Home >  > Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(3) – ئاستى-ئۈستى قورال بالداق چىقىرىش

Win8 ئەپ ئېچىش دەرىسلىكى(3) – ئاستى-ئۈستى قورال بالداق چىقىرىش

5

رەسمىي ئەپ ياساشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاساسىي بىلىملەرنى چۈشەنمەي بولمايدۇ. Windows8 نى ئىشلىتىۋاتقانلار بىلىدۇكى، ھەرقانداق بىر ئەپنى قوزغىتىپ، چاشقىنەكنىڭ ئوڭ دولىسىنى باسساق(ياكى تاختا كومپىيوتېرنى ئىكران ئاستىدىن ئىتتىك سىرىساق) بىر تالاي قورال بالداقلىرى پەيدا بولىدۇ. بەئەينى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

بۇ يەرگە دېتالنى باشقۇرۇش قولاي بولغان كونۇپكىلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مىكروسوفىتنىڭ ئېچىش دېتالىدا بۇ كونۇپكىلار ئۈچۈن سۈكۈت پاسون ھالىتى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئادەتتە ئىزاھات ئىچىگە ئېلىپ قويغان بولىدۇ( StandardStyles.xaml ھۆججىتى ئېچىدە). دېمەك، لازىم بولغاندا تېشىغا تارتىپ ئېلىپ چىقساقلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندە ئۈگىنىمىز!
ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى ئىشىمىزنى باشلايلى! ئاۋۋال ئالدىنقى سالام ئۇيغۇر ئەپ دېتالىنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى ئەڭ ئاستىدىكى Page قىسقۇچى ئۈستىگە چاپلاڭ:

[codesyntax lang="xml" blockstate="collapsed"]

  
          
              
                  
                

[/codesyntax]

ئەمدى چاشقىنەكنى قويۇپ بېرىپ ئىنچىكە قاراڭ! يۇقارقى كودلاردىن كۆرىۋالدۇقكى: بىز "ئۈستى ئەپ بالدىقى" ۋە "ئاستى ئەپ بالدىقى" دىن ئىبارەت ئىككى قورالنى ئىشلەتتۇق. ئاندىن ھەر بالداقنى نەچچىگە بۆلۈپ، كونۇپكىلارنى مۇۋاپىق رايۇنغا ئورۇنلاشتۇرىۋالدۇق، ئاندىن خەت نۇسخىسى، تەرەپ ئارىلىق قىممىتى، يېزىق يۆنىلىشى دېگەندەك خاسلىقلارنى مۇۋاپىق تەڭشىدۇق. بىر نەرسىنى بايقىدىڭىزمۇ قانداق؟ كودنىڭ بەزى جايلىرىدا ئاستىغا كۆك رەڭلىك سىزىقچە پەيدا بولۇپ قاپتىمۇ؟ دېمەك سىز چوقۇم بىر ئىشنى چالا قىلغان گەپ. ھى ھى، ئويلاپ باقايلى – ھە!
مەنبە باشقۇرۇش رايۇنىدىن common ھۆججەت خالتىسىنى دەسسىڭىز ئىچىدىن StandardStyles.xaml دەپ بىر نەرسە چىقىدۇ، ئۇنى قوش تەپسىڭىز تەھرېرلىگۈچتە ئېچىلىدۇ، سىز ctrl+G تىزلەتمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 551 ىنچى قۇرنى ئىزدەپ SearchAppBarButtonStyle دېگەن پاسوننى تېپىپ، ئىزاھات ئىچىدىن چىقىرىۋېتىڭ. خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن يەنە AddAppBarButtonStyle ، NextAppBarButtonStyle، PreviousAppBarButtonStyle قاتارلىق پاسونلارنىمۇ ئىزاھاتتىن چىقىرىۋېتىڭ، ئاندىن ساقلاپ MainPage گە قايتىپ كىلىڭ - دە، ئەپنى ئىجرا قىلىپ كۆرۈڭ! بەلكىم خاتالىق كۆرۈلىشى مومكىن، چۈنكى سىز ئاۋۇ كونۇپكىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى دەپ بەرمىدىڭىز. راسلا خاتالىق كۆرۈلسە، تىتىرىمەستىن ئەشۇ كۇنۇپكىلارنىڭ ئۈستىنى قوش چىكىڭ دە ئارقا بەت كود رايۇنىغا كىرىڭ. قارىسىڭىز

[codesyntax lang="csharp" blockstate="collapsed"]

private void Button_Click(object sender, RoutedEventArgs e)  
      {  

      }

[/codesyntax]

ماۋۇنىڭدەك كودلار پەيدا بولىدۇ. ھازىرچە مۇشۇنداقلا قويۇپ ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ، قالغان ئۈچ كونۇپكىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا جىملەڭ، ئاندىن ئىجرا قىلسىڭىز ئەپ قوزغىلىشى چوقۇم، ھېچ ئۆزگىرىش يوققۇ؟! ھا ھا... چاشقىنەكنىڭ ئوڭ دولىىسىنى مۇشىتلاپ بېقىڭ، تۆۋەندىكى رەسىمدەك كۆرۈنۈش چىقمىسا بىكار:

شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى ۋەزىپە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. چۈشىنىكسىز جايلار بولسا ئېنكاس قىلىڭلار، بولمىسا كىيىنكى دەرىسىمىزدە يۇقارقى كونۇپكىلارغا ۋەزىپە بېرىمىز(يەنى فونكىسيە ئورۇنداتقۇزىمىز). ھازىرغىچە تېخى رەسىمي تۈردە #C پروگىرامما تىلى بىلەن قول ئېلىشمىدۇق، كىلەر قېتىم كودلارنى شۇنىڭدا يازمىساق بولمايدۇ، شۇڭا ۋاقىتى بارلار ئاز – تولا ماتېرىيال كۆرۈپ قويارسىلەر!

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (5)
نەقىللەر (0)
  1. يارۇق [ جۇغلانما: 21 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2013/09/09 22:37

    ماۋۇ دەرسلىكمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ. ئىلگىرىلەش خېلى زور جۇمۇ. مۇمكىن بولسا دەرىسلىكنى باسقۇچ بۇيىچە سۆزلىسەڭلا. سېلىنىڭمۇ شۇنداق سۆزلەيدىغانلىقىڭلىنى بىلىمەن.

  2. ئالپبەگ [ جۇغلانما: 19 نومۇر ] unknowunknow گىلەم 2013/09/09 23:52

    مەن ھېلىقىنى ھەل قىلالمىدىم دېسە… ئەمدى قاراپ ئولتۇردىغان بولدۇم مانا

  3. پالگان [ جۇغلانما: 12 نومۇر ] unknowunknow كىگىز 2013/09/10 10:19

    c# دىگەن نىمە تەسمۇ ياكى ،،،، مەن ئۇنىڭ بىلەن تېخى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدىم ، ئەگە c++ ياكى java بىلەن جىق پەرىق قىلىمىسا ، سىزنىڭ دەرىسلىك بىلەن بىللە ئۆگەنسەم بۇلامدۇ قانداق .

  4. يارۇق [ جۇغلانما: 21 نومۇر ] unknowunknow 4 -قەۋەت 2013/09/10 15:07

    سېلىنىڭ مۇشۇ تور بەتكە ئورۇنلاشتۇرغان كود قىستۇرمىسىنى تەڭ بەھىرلەنسەك قانداق؟ ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلەر.

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش