Home >  > گۈزەل ئارزۇلىرىڭىز بارمۇ؟

گۈزەل ئارزۇلىرىڭىز بارمۇ؟

1

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆپ ئوقۇغان چۆچەكلىرىمدىكى شاھزادە، مەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئاجايىپ ھەۋەس قىلاتتىم. بولۇپمۇ ئون نەچچە ياشلىق باتۇر شاھزادىلەرنىڭ زور قوشۇنغا باش بولۇپ جەڭگاھلارغا ئاتلانغاندىكى تەسۋېلىرىنى ئوقۇغىنىمدا يۈرەكلىرىم سېلىپ كىتەتتى؛ ئەقىللىق مەلىكىلەرنىڭ ھايات - ماماتلىق مىنۇتلاردا ئاتېسىنىڭ قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ، ساۋۇت دۇبۇلغىلىرىنى كىيىپ، ئەرەنچە ھالەتتە دۈشمەنلىرىگە قارشى ئات چاپتۇرغان كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمغا كەلگىنىدە، قەلبىم تەسۋېرلىگۈسىز ھاياجانلارغا توشۇپ كىتەتتى؛ ئاشىقىنىڭ ۋېسالىغا يىتىش ئۈچۈن قان كىچىپ جەڭ قىلغان باھادىر يىگىتلەرگە ھەۋەس قىلىپ قالاتتىم؛ مەشۇقىنىڭ دىدارىنى ياد ئىتىپ، ۋاپا گۈلشەنىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسىغا ئايلانغان ئاق كۆڭۈل قىزلاردىن سۆيۈنۈپ كىتەتتىم... قىسقىسى مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولغاندا ئەشۇ چۆچەكلەردىكى ئوبرازلار كەبىي بىر ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇنداق، بالىلىقمىدىكى ئارزۇلىرىم چۆچەكلەردىكى دۇنيانى ئىزدەشتىن باشلانغان!
ھاياتلىق سەپىرىمنىڭ يىڭى مەنزىللىرىگە قەدەم ئالغىنىمدا، ئىلگىركى خىيالىي ئارزۇلىرىمنىڭ ئورنىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى كىشىلىك ئارزۇلىرىم ئېلىشقا باشلىدى. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىن باشلاپ، ئەتىراپىمدىكى تەڭتۇشلىرىمدىن ھەممە ئىشتا ئىشىپ كىتىشنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماختاشلىرىغا كۆپرەك ئىرىشىشنى، ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئۆيگە بارغاندا دادامدىن مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىشنى ئارزۇلايدىغان بولدۇم. كۈچلۈك تەلپۈنۈشلەر بىلەن ئۇلانىمۇ بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇردۇم. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، قەلبىمدىكى ئارزۇلار كۆپىيىپ، يىڭىلىنىپ، چوڭىيىپ باردى. ھەتتا بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكى تاتلىق ئارزۇلىرىمنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ تەرىقىدە تالاي - تالاي ئارزۇلىرىمغا يەتكەن ئۇنتۇلماس مېنىۇتلارنىڭ ئىزناسىنى خاتىرلىرىمنىڭ چىرايلىق سەھىپىسىگە پۈتۈلۈپ قالدى. شان - شەرەپ، مۇۋەپپىقىيەت، ئار نۇمۇس، مەغلۇبىيەت... بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەشۇ ئارزۇلىرىمغا  يىتىش - يەتمەسلىككە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ كەلدىم.
