يوۋكۇ(youku) تورىنىڭ تەرەققىيات جەريانى
2013/05/18 ITپاراڭلىرى ⁄ جەمئى: 8744 ھەرپ 8 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 453 مېھمان+

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر! ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغىنىدەك، يوۇكۇ تورى ھازىر ئېلىمىزدىلا ئەمەس پۈتكۈل خەلقارادا تەسىر كۈچى زور بولغان فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىلىرىنىڭ بىرىدۇر. پىقىر شۇنداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆپ قىززىقىدىغانلىقىم سەۋەبلىك، بۇندىن كىيىن ، چوڭ تىپتىكى IT شىركەتلىرىڭ "رەسمىي تەرجىمىھالى" نى تەييارلاپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم. بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن، بىز ياشلاردا يىڭىلىق يارىتىش، ئېگىلىك تىكلەش جەھەتتە ئاز - تولا ئىلھامبەخىش خىياللار شەكىللەنسە ئەجەپ ئەمەس.

ئومۇمىي چۈشەنچە(سوتسىيالىزىم پەدىسىگە ماختاش)

يوۋكۇ تورى - ئىلىمىزدىكى باشلامچى فىلىم بەھىرلىنىش تور بېكىتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تور فىلىملىرى ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركا. يوۋكۇ تورى "بازار چاققاننىڭ" ئىددىيىسىنى ئۆزىگە يىتەكچى قىلىپ،"تارقىلىشى تىز، ئىزدەپ تېپىش تىز" بولۇشتىن ئىبارەت مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، كەڭ ئابونتىلارنىڭ ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ كەلدى.
ئامىرىكا ۋاقتى 2010 - يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى، يوۋكۇ نېۋيورۇكتا رەسمىي ھالدا پايچېكىنى بازارغا سالدى.2012- يىلى3- ئاينىڭ 12- كۈنى يوۋكۇ پايچېكى چەكلىك شىركىتى ۋە تۇدوۋ پايچېكى چەكلىك شىركېتى رەسمىي ھالدا بىرلىشىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇندىن باشلاپ ئىككى چوڭ فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى رەسمىي ھالدا بىرلەشتۈرلۈپ، شىركەت نامى "يوۋكۇ - تۇدوۋ پايچېكى شىركېتى" دەپ ئاتالدى.
يوۋكۇ ئەڭ ئىلغار، ئەڭ كاتتا تاۋار لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئېلانلىرى بىلەن تور دۇنياسىنىڭ ئاتامانى بولۇپ قالدى. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئابونىتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغىغان بولسىمۇ بىراق، ئۇلارنىڭ يوۋكۇغا بولغان مەھلىيالىقىنى سۇسلاشتۇرالمىدى. يوۋكۇ تورى باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئالاھىدە كۈچەپ، مىدىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تارقىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇدى. ئۇلار ئابونىتلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يەكۈنلەپ، دەۋېرگە ماس قەدەم بىلەن تور فىلىم مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە تېخىمۇ يۈكسەكلىككە باشلاپ ماڭدى. ئۇندىن باشقا، يوۋكۇ ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر رادىئو - تېلىۋىزىيە قوش تەستىقىدىن ئۆتكەن فىلىم بەھىرلىنىش تورى بولۇپ قالدى.يوۋكۇدا نۇغۇنلىغان فىلىملەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئىجادىيەت ھوقۇقى قوغلىدىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
يوۋكۇ ئېنتىرنىت ، تىلىۋېزىيە، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ تورنى بىرلەشتۈرۈش» نى ئەمەلىيەت نىشانى قىلىپ، ھازىرغىچە بۇ ئۈچ ساھەنى ئاساسەن قاپلاپ بولدى. كىنو - فىلىم، ئۇنۋېرسال - سەنئەت، ئاخبارات-ئۇچۇر دىن ئىبارەت ئۇچ چوڭ مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا، فىلىم ئىشلەش، قويۇش، تارقىتىش قەدەم باسقۇچلىرىنى جانلىق ماسلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي بىر «تور مىدىيا تارقىتىش ۋاستىسى» گە ئايلاندى. كىنو - فىلىم ساھەسىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىدىيا ساھەسىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
كەلگۈسى تەرەققىيات جەريانىدا يوۋكۇ تورىنىڭ ھەمكارلىق ئىستىراتىگىيسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. «پۈتكۈل دۇنيا يوۋكۇنى كۆرىۋاتىدۇ» شۇئارى، يوۋكنىڭ كىشىلەرنى يىڭى بىرخىل ئېنتىرنىت تۇرمۇشىغا باشلاپ كىرمەكچى بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. يوۋكۇنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھازىرقى ئىجرائىيە ئەمەلدارى گۇ يوڭ جىياڭ«بىز ئابونىتلارغا ھازىرلاپ بەرمەكچى بولغىنىمىز مىكرو فىلىم يەرمەنكىسى، ئېسىل فىلىم ئامبىرى،شۇنداقلا ئىجادىيەت، ئالماشتۇرۇش، تەۋسىيە، بەھىرلىنىش سۇپىسىدىن ئىبارەت، يوۋكۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ، دۇنيادىن تەڭ بەھىر ئالىدۇ.» دەيدۇ.

