ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىم،ياشلىقنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان قەدىرلىك دوسلار، ماڭا ئوخشاش يىراق جايلاردىن ئانا يۇرۇتلىرىغا تەلمۈرۈپ تۇرغان بارلىق مۇساپىر تەقدىرداشلىرىم! ھەممىڭلارنىڭ ئەتىكى ئۇلۇغ روزا ھېيتىڭلاغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەتە پۈتكۈل مۇسۇلمان خەلقى ئۇلۇغ رامازاننى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، ھېيىت -ئايەم شاتلىقىغا چۈمىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، مىھرلىك يۈرەكلىرىدىن تاتلىق تەبەسسۇملىرىنى چىقىرىشىپ، ھاياجانلىق مىنۇتلارغا شاھىد بولىدۇ. مەنچۇ؟! ... بەش يىلدىن بىرى مۇساپىر ئاتالغان مەن، روزا ئايلىرىنىڭ يىرىمىنى ئۆيدە، نەچچە كۈنىنى يولدا، قالغىنىنى مەكتەپتە تاماملاپ، مانا بۈگۈن ئۆزۈمگە چۇشلۇق ھاياجان بىلەن ئەتىكى ھىيتقا تەييارلىق كۆرىۋاتىمەن. كىچىكىمدىن باشلاپ ھېيىت - ئايەملەرنىڭ لەززىتىنى تولۇق تىتىشقا ئاجايىپ ئامراق ئىدىم. ئەقلىمنى بىلسەم ھەريىلى ھېيىت كەلسە چوقۇم "يىڭى كىيىم" كىيىپ، دادام، ئانام، ئاكا - ئاچىلىرىمغا ئەركىلەپ، ھەممىسىدىن ھېيىتلىق سوۋغات ئالاتتىم. ھارپا كۈنلىرى چوڭلارنىڭ: "ئۆيدە مىھمان ئۇزات"دەپ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ ئۇنىماي، ئۇلارغا ئەگىشىپ ھەممە ئۆيلەرنى ھېيىتلايىتتىم. چوڭلار دېققەت قىلمىغانلىرىدا، ھېتلاپ كىرگەن ئۆيلەردىكى داستىخانغا تىزىپ قويۇلغان ئىسىل نىمەتلەردىن يانجۇقۇمغا تولدۇرۇپ ئېلىۋېلىپ، سىرىتقا چىققاندا تەييارلاپ قويغان "چوڭ خالتام" غا تۆكىۋالاتتىم، شۇنداق قىلىپ ھەربىر ھېيىتتا بىرنەچچە ئاي يەتكۈدەك تاتلىق - تۈرۈمىلىرىم ۋە ئامراق كىتابلىرىمدىن بىرەنى سېتىۋالغۇدەك پۇلۇم بوپ قالاتتى. ھەي... مانا ئەمدى مەخلۇقاتلار بىلەن لىق توشقان سۈرلۈك بىر ئورمانلىقتا قىرى دەرەختەك يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن.
شۇنداق قىلىپ، مەنمۇ ئەتە ئۆزۈمگە خاس تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن بىر كۈننى ھېيىت تەييارلىقى بىلەن ئۆتكۈزدۈم. قانداق تەييارلىقلارنى قىلاي؟! توغرا، كىيىملىرىمنى بىر قۇر يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، ئورۇن كۆرپەمنىڭ ئاستىغا سېلىپ "دەزماللاپ" قويدۇم؛ ياتاقنى باشتىن - ئاياغ سىرىپ - سۈپۈرۈپ، ئورنۇمىنى ئەستايدىللىق بىلەن رەتلەپ چىقتىم(لىكن ياتاقنى يۇغۇشتۇرۇپ بولۇپ، بىردەمدىن كىيىن قارىسام، ئاۋۇ مەينەتلەر يەنە بۇلغاپ بوپتۇ!)؛ دەرھال مۇسۇلمانلار بازىرىغا بېرىپ ئازراق گۆش ۋە باشقا خۇرۇچلاردىن ئېلىپ كەلدىم(ئەتە توك قازاندا پولو دۈملەيمەن، ھېيىتلاپ كەلسىڭىز پولو يەيسىز...)؛ قەغەز تەخسىلەردىن ئەكىرىپ تەييارلاپ قويدۇم(ئانام ئۆيدىن تەييارلاپ بەرگەن نازۇ - نىمەتلىرىمنى تىزغىلىچۇ!)، شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ھېيىت تەييارلىقىم پۈتۈپ قالدى. سەھەر تۇرۇپ ئۈستېلىمگە بۈگۈن تەييارلىۋالغان نەرسىلەرنى تىزىۋېتىپ، دوستلار بىلەن نامازغا بارىمەن، ئاندىن كىيىن پۈتكۈل مەكتەپتىكى سانىغۇدەكلا ئۇيغۇر بالا قىزغىن ھېيىتلىشىشنى شۇنداق باشلىۋېتىمىزكى....قىززىققانلار مەكتىپىمگە مەرھەمەت قىلغايسىزلەر!
مەكتەپ ئاشخانىسى سېخي ھالداروزىدا ھەقسىز زورلۇق ۋە ئىپتا تاماقلىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىدى. بۈگۈن تۇرسام ئەتە بىركۈن ھەقسىز ئايەملىك تاماق يەيدىغان بىلەت تارقىتىپتۇ! مۇساپىرچىلىقتا شۇنچىلىك ئىشمۇ ئادەمگە چوڭ بىلىنىپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ! قارىغاندا ئەتە مەنمۇ غىرىب كۈلبەمدە مۈگىدەپ ئولتۇرماي، خىلى لەززەتلىك بىر ھېيىت ئۆتكۈزىدىغاندەك قىلىمەن. ئەمما ئاتا - ئانام، ئائىلەم بىلەن جەم بولالمىغىنىمنى ئويلىسام يىغلاپ - يىغلاپ ئايلىنىپ قالغۇم كىلىدۇ. تەقدىرداشلىرىم، كۆڭلۈڭلاردىكى گەپنى بىر قىلىڭلار! سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش تۇيغۇدا بولىۋاتامسىلەر؟؟؟ سىلەرنىڭمۇ ھېيىتلىق تەييارلىقىڭلار پۈتتىمۇ؟!
ئەمسە سىلەرنى ئالدىن چىللاپ قوياي، ماڭا ئوخشاش مۇساپىر بولغانلار، ئەتەمېنىڭ قەلبىمنى بىر ھىيىتلاپ كىتىشىنى ئۇنۇتماڭلار!
ھېيتنىڭ لەززىتىنى تولۇق سۈرەلمەي، غىرىب خانەمدە مۆكچىيىپ ئولتۇرۇپ بۇلارنىمۇ يېزىپ باقتىم مانا!
بىر مۇساپىر بالا
بېشىدا بادام دوپپا.
ساما سالاي دەپ
يۈگرەپ بارسا
مەسچىت ئالدىغا،
بىرمۇ ئادەم يوق،
ھەيكەللەرگە توشۇپ كىتىپتۇ.
- ھىتگاھ قەيەردە؟
سوراي دېسە بىلمەيدۇ قۇشلار
دەرەخلەرمۇ تاشتەك قىتىپتۇ.
بىر مۇساپىر بالا
بېشىدا بادام دوپپا
ئىزدەپ يۈرەر رەسىمدىكى تاش كوچىلاردىن
ئات قېتىلغان سايىۋەن مەپە
دوپپا كەيگەن يەنە بىر بالا.
مەسچىتلەردىن قۇياشنى ئېلىپ،
ئۆيگە ماڭغان مىھرىبان ئاتا.
ئىزدەپ يۈرەر كەڭرى ئۇپۇقتىن
غۇلاچلىرىنى لاچىندەك كىرىپ،
جۈپ كۆزىنى بۈركۈتتەك ئېچىپ،
يۈرىكىدىن ئۆتكۈر نۇر چىچىپ،
ساما سالغان يولۋاستەك ئاكا.
بىر مۇساپىر بالا
بېشىدا بادام دوپپا.
ساما سالاي دەپ
يۈگرەپ بارسا «ھىتگاھ » ئالدىغا
يۈرىكىنى قۇچاقلاپ يىتىپ،
دوپپىسىنى باغرىغا بېسىپ،
ئۇخلاپ قاپتۇ «ھىتگاھ» ئالدىدا
ئاڭا ئوخشاش يەنە بىر بالا.
ئاڭلانمايدۇ ھېچبىر خۇش ناۋا....
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېىندىشىم، چەۋەندازلار روزى ھېيىتىڭىزنى قۇتلۇقلايدۇ! كۈنلىرىڭىز خۇشاللىققا تولسۇن. ھېيىتنىڭ خاسىيىتى دىللارنى يورۇتسۇن!
رەھمەت بىرگە بولسۇن!
ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن كۈنلىىرىڭىز خۇشال خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكەي
رەھمەت، سىزنڭىمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
«مۇساپىر – مۇساپىرنىڭ قاياشى« دەپتىكەن. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ تىزلا..