Home >  > Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(4) – قورال بالداق كونۇپكىلىرىغا ۋەزىپە بېرىش

Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(4) – قورال بالداق كونۇپكىلىرىغا ۋەزىپە بېرىش

6

بۇ قېتىمقى دەرىسلىكنىڭ ماۋزۇسىنى تازا ياخشى قويالمىغاندەك قىلىمەن. چۈشىنىشلىكرەك بولسۇن دەپ، يىلاندەك ئۇزۇن بولۇپ قالدى، ئۆزرىلىكمەن. نېمىلا بولمىسۇن موشۇنداق كىچىك نوقتىلاردىن باشلاپ ئۈگىنىدىغان گەپ! ئۇنداقتا مەركىزىي نوقتىغا قايتىپ كىلەيلى:
دېگىنىمىزدەك بۈگۈن ئاساسلىق ئىشىمىز ئاددىي بىر نەچچە قۇر C# فۇنكىسيەسى يېزىپ، ئالدىنقى قېتىمدا چىقارغان قورالبالداق كونۇپكىلىرىغا ۋەزىپە بېرىمىز. مەسىلەن، ئۈستى بالداقتىكى "ئالدىنقى بەت" كونۇپكىسىنى باسقاندا يىڭى بىر بەتكە يۆتكەلمەكچى بولايلى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تولىمۇ ئاسان. ئاۋۋال يىڭىدىن Pages نامىدا بىر قىسقۇچ قۇرۇڭ(يۆتكەلمەكچى بولغان نىشان بەتنى قۇرىۋالىشىمىز كىرەك)، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە Page1 نامىدا يىڭىدىن بىر بەت قوشۇڭ(قوشۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك):

يىڭى بەت قۇرۇشمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش، پەقەت Pages قىسقۇچىنى تاللاپ تۇرۇپ، ئۈستىگە چاشقىنەكنىڭ ئوڭ دولىسىنى چەكسىڭىز يۇقارقىدەك كۆزنەكلەر چىقىدۇ، يىڭى تۈر قوشۇش دېگەننى تاللاپ، ئىسمىنى Page1 دەپ قۇرسىڭىزلا بولدى.
ئەمدى ئالدىنقى قېتىم قۇرغان سالام ئۇيغۇر ئەپ بېتىنى ئېچىپ، ئۈستى بالداقتىكى كونۇپكىلارغا بىر قارايلۇق،ھازىچە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق فونكىسىيەسى يوق. ئەمدى خالىغان بىر كونۇپكىىنى قوش چېكىڭ دە، ئارقا كود تەھرېلەش بېتىگە ئۆتۈڭ. خۇددى ئالدىنقى قېتىمقىدەك:

[codesyntax lang="csharp" blockstate="collapsed"]

private void Button_Click(object sender, RoutedEventArgs e)  
       {  
            }

[/codesyntax]

نۇر بەلگە مۇنۇ ئىككى قۇر كود ئارىسىدا لاپىلداپ تۇرغان بولىدۇ. تۆۋەندىكى كودنى شۇ يەرگە چاپلاڭ.:

[codesyntax lang="csharp" blockstate="collapsed"]

if (e.OriginalSource==btnSlamUyghur4)  
           {  
               this.Frame.Navigate(typeof(MainPage));  
           }  
           else if(e.OriginalSource==btnPage1)  
           {  
               this.Frame.Navigate(typeof(Pages.Page1));  
           }

[/codesyntax]

بۇلار ساپ C# كودلىرى بولۇپ، ئەگەر btnSlamUyghur4 دەپ نام بەرگەن كونۇپكىنى باسسىڭىز باش بەتكە قايتىدۇ، btnPage1 كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بايا بىز يىڭىدىن قۇرغان Page1 بېتىگە يۆتكىلىدۇ.
ئەمدى بايا قۇرىۋالغان Page1 بېتىنى ئېچىپ، بەت يۆتكەلگەن ئۈنۈمنى تولۇق كۆرۈش ئۈچۈن ئازراق نەرسە چىقىرىپ قويايلى! تۆۋەندىكى كودلارنى مەزكۇر بەتنىڭ مۇۋاپىق يىرىگە چاپلاڭ(مۇۋاپىق جاينى تاپالمىسىڭىز ئالدىنقى دەرىسلەرنى چۈشەنمىگەن بولىسىز!).

