ۋوردپرەس بلوگلىرىغا بەزىدە ئاۋازلىق ئەسەر ياكى ناخشا - مۇزىكا قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. WP نىڭ گەرچە ئۆز قويغۇچىسى بولسىمۇ لېكىن ئىھتىياجنى ھەردائىم قامداپ كېتەلمەيدۇ. شۇل سەۋەبتىن بولمىش مۇزىكا قويغۇچ قىستۇرمىلىرى مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. تاللاشقا كەلگەندە، ئەلۋەتتە كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە Flash قىستۇرمىسى قاچىلانمىغان ئەھۋالدىمۇ قويۇشقا بولىدىغان، Html+Js ئاساسىدىكى قىستۇرمىلارنى تاللايمىز!
ھازىرغىچە مەن ياقتۇرغان، ئۆزى يېنىك مۇزىكا قويغۇچ قىستۇرمىلىرىدىن بىر قانچىسى بار ئىدى. بەلكىم كۆپىنچىمىز Hermit قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىپ باققان بولىشىمىزمۇ مۇمكىن. تۆۋەندە شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر قىستۇرمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
قىستۇرما ھەققىدە
قىستۇرما نامى: WP-Player
نۆۋەتتىكى نەشرى: 2.2.1 (ئارقا بەتتىن يېڭىلىغاندا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان قىسمىنى باستۇرىۋىتىدۇ)
ئەسلىي ئاپتورى: M.J
ئاپتورنىڭ تور بېتى: http://webjyh.com
WP-Player قىستۇرمىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە ئىقتىدارلىرى
ئارقا بەت مۇزىكا قىستۇرۇش رايۇنى:
ئالدى بەت قويغۇچ ھالىتى:
ئىقتىدارلىرى:
1. شىيامىي بۇلۇت مۇزىكا سۇپىسىدىكى ئايرىم مۇزىكا، ئالبۇم مۇزىكا توپلىمى، تاللانما مۇزىكا توپلىمى، ئارتىس بېتىدىكى مۇزىكا توپلىمى قاتارلىقلارنى بىر كونۇپكا بېلەنلا ئوقۇپ ئالالايدۇ. سىز پەقەت مۇناسىۋەتلىك بەتنىڭ Url ئاردرىسىنى چاپلاپ بەرسىڭىز، باشقا ئىشنى قىستۇرما ھەل قىلىدۇ.
2. نۆۋەتتە كۆپ ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان ۋاڭيى بۇلۇت مۇزىكا سۇپىسىدىكى مۇزىكالارنىمۇ ئوخشاش ئۇسسۇل بىلەن بىلوگىڭىزغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن بەزى بوشلۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ۋاڭيى مۇزىكىلىرىنى قوللىماسلىقىمۇ مۇمكىن!
3. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق mp3 مۇزىكا ئادرىسىنى بىۋاستە چاپلاپ، ياكى بلوگىڭىز بوشلۇقىغا يۈكلەپ قويالايسىز. ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۇلۇبىمىزدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
4. ئىشلىتىش ئۇسسۇلى ۋە قىسقا كودلىرى يازما ئاستىدا MetaBox شەكلىدە چىقرىلغان.، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولايلىق!
ئۈنۈم ۋە سىناق
چۈشۈرۈش
بەيدۇ دېسكىسىدىن: چۈشەۋاي ئېلىش كودى: 3q6e
سالام تەشناجان، مەن بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاي دەپ قاچىلىسام، قىستۇرما ھۆججىتى مەۋجۇت دەيدۇ ، قارىسام ئۆز تىلىدىكىنى قاچىلاپ بوپتىكەنمەن، ئۇيغۇرچىغا تولۇق تەرجىمە قىپسىز، ئالماشتۇرىۋالدىم، بۇ قويغۇچ ھەقىقەتەن ياخشى، html5 نىمۇ قوللايدۇ، بىر بولمايدىغان يېرى html5 يانفۇن، ئالقان ئۈسكۈنىلەردە ئاپتوماتىك قويۇلماي قويۇشنى باسقاندىن كېيىن ئاندىن قويىلىدىكەن.
سىزمۇ سىناپ باقتىڭىزمۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مەن سىناپ باققان، يانفۇندىمۇ نورمال قويۇلىدۇ. مۇزىكا يوللىغاندا
autoplay=1
نى قوشۇپ چاپلىساق بولاتتى..يانفۇن، ئالقان ئۈسكۈنىلەردە نورمال قويۇلىشى قويۇلىدۇ، لېكىن autoplay=1 نى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ قويۇشنى بېسىۋەتمىسە ئاپتوماتىك قويۇلمايدىكەن. بۇ قىستۇرمىنىڭ ئاپتورىنىڭ دېيىشىچە كېيىنكى نەشرىلىرىدە ئوڭشارمىش.
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
بۇ قىستۇرمىنى تېخىمۇ ئورۇقلىتىپ، ئۇسلۇبقا بىرىكتۈرگىلى بولارمۇ؟ قىستۇرما دېگەن بىلەن تازا خوشۇم يوق ئىدى…
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەسلى كودىنى چۇۋۇپ قاراپ بېقىڭ.
jPlayer.js
نى ئاسساقلا بولىدىغۇ دەيمەن…رەھمەت تەشناكا ياخشىكەن مەنمۇ سىناپ باقاي
ما قىستۇرمىنى ماڭا ئېلخەت قىلىۋەتسىلە بولۇرمىكىن
ماقا، ئۆزلىرىگە VIP قىلىپ مەخسۇس يوللىۋىتەيمەن..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئېغىر كۆرمەي kuklem@qq.com غا يوللىۋەتكەن بولسىڭىز ، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، رەھمەت !
pan.baidu.com/wap/init?shareid=350040978&uk=2602623190
ئېلىش كودى: 3q6e ئىكەن ….!
مەن ئاچچىقىمدا كەلدىم مەۋەگە