Bootstrap رامكىسى ئارقىلىق كۆركەم توربەت كۆرۈنمىسى لايىھەلەش
2013/08/18 تېخنىكا ⁄ جەمئى: 3473 ھەرپ 5 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 283 مېھمان+

يىقىندا بىر ۋوردپرەس ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا Bootstrap دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئۇچىراتتىم. ئاز - تولا ئىزدېنىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ كۆركەم تور بەت لايىھەلەش ئۈچۈن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدىغان بىر يۈرۈشcss رامكا كودى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. قارىسام ئورگان بېتىدە ئۇنىڭ تەپسىلىي ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۈلگىلىرى بار ئىكەن. شۇ ئاساستا div قىسقۇچىنىڭ class ئادىرىسىغا تەييار Bootstrap خاسلىقلىرىنى توغىرلاش ئارقىلىق ھەقىقەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈملەرگە ئىرىشتىم. تور بەت لايىھەلىگۈچىلەرگە ئاز - تولا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندە بۇ ئوقەتنى ئاددىيلا چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
ئادەتتە بىز كۆپ ئىشلىتىۋاتقان discuzz ۋە wordpress كە ئوخشاش توربەت سېستىمىلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى php كودى بولغاندىن سىرىت، تور بەتنىڭ ئابۇنىتلار كۆرۈنمە يۈزى Html+Css بىلەن ھۆسۈنگە تولىۋاتىدۇ. بەزىدە ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۇسلۇپ يازغاندا، ئىنتايىن كۆپ مىقداردا Html+Css خاسلىقلىرىنى بىر - بىرلەپ يېزىشقا توغرا كىلىدۇ. بولۇپمۇ ھازىر مودا بولىۋاتقان ئۈنۈملەرنى ھاسىللاش ئۈچۈن قاتمۇ - قات Css كود يازىدىغان گەپ. يۇقارقىدەك ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن Bootstrap تىن ئىبارەت تەييار رامكا كود ئامبىرى تەمىنلىنىپتۇ. پەقەت ئورگان بېتىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ، تور بەت مۇندەرجىسىگە قويۇپ، مۇۋاپىق ئۇلىۋالساقلا تەييار كودلارنى تارتىپ ئىشلەتسەكلا بولىدىكەن.
ئاۋۋال كود ئامبىرىدا نېمىلەرنىڭ تەمىنلەنگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:
كۇنۇپكىلار كودى
سىيرىلما ھالەتتىكى تېزىملىك كۇنۇپكىلىرى
يولباشچى، تېزىملىك جەدېۋىلى
يولباش تاياقچە
بەلگىلەر Labels
Badges
Page headers and hero unit
كىچىكلەتمە رەسىم
ئەسكەرتىش دىئالوگ كۆزنىكى
ئىلگىرلەش كۆرسەتكۈچى 进度条
Modals
سىيرىلما تېزىملىك
Tooltips
Popovers
Accordion
Carousel
Typeahead
يۇقارقىدەك رامكىلارنىڭ تەييار كودلىرى تەمىنلەنگەن بولۇپ، بىز پەقەت ئورگان بېتىدە كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
قارايدىغان بولساق، ئادەتتە Html بەت شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

HTML: adettiki halet



</span>Bootstrap 101 Template<span style="color: #f0e68c;">
name="viewport" content="width=device-width, initial-scale=1.0">


Hello, world!