جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى(1)
2012/09/15 ITپاراڭلىرى, تاغدىن - باغدىن ⁄ جەمئى: 7059 ھەرپ بىرلا ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 519 مېھمان+

ئەسسالام ئەزىزلەر! يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن بىرى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، شۇڭلاشقا تېمىلارنىڭ يىڭىلىنىش سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ قالدى. ئادەم قانچە ئالدىراش بولغانسىرى قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالىدىكەن...

پىقىرنىڭ قىززىقىشلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئىزدىنىپ بېقىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئەدەبىيات - سەنئەت، تارىخ - جەمئىيەت ۋە تور تېخنىكىلىرى ھەققدە ئاز - تولا ساۋادىممۇ بار. ھازىرقى كەسپىم مەندىن يۈكسەك دەرىجىدە لوگىكىلىق تەپەككۇر تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، پەلسەپە، لوگىكا، تەپەككۇر ئۇسلۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىمگە توغرا كەلدى. شۇ مەقسەتتە كىتابلار قوينىغا چۆكۈپ كەتتىم. ھازىر ئويلاپ باقسام باشقا ھەرقانداق بىلىمنى ئىگەللەشتە بۇلارنىڭ زور پايدىسى تېگىدىكەن. تەپەككۇرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىشلارنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن. شۇڭلاشقا ئىزدىنىشلىرىم ئاساسىدا پەلسەپە. لوگىكا، پىسخولوگىيەگە ئائىت يازمىلارنى تەييارلاش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتىم. بۇ جەرياندا سەۋەنلىكلىرىمگە قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ، دۈم چۈشىشىڭىز مومكىن، ئەمما سىز بار، مەن بار ھەرقانداق سەۋەنلىكنى تۈزىتىشكە ئامال بار.

ئالدىمىزدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئاساسلىقى پىسخولوگىيە، يەنى جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىڭىزدىن ئۈنچە سۈزىمىز! بۇ جەرياندا مەن يىقىندا كۆرگەن بىرنەچچە كىتابتىن ئىرىشكەن تەسىراتلىرىم ئاساسىدا پىكىر قىلىمەن. زىرىكمەستىن مەن بىلەن بىرگە دېڭىزغا ئاتلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

1.جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى ھەققىدە ئاددىي چۈشەنچە:

چۈشەنچە بىرىشتىن ئاۋۋال تىپىك مىسالدىن بىرنەچچىنى ئېلىپ ئۆتىمىز. مىسال1:

مەلۇم بىركۈنى كەچ سائەت 10لەر ئەتراپىدا، ئۆرۈمچىنىڭ ئائىلىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەلۇم ئولتۇراق رايۇنىدىكى بىر ئۆيدىن "ئادەم بارمۇ، مېنى قۇتقۇزۇڭلار!..."دەپ ۋارقىرىغان ئايالنىڭ نالە - پەريادى ئاڭلاندى. ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىدى، ئەمما ھېچكىممۇ تەپسىلى ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋاز چىققان ئۆيگە بارمىدى، ھېچكىم ياردەم قىلىشنى خالىمىدى، ھەتتا ساقچىغا تېلىفۇن ئۇرۇشنىمۇ ئىسىگە ئالمىدى. ئۇ ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى يەنە بىر بىنادا ئولتۇرۇشلۇق ئايال بالكونىغا چىقىپ قاراپ باقتى - دە، يەنە ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان ئايالنىڭ نالە پەريادى ۋە گۈلدۈر - كالاپ ئاۋازلار بىردەم داۋام قىلىپ جىمىپ قالدى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ئۇ ئۆيدىكى ئىككى بالا ۋە ئايالنىڭ مەست ئەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇلغانلىقى ئايان بولدى.

ئەگەر سىز شۇ ئەتراپتىكى بىرسى بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئارىسىدىن نېمىشقا بىرمۇ ياردەم قىلىدىغان كىشى چىقمايدۇ؟ سىزنىڭچە ئۇ ئادەملەر نېمە بولغاندۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭمۇ شۇنداق ئادەملەر ئىچىدە ياشاۋاتىقىنىڭىزنى  ئويلىسىڭىز يۈرىكىڭىز جىغىلداپ كىتەمدۇ؟...

مىسال2:

بىر كۈنى ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن تېلىۋۇزۇردىن مەلۇم بىر ئەدىبنىڭ زىيارەت پىروگىراممىسىنى كۆردىڭىز، ئۇ كىشىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن، ئىرىشكەن شان - شەرەپلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭىز، شۇنداقلا قاتتىق تەسىرلەندىڭىز. قەلبىڭىزدە ئۇ كىشىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت قوزغالدى، ھەتتا كىيىن شۇ ئادەمگە ئوخشاش ئالىيجاناپ كىشىلەردىن بولۇشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكتىڭىز.  پىروگىرامما ئاياغلاشقاندىن كىيىن باشقا ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پاراڭلىرى دېققىتىڭىزنى تارتتى: "ئەمدى زىيارەت قىلمىغان موشۇ ئادەم قالدىمۇ؟!"،"ناھايىتى ئەخلەقسىز ئادەم ئىمىش ئۇ!"، "نام چىقىرىش ئۈچۈن باشقلار يازغان كىتابنى سېتىۋىلىپ، ئۆز نامىدا نەشىر قىلدۇرغانمىش"، "بىر ئاغىنەم تېخى ئۇنى قىمارخانىدا كۆرۈپتىكەن.."، " بىر قىتىم بۇ كىشى مەسلىكتە يولدا يىتىپ قالغاندا، لۆكچەكلەر ھەممىنى كىيىمنى سالدۇرىۋاپتىكەن".... سۆزلەش نۆۋېتى سىزگە كىلىپ، ساۋاقداشلىرىڭىز ئىغىزىڭىزغا تەلمۈرسە، سىز نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارشى ھالدا ئۆز مەيدانىڭىزدا تۇرامتىڭىز ياكى كۆپچىلىكنىڭ قارىشىنىڭ تەسىرىدە، ئۇلار بىلەن بىرقاراشقا ئۆتەمتىڭىز؟!

مىسال3:

بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تىيەنئەنمىن ئالدىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىۋېلىش ھەرىكىتى قوزغىغان "فالۇڭ گۇمپىسى" بىدئەتچىلىرى ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىدئەتچىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن كىيىنكى گۈزەل تەسۋېرلىرىگە ئالدىنىپ، دۇنيادىن ۋاز كىچىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش يولىنى تاللىغان. نورمال ئەھۋالدا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئەڭ ئەشەددىي ئۇسۇلدا ئۆلىۋېلىشنى تاللىشى كاللىمىزدىن ئۆتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنى نىرۋېسىدىن ئاداشقان دېسەك، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا نىرۋېسىدىن كىتىشى بىئولوگىيلىك نىسبەت بويىچە مومكىن ئەمەس . ئۇنداقتا زادى قانداق نەرسە ئۇلارغا شۇقەدەر تەسىر كۆرسەتكەن؟ ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىنى ناھايتى تىزلا ئۆزگەرتىۋىتەلىگەن قانداق سىھرىي كۈچ بار؟ ئۆزىڭىزنىڭمۇ بىلىپ - بىلمەي مەلۇم بىر ئىددىيەنىڭ قۇلى(دىن بىلەن ئىددىيىنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنمەڭ)غا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭىزغا ئىشىنەمسىز؟!

يۇقارقىلارغا ئىلمىي جاۋاپ تېپىشىمىز ئۈچۈن جەمئىيەت پىسخولوگىيىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.

جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى دېگەن نېمە؟

جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى دېگىنىمىز: جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئوتتۇرىىسىدا تۇرىدىغان، كىشىلەر پىسخىكىسىنىڭ جەمئىيەت تەسىرىگە ئۇچىراش ئەھۋالىنى ماھىيىتىدىن تەتقىق قىلىدىغان بىر ئىلىم. بىزدە "يامانغا يولۇقساڭ يارىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى" دېگەندەك ماقاللار بار، دېمەك تۇرمۇشىمىزدا ھامان باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تۇرىمىز.

پىسخىكىمىزنىڭ جەمئىيەت تەسىرىگە قانداق ئۇچىرايدىغىنىنىڭ ئەڭ ئاددى مىساللىرى:بىر ئادەمنىڭ بارچە ئاماللار بىلەن بىزنى مەلۇم مەسىلە ھەققىدە قايىل قىلىشى؛ شىركەتلەرنىڭ رەڭمۇ - رەڭ ئىلان ۋاستىلىرى بىلەن بىزنى مەھسۇلاتلىرىغا جەلىپ قىلىش؛ بىر جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ھۆكىمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن سىياسىي تەشۋېقات ئېلىپ بىرىشى، يىراق - يىراقلارغا كەتسەكمۇ ئاتا - ئانىمىزنىڭ تاپىلىغانلىرى، ئۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ قۇلىقىمىز تۈۋېدىن نىرى كەتمەسلىكى....كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بىز ساناقسىز ئامىللارنىڭ پىسخكىمىزغا ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ئۇسۇل بىلەن تەسىر كۆرسىتشى نەتىجىسىدە ئىجتىمائىي توپنىڭ بىر ھۆجەيرىسىگەبولۇپ تۇرىمىز.

