logo
ئورنىڭىز: باش بەت > پروگرامما >Win8 > يازما مەزمۇنى

شۇنداق قىلىپ ئەپ ياسايدىغان زاۋۇتنى قوراشتۇرىۋالدۇق، ئەمدى ئالدى بىلەن ئاددىيلا بىر تونۇشۇپ ئۆتەيلى! ئاندىن تاتلىق تۇيغۇلىرىمىز بىلەن «سالام ئۇيغۇر» پروگراممىسىنى تۈزۈپ، بۇ كاساپەتنى مىللىتىمىزگە سالام قىلدۇرايلى(چاقچاق)! كىينكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە تۆۋەندىكى رەسىمدەك بەلگە سىلىۋالدۇق. رەسىم :

ئاندىن رەسىمدىكى ھەربىر رايۇنغا خاس قىلىپ ئىسىم قويىۋالدۇق، تۆۋەندىكىدەك:
1. ئاساسى بۇيرۇق رايۇنى – بۇ يەر ئادەتتىكى دېتاللارغا ئوخشاش ئاساسلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ، بىر – بىرلەپ كۆرۈپ باقسىڭىز، چېكىپ ئىقتىدارلىرىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
2. قوشۇمچە بۇيرۇق رايۇنى – بۇ يەردە ئاساسلىقى مەزمۇن باشقۇرۇش، ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت بىرقاتار ئىقتىدارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەپنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئاۋۇ يېشىل رەڭلىك قويۇش بەلگىسى بار كونۇپكىنى باسسىڭىزلار تامام.
3. قورال سىتونى – بۇ يەردە ئاساسىي قوراللار تەمىنلەنگەن بولۇپ، كونۇپكا، تېكىسىت رايۇنى، تېكىسىت بۆلىكى قاتارلىقلارنى تاللاپ ، بىۋاستە 4- رايۇنغا تارتىپ ئەكىرسىڭىز، ئارقا كودلىرىنى ئۆزى ھاسىللاپ بېرىدۇ.
4. لايىھە رايۇنى – بۇ يەرنى موشۇنداق ئاتاپ تۇرايلى، ئەمەلىيەتتە سىز پاسون كودلىرىنى يازسىڭىزلا ماس قەدەمدە بۇ جايدا ئۈنۈملىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يەنە بىۋاستە رەسىم سىزغاندەك، ئاشۇ رايۇندا قوراللارنى قوشۇش، تەڭشەش ئېلىپ بارالايسىز!
5. مەنبە باشقۇرۇش رايۇنى – بۇ يەردە مەزكۇر ئەپنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرى يىغىنچاق ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، ھەرقانداق بىر ھۆججەتنى قوش چېكىش ئارقىلىق تەھرېرلەش ھالىتىگە كەلتۈرەلەيسىز.
6. خاسلىق بەلگىلەش رايۇنى – بۇ رايۇندا سىز ئىشلەتكەن ھەربىر قورالنىڭ خاسلىقلىرىنىڭ تەڭشىكى كۆرۈنىدۇ، ئىھتىياجقا قاراپ شۇ يەردىنلا تەڭشىسىڭىز كود يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق.
7. كود تەھرېرلەش رايۇنى – بۇ يەردە ئاساسلىق ئەپ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئارقا بەت ئىجرا كودلىرىنى تەھرېرلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. (بۇ گوياكى ۋوردپرەسنىڭ Css كودىغا ئوخشايدۇكى، سىنچىلاپ قارىسىڭىز Html مىكىن دەپ قالىسىز. ئەمەلىيەتتە بۇلار XMAL كودلىرىدىن ئىبارەت.)
يۇقارقى رايۇنلار بويىچە كۇنۇپكىلارنى بېسىپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭ! ئاندىن چىكېنىپ، يىڭىدىن سالام ئۇيغۇر نامىدا تۈر قۇرۇڭ. ئۆزىڭىز پىششىق بىلىدىغان بىر تىلنى تاللاپ(ئەمەلىيەتتە بۇ دەرىسىمىزدە پەقەت پاسون كودلىرى بىلەنلا ئۇچرىشىمىز)، قۇرۇق بەت (空白应用程序) دىن بىرنى قۇرۇڭ ۋە MainPage.xaml نى قوش چەككەندىن كىيىن كود تەھرېرلەش رايۇنىغا تۆۋەندە مەن تەمىنلىگەن ئاۋۇ كودلارنى <*/*G*rid*> نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ چاپلاڭ. كودلار تۆۋەندىكىدەك:

[codesyntax lang="xml" lines="no" blockstate="collapsed"]

[/codesyntax]

  

كودنى چاپلاپ، ساقلىغاندىن كىيىن ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدەك:


بىز ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئەپ يۈزىنى بىر نەچچە رايۇنغا بۆلۈپ(كودلارنى بىر – بىرلەپ چۈشەندۈرمىدۇق، تۆۋەندە چۈشۈرۈش تەمىنلەنگەن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئۆزىڭىز چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىڭىز كىرەك)، ھەربىر رايۇنغا TextBlock قورالى ئارقىلىق يېزىق چىقاردۇق. ئاندىن خەت نۇسخىسى، چوڭ كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى ئاددىيلا بەلگىلىدۇق. ئاندىن HyperlinkButton قورالى ئارقىلىق تەشنا بلوگى ئادرىسىنى سىرىتقى ئۇلىنىش قىلدۇق.
شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاددىي بىر ئەپ تەييار بولدى. ئەمدى سىز ئاۋۇ رامكا ئىچىگە ئالغان ئىجرا قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا ئەپنى پروگىراممىلاپ، ئىجرا قىلالايسىز. ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك:


ئادەتتە بىر مۇكەممەل ئەپ تەييار بولغاندىن كىيىن بولاقلاپ ئاندىن ۋېندوۋس ئەپ دۇكىنىغا چىقارسىڭىز بولىدۇ(يۇقارقىنىغۇ ئەپ دېگىلى بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە).
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى دەرىسلىك ماشتاق ئاياغلاشتى. پىكىر – تەكلىپ، سوۋغا سالاملار بولسا ئېنكاس رايۇنىغا مەرھەمەت. كىيىنكى قېتىمدا ئاللاھ خالىسا ئاددىي قىلىپ ئەپ ستونى(AppBar) چىقىرىشنى ئۈگېنىمىز!


ماتېرىيال چۈشۈرۈش: بۇندىن كىينكى ئېچىش ئۈگىنىشىدە C# تىلى ۋە XAML تىلى بىلەن كۆپ ئېتىشىمىز، شۇل سەۋەبتىن ۋاقىت چىققانلىرىدا كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ قويۇڭلا! تۆۋەندە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى تەمىنلەندى:

1. C# قوللىنىشچان دەرىسلىكى (pdf)

2. XAML  ئاساس دەرىسلىكى(ppt)

چىكىلداۋاتقان سائەت سىتىرىلكىسىغا مېنىڭ ھاياتلىق كارۋېنىمنىڭ بېشى باغلانغان. ھەربىر تېنىقىم ئۈچۈن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار ئىيىتقانچە، تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈمگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپىنى ئارمانسىز قەدەملىرىم بىلەن باسماقچى بولىۋاتىمەن.

—— تەشنايى

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز!Related Posts
ئۈنچىلەر
  1. 11 - قەۋەت
    سۈرخان

    c#تا يازغان ئوخشىمامسىز؟

    2013-09-02 8:20 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  2. 10 - قەۋەت
    چاشقان

    تېخىمۇ تىرىشىڭلار،سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.

    2013-09-02 8:26 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  3. 9 - قەۋەت
    پالگان

    بولمىدى ، مەن win8 قاچىلاپ دەرھال سىز گە يىتىشۋالمىسام ، كىيىن دەرىسىڭىزگە يىتىشەلمەي قالماي يەنە

    2013-09-02 8:55 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  4. 8 - قەۋەت
    ۋەھىمە

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەشنا قارى ، ئۇزۇن بوپتىكەن كۆرۇشمىگىلى ، سىلىنى شۇ بانادا يوقلاپ كىرىشىم .

    2013-09-03 1:19 چۈشتىن بۇرۇن [ بىر گىپىم بار]
  5. 7 - قەۋەت
    ئالپبەگ

    بۇنى ۋ ب دا قىلىپ باقاي.8.1 نى قاچىلاۋاتىمەن 8 دىن ۋاز كېچىپ.

    2013-09-06 3:32 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  6. 6 - قەۋەت
    پالگان

    مەنمۇ قاچىلاپ تەييارلاپ بولدۇم ، ئۆزۈم بىلىدىغان html بىلەن ئازراق بىرنەرسىلەرنى چىقىرىپ باقتىم :razz:

    ئۇيەردىن – بۇيەردىن ئۆگىنىپ ، كۈچۈرۈپ قىلغىنىم مۇشۇ بوپتۇ

    2013-09-06 7:42 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • لېكىن ئەپسۇس رەسىمنى كۆرەلمىدىم، بەيدۇجان چەكلەيدىكەن ئۇلانمىنى. Java+Html+css بىلەن يازسىمۇ بولىدىكەن. قايسى تىلنى بىلسەك شۇنىڭدا يازىدىغان گەپ، بەك قولاي! بولسا نەتىجىلەرنى تەڭ بەھىرلىنىپ ماڭارسىلە :lol:

      2013-09-06 9:19 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
      • ماقۇل ، رەسىمنى قەيەرگە قويسام نورمال چىقا ؟

        2013-09-06 9:23 چۈشتىن كېيىن
      • رەسىمىنى مەن تەھرېرلەپ قوياي!

        2013-09-06 9:29 چۈشتىن كېيىن
  7. 5 - قەۋەت
    يارۇق

    دەرسلىك ئوبدان تۈزۈلۈپتۇ. ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىق تىرىشىڭلا.

    2013-09-06 9:27 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  8. 4 - قەۋەت
    ئالپبەگ

    تەشناجان، MainPage.xaml باسسام مۇشۇنداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى، سىلنىڭكىدىمۇ چىققانمۇ؟ بىر ھەپتە بولدى كۈندە ئون سائەتلەپ قايتا قاچىلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. بىر ياردەم قىلغان بولسىلا
    System.Security.SecurityException
    无法启动设计器,因为将设计器安装到的驱动器出现权限问题。请先检查文件夹的权限,然后再尝试启动设计器。
    在 Microsoft.Expression.HostUtility.Platform.AppContainerProcessDomainFactory.CreateDesignerProcess(String applicationPath, String clientPort, Uri hostUri, IDictionary environmentVariables, Int32& processId, Object& processData)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.Primitives.ProcessDomainFactory.ProcessIsolationDomain..ctor(ProcessDomainFactory factory, IIsolationBoundary boundary, AppDomainSetup appDomainInfo, FrameworkName targetFramework, String identifier, String baseDirectory)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.Primitives.ProcessDomainFactory.CreateIsolationDomain(IIsolationBoundary boundary)
    在 Microsoft.Expression.HostUtility.Platform.AppContainerProcessDomainFactory.CreateIsolationDomain(IIsolationBoundary boundary)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.Primitives.IsolationBoundary.Initialize()
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.Primitives.IsolationBoundary.CreateInstance[T](Type type)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.IsolatedObjectFactory.Initialize()
    在 Microsoft.VisualStudio.ExpressionHost.Services.VSIsolationService.CreateObjectFactory(IIsolationTarget isolationTarget, IObjectCatalog catalog)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.IsolationService.CreateLease(IIsolationTarget isolationTarget)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.IsolationService.CreateLease(IIsolationTarget isolationTarget)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.IsolationService.CreateLease(IIsolationTarget isolationTarget)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.IsolatedDesignerService.CreateLease(IIsolationTarget isolationTarget, CancellationToken cancelToken, DesignerServiceEntry& entry)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.IsolatedDesignerService.IsolatedDesignerView.CreateDesignerViewInfo(CancellationToken cancelToken)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.IsolatedTaskScheduler.InvokeWithCulture[T](CultureInfo culture, Func2 func, CancellationToken cancelToken)
    在 Microsoft.Expression.DesignHost.Isolation.IsolatedTaskScheduler.c__DisplayClassa
    1.b__6()
    在 System.Threading.Tasks.Task`1.InnerInvoke()
    在 System.Threading.Tasks.Task.Execute()

    2013-09-08 11:26 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
    • ۋوي ئاۋۇ دىتالنى C دېسكىدىن باشقا يەرگە قاچىلاڭ، ياكى كومپىيوتېرنىڭ بىخەتەرلىك تەڭشىكىدىن قاراپ بېقىڭ!

      2013-09-09 3:05 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  9. كىگىز
    ئالپبەگ

    س دىسكا رويونىدىن باشقا دىسكا رايونىغا قاچىلىدىم، سىز دېگەندەكمۇ قىلدىم بولمىسا

    2013-09-09 4:51 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  10. گىلەم
    فۇرقان

    ئەسسالام ئەلەيكۇم،بۇرادەر يامان چىقىپ كېتىپسىلىغۇ ، ياخشى چىقىرىپسىلەر .داۋاملىق تىرىشىڭلار

    2013-09-13 7:43 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]
  11. دىۋان
    ئالتۇن بۇلاق

    :نەسەۋەب:

    2014-01-01 3:08 چۈشتىن كېيىن [ بىر گىپىم بار]


تىزلەتمە: Ctrl+Enter
  • ئەڭ ئاۋات
  • يىڭى ئۈنچە
  • خەتكۈشلەر
  • ئىختىيارى
footer logo
ئەسكەرتىش: بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلار ئىجادىي بولۇپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!Theme by QQOQ