ئېلىپ كەت مېنى سەھرا يوللىرى (ناخشا)
2013/09/07 ئۈن - سىن, ئېنگىلىز تىلى ⁄ جەمئى: 2134 ھەرپ 2 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 446 مېھمان+

ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قاپتۇ، ئۈگىنىش دەپ بېشىمىزمۇ قايناپ كەتتى. ئەمدى ئولتۇرۇپ يۇرتنى سېغىنغاچ تۆۋەندىكى مۇڭلۇق ناخشىغا جۈر بولايلى.
نېمىشقىكىن موشۇ كۈنلەردە ئۆينىلا سىغىنىدىغان بوپ كەتتىم. شەھەر دېگەنگە شۇنچىلىك ئۆچ بولدۇمكى، «جاھاندا مېنىڭ ئەشۇ كىچىككىنە مەھەللەمگە يىتىغان ھېچبىر ماكان يوق ئىكەن» دېگەن قەتئىي خولاسىگە كەلدىم. «كىتىمەن، بارچە ئەۋزەللىكلەرنى مەھەللەمنىڭ بىر يۇتۇم سۈيىگە تەڭ قىلماستىن ۋاز كىچىپ، ھامان قايتىپ كىتىمەن» دەۋەتتىم بەزىدە.... مىخانىكىلاشقان جەمئىيەت، ھەيكەللەرگە ئايلىنىۋاتقان شەھەر كىشىلىرى، سىسىقچىلىق، مۇز چىراي، تىلەمچى، ئوغىرى، دەججال... ھەممىسى شەھەردە تىپىلىدۇ، ئەمما مەھەللەمدىكى ئىتلاردا بولىدىغان ھېسياتمۇ بۇ يەردە بەزىدە تېپىلماي قالىدۇ. ئامال قانچە، ھامان كىتىمەن، سەھرا كوچىلىرى تامان يۈگرەپ كىتىمەن...


Take Me Home Country Roads

ئېلىپ كەت مېنى سەھرا يوللىرى

(John Denver)

Almost heaven west Virginia
جەننەتتۇر گويا غەربىي ۋېرگىنىيا
Blue Ridge Mountains Shenandoah river
كۆپكۆك چوققىلار، شەنەنداھ دەريا.
Life is old there older than the trees
ھاياتلىق قەدىمدۇر قىرى دەرەختىن
Younger than the mountains blowin' like a breeze
ياش لېكىن تاغلاردىن،ئۇشقۇپ شامالدەك.
Country roads take me home
سەھرا يوللىرى ئېلىپ كەت مېنى،
To the place I belong
ئەسلى ۋەسلىم ئانا ماكانغا
West Virginia mountain momma
غەربىي ۋېرگىنىيا، كۆك چوققا ئانا
Take me home country roads
ئېلىپ كەت مېنى سەھرا يوللىرى.

All my memories gather round her
پۈتكۈل ئەسلىمەم باغلانغان ئاڭا
Miner's lady stranger to blue water
كان قىزى ئۇنۇتتى زىلال سۇلارنى
Dark and dusty painted on the sky
زىمىستان، تۇمانلار قاپلىدى كۆكنى.
Misty taste of moonshine teardrop in my eyes
سۇس ئايدىڭ نۇرىدا سىرغېدى مەڭزىمدىن ياشلار

Country roads take me home
سەھرا يوللىرى ئېلىپ كەت مېنى
To the place I belong
ئەسلى – ۋەسلىم ئانا ماكانغا
West Virginia mountain momma
غەربىي ۋېرگىنيا،كۆك چوققا ئانا
Take me home country roads
ئېلىپ كەت مېنى سەھرا يوللىرى

I hear a voice in the morning how she calls me
ساباھلار ئاڭلايمەن ئۇنىڭ ساداسىنى، چاقىرار مېنى
The radio reminds me of my home far away
ئەسكە سالار رادىئونىڭ مۇز ئاۋازى يىراقتىلىقىمنى.
Drivin' down the road I get a feelin'
قوغلىغانچە ئۇزۇن يوللارنى ،ئەيلەيمەن خىيال:
That I should been home yesterday yesterday
تۈنۈگۈنلا تېخى ئۆيدە بولغاندەك گويا
Country roads take me home
ئېلىپ كەت مېنى، سەھرا يوللىرى
To the place i belong
ئەسلى – ۋەسلىم ئانا ماكانغا
West virginia mountain mamma
غەربىي ۋېرگىنيا، كۆك چوققا ئانا
Take me home country roads
سەھرا يوللىرى ئېلىپ كەت مېنى
Take me home country roads
سەھرا يوللىرى ئېلىپ كەت مېنى
Take me home country roads
سەھرا يوللىرى ئېلىپ كەت مېنى

جەمئىي 2 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 2 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:0 دانە

  1. مەلەك : 2013-يىل09-ئاي08-كۈن22:15:50  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئۇنتۇلماس ،كونا سەھرا كۈيى….. :grin:
    ياغاچچىلار گورۇپىسىنىڭ yesterday once more غىمۇ ئامراقتىم مەن…
    تەتىل تۈگەپ ئۆيگە ماڭغاندا، ياكى ئۆيدىن سەھراغا ماڭغاندا مۇشۇ ناخشىنىڭ ئىسمىنى چ چ ئىمزاسى قىلىۋالاتتىم دائىم…

  2. تەڭرى قامچىسى : 2013-يىل09-ئاي18-كۈن10:09:16  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ھاي! تەتىل ئەمدى تۈگىدىيا ئەينا بىيدەمدە ئۆينە ھۆتتە سىغىنىپ كەتتىڭلىما ،بومماپتىيا بۇ :lol: :lol: :lol: ئەسلى ئۆينى سىغىنىدىغان ئەدەم بىزتۇقيا مىنداق .مانا ئاميىكىدا چىداپ ئوتتادۇق مانا. تىيشايلى مانداق كەشكىچە دەت توكمەي :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