Home >  > Windows ئەپ كونتروللىرى (F-L)

Windows ئەپ كونتروللىرى (F-L)

2

مەيلى قايسى پروگرامما تىلىدا، ۋېندوۋسنىڭ قانداق ئەپلىرىنى ئاچمايلى، بىر يۈرۈش كونتروللارنى ئىشلەتمەي قالمايمىز. ئەملىيەتتە ئەپ ئېچىش دەل موشۇ كونتروللارنىڭ نەچچە ئونلىغان خاسلىقلىرىنى بەلگىلەش ۋە خالىغانچە ئىش بېرىش ئارقىلىق بىرتالاي ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس. ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا بىر قىسىم كونتروللارنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق، بۇ قتىم داۋامى تونۇشتۇرۇلدى. ھەر كونترولنىڭ خاسلىقىلىرىنى چۈشەنمەكچى بولغانلار ئىزدەپ كۆرسە، ياكى مىكروسوفىت ئورگان بېتىدىن كۆرىۋالسا بولىدۇ. ئۇنداقتا يازمىمىزنىڭ پايانىغا باقايلى!

[t]F ھەرىپىدن باشلىنىدىغان كونتروللار[/t]
سەكرىمە كۆزنەك(FlipView) - رەسىم ۋە باشقا يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىشكە بولىدىغان مەزمۇنلارنى سىيرىلداق ھالەتتە يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.


    
    
    

يەنى، FlipView قىسقۇچى ئىچىگە رەسىم قاتارلىق يىغىنچاقلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان مەنبەلەرنى ئۇلاپ قويسىلا بولىدۇ.
لەيلىمە كونترول(Flyout) - ئابونتلار بىلەن دىئالوگلىشىتا ئىشلىتىلىدۇ(دىئالوگ كۆزنىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئايرىم كۆزنەك ھالىتىدە قۇرۇش ھاجەتسىز،باشقا كونتروللارغا توسالغۇ بولمايدۇ.


    
        All items will be permanently removed from your cart.
        
    

يەنى مەزكۇر كونترولنىڭ ئىچىگە StackPanel رايۇنىدىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە دىئالوگ كونۇپكىسى ۋە مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇرسىلا بولىدۇ.
[t]G ھەرىپىدن باشلىنىدىغان كونتروللار[/t]
تور(Row&Column) - يەنى، مەلۇم دائىرىنى توغرا ۋە تىك قۇرلارغا بۆلۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان تورسىمان بۆلەكلەر.


    
        
        
    
    
        
        
    
    
    
    
    

يەنى بىر Grid رامكسىنىڭ ئىچىنى كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكى 50 بولغان تۆت كاتەككە بۆلۈپ، ھەر كاتەككە ئايرىم رەڭ بېرىلگەن.
تورسىمان كۆرۈنۈش(GridView) - يەنى توغرا ياكى تىك قۇرنى بويلاپ يۆتكىىشچان ئېلمىنىتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغان كونترول.


    Item 1
    Item 2

يەنى بىر تورسىمان كۆرۈنۈش رايۇنى ئىچىگە ئىككى تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۈنۈمى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك.
[t]H ھەرىپىدن باشلىنىدىغان كونتروللار[/t]
توپلاشتۇرغۇچ(Hub) - ئابونىتلارنىڭ تىزىملىكلەر ياكى مەزننىڭ مەلۇم قىسمىنى تىز كۆرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان سىغىمچان كونتول.


    
        
				
    
        
				

تاشقى ئۇلانما كونۇپكىسى(HyperlinkButton) - بەت يۆتكىلىش ياكى ئادرىس بويىچە مەزمۇن ئاتلاشتا ئىشلىتىلىدىغان كونۇپكا كونترولى.

[t]I ھەرىپىدن باشلىنىدىغان كونتروللار[/t]
رەسىم(Image) - ئەپ يۈزىدە رەسىم كۆرسىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان كونترول.

تۈر كونترولى(ItemsControl) - سانلىق مەلۇمات ياكى UI ئىلنىنىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كونترول.


 melum bir tur

[t]L ھەرىپىدن باشلىنىدىغان كونتروللار[/t]
تىزىملىك رامكىسى(ListBox) - ئابونىتلارنىڭ تۈرلەرنى تىزىملىك بويىچە تاللىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇشۇرۇنچان كونترول.


    Item 1
    Item 2
    Item 3

يەنى كەڭلىكى 100 بولغان بىر تىزىملىك رامكىسى قۇرۇپ، ئۇنىڭ نام ۋە تاللىغاندىن كىيىنكى ئىش نامىنى بىكىتىپ، ئىچىگە ئىككى دانە تىزىملىك قوشۇلغان. ئارقا كود ئارقىلىق ListBox_SelectionChanged گە ئىش بىرىش ئارقىلىق خالىغان ئىقتىدارنى ئىجرا قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
تىزىملىك كۆرۈنۈش(ListView) - تىزىملىك رايۇنىدا تىك يۆنىلىش بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغان تۈرلەرنى قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان كونترول.


    Item 1
    Item 2

تىزىملىك رامكىسىغا ئوخشاشلا، ListView_SelectionChanged گە ئارقا كود يېزىش ئارقىلىق تىزىملىك ئىچىدىكى تۈرلەرگە ۋەزىپە بەرگىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى كونتروللار: Windows ئەپ كونتروللىرى (A-D)

 

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (2)
نەقىللەر (0)
  1. تور سودا [ جۇغلانما: 13 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2013/12/23 22:53

    :لول لول: دەرسىلكلەر ياخىشى چىقىپتۇ . دەرسىلىكىنى كۆرۇپ ىىلى چۇشەنچ ھاسىل قىلغاندەك بولدۇم .بارىكاللا! مۇشۇنداق ياخىش دەرسىلكلەر ئۇزۇلمىگەي .

  2. دوغاپ [ جۇغلانما: 40 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2014/03/07 14:19

    ماندا ئىشلارمۇ باركەندە…

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش