈزلەندى. خۇددى ئالىملار سانائەتنىڭ مۇھىتدىكى بۇلغاشنى كۈچىنىڭ بارىچە تازىلاشقا تۇتۇنغاندەك، زىيالىيلارمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقى بۇلغىنىشنى پائال تازىلىشى كىرەك. بىزنىڭ مەدەنىيەتلىك ئەللەردىكى ئۇلۇغ رەھبەرلەردىن، ئىقتىساتشۇناسلاردىن ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، دەۋر مەركېزى بولۇشقا دالالەت قىلىش ھەققىمىز ۋە مەجبۇرىيتىمىز بار. بۇرۇنقى دەۋرلەردە، رەھبەرلەر پەقەت ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلاتتى، باشقا مىللەتلەرنى بولسا دۈشمەن ياكى ئىكىسپالاتاتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئەل دەپ سانايىتتى. ئۇ چاغلاردا ئۈستۈنلۈك ۋە شەخسىي شان – شەرەپلەردىن باشقا نەرسىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرۇلمايىتتى. دەل شۇ سەۋەبتىن ھەرخىل ئەخلاق ، ئىددىيە ۋە قىممەت قاراشلىرى كېرەك قىلىنمايىتتى. شۇڭا، ئەخلاققا زىت كىلىدىغان ۋاستىلەر قانۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىھىساپ ئادەملەر قەتلى قىلىندىن. ئۇ دەۋرلەردە يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ئاسىيلىق ۋە ياۋۇزلۇق قاتارتلىق قىلمىشلار دانالىقنىڭ بەلگىسى ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ دەلىلى بولدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئەھۋاللار تۈپتىن ئۆزگەرتلىشى كېرەك... بۈگۈن مەدەنىيەتلىك دۆلەت رەھبېرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم شۇكى، ئۇنىڭدا ئەتراپلىق نوقتىئىينەزەر بولىشى، ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولىشى كىرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن 3- دۇنيا ئەللىرى بىر ئائىلە بولىش كىرەك. ھەربىر كىشىنىڭ بۇ ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيىتى ئۇنىڭ بىلىمى ئەقىل – پاراسىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر 3- دۇنيا ئەللىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىم بىلەن، ئۇلارغا بىزنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىمىزنىڭ تاماشىبىنلىرى بولىۋالماڭلار، دەپ جاكارلىشىمغا توغرا كەلسە، مەسئۇلىيەت دائىرەمدىن ھالقىپ كەتكەن بولمايمەن. لېكىن سىلەر يۈكسەك ئورۇنۇڭلارغا مۇناسىپ رولۇڭلارنى جارىي قىلدۇرشىڭلار كىرەك. سىلەرنىڭ ئەۋزەل ئورۇنۇڭلارغا نىسبەتەن ئىيىتقاندا، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئىكولوگىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيتىڭلار بار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئەلۋەتتە بار گەپ، بىز سۆز ئىبارىلەردىن بىزار بولدۇق، ھەرىكەتنىڭ پەيىتى يېتىپ كەلدى. ئوغرى قاراقچىلار ۋە جازانىخورلارنى يوقىتىش پەيىتى يېتىپ كەلدى. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىز رەھبەرلەر يەرشارى نىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك دەۋر. بىز ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا قۇل قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنى قۇتقۇزايلى! ئافرىقىدىكى ئاچ – زارلارنى قۇتقۇزايلى! قىرغىنچىلىق ۋە قىيقانقتا قالغان پەلەستىن خەلقىنى قۇتقۇزايلى! ئۇلۇغ مەنىۋېىي مىراسلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزايلى! شەپقەتسىز ئىقتىسادىي قانۇننىڭ قەرىزدارلىقىنى قۇتقۇزايلى! ئۇلار دېققەت قىلىش كېرەككى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا بولغان مەسئۇلىيىتى بەلكىم دەۋردىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن پەننى تىئورىمىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىشى كېرەكتۇر؟
ئەپۇ قىلىڭلار... بەلكىم كۆڭۈل ئارامىڭلارغا تەسىر يەتكۈزگەندىمەن، لېكىن 3- دۇنيا ئەللىرىدىن كەلگەن بىر كىشىىدىن سىلەر نېمىنى ئۈمۈد قىلىسىلەر؟ قازاندا نېمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟! سىلەردەك پەن، ئەدەبىيات ۋە يۈكسەك ئىنسانىي قەدىر قىممەت ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئۇلۇغ پەرۋېشچىلەر ئەھيا قىلغان موشۇ مەدەنىيەت بوستانىدىن باشقا يەنە قايسى بىر ئورۇن ئىنسانلارنىڭ ئازابلىق ئىڭراشلىرىغا قۇلاق سالىدۇ؟ خۇددى ئۇ (نوبېلنى كۆزدە تۇتىدۇ) بايلىلىرىنى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بېغىشلاش ئارقىلىق مەغپىرەتكە ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلغاندەك، بىز 3- دۇنيا ئوغۇل – قىزلىرى ئەشۇ ئاقىللار ۋە مەدەنىيەت سەركەردىلىرىنىڭ ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئالىيجاناپ ھەرىكىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىدىن ئۈگىنىشىنى ئېلتىماس قىلىمىز.
ئەتراپىمىزدا ھەممە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، مەن كانتقا ئوخشاش دىيانەت ئۇ دۇنيادىلا غەلبە قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن، دىيانەت ھەركۈنى غەلبە قىلىۋاتىدۇ، قاباھەت ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ئاجىز. ئالدىمىزدا رەت قىلغۇسىز پاكىتلار تۇرۇپتۇ: ئەگەر غالىبىيەت، دىيانەت تەرەپتە تۇرمىغان بولسا ئىنسانلار ياۋايىلىق، ھاشارەت، تەبئىي ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەل ئامالسىز قالدۇرغان ۋەھىمە ۋە شەخسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غالىب كىلەلمىگەن بولاتتى. مېنىڭچە، غالىبىيەت، دىيانەت تەرەپتە تۇرمىغان بولسا ئىنسانلارنىڭ نەسلى ئۈزۈلۈپ قالغان بولاتتى. دۆلەت تەشكىل قىلىنمايىتتى، ئىجادىيەت، كەشپىيات دېگەنلەر بولمايىتتى، بىز تاشقىي ئالەمگە يۈررۈش قىلالمايىتتۇق، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنمىغان بولاتتى. يەكۈن شۇكى، قاباھەت بىشەملىك بىلەن بىلجىرلايدىغان خۇمسىلار ئىنسانلار خۇشاللىقىنى ئۇنتۇپ، ئازابىنى ئەستە ساقلايدۇ. ئۇلۇغ شائىرىمىز ئەبۇلئەلمەئال (973-1058 ئابباسىيلار دەۋرىدىكى ئەما شائىر.) توغرا ئىيىتقانىكەن:

تۇغۇلغاندا بولساڭمۇ خەندان،
جان بېرىش ئىغىردۇر، ئىغىردۇر چەندان.

مەن كۆپچىلىككە يەنە بىر رەت تەشەككۈر ئىزھار قىلىمەن ۋە كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايمەن.

نۇتۇق تېكىسىتى: ئېنگىلىزچە

Ladies and Gentlemen,

To begin with I would like to thank the Swedish Academy and its Nobel committee for taking notice of my long and perseverant endeavours, and I would like you to accept my talk with tolerance. For it comes in a language unknown to many of you. But it is the real winner of the prize. It is, therefore, meant that its melodies should float for the first time into your oasis of culture and civilization. I have great hopes that this will not be the last time either, and that literary writers of my nation will have the pleasure to sit with full merit amongst your international writers who have spread the fragrance of joy and wisdom in this grief-ridden world of ours.

I was told by a foreign correspondent in Cairo that the moment my name was mentioned in connection with the prize silence fell, and many wondered who I was. Permit me, then, to present myself in as objective a manner as is humanly possible. I am the son of two civilizations that at a certain age in history have formed a happy marriage. The first of these, seven thousand years old, is the Pharaonic civilization; the second, one thousand four hundred years old, is the Islamic one. I am perhaps in no need to introduce to any of you either of the two, you being the elite, the learned ones. But there is no harm, in our present situation of acquaintance and communion, in a mere reminder.

As for Pharaonic civilization I will not talk of the conquests and the building of empires. This has become a worn out pride the mention of which modern conscience, thank God, feels uneasy about. Nor will I talk about how it was guided for the first time to the existence of God and its ushering in the dawn of human conscience. This is a long history and there is not one of you who is not acquainted with the prophet-king Akhenaton. I will not even speak of this civilization's achievements in art and literature, and its renowned miracles: the Pyramids and the Sphinx and Karnak. For he who has not had the chance to see these monuments has read about them and pondered over their forms.

Let me, then, introduce Pharaonic civilization with what seems like a story since my personal circumstances have ordained that I become a storyteller. Hear, then, this recorded historical incident: Old papyri relate that Pharaoh had learned of the existence of a sinful relation between some women of the harem and men of his court. It was expected that he should finish them off in accordance with the spirit of his time. But he, instead, called to his presence the choice men of law and asked them to investigate what he has come to learn. He told them that he wanted the Truth so that he could pass his sentence with Justice.

This conduct, in my opinion, is greater than founding an empire or building the Pyramids. It is more telling of the superiority of that civilization than any riches or splendour. Gone now is that civilization - a mere story of the past. One day the great Pyramid will disappear too. But Truth and Justice will remain for as long as Mankind has a ruminative mind and a living conscience.

As for Islamic civilization I will not talk about its call for the establishment of a union between all Mankind under the guardianship of the Creator, based on freedom, equality and forgiveness. Nor will I talk about the greatness of its prophet. For among your thinkers there are those who regard him the greatest man in history. I will not talk of its conquests which have planted thousands of minarets calling for worship, devoutness and good throughout great expanses of land from the environs of India and China to the boundaries of France. Nor will I talk of the fraternity between religions and races that has been achieved in its embrace in a spirit of tolerance unknown to Mankind neither before nor since.