يوۋكۇ تورىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى

2005 - يىلى 11 - ئايدا،ئەسلدىكى سوخو(搜狐) ئىزدەش تورىنىڭ ئىجرائىيەت ئەمەلدارى ۋە دەسلەپكى يۈرۈشتۈرگۈچىسى گۇ يوڭ جىياڭ(古永锵) خېي تور - تېخنىكا شىركېتى(合一网络技术有限公司) نى قۇردى.3 مىليون ئامرىكا دوللىرىلىق مەبلەخ بىلەن جوڭگو يىڭى دەۋىر «تور ئىزدەش ماتورى» سودا پۇرسېتىنى چىڭ تۇتماقچى بولدى.
2006- يىلى 3- ئايدا،خېيى شىركېتى ئىزدەش ماتورىغا سالماقچى بولغان مەبلېخىنى يوۋكۇ تورىغا سېلىشنى قارار قىلدى.
2006 - يىلى 12- ئايدا،خېيى شىركېتى يوۋكۇ تورىنىڭ سېناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋە «ئابونىتلار فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى» دەپ ئىزاھات بەردى. گۇ يوڭ جىياڭ باش ئىجرائىيە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
2006- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى،يوۋكۇ 12 مىليون ئامرىكا دوللار مەبلەخ توپلاشنى تاماملىدى.
2006- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ تورى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
 2007 يىلى، يوۋكۇ تورى «ھەممە جايدا سېن ئالغۇچى بار» دېگەننى تەشۋېق قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنى ئۆز خاھىشى بويىچە سېن(فىلىم) ئىشلەپ يوللاشقا رىغبەتلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تەلۋىلەرچە فىلىم يوللاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.يىڭىچە سۈرەتلىك فىلىم مەدەنىيىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. يوۋكۇ تورى كۆپ قېتىملىق كۈچ ئۇلاش، يىتەكلەش، شارائىت بىلەن تەمىنلەش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مول بولغان فىلىم مەنبەسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
  2007- يىلى 5- ئاينىڭ 16 -كۈنى يوۋكۇ شېڭدا گورۇھى بىلەن ئىستىراتىگىيلىك ھەمكارلىق كىلىشىمى ئېمزالىدى. يوۋكۇ شېڭدا گوروھىنىڭ سېن ئويۇنلىرىنى قوللايدىغان بىردىنبىر ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى.
2007- يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا، يوۋكۇ تورى جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ قوللىنىشچان تور دېتاللىرى شىركېتى - شۇنلېي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.
2007- يىلى 6- ئايدا، يوۋكۇ جوڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى - بەيدۇ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.
 2007- يىلى 7- ئايدا، جوڭگو ئېنتىرنىت تورى جەمئىيىتى 2007 - يىللىق نادىر تور بەتلەرنى ئىلان قىلدى. نەتىجىدە يوۋكۇ تورى ئابونىتلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن، ئوخشاش ساھەدىكى تور بىكەتلەرنىڭ سەركىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
2007- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، يوۋكۇ «2007 -يىللىق red herring ئاسىيادىكى يۇشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ تور تېخنىكا شىركەتلىرى» تىزىملىكىگە كىردى. تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئىرىشكەن فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسىغا ئايلاندى.
2007- يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، يوۋكۇ بىلەن سوگو ئىزدەش ماتورى ھەمكارلىق ئورناتتى. ئىككى تەرەپ تور فىلىملىرى ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئورتاقلىق ھاسىل قىلدى، ئۇلار بىرلىكتە جوڭگو تور فىلىملىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەھەسسە قوشتى .
2007- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ تورى ئومۇمىي سوممىسى 25مىليون ئامرىكا دوللىرى بولغان، ئۈچىنچى قېتىملىق ئايلانما مەبلەخكە ئىگە بولدى.بۇ قېتىمقى مەبلەخنىڭ ئاساسلىق قىسمى بايىن كاپىتال گوروھى(Bain Capital) گە قاراشلىق Brookside Capital LLC ۋە باشقا Sutter Hill Ventures、Farallon Capital قاتارلىق كاپىتال شىركەتلىرىدىن كەلدى. بۇ قېتىمقى ئايلانما مەبلەخ ئاساسەن يوۋكۇ توررىنىڭ ئىستىمال بازىرى ۋە كەسىپ تۈرلىرىنى كىڭەيتىش، تېخىمۇ ئەۋزەل قوللىنىشلارنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن سېلىندى.
2007 - يىلى 12- ئايدا، داڭلىق تەكشۈرۈش پونكىتى نېرسېن شىركېتى يوۋكۇ فىلىملىرى كۈندىلىك كۆرۈلۈش قېتىم سانى (vv)نىڭ 100 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، كۈندىلىك مۇستەقىل زىيارەت سانى (uv)نىڭ 12 مىليون 200 مىڭ قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
  2007- يىلى ئالدىنقى يىرىمىدا، يوۋكۇ ئەنئەنىۋېي كىنو - فىلىم ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار «ئىجادىيەت» نامىدا، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يىڭىلىقلارنى، قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ھادىسىلەرنى فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى ۋە جەمئىيەتنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. شۇنداقلا ناھايىتى تىزلىك بىلەن، داڭلىق ماركا سۈپىتىدە تونۇلىشقا باشلىدى. CCTV نىڭ «جەمئىيەت خاتىرلىرى» (《社会记录》) پروگىراممىسىدا يوۋكۇ تورنىڭ ئىجادىي فىلىملىرىنى بىۋاستە ئىشلىتىشى بۇنىڭ بىر مىسالى.
  2007 - يىلى11- ئايدا، يوۋكۇ تورى فىلىم يوللاش ئىقتىدارىنى كۈچەيىتش ئۈچۈن ،G دىن ئارتما يوللاش (“超G上传”) ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتتى. تۇنجى بولۇپ، سېغىمى 1GB دىن يۇقىرى بولغان سېن ھۆججەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىلگىرىكى 200MB لىق چەكلىمىگە خاتىمە بەردى.
2008~2012
2009- يىلى 6- ئايدا، يوۋكۇ «2010 -يىللىق شاڭخەي يەرمەنكىسى» نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى سالاھىتىگە ئىرىشتى.
2010 - يىلى 12- ئاينىڭ 8 - كۈنى، يوۋكۇ نېۋيورۇك پايچېكى بازىرىدا پايچېكىنى بازارغا سالدى.
2011-يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، يوۋكۇ «جوڭگو ئېنتىېرنىت داڭلىق ماركىلىرىنىڭ رېقابەت كۈچى تېزىملىكى» دە، بەيدۇ، تېڭشۇن، ئەلى بابا، سىنا تورلىرى بىلەن بىرلىكتە«5 پالۋان»(5 winners)شەرىپىگە ئىرىشتى.
2011 - يىلى 5- ئاينىڭ 16-كۈنى، يوۋكۇ مەخسۇس فىلىم ئىزدەش ماتورى «سوۋكۇ» (搜库) نى ئىشقا كىرىشتۈرۇپ، ئابونىتلارنىڭ فىلىملەرنى ئىزدەپ كۆرۈشىگە قولايلىق تۇغدۇردى.
2011- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى، يوۋكۇ بىلەن دېسنى شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كىڭەيتىلدى. يوۋكۇ تورى دېسنىنىڭ توردا كىنو تارقىتىش ھوقۇقدارىغا ئايلاندى.
2011- يىلى 7-ئاينىڭ 15- كۈنى، يوۋكۇ «نادىر ئىجادىيەت، ئىلغار فىلىملەرنى مەبلەخ بىلەن تەمىنلەش » پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 150 يۈرۈش ئاۋات فىلىم، ۋە 50 يۈرۈش مەخسۇس فىلىمنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقىنى سىتېۋىلىپ، ئەڭ چوڭ فىلىم سودىگىرىگە ئايلاندى.
2012- يىلى8- ئاينىڭ 20 كۈنى. شىياڭگاڭدا يوۋكۇنىڭ تۇدوۋ نى سېتىۋلىشىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىلەت تاشلاپ ئىپادە بىلدۈرۈلدى، شۇندىن باشلاپ تۇدوۋ تورى يوۋكۇ بايرىقى ئاستىدىكى پۈتۈن كاپىتاللىق شىركەتكە ئايلاندى. يوۋكۇ شىركىتىنىڭ نامى «يوۋكۇ تۇدوۋ شىركېتى» گە ئۆزگەرتىلدى.
2013- يىلى 4- ئاينىڭ 10 كۈنى، يوۋكۇنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى تەڭشەلدى. ۋېي مىڭ (魏明) يوۋكۇنىڭ باش ئىجرائىيەتلىكىنى، ياڭ ۋېي دوڭ (杨伟东) تۇدوۇۋنىڭ باش ئىجرائىيەتلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يوۋكۇ گورۇھىنىڭ باش دېرىكتورى، ئۇزاق مۇددەتلىك باشقۇرغۇچىسى گۇ يوڭ جىياڭ غا دوكىلات قىلىندى.

يوۋكۇنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاددى تەرجىمىھالى

ھازىرقى داڭدار يوۋكۇنى دەسلەپتە ئىپتىدايى ھالەتتىن بەرپا قىلغان كىشىنى كۆپىنچىمىز بىلمەسلىكىمىز مومكىن. ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەنمۇ مۇنداقلا تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
ئىسمى: گۇ يوڭ چىياڭ (古永锵)
1966 - يىلى شىياڭگاڭدا تۇغۇلغان.
1989- يىلى ئامرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرىستىتى بىركېلىي تارماق مەكتېپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ، داڭلىق خەلقارا ئاخبارات كەسپىگە كىرگەن.
1992- يىلى سىنەفورد ئۇنۋېرىستىتىغا كىرىپ، MBA ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
1993- يىلى باۋجىيې شېركىتىنىڭ شىياڭگاڭ ئورنىدا ئىشقا چۈشكەن.
1994- يىلى فۇگۇو مەبلەخ سېلىش گورۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى بولۇپ، ئاساسلىقى، مىدىيا، كۆڭۈل ئېچىش سانائىتى مەبلەخ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
1999- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە سوگۇ بىرلەشمىسىگە قېتىلىپ، مۇئاۋىن يۇقىرى ئەمەلدارى، مۇۋەپپەق مالىيە مەسئۇلى، مۇۋەپپەق باشقۇرغۇچىسى بولغان.
2006- يىلى فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى يوۋكۇنى قۇرغان.

تەپسىلاتى: 古永锵

 

يوۋكۇ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

گەرچە مەزكۇر داڭدار تور بېكىتى يۇقارقىدەك شەرەپلەرنى قۇچقان بولسىمۇ، مېنىڭچە يەنە نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنى ساقلىغان. خەلقارالىق نادىر تور سۇپىسى بولۇشتىن يەنە ئازراق يىراقتا دەپ ئويلايمەن.
1. يوۋكۇ تورىنىڭ ئېلانلىرى كۈنسىرى ئۇزىراۋاتىدۇ، ئوخشاش ساھەدىكى باشقا فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىلىرى بۇ جەھەتتىن يوۋكۇغا خىرىس ئېلىپ كىلىدۇ.
2. يوۋكۇدا سىياسەتۋازلىق كۈچلۈك. يەنى دۇنياغا داڭلىق فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى يوتۇبى بىلەن سىلىشتۇرغاندا يوۋكۇدا فىلىملەرنى تەستىقلاش ئاۋارىچىىلىك. كىچىككىنە ۋەزىيەتكە چىتىلىدىغان سېن بولسا (بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىنىڭ) تەستىقلىماي قويىدۇ. بەزىدە تەستىقلاپ بولغاندىن كىيىن، قورقۇپ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.
3. فىلىم پاخاللىقى ئىغىر، قالايمىقان سېنلار قاپلاپ كەتكەن، سۈزۈكلىكى ناچار.
4. خەلقاراغا يۈزلەنگەن فىلىم بەھىرلىنىش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا دۆلەت تىللىرىدا كۆرۈنمە يۈزى يوق، جۈملىدىن 56 مىللەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ خەنسوچىدىن باشقا مىللەت يېزىقىدا ئابونىت مۇلازېمىتى يوق.
......

جەمئىي 8 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 6 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:2 دانە

  1. كەرىس : 2013-يىل05-ئاي18-كۈن21:52:26  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    دىۋاندا ئوتتاسا قانداق بولىدىكىنا؟ :roll:

  2. ئۇيغۇربەگ : 2013-يىل05-ئاي19-كۈن11:37:22  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    نەدىن تېپىۋالدىڭىز؟


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي19-كۈن19:13:15  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      ئەخلەتخانىدىن تېپىۋالدىم! :cry: ئامەت دېگەن كىلىۋاتىدۇ مانا…

  3. ھاجى : 2013-يىل05-ئاي20-كۈن17:41:48  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    قىسقىغىنە يەتتە يىلدا مۇشۇنداق چوڭىيىپ كەتتى. قۇرغۇچىسىمۇ 40ياشقا كىرىپ ئىش باشلاپتىكەن. :arrow:

  4. تەۋپىق : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن01:21:56  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئەسلىدە yoqoo نامىدا تورغا يۈزلەنگەنتى كىيىن بىر لەشتى دىگەن خەۋەرنى مەنمۇ ئاڭلىغان نىم دىگەن بىلەن راستىننى ئېيتسام ئوخاش تور بىكەتلەردىن مۇشۇ مۇكەممەلرەك دەيمەن باشقا بىكەتتە ھەممە ئىلانلار ئائىلىدە ئاچقۇسىز دەرجىدە بوپ كىتىۋاتىدۇ مۇشۇ لا ماڭا يارايدۇ ناخشا ئاڭلا بولسام yinyuetaiدىن كىنو كۈلدۈرگىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرمەن ئادەتتە

    ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ .ئىتوت كىنوسىمۇ كۆپ :smile: :smile: :smile: :smile:

    • ھاجى : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن22:26:54  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      بۇنىڭدا ھەممە نەرسە دىگۈدەك تېپىلىدۇ. لېكىن ئەڭ ئاخىردىمۇ مەجبۇرى ئېلان قويۇپ بېرىدۇ كىشىگە. باشقا يەرگە يۆتكىسە ئاشۇ يېرى يارمايدۇ ماڭا، يا تاقاپلاۋەتكىلى بولمىغان.

      • تەۋپىق : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن22:36:04  2-رەت جاۋاب @جاۋاب

        شۇ بەزەن تور بىكەتتە ئاچسا زادى ئىلان چىقمايدىكەن قانداق قىلىدىكىن ئىشقلىىپ 2345 كۆرگىمۇ بۇرۇن چەكلەيتتى ھازىر ئۇمۇ كارغا كەلمەس بولدى :twisted: :twisted: :twisted:

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