يېقىندا تور ئارلاۋېتىپ «شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكالىرى»(http://www.xjcfan.com/) ئورگان تور بېتىنىڭ يان تەرىپىدىكى ئۆزگىچە ئالاقە قورالداق ئۈنۈمىگە كۆزۈم چۈشتى. ئاز – تولا قىززىقىش بىلەن ئىزدىنىپ يۈرۈپ، ئەڭ ئاساسلىق بولغان JS كودىنى تاپتىم ۋە HTML گە ئۇلاش، Css پاسونى بېكىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. گەرچە XJCFAN دىكىدەك كاتتا چىقمىغان بولسىمۇ، ھەرھالدا ئېھتىياجى بارلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
ئاۋۋال ئۈنۈم رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
يۇقىرىقىدەك بولدى. چاشقىنەكنى قايسى تىزىملىكنىڭ ئۈسىتىدە چەكسىڭىز دەرھال يۇشۇرۇنغان ھالەتتىكى ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ. ئاۋۇ چ چ بەلگى بار جايغا بىۋاستە تېڭشۇننىڭ ئادرىسى قوشۇلدى، سىز پەقەت ئۆز چ چ نومۇرىڭىزنى يېزىپ قويسىڭىزلا ئۈشبۇ كونۇپكىنى باسقان ھامان چ چ پاراڭلىشىش كۆزنېكى ئېچىلىدۇ. ئىشلىتىپ بولغاندا قولاي تىزىملىك كۇنۇپكىسىنى بىر چەكسىڭىز يەنە سۈكۈت ھالىتىدىكىدەك يۇشۇرىنىدۇ.
يۇقىرىقى ئۈنۈمنى تور بېتىڭىزگە قوشماقچى بولسىڭىز:
1. تۆۋەندە مەن تەمىنلىگەن ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، ئىچىدىكى js ھۆججەت قىسقۇچىنى غول مۇندەرىجىگە يۈكلەڭ(ئەگەردە js قىسقۇچى بولسا، تەمىنلەنگەن قىسقۇچ ئىچىدىكى ئىككى js ھۆججىتىنى شۇنىڭ ئىچىگە قويسىڭىزلا بولىدۇ).
2. تەمىنلەنگەن ھۆججەت ئىچىدىكى css قىسقۇچىنى غول مۇندەرىجىگە يۈكلەڭ(ئۇ خىل قىسقۇچ مەۋجۇت بولسا، بىۋاستە ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى تاشلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ).
3. تەمىنلەنگەن ھۆججەت ئىچىدىكى index.html نى ئېچىپ، تور بېتىڭىزنىڭ مۇۋاپىق يىرىگە ئەشۇ html لەرنى قويسىڭىزلا بولىدۇ(ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز – تولا بىرنەرسە بىلىشىڭىز كىرەك).
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام. ئاۋۋال ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغانلار، تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈپ، پىرىستىن يىشىپ، index.html نى بىۋاستە تور كۆرگۈدە ئېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
مەنبە: چۈشۈرۈش
مۇشۇنداق ياخشى يازمىلىرڭىزنى بولسا http://www.uyblog.cn گىمۇ قۇشۇپ يوللسىڭىز ئۇيغۇر بىلوگچىلىقنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بىر يەگە يىغىلساق
2013-10-10 3:33 چۈشتىن كېيىنماۋۇ ئۇسۇل پىچەتكەن ، سودا بەتلىرىگە قويۋالسا بولغۇدەك جۇمۇ ، تورسودىغا دەپ قويسام بولغۇدەك :lol:
2013-10-11 3:08 چۈشتىن كېيىن