مانا شۇنداق جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ بىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيىتى دەل بىز ئۈگەنمەكچى بولغان جەمئىيەت پىسخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتلىرىدىندۇر. ئەلۋەتتە، جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى ئۈچۈن شەخىس بىلەن شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرنى ئەمەس، جەمئىيەت بىلەن شەخىس ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرنى تەتىقىق قىلىش ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ.چۈنكى، بىرىنچىدىن:ئېنىق ھەرىكەتلىرىمىزدىن سىرت، ھېس - تۇيغۇ ۋە ئوي پىكىرلىرىمىزمۇ باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ. ئىككىنچىدىن:ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىزگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ، مەلۇم بىر ئامىلنىڭ بىزگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنىشىدا بولىشىدىن سىرت ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىمۇ بىزگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاتا -ئانىمىزنىڭ يىنىمىزدا بولمىسىمۇ ھايات بولىشى بىزنى يىتىملىك تۇيغۇسىدىن خالاس قىلىشىى.

تېخىمۇ ئىنچىكە نۇقتىدىن ئويلىغاندا، بىز ھەربىر ئىنسان جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچىرايمىز. پىسخولوگلارنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى پۈتكۈل جەمئىيەت مۇھىتى كىشىلەرنىڭ ئىددىيسى، ھېس تۇيغۇ ۋە ھەرىكەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن مەسىلىلەردىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا جەمئىيەت پىسخولوگىيىسىگە يەنە:شەخىسنىڭ ئىددىيە، ھېسيات ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ياكى خىيالىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان باشقا شەخىس ياكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە قانداق ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان ئىلىم دەپ تەبىر بىرىشكىمۇ بولىدۇ.

خوش، بۈگۈنكى ئۈگىنىش موشۇ يەردە ئاياغلىشىدۇ، كىيىنكى مەزمۇنلىرى ئاللاھ خالىسا داۋاملىق ھوزۇرىڭىزلاردا بولىدۇ.

جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى ھەققىدە ئاز - تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى مەشىقنى ئىشلەپ كۆرۈپ بېقىڭ.

 مەشىق1:

ئاددىغىنە ئىككى تېزىملىك تۈزۈپ چىقىڭ: بىرىگە ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سىزگە ئەڭ كۆپ قىلىدىغان نەسىھەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن قىممەت قاراشلىرىنى، ھاياتلىققا تۇتىدىغان پوزىتسىيەلەرنى تىزىپ چىقىڭ؛ يەنە بىرىگە مەكتىپىڭىزدىكى ئوقۇتقۇچى پىروفسورلارنىڭ، سىز بىلەن ئىنتايىن يىقىن ئۆتىدىغان دوسلىرىڭىزنىڭ سىزدە قالدۇرغان يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىممەت قاراشلىرىنى، ھاياتلىققا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تىزىپ چىقىڭ. ئاخىرىدا بۇ ئىككى تېزىملىكتىكى ئوخشىماسلىقلارنى ئايرىپ چىقىڭ ، ھەمدە بۇ ئوخشىماسلىقلارنىڭ سىزگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگىنىنى، كىشىلىك قارىشىڭىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ! سىز ئىلگىرى ئۆزىڭىز شەكسىز ئىشەنگەن بەزى قىممەت قاراشلىرىنى ھازىر رەت قىلدىڭىزمۇ قانداق؟ خارەكتىرىڭىزدە نەچچە خىل قىممەت قارىشىنى ئوخشاشلا قوبۇل قىلالايدىغان بىر "كىڭەيگەن رايون" پەيدا بوپ قالدىمۇ نېمە(مەسىلەن: ئاتا - ئانىڭىز ئالدىدا بىرخىل، دوسلىرىڭىز ئالدىدا يەنە بىرخىل)؟ سىزنىڭ ھەرقانداق جەمئىيەت مۇھىتىدا ئورنىنى مۇستەھكەم ساقلىيالايدىغان مۇكەممەل قىممەت قارىشىڭىز يىتىلمىدىمۇ نېمە؟...

يۇقارقى مەشىقنىڭ جاۋابلىرىنى ئېنكاس شەكلىدە يوللىغۇچىلارغا تەكشۈرۈپ نومۇر قويۇپ بېرىمەن.

جەمئىي 1 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 1 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:0 دانە

  1. پالۋان : 2012-يىل09-ئاي23-كۈن13:28:12  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ياخشى يازما بوپتۇ، ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