[codesyntax lang="xml" blockstate="collapsed"]

  
          
          
          
          
          
          
          
          
          
          
          
          
          
          
          
       

[/codesyntax]

يەنى: بەت يۈزىگە بىر تېكىسىت قىسقۇچى قويۇپ، تېكىسىت چاپلىدۇق ۋە خاسلىقلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشىدۇق. ئەمدى مەزكۇر بەتتىن باش بەتكە يۆتكىلىدىغان كونۇپكا قويايلى.ئەمەلىيەتتە بۇنى سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، ئالدىنقى باسقۇچلارغا تامامەن ئوخشاش:

[codesyntax lang="xml" blockstate="collapsed"]

  
         
             
                 
               

[/codesyntax]

 

بۇ كودلارنى مۇۋاپىق جايغا قويسىڭىز بەت ئۈستىدە قورال بالداق پەيدا بولىدۇ.قورال بالداق رايۇنىدىكى كونۇپكىنى قوش چېكىپ، يۇقارقى نەچچە قۇر C# كودىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا كۆچۈرۈپ قويسىڭىزلار ئىش تامام. يەنى، بىر قونۇپكىنى باسسىڭىز باش بەتكە قايتىدۇ، يەنە بىرنى باسسىڭىز ئەشۇ بەت يىڭىلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا رەسىمى تۆۋەندىكىدەك:

بۇ قېتىم ئەڭ ئاددىي نەچچە قۇر كودنى ئۈگەندۇق، يۇقارقى ئۇسۇلنى بۇندىن كىيىنكى ئەپ ئېچىش ئىشلىرىدا دائىملا ئىشلىتىمىز. شۇڭا ئىجادىي ئۈگۈنۈپ، ھەر خىل ئۇسۇلدا سىناپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. يۇقاردا بىز ھەر ئىككىلى كونۇپكىنىڭ فونكىسىيە نامىنى button_click قويدۇق شۇڭا بىرلا فونكىسىيە ئىچىدە ھۆكۈم ئارقىلىق ئىككىلىسىگە ۋەزىپە بەردۇق. ئەمەلىيەتتە ھەر كونۇپكىغا ئايرىم فونكىسىيە ئورۇنداتقۇزساقمۇ تامامەن بولىدۇ. ئاندىن بەت ئاستى بالداقتىكى «قوشۇش»، «ئىزدەش» كونۇپكىلىرىغىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ۋەزىپە بېرىشكە بولىدۇ. ئۇسۇلى ئوخشاش بولغاچقا بۇ يەردە ئايرىم سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز، سىناپ كۆرگەيسىلە!
بۇ قېتىمقى دەرىسىمىز موشۇ يەردە ئاياغلاشقاچ تۇرسۇن، كىلەر قېتىم ئاللاھ خالىسا، بەت يۈزىدىكى خالىغان ئېلمىنىتنى قوش چەككەندە سەكرىمە كۆزنەك مەزمۇنى چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۈگېنىمىز!


بۇ قېتىمقى دەرىسلىكنىڭ ئەسلى ماتېرىيالى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى، چۈشەنمىگۈچىلەر بۇنى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلىپ قاراپ باقساڭلار بولىدۇ:
سالام ئۇيغۇر4: چۈشۈرۈش

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (6)
نەقىللەر (0)
  1. سارايۋەن [ جۇغلانما: 7 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2013/09/13 12:02

    مۇشۇنداق ئىسىل يازمىغىمۇ ئىنكاس يىزىلماپتۇ ،مىنىڭ يازمىلىرىمغا ئىنكاس چۇشمىگىنى بىكار ئەمەسكەندە دىۋانلىق بولپ قالدۇق تەشنا بىلوگىدا

  2. تارىم [ جۇغلانما: 20 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2013/09/14 20:32

    بۇ ئەپ بەك

  3. تارىم [ جۇغلانما: 20 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2013/09/14 20:34

    بو ئەپ بەك چىرايلق چىقىپتۇ. لېكىن كودارنى سەل چۈشەنمىدىم ، چۈنكى مەن ۋب تىلىنى ئۆگەنگەن باشقا تىلنى بىلمەيدىكەنمەن…

  4. بىرتال نۇقتا كوم [ جۇغلانما: 4 نومۇر ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/09/15 22:30

    ئولتۇرۇپ ئەپ ياساپ كەتسەك ھە … :grin:

  5. غۇلامجان [ جۇغلانما: 9 نومۇر ] unknowunknow 5 -قەۋەت 2013/09/18 18:49

    ياخشى ،ياخشى،بارىكاللا،ھەممە دەرسلىكلەرنى بىر بىرلەپ چۈشۈرۋالدىم،ئەمدى ئالدىرماي تەتقىق قىلىپ ئۇگۈنەي.

  6. ئالتۇن بۇلاق [ جۇغلانما: 36 نومۇر ] unknowunknow 6 -قەۋەت 2013/12/31 16:41

    توپنى قۇرۇپ قۇيۇپ گەپمۇ قىلمايسىز تەشناجون! مانا ما يەردە تاپتىم سىزنى. يېڭى تىمىلار ئۈزۈلمىسۇن. تېخىمۇ تىرىشىڭ جۇمۇ!

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش