Windows8 نىڭ ئانا تىلىمىزنى قوللىشى بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى( بۇ يەردە ئانا تىلىمىزنىڭ شەۋكىتى ئۈچۈن مىننەتسىز تۆھپە قوشىۋاتقان بارلىق ئەزىمەتلەرگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز). Win8 نىڭ رەسمىي نەشىرىنى سىتىۋېلىپ، ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقان كىشىلەرگە ئايانكى، ئۇنىڭدا تېخىمۇ خاسلاشتۇرۇلغان نۇرغۇن ئىقتىدارلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ۋېندوۋس ئەپ دۇكىنىدىكى تالايلىغان ئەپلەرنى خالىغانچە تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
گىپىمىزگە كەلسەك، Win8 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ ئەمما قوللىنىشچان دېتاللارنى ئېچىش ئىشلىرى تېخى تازا كۆلەملەشمىدى. ئەمدى بىر تۈركۈم ئوت يۈرەكلىرىمىزنىڭ ئىجتىھاد بىلەن ئۈگۈنۈپ، كاتتا لايىھە، ئېلغار دىتاللار بىلەن خەلقارا سەھنىدە ئۆزىمىزگە خاس ئوبراز تىكلىشى مۇھىم ھەم مومكىن بولغان ئىشلاردىن بولۇپ قالدى. شۇل سەۋەبتىن ئۆزىمىز بىر تەرەپتىن ئۈگەنگەچ، ئاددىي دەرىسلىك ۋە ماتېرىياللارنى تەمىنلەش مەقسىتىدە، بلوگىمىزنىڭ Win8 مەخسۇس سەھىپىسىدە WindowsPhone Windows8 ۋە Silverlight قا ئائىت دەرىسلىكلەر تەمىنلىنىدۇ. ئۆزۈممۇ دەسلەپكى ئۈگەنگۈچى بولغاچقا سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈپ تۇرۇلىشى ئېنىق، ئەزىز دوسلارنىڭ تۈزۈتۈش ، تەكلىپ - پىكىرلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى، بىلىدىغانلىرىنى ھەمبەھىرلىنىپ، قىزغىن ئۈگىنىش مۇھىتىنىڭ ھازىرلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
ئىددىيۋىي تەييارلىق
ۋېندوۋس ئەپ دۇكىنىنى ئېچىپ، ئىزدەش كاتاكچىسىگە uyghur دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقايلى! نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك:

ھازىرغىچە ئەپ دۇكىنىدا ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى چىقارغان ئىككى دانە ئەپ بار ئىكەن.
كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەپ دۇكىنىدا ھازىرغىچە ئاران ئىككى ئۇيغۇرچە ئەپ دېتالى بار ئىكەن. دېمەك، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز تېخىمۇ جىددىيلىك تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزۈم بىر مەزگىل ئۈگىنىش ئارقىلىق ھېس قىلدىمكى: Windows8 ياكى Wphone لارغا ئەپ ئېچىش دېىگۈدەك تەسمۇ ئەمەس ئىكەن. پەقەت ئاچقۇچى VB, C++/C# , JavaScrip تىللىرىنىڭ خالىغان بىرسىنى بىلسىلا ئەپ دىتاللىرىنى ياسىيالىشىغا گەپ كەتمەيدىكەن. مىكروسوفىتنىڭ ئېچىش قوراللىرىدىن Visual Studio 2012, Visual Studio Express 2012 for Win8/Wphone قاتارلىقلار ئىنتايىن قولايلىق بولغان ئېچىش مۇھىتى تەمىنلىگەن بولۇپ، نۇرغۇن كودلارنى بىۋاستە يىزېش ھاجەتىسز، Visual Studio 2012 ئېلگىركى نەشىرلىرىدىن كۆپ پەرىقلىنىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ شەرتسىز ياقتۇرۇپ قىلىشىڭىزغا گەپ كەتمەيدۇ. سىلىشتۇرمىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

win8 ئەپ ئېچىش ۋە ئادەتتىكى ئۈستەل دىتاللىرى ئېچىش سەپلىمە پەرقى
UI كۆرۈنمە يۈزىنى لايىھەلەش ئۈچۈن blender نى ئىشلەتسىڭىز خۇددى فىلەش ئوينىغاندەكلا قولاي ھېس قىلىسىز!
ئېچىش مۇھىتى سەپلەش
تۆۋەندە بىز Win8 ئەپ ئېچىش مۇھىتى تەييارلاش باسقۇچىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى!
ئاۋۋال Visual Studio Express 2012 for Win8 دىتالىنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتېرىڭىزغا قاچىلاڭ( سېستىما چوقۇم Windows8 ياكى Windows8.1 بولىشى كىرەك! چۈشۈرۈش ئادرىسى ئاستىدا تەمىنلەندى.)
كومپىيوتېر سەپلىمە تەلىپى:
1.6GHz ياكى ئۇنىڭدىن تىزراق بولغان بىر تەرەپ قىلغۇچ.
1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ.
5.0GB دىن چوڭراق قاتتىق دېسكا بوشلۇقى.
5400RPM لىق دېسكا ئوقۇغۇچ.
1024 768x ئېنىقلىقىدىكى ئىكران.
يۇقارقىلارقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلسە دېتالنى قاچىلىسىڭىزلار بولىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا بىر تۈركۈم ئۇچۇرلارنى سورايدۇ، مۇۋاپىق تولدۇرۇڭ. قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئەپ ئېچىش سالاھتى ئېلتىماس قىلىشىڭىز كىرەك. ئادەتتە، ئوقۇغۇچىلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلىسىڭىز ناھايىتى تىزلا ئېچىش رۇخسەتنامىسى بىرىدۇ. ۋاقتىنى كىيىن ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئۇزارتسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقىلار بويىچە دېتالنى قاچىلاپ قوزغاتسىڭىزلا ئېچىش مۇھىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. قوزغاتقاندىن كىيىن يىڭى تۈر قۇرۇش( 文件/新建项目) نى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. ئاندىن سىز قايسى تىلغا پىششىق بولسىڭىز بىرنى تاللاپ، قۇرۇق بەت(空白应用程序) تىن بىرنى قۇرسىڭىزلار تۇنجى ئەپ تۈزۈشنى باشلايسىز. رەسىمى تۆۋەندىكىدەك:
كىلەر قىتىملىق دەرىسىمىزدە ئاللاھ نىسىپ قىلسا دېتال قوراللىرى ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ، تۇنجى «سالام ئۇيغۇر» ئەپ دېتالىنى تۈزۈپ چىقىمىز!
چۈشۈرۈلمىلەر: Visual Studio Express 2012 for Win8 كومپىيوتېرىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ موشۇ ئۇلانمىدىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بۇنى ئۆگۈنۈشكە قايسى پىراگىرامما تىلى ياخشى ھەم تىز ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟
VB بىلەن C# بىر قەدەر ئاسان ھەم قولايلىق. JavaScriptۋە C++ مۇ بولىدۇ.
قېرىنداشلىرىم . مەن يانفۇن ئەپلىرىنى ياساشقا بەك قىزىقمىمەن كەسپىممۇ يانفۇن رىمۇنتچىلىقى ، ماڭا مۇشۇ ھەقتە يول كۆرسەتسەڭلار ئىشنى نەدىن باشلىسام بولار ؟