ۋوردپرەسنى ئىشلەتكەن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ سانداندىكى مەزمۇنلار كۆپىيىپ ماڭىدۇ. بولۇپمۇ تولا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش، قىستۇرما قاچىلاش، يازما ئارگىنالى ساقلاش، ئىنكاس ئۆچۈرۈش، تەستىقلاش، ساقلاش جەريانىدا كىرەكسىز ئۇچۇرلار تىز ئىشىپ كېتىدۇ. سانداننى تازىلاش، ئەلالاشتۇرۇشقا ئائىت بىر قىسىم قىستۇرمىلار بولسىمۇ، يەنىلا قولدا تاللاپ تازىلىغانغا يەتمەيدۇ. تۆۋەندە WP ساندانىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىغا قاراپ باقايلى:
wp_commentmeta: ئىنكاسلارنىڭ ئەسلى ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدىغان جەدىۋەل، ئاساسەن Akismet قىستۇرمىسى تەرىپىدىن ھاسىللىنىدۇ. wp_comments: تورداشلار ئىنكاس مەزمۇنلىرى ساقلىنىدىغان جەدىۋەل. wp_links: ۋوردپرەس ئۇلانمىلار قىسمىدىكى بىر قىسىم ئۇلانمىلارنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى ساقلايدىغان جەدىۋەل.wp_options: ئۇسلۇب، قىستۇرما تەڭشەكلىرىگە ئائىت بەزى ئۇچۇرلار ساقلىنىدىغان جەدىۋەل. wp_postmeta: ھەربىر يازمىنىڭ خاس ئۇچۇرلىرى(مەسىلەن مۇقىم ئۇلانمىسى، id سى دېگەندەك) ساقلىنىدىغان جەدىۋەل، بەزى بىر قىستۇرمىلارمۇ مەزكۇر جەدىۋەلگە مەلۇمات ساقلىشى مومكىن. wp_post: ۋوردپرەس ساندانىنىڭ جېنى ھىسابلىنىدۇ، يەنى مىڭ جاپادا يازغان يازمىلىرىڭىزنىڭ ئاساسى قىسمى موشۇ جەدىۋەلگە ساقلىنىدۇ.wp_terms: يازما ۋە ئۇلانما سەھىپىلىرى، خەتكۈشلەر قاتارلىق بىر قىسىم مەلۇماتلار ساقلىنىدىغان جەدىۋەل. wp_term_relationships: يازمىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم سەھىپە، ئوخشاش يازما ئارقىلىق مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلگەن خەتكۈشلەر ساقلىنىدىغان جەدىۋەل، تۈرلۈك ئۇلانما ۋە سەھىپىلەرنىڭ مۇناسىۋەت ئۇچۇرلىرى بۇ جەدىۋەل ئىچىدە بولىدۇ. wp_usermeta: ھەربىر ئىشلەتكۈچىنىڭ خاس ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدىغان جەدىۋەل. wp_users: ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىكى مەزكۇر جەدىۋەل ئىچىدە ساقلىنىدۇ.