I will, instead, introduce that civilization in a moving dramatic situation summarizing one of its most conspicuous traits: In one victorious battle against Byzantium it has given back its prisoners of war in return for a number of books of the ancient Greek heritage in philosophy, medicine and mathematics. This is a testimony of value for the human spirit in its demand for knowledge, even though the demander was a believer in God and the demanded a fruit of a pagan civilization.

It was my fate, ladies and gentlemen, to be born in the lap of these two civilizations, and to absorb their milk, to feed on their literature and art. Then I drank the nectar of your rich and fascinating culture. From the inspiration of all this - as well as my own anxieties - words bedewed from me. These words had the fortune to merit the appreciation of your revered Academy which has crowned my endeavour with the great Nobel Prize. Thanks be to it in my name and in the name of those great departed builders who have founded the two civilizations.

Ladies and Gentlemen,

You may be wondering: This man coming from the third world, how did he find the peace of mind to write stories? You are perfectly right. I come from a world labouring under the burden of debts whose paying back exposes it to starvation or very close to it. Some of its people perish in Asia from floods, others do so in Africa from famine. In South Africa millions have been undone with rejection and with deprivation of all human rights in the age of human rights, as though they were not counted among humans. In the West Bank and Gaza there are people who are lost in spite of the fact that they are living on their own land; land of their fathers, grandfathers and great grandfathers. They have risen to demand the first right secured by primitive Man; namely, that they should have their proper place recognized by others as their own. They were paid back for their brave and noble move - men, women, youths and children alike - by the breaking of bones, killing with bullets, destroying of houses and torture in prisons and camps. Surrounding them are 150 million Arabs following what is happening in anger and grief. This threatens the area with a disaster if it is not saved by the wisdom of those desirous of a just and comprehensive peace.

Yes, how did the man coming from the Third World find the peace of mind to write stories? Fortunately, art is generous and sympathetic. In the same way that it dwells with the happy ones it does not desert the wretched. It offers both alike the convenient means for expressing what swells up in their bosom.

In this decisive moment in the history of civilization it is inconceivable and unacceptable that the moans of Mankind should die out in the void. There is no doubt that Mankind has at last come of age, and our era carries the expectations of entente between the Super Powers. The human mind now assumes the task of eliminating all causes of destruction and annihilation. And just as scientists exert themselves to cleanse the environment of industrial pollution, intellectuals ought to exert themselves to cleanse humanity of moral pollution. It is both our right and duty to demand of the big leaders in the countries of civilization as well as their economists to affect a real leap that would place them into the focus of the age.

In the olden times every leader worked for the good of his own nation alone. The others were considered adversaries, or subjects of exploitation. There was no regard to any value but that of superiority and personal glory. For the sake of this, many morals, ideals and values were wasted; many unethical means were justified; many uncounted souls were made to perish. Lies, deceit, treachery, cruelty reigned as the signs of sagacity and the proof of greatness. Today, this view needs to be changed from its very source. Today, the greatness of a civilized leader ought to be measured by the universality of his vision and his sense of responsibility towards all humankind. The developed world and the Third World are but one family. Each human being bears responsibility towards it by the degree of what he has obtained of knowledge, wisdom, and civilization. I would not be exceeding the limits of my duty if I told thom in the name of the Third World: Be not spectators to our miseries. You have to play therein a noble role befitting your status. From your position of superiority you are responsible for any misdirection of animal, or plant, to say nothing of Man, in any of the four corners of the world. We have had enough of words. Now is the time for action. It is time to end the age of brigands and usurers. We are in the age of leaders responsible for the whole globe. Save the enslaved in the African south! Save the famished in Africa! Save the Palestinians from the bullets and the torture! Nay, save the Israelis from profaning their great spiritual heritage! Save the ones in debt from the rigid laws of economy! Draw their attention to the fact that their responsibility to Mankind should precede their commitment to the laws of a science that Time has perhaps overtaken.

I beg your pardon, ladies and gentlemen, I feel I may have somewhat troubled your calm. But what do you expect from one coming from the Third World? Is not every vessel coloured by what it contains? Besides, where can the moans of Mankind find a place to resound if not in your oasis of civilization planted by its great founder for the service of science, literature and sublime human values? And as he did one day by consecrating his riches to the service of good, in the hope of obtaining forgiveness, we, children of the Third World, demand of the able ones, the civilized ones, to follow his example, to imbibe his conduct, to meditate upon his vision.

Ladies and Gentlemen,

In spite of all what goes on around us I am committed to optimism until the end. I do not say with Kant that Good will be victorious in the other world. Good is achieving victory every day. It may even be that Evil is weaker than we imagine. In front of us is an indelible proof: were it not for the fact that victory is always on the side of Good, hordes of wandering humans would not have been able in the face of beasts and insects, natural disasters, fear and egotism, to grow and multiply. They would not have been able to form nations, to excel in creativeness and invention, to conquer outer space, and to declare Human Rights. The truth of the matter is that Evil is a loud and boisterous debaucherer, and that Man remembers what hurts more than what pleases. Our great poet Abul-'Alaa' Al-Ma'ari was right when he said

Is more than a hundred-fold
Joy at the hour of birth."

finally reiterate my thanks and ask your forgiveness.
Translated by: Mohammed Salmawy.

 

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