قىسقىغىنە ئىككى سائەتلىك بۇ لېكىسىيەنى كۆرۈپ بولغۇچە كۆز ياشلىرىمنىڭ قانچىلىك تۆكۈلگېنى ئىسىمدە يوق. ئەمما قەلبىم ھازىرغىچە جۇغۇلداپ تۇرىدۇ. لېكىسىيە سۆزلىگۈچىنىڭ ناتىقلىقىنى قويۇپ تۇرۇپ، تۆۋەندە يۇم - يۇم يىغلاپ ئولتۇرغان ئاتا - ئانىلارغا، يىغلاپ تۇرۇپ ئاتا - ئانا، ئوقۇتقۇچىلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغان ئوماق ئېنى - سىڭللارغا قارايلى. ئېنقكى ھەممىمىزنىڭ ئاتا -ئانا، مىللىتىمىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىمىز بار. جۈملىدىن بۈگۈنكىدەك ئەۋزەل ئوقۇش شارائىتىگە ئىرىشكەن بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋىجدانىمىز بىلەن ئويلانساق، ئۆزىمىزنىڭ بارغانسىرى ئارزۇلاردىن يىراقلاپ كەتكىنىمىزنى تونۇپ يىتىمىز.
خوش، ئەزىزلەرنى تاقەززا قىلىپ، تولا سۆزلەپ ئولتۇرماي لېكىسىيەنىڭ مەزمۇنىغا بىر قۇلاق سالايلى! بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىمىنى نادىر ئېنكاسلار ئارقىلىق ئورتاقلىشارمىز.