راستىمنى ئىيىتسام، تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقىنىمدا: «كۆڭلۈمدىكى ئىچكىرى تولۇققا ئۆتىۋالساملا باشقا ئارزۇيۇم قالمايدۇ» دەپ ئويلىغان ئىدىم. كىم بىلسۇن، چاقىرىقنى قولۇمغا ئالغان شۇ مىنۇتتىلا ئۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئورنىنى يىڭىدىن گۈزەل ئارزۇلار ئىگەللەپ بولدى. مەكتەپكە بارغۇچە ئۇزۇن يول بويى كۆرگەنلىرىم، كۆڭلىمدىكى ئارزۇلىرىمنى نەچچە قاتلاپ كۆپەيتىپ قويدى. ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ شەھەرلەردە ئاسمانغا تاقاشقان ساماۋېي بىنالار، ئاسفالت يوللاردا چىپىپ يۈرگەن ئېسىل ماشنىلار، تېلىۋۇزۇردا نامىنى كۆپ ئاڭلايدىغان داڭلىق شىركەتلەر ... بىلەن ھېچ ئىشىم يوقتەك ھېس قىلاتتىم(بەلكىم ئۇلارغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىش چۈش كۆرگەندىنمۇ ئەھمىيەتسىزدەك بىلىنەتتى). لىكىن، ئىلگىرى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ زور ئارزۇغا يەتكەندىن كىيىن توساتتىنلا يۇقارقى شەيئىلەرگە قىزىقىشقا، ئۇلارنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن ئۆزۈمنى سىلىشتۇرۇپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئارزۇلىلىرىم شاخلاپ - شاخلاپ ئەتيىازدىكى ئامۇت دەرىخدەك چىچەكلەپ كەكەتتى.
ھازىرغا كەلگەندە چوپچوڭلا بىر يىگىتكە ئايلاندىم. نەھايەت، ئارزۇلىرىم كۆپىيىپ ئىچكىي دۇنيايىمنى ئۆز كونتىروللىقىغا ئالدى. بەزىدە ئۆزۈمنى بەكلا ئاچ كۆز بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن! ھەدىسىلەردە ئىيتىلغاندەك قانائەتچان بولالمىغىنمدىن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىرىغا شۈكىرى قىلالمىغىنمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. ئەمما، روھىم بىلەن مۇڭدىشىپ چىقسام، شۇنچە كۆپ ئارزۇلىرىمنىڭ ھەرگىزمۇ «ماددىي ئاچكۆزلۈك» تىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ قالىمەن. دېمەك، گۈزەل - بۈيۈك ئارزۇلىرىم چىن ئەقىدە، پاك نىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان؛ ماددىغا ئەمەس ئاللاھقا چوقۇنۇپ، جىسىمىم بىلەن روھىمنىڭ بىر پۈتۈنلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان...
ئارزۇلارغا تولغان قەلىب خۇددى كۆيىۋاتقان گۈلخانغا ئوخشايدۇ. ئۇ قەلىب ئىگىسىنىلا ئەمەس، ئەتىراپىدىكى تەسەللىيگە مۇھتاج كىشىلەرگىمۇ يىڭىدىن ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ بىغىشلايدۇ. ماددىي مەۋجۇتلىقىمنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭ ئىھتىياجلىرى ئۈچۈنلا پايپىتەك بولۇش مېنىڭ ھاياتلىق قارىشىم ئەمەس! تۇغۇلۇشتىن ئۆلۈم ئارىسىغىچە بولغان مۇساپېنىڭ پەقەت نەچچە كۈنلۈكلا يول ئىكەنلىكىگە ئىشىنمەن! بۈگۈن، ئەتە ۋە ياكى يىراق بولمىغان بىركۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا جەم بولىدىغىنىم كۆڭلۈمگە ئايان. شۇڭلاشقا مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى - قەدىرلەش! ماڭا بېرىلگەن موشۇ قىسقىغىنە مۆھلەت ئىچىدە ئۆز قىممىتېمنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش... بۇلار ئۈچۈن ئىتقاد نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان قەلبىڭىزدە يەنە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇلار بولىشى كىرەك!
خوش، ئەزىزلەر! يۇقاردا شەخسەن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمدىكى ئارزۇلار ئۈستىدە سۆزلەپ قالدىم. ئەمدى بۇنى ئومۇمىيلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ سىزنىڭمۇ ئارزۇ - ئارمانلار توغرىسىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى بىر قوزغاتقۇم كىلىۋاتىدۇ:
1. يىل بويى ئىتىزدىن كىرمەي ئىشلەيدىغان بىچارە دىھقان، بىر يىل ئىشلەپ تاپقان ھوسۇلى ئائىلىسىنىڭ بىر يىل جان ساقلىشىغا ئاران يىتىدۇ؛ گۈزەللەرنى تاللاش سەھنىلىرىدە ياكى تۈرلۈك مودا كىيىم كۆرۈكلىرىدە نايناقشىپ مىڭىشنى بىلىدىغان «مودىللار» پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنى كىرەكسىز قەغەزدەك ئىشلىتىدۇ، كاتتا سارايلارنى سېتىۋىلىپ، پانىي دۇنيانىڭ مەئشىتىدىن بولۇشىچە ھوزۇرلىنىدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەرنى ھەرخىل نۇقتىدا تۇرۇپ تەھلىل يۈرگۈزسەكمۇ يەنىلا ئاجايىپ چوڭ بىر تەڭسىزلىكنىڭ بارلىقىنى ئىتىراپ قىلىمىز. بۇلانى كۆرۈپ، تەھلىل قىلىپ چۈشىنىپ تۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزنىڭ قانداق ئارزۇيىڭىز بولىشى كىرەك؟!
2. پايانسىز دۇنيا قوينىدا ھەربىر كىشى، ھەربىر دۆلەت جۈملىدىن ھەربىر مىللەت ئۆزنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاجايىپ كەسكىن ئەمما قان تۆكۈشمەيدىغان جەڭلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئۆز مىللىتىمىزنى ئالساق، دۇنيادا ئەمەس دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ بىلىمىزنى رۇسلاش تەس بولىۋاتىدۇ. باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ كۆرەڭ ھالەتلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە، غەمسىز ھەم خۇشال كۆزلەردىن ئېتىلىپ چىققان مەسخىرىلىك نۇرلار كۆكسىڭىزنى تىشىپ ئۆتۈپ، يۈرىكىڭىزگە نەشتەردەك سانجىلغىنىدا، دۇنيا سەھنىسىدە ئوينىلىۋاتقان سىياسىي ئويۇنلارنى ئاز تولا چۈشىنىدىغان بىرسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزدە قانداق بىر ئارزۇ بولىشى كىرەك؟!
3. خەۋەرلەردە چىقىپ تۇرۇدىغان «ئىشچى قوبۇل قىلىش» ئورۇنلىرىدا چۈمۈلىدەك مىغىلدىشىپ تۇرغان ئادەملەر توپىنى چىلىقتۇرغىنىڭىزدا، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ ھەريىلى نەچچە مىليون تالانت ئىگىسىنى چىقىرىۋاتقىنىنى چۈشەنگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان ئىجتېمائىي توپ ئىچىدە سىزدىن ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكىنىڭىزدە، كەلگۈسى رېقابەتلىك تۇرمۇشتىن بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىش غېمى بولغان بىر ياش بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزدە قانداق ئارزۇ بولىشى كىرەك؟!
........
شۇنداق، بىزدە چوقۇم بۈيۈك ئارزۇلار بولىشى كىرەك. ئىشەنچىسزلىك، چۈشكۈنلۈك، جۈرئەتسىزلىك بىزدىن يىراقلىغان كۈنى دۇنيا بىزگە مەپتۇن بولۇپ قارايدۇ،

بۇلارنىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز

ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا...


ئۈنچىلەر (1)
نەقىللەر (0)
  1. يالغۇز [ جۇغلانما: 17 نومۇر ] unknowunknow دىۋان 2012/09/14 18:43

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ما ئۇسلۇبىڭىز ھەقىقەتەن پەيزىدەك قىلىدۇ جۇمۇ………ئوقۇش باشلىنىپ كىتىپ پەتىلەپ كىرىپ كىتەلمىدىم……

  • كۆچۈرۈلمە يوق

ئۈنچە قالدۇرۇش