قۇرۇلمىسىنى بىر قاتار چۈشەنگەندىن كىيىن، قولىمىزغا سۈپۈرگە ئېلىپ تازىلاشقا باشلايمىز(دىققەت: ئاۋۋال ساندانىڭىزنى زاپاسلىۋېلىشنى قەتئىي ئۇنۇتماڭ!!!):
[t]چوڭ تازىلاش[/t]
بىر قىتىمدىلا بارلىق ئىلان قىلىنمىغان، تەستىقلانمىغان، ئارگىنال ساقلانغان يازما، بەت ۋە ئۇلارنىڭ ID سىنى تازىلاش بۇيرۇقى تۆۋەندىكىدەك(ساندان باشقۇرۇشقا كىرىپ Sql بۇيرۇق رايۇنىغا چاپلاپ ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ):
DELETE FROM wp_postmeta WHERE post_id IN (SELECT id FROM wp_posts WHERE post_status!='publish'); DELETE FROM wp_term_relationships WHERE object_id IN (SELECT id FROM wp_posts WHERE post_status!='publish'); DELETE FROM wp_posts WHERE post_status!='publish';
[t]يازما كونترول بەلگىلىرىنى تازىلاش[/t]
_edit_lock,_edit_last ئاساسلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوخشاش بىر يازمېنى تەھرىرلىشىدىن پەيدا بولغان ئارتۇق مەلۇماتلار بولۇپ، تازىلىۋەتكەندىن كىيىن قايتا يازما تەھرىرلەنسە يەنە شەكىللىنىدۇ. _wp_old_slug بولسا يازمىلارنىڭ كونا مۇقىم ئادرىسىنى كۆرسىتىدۇ._revision-control بولسا نەشىر ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
DELETE FROM wp_postmeta WHERE meta_key = '_edit_lock'; DELETE FROM wp_postmeta WHERE meta_key = '_edit_last'; DELETE FROM wp_postmeta WHERE meta_key = '_wp_old_slug'; DELETE FROM wp_postmeta WHERE meta_key = '_revision-control';
[t]Akismet قىستۇرمىسى ھاسىل قىلغان ئارتۇق مەلۇماتلارنى تازىلاش[/t]
ئۆچۈرۈلگەن، ياكى سىپەملەپ توسۇپ قىلىنغان ئىنكاسلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تازىلاش بۇيرۇقى:
DELETE FROM wp_comments WHERE comment_approved = ‘trash’; DELETE FROM wp_commentmeta WHERE comment_id NOT IN (SELECT comment_id FROM wp_comments);
[t]ئىنكاسلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەن ۋاقىت خاتىرە ئۇچۇرلىرىنى تازىلاش[/t]
DELETE FROM wp_commentmeta WHERE meta_key LIKE ‘%trash%’;
wp_commentmeta دا ساقلىنىدىغىنى ھەقىقىي ئىنكاس مەزمۇنى بولماستىن، ئاشۇ ئىنكاسلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى بولغاچقا، بۇ جەدىۋەلنى بىراقلا ئۆچۈرىۋەتسەكمۇ بولىدۇ:
TRUNCATE TABLE wp_commentmeta
مەنمۇ يۇقارقى باسقۇچلار بويىچە ساندانىمنى بىر قاتار رەتلىگەندىن كىيىن تەخمىنەن 4MB ئەتىراپىدا كىچىكلىدى، بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاز - تولا ياخشىلاندى. قىنى سىلەرمۇ سىناپ كۆرۈڭلار!
:لول لول: خا خا ماۋۇ ھۆنەرمۇ بولىدىكەن جۇمۇ . ئەخلەتلەرنى تازلىۋەتسەك بىلوگ سۈرئىتىدە تىزلىشىش بولغۇدەك
شۇنى دېسىلە… بولۇپمۇ بىزدەك بلوگ بىلەن تولا ئېتىشىدىغانلارغا خوپ ياققۇدەك!
شۇنداق قىلىپ فىلىمخانىدىكى مەزمۇنلارنى تازلىۋەتتىڭلا ..
نەدە ھوي، ئۇنى مەن ئەمەس ئوغىرى تازىلىۋەتتى، مەن ماۋۇ تەشنا بلوگىنى تازىلىدىم شۇ… :ھۆ ھۆ:
فىلىمخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىدىما ؟نىمە بوپ كەتتى بۇ جاھان ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەنزىل كىتاب تورى ئېچىلمايدىغۇ؟
ئاندىن راست سىزدىن بىر ياردەم سورايتۇق، counter per day دېگەن قسىتۇرمىدىن چاتاق چىقىپ ئۆزىچە ھەممە نەرسە نۆلگە ئايلىنىپ قېلىپ ئۇ قىستۇرمىنى يۇيۋەتكەن، قايتا بىر نورماللاشتۇرۇپ بەرسىڭىز بولاتتى.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! مەنزىلنى تاقىدۇق، تاقىمىغۇچە، ئارام تاپقۇزمىدى.
ئاۋۇ مەسىلىلەرنى مەن ھەل قىلىپ بېرەي! ئېلىخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىلى…