تىل ئۈگېنىشنىڭ ئۆزى بىر كۆڭۈللۈك جەريان! كۆپلىگەن تىللارنى ئۈگېنىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئامىللىرىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. قىسقىسى دۇنيانى باشقىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر كەڭ نۇقتىدىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە تۈرۈك تىلى ئۈگېنىۋاتقانلار ھەقىقەتەن ئاز بولمىسا كىرەك، شۇڭا بلوگىمىزدا ئەزىزلەرگە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۈرۈكچە ماتېرىياللارنى كۆپرەك تەمىنلەشنى ئويلاشتۇق… تۆۋەندىكىسى ھەزىرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ 63 يىللىق ھاياتىنى قىسقىچە خۇلاسىلىگەن شئىر بولۇپ، ئوماق قىزچاق پۈتۈنلەي يادقا دىكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى كىشىلەرنىڭ قەلىب تارىلىرىنى تىتىرىتىپ، كۆزلېرىدىن ياشلار تۆكۈلگەن.
قېنى ئەمىسە بىزمۇ بىرلىكتە تەپسىلاتىغا دېققەت قىلىپ باقايلىچۇ…
تۆۋەندە دىكلاماتسىيە مەزمۇنىنىڭ تۈرۈكچە – ئۇيغۇرچە سىلىشتۇرما تېكىسىتى بېرىلدى.(بلوگىمىز ئېلىكىتاب ئوقۇچىسى ئۈچىنچى تەرەپ دىتالىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچنىڭ ئېچىلىشى سەل ئاستا، چۈشنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئوقۇغۇچ ئېچىلغاندىن كىيىن، كۆزنەكنى چوڭايتىپ كۆرسىڭىزمۇ ياكى چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
يۇقارقى ماتېرىياللارنى بىر چاغلاردا كومپىيوتېرغا ساقلىۋالغان ئىكەنمەن، مەنبەسىنى ئەسكەرتەي دېسەم ھېچ بىلەلمىدىم. شۇڭا تەرجىمە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئەسلىي تەرجىمە قىلغۇچىغا مەنسۇپ، بلوگىمىزدا پەقەت تىل ئۈگېنىش ئىھتىياجى بىلەن تەمىنلەندى…
بلوگىمىز قەلىب ئۈنچىلىرىڭىزگە كۆمۈلۈپ كەتكۈسى…
2013-03-28 6:33 چۈشتىن بۇرۇنھوي يىڭى رەسىملەرنى چىقاردىم دەۋەتقان بىرسىمۇ يوققو؟؟؟؟؟ :roll: :roll: :roll:
2013-03-28 6:34 چۈشتىن بۇرۇننېمە رەسىم دەيسىلە؟ ھە راس ئامرىكىدىكى مەكتېپىڭلىنى بىر تونۇشتۇرىۋەتمەمسىلە بلوگىمدا؟! تەسىراتلىرىڭلىمۇ بار تېخى ئورتاقلىشىدىغانغا…
2013-03-28 10:09 چۈشتىن بۇرۇنھەقىقەتەنە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەن… مېنىڭمۇ كۆزلېرىمگە ياش كەلدى :cry:
2013-03-28 8:47 چۈشتىن بۇرۇنمەزكۇر سىننىڭ بىر يىل ئىلگىرى خەتلىك نۇسخىسىنى ئىشلىگەنىدۇق،مەزكۇر شېئىرنىڭ تەرجىمانى ئەنۋەر ھامىت ئايپالتا ئەپەندى قايتىلانما ئەمگەك قىلىپ ساپتۇ …ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقىچە دەپتىكەن كونىلار،بۇمۇ ئېسىل چىقىپتۇ.
ئەي بالام نى قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت
2013-04-03 12:33 چۈشتىن بۇرۇنبۇ فېلىمنىڭ خەتلىك نۇسخىسىنى كۆرمەپتىكەنمەن، ئىزدەپ باقسام راسلا بار ئىكەن. بلوگىمىزغا پەقەت تۈرۈك تىلى ئۈگېنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە يوللاندى.
2013-04-08 8:00 چۈشتىن بۇرۇن«ئەي بالام» نى قوللىغىنىمىز سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارغا بولغان ئازراقلا رەھمىتىمىز خالاس :razz: